مۇسۇلمانلار
پىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟ 1

پىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

    پىتىر سەدىقىسى بېرىلىدىغانلار

پىتىر سەدىقىسى زاكات بېرىشكە بولىدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى پىتىر سەدىقىسىمۇ بىر تۈرلۈك زاكاتتۇر. زاكاتنىڭ كىملەرگە ۋە قەيەرلەرگە بېرىلىدىغانلىقى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

۞إِنَّمَا ٱلصَّدَقَٰتُ لِلۡفُقَرَآءِ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡعَٰمِلِينَ عَلَيۡهَا وَٱلۡمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمۡ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَٱلۡغَٰرِمِينَ وَفِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۖ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ 

«سەدىقىلەر، پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، سەدىقە خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە ئىبنى سەبىللەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(9-سۈرە تەۋبە، 60- ئايەت).

لېكىن پىتىر سەدىقىسىنى مىسكىنلەرگە بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە «تائامۇ مىسكىن (مىسكىن تائامى)»[1]، مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە «تۇئمەتەن لىلمەساكىن (مىسكىنلەرگە تائام بولۇشى ئۈچۈن)[2]» دېيىلىدۇ.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ئايەت.

[2] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 17؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 218.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر