مۇسۇلمانلار
چۇقۇم ئابايى كىيىش كېرەكمۇ؟ 1

چۇقۇم ئابايى كىيىش كېرەكمۇ؟

سۇئال: ئاياللار چوقۇم قارا ئابايى كىيىش كېرەكمۇ؟

قېرىندىشىم! ئالدى بىلەن ئادەت بىلەن ئىبادەتنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك. بولمىسا ئىبادەت قىلدۇق دەپ گۇناھكار بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ (ئاللاھ ساقلىسۇن!).

سوئالىڭىزغا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا سىز مەلۇم بىر قىياپەتتە كىيىنىشنى، دىنىمىزنىڭ ئەمرى دەپ چۈشىنىپ قالغاندەك قىلىسىز. دىنىمىز ئاياللارنى مەلۇم بىر قىياپەتتە كىيىم كىيىشكە بۇيرۇماستىن، ئۇلارنى ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگەشكە بۇيرۇيدۇ. بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك.

نۇر سۈرىسىنىڭ 31 ـ ئايىتى، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59 ـ ئايىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى، ئاياللارنىڭ ئىككى قولى ۋە يۈزىدىن باشقا پۈتكۈل ۋۇجۇدىنىڭ ئەۋرەت (يۆگىلىشى پەرز) ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئايال كىشى يۈزى ۋە قولىدىن باشقا يەرلىرىنى ئۈستىگە قېلىن ۋە كەڭ كىيىملەرنى كىيىش ۋە بېشىغا ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق يۆگىسە ئۇ پەرزنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ شۇنى بىلىشلىرى كېرەككى: دىنىمىز ئۇلارنى مەلۇم بىر قىياپەتتە كىيىم كىيشكە بۇيرۇمايدۇ. ھەر مۇسۇلمان ئايال كىيىمنىڭ مودىسىنى، پاسونىنى ئۆز ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە ئۆز زوقى بويىچە تاللايدۇ ۋە شۇلار بىلەن ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگەيدۇ.

يەنى دىنىمىز ئاياللارغا يۆگىلىشى پەرز بولغان يەرلەرنى بەلگىلەپ بەرگەن، كىيىم ـ كېچەكنىڭ نۇسخىسىنى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە قويغان. شۇڭا دۇنيا مۇسۇلمان ئاياللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنى ھەر خىل قىياپەتلەردە كۆرىمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئەۋرىتى ئوچۇق ئەمەس.

ئەرەب ئاياللارنىڭ ئابايىسى، پاكىستانلىق ئاياللارنىڭ دۇپەرتاسى، تۈرك ئاياللارنىڭ پەلتۇسى ئۇلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى بولۇپ، ھەرگىزمۇ دىنىمىز بۇيرۇغان قىياپەت ئەمەس.

جۈملىدىن دىنىمىز ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللارنىمۇ ئۇ كىيىملەرنى كىيىشكە بۇيرۇمايدۇ. ئەكسىچە ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگەشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ بۇيرۇق ئۇ ئاياللارنىڭ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايوننىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە كىيىملەرنى كىيىشى ۋە ياغلىقلارنى ئارتىشلىرى بىلەن ئادا قىلىنسا بولىدۇ.

سوئالىڭىزدىن قارىغاندا سىز ياشاۋاتقان جايدا ئاياللار ئەۋرەت يەرلىرىنى يېپىشتىن ئەمەس، باشقىلارنى دوراشتىن مەنئى قىلىنغاندەك قىلىدۇ.

قېرىندىشىم! شۇنى بىلىڭكى: ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ، \»ئىسلامىي قىياپەت\»، \»دىنى پاسون\»، \»مۇسۇلمانچە كىيىم\» دېگەندەك گەپ ـ سۆزلەرنى قىلىپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆز يۇرتلىرىدا ياشىيالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان \»مۇجاھىد\»، \»موللىچاق\» ۋە \»قەھرىمان\» لارنىڭ دىنىمىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان \»تەبلىغ\» لىرىگە ئالدانماسلىقلىرى كېرەك!

دىن دېگەن ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆز ماكانىدا ياشىيالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكىدە ئۇ، ھەر قانداق ماكاندا، ھەرقانداق زاماندا ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ساقلاپ قالغىلى بولىدىغان بىر نەرسىدۇر.

سىز مۇئمىن (غافىر) سۈرىسىنىڭ 28 ـ ئايىتى ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەردىن پىرئەۋن خانىدانى ئىچىدە بىر مەخپىي مۇسۇلماننىڭ بارلىقىنى بىلەلەيسىز. فەتىھ سۈرىسىنىڭ 25 ـ ئايىتىدىن مەككىدە، مەدىنىدىن كەلگەن، مۇسۇلمانلار بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيسىز. نەھل سۈرىسىنىڭ 106 ـ ئايىتىدىن مەجبۇرلاش ئاستىدا ئاغزىدىلا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

قۇرئان كەرىمدە ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن ھارام نەرسىلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنىدۇ. بەقەرە سۈرىسى 173 ـ ئايەت، مائىدە سۈرىسى 3 ـ ئايەت، ئەنئام سۈرىسى 145 ـ ئايەت، نەھل سۈرىسى 115 ـ ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر