مۇسۇلمانلار

مەقسىتىمىز

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

«بۇ قۇرئان، ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلسۇن، ئىنسانلار بۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلسۇن ۋە ئاللاھنىڭ بىرلا ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلسۇن، ئەقىل ئىگىلىرى ئۇبدان چۈشىنىپ ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتۇر»[1].
ئىلكىمىزدىكى ھەر نەرسىنى بىزگە ئاتا قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمد ئېيتىمىز. ئۇ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق، بۇيرۇقى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياراتقۇچىمىز ۋە رەببىمىزدۇر. ئۇ، ئىچىدە ھېچ شەك ۋە زىتلىق بولمىغان قۇرئاننىڭ نازىل قىلغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسىدۇر.
«ئاللاھ يەككە – يېگانە ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنى مۈگدەكمۇ باسمايدۇ، ئۇيقۇمۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدۇر. ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ شاپائەت قىلالىسۇن؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىكىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمىدىن ئۇنىڭ خالىغىنىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۇرسىسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر»[2].
ئارزۇيىمىز، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ھاياتىنى ۋە يېڭىدىن تىرىلىش بىلەن باشلىنىدىغان ئاخىرەت ھاياتىنى توغرا چۈشىنىپ، ھەر ئىككىسىدە ياراتقۇچىمىزنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتمەس-تۈگىمەس جەننەتكە ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشىشتۇر.
«بەزى كىشىلەر: رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا بەرگىن دەيدۇ. ئۇنداقلارغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوق. بەزى كىشىلەر: رەببىمىز! بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن دەيدۇ. ئەنە شۇلارغا قىلغان ئەمەللىرىدىن بۈيۈك بىر نېسىۋە بار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر»[3].
ھەر كىشىنىڭ ئارزۇسى بولغان بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش، ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىنى لايىق رەۋىشتە ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.  
«بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار. ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇنى ئىنكار قىلغانلار بولسا، زىيان تارتقۇچىلاردۇر»[4].
 «كىم رەھماننىڭ زىكرىدىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ. ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ»[5].
ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ سۆزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن غەيرەت قىلماسلىق ھەقىقەتەن ئەقىلغا زىيانلىق ئىشتۇر. بۇ ئىش كىشىنىڭ توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش قابىلىيىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
«ئۇلارنىڭ ئۇممىيلىرى كىتابنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغىنى پەقەت ئويدۇرمىلاردىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ»[6].
ھالبۇكى قۇرئان، «تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن…»[7] نازىل قىلىنغان روشەن بىر كىتابتۇر.
مەقسىتىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە ئالغان ھالدا ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتۇر.
ھاياتىمىزنى قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. ساھابىلەرمۇ شۇنداق قىلغان. قۇرئان كەرىم شەخس ۋە جەمئىيەت ئۈستىدە پەقەت بۇ شەكىلدىلا ياخشى تەسىر پەيدا قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ بەتلىرىنى، مۇقاۋىسىنى ۋە قېپىنى ھۆرمەتلەش  قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان زۇلۇمدۇر.
ئىنسانلارنىڭ زور بىر قىسمى مۇئمىنلاردىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ھەددىدىن ئېشىشلارغا بېرىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ يوليورۇقلىرىدىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرىدىن يىراقلاشقانلىقى، شۇنداقلا باتىل يوللارغا كىرگەنلىكى ئوچۇقتۇر.
 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇشرىكلاردىن بولماسلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرش بېرىلگەن يەردە مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھقا مۇشرىكلاردەك ئىشىنىشى ۋە بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر. «ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، كاپىرلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن. رەببىڭگە دەۋەت قىل، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولما!»[8].
تور بېتىمىزدە بۇ ئەھۋاللار ۋە خۇراپاتلار قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا تەنقىدلىنىپ ھەر كىشىنىڭ توغرا يولنى ئۆز مەنبەسىدىن ئۆگنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. «سىلەر، ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ۋاز كېچەمدۇق؟»[9].
قۇرئان كەرىم ئىشەنگۈچىلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت يولىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتكە بۇ دۇنيا ھاياتىنى توغرا بىر شەكىلگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىمۇ پرىنسىپ ۋە تەۋسىيىلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ دۇنيا ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ پرىنسىپ ۋە تەۋسىيىلىرى ئۈستىدە ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ بىتەرەپلىك بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
ياراتقۇچىمىزنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلمىي خىزمەتلەرگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن قىلغان بۇ تىرىشچانلىقىمىز، ئىلمىي سەۋىيىگە ئىگە ھەر تۈرلۈك تەنقىدكە ئوچۇقتۇر.
«ھەر كىمنىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان بىر قىبلىسى بار. ئى مۇئمىنلار! ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراڭلار. قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممىڭلارنى بىر يەرگە يىغىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[10].
«بىز ياراتقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ھەقكە دەۋەت قىلىدىغان ۋە ئادالەتنى ھەق بىلەن تورغۇزىدىغان بىر ئۈممەت بار»[11].
—————————————————
[1]– ئىبراھىم 14/52.

 [2]– بەقەرە 2/255.

  [3]– بەقەرە 2/200-202.

  [4]– بەقەرە 2/121.

  [5]– زۇخرۇف 43/36-37.

  [6]– بەقەرە2/78.

  [7]– ياسىن 36/70.

  [8]– قەسەس 28/87.

  [9]– زۇخرۇف 43/5.

  [10]– بەقەرە 2/184.

  [11]– ئەئراف 7/181.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر