مۇسۇلمانلار
بىز دۇئا قىلغان بولىمىزمۇ؟ 1

بىز دۇئا قىلغان بولىمىزمۇ؟

سوئال:

باشقىلارنىڭ دۇئاسىغا «ئامىن» دېسەك بىزمۇ دۇئا قىلغان بولىمىزمۇ؟ بولۇپمۇ ئەرەپ قارىلار بەك چىرايلىق دۇئا قىلىدىكەن،  مەسىلەن، «سۇدەيس» دېگەندەك قارىلارنىڭ خەتمە دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا «ئامىن» دەپ بەرسەك؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

دۇئانىڭ مەناسى، ئەرەبچە جۈملىلەرنى يادلىۋېلىپ پات-پات شۇلارنى ئوقۇش دېگەن بولماستىن، بەلكى «ئاللاھقا يېلىنىپ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلىمەك»، دېگەن بولىدۇ. دۇئامۇ بىر ئىبادەتتۇر. ئىبادەتنى كىم قىلسا ساۋابىنى شۇ ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز دۇئا قىلىشىڭىز يەنى ئۆزىڭىز ئاللاھقا يېلىنىپ، ياخشىلىقنى ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز تىلىشىڭىز كېرەك. 

باشقىسى تاماق يەۋەتىپ: «بۇ تاماق ماڭا لەززەتلىك ۋە سىڭىشلىك بولسۇن» دېسە، سىز «شۇنداق بولسۇن» دېسىڭىز قورسىڭىز تويامدۇ؟ تويمايدۇ، شۇنداققۇ؟ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقىسى: «ئى ئاللاھ ماڭا ياكى بۇ يەرگە توپلانغان بىزگە ئۇنى بەرگىن، بۇنى ئاتا قىلغىن…» دېسە، سىز «ئامىن- ئى ئاللاھ! شۇ ئادەمنىڭ تىلىگىنىنى بەرگىن» دېسىڭىز، بۇنىڭ سىزگە بىر پايدىسى بولمايدۇ، شۇنداقلا دۇئا قىلغانمۇ بولمايسىز.

 ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدەيس ئەرەبچە دۇئا قىلىدۇ. سىز ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۇقمايسىز. دۇئا باشقىسىنىڭ ئەرەبچە دۇئا ئوقۇغىنىنى ئاڭلىماق ئەمەس، ئۆزى ئاللاھدىن تىلىمەك دېگەن بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر