مۇسۇلمانلار
ھەيزدار روزا تۇتامدۇ؟ 1

ھەيزدار روزا تۇتامدۇ؟

رامزاندا ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال روزا تۇتسا بولامدۇ؟

ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى ئادەت كۆرۈش رامزاننى چەكلەيدىغان بىر ئامىل ئەمەس. لېكىن ئادەت كۆرگەندە ئاغرىيدىغان، دورا-ئوكۇل ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋاللار بولسا، بۇنداق ئاياللار ئاللاھ رۇخسەت قىلغان كىسەللەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ رامزان روزىسىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن ئېنىق چۈشىنەلەيمىز:

  «ئى مۇئمىنلار! روزا تۇتۇش سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى. روزىنى تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر! روزا ساناقلىق كۈنلەردە پەرز قىلىندى. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغان بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسۇن. ئۇنىڭغا تاقىتى يېتىدىغانلار فىديە بەرسۇن. فىدىيە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردىكى تائامدۇر. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ‏ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر… كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغانلار باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تۇلۇقلىغايسىلەر، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»-(2-سۈرە بەقەرە، 183 ~ 185- ئايەتلەر).

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، روزا تۇتۇش ئۆزىنى مۇئمىن ھېسابلايدىغان ئەر-ئايال ھەممە كىشىگە پەرزدۇر. شۇڭلاشقا رامىزان ئېيىنى ئەقىل-ھۇشى جايىدا، ساغلام، ھالدا كۈتىۋالغان بارلىق مۇئمىنلەر روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزىشى كېرەك.[1]

ھەممە ئادەم ئىبادەتنى ئۆزى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاللاھ بىر ئىشنى پەرز قىلسا، ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى ئۇ ئىبادەت ھەققىدە ئاللاھنىڭ قانداق شەرت ۋە تەلەپلەرنى قويغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى تەلەپكە لايىق، مۇكەممەل ئورۇنداشقا تىرىشىشتۇر. ھەر زامان بۇ ئىبادەتنى ۋاقتىدا قىلالماي قالسام قانداق قىلارمەن؟ ئاللاھقا قانداق ھېساب بېرەرمەن؟ دېگەن سۇئالنى ئۆزىدىن سوراپ تۇرۇشتۇر.

ئاللاھ پەرز قىلغان بىر ھۆكۈمنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم، ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ ۋە ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈم قويالمايدۇ. ئىنساننىڭ قانداق جانلىق ئىكەنلىكىنى، نېمىگە كۈچى يېتىپ، يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىنسان ئۆزىدىنمۇ ياخشى بىلىدىغان مەرھەمەتلىك ئاللاھ، ئىنساننىڭ بېشىغا ھەرخىل ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا پەرز قىلغان ھەر ئەمرىدە ئىنسانغا بىر قولايلىق ۋە ئاسانلىق يولىنى ئېچىپ بەرگەندۇر.

مەسىلەن: نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمىغانغا ئولتۇرۇپ، يىتىپ، بىر يەردە مۇقىم تۇرۇپ ئوقۇيالمىغانغا كېتىۋېتىپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان. لېكىن نېمە بولسا بولسۇن كۈچى يەتكىنىچە پەرزنى ئورۇنداش كېرەك. قىلماسلىققا باھانە يوق.

نامازغا سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشنى پەرز قىلسىمۇ، سۇ زىيان قىلىدىغان ياكى سۇ تاپالمىغان كىشىگە تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.    

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ، روزىنى قەتئىي تۇتۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، ۋاقتىدا تۇتسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پەقەت كېسەل ياكى سەپەردىكى كىشىلەرگىلا، ۋاقتىدا تۇتالمىسا ساقايغاندىن كېيىن ياكى سەپەردىن قايتقاندا تۇتالمىغان كۈنلەرنى تۇلۇقلاپ تۇتۇشقا رۇخسەت قىلغاندۇر. ئەگەر سەپەردە ياكى شۇ كېسەلدىن ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتسە ئاللاھ ئۇنىڭدىن تۇتالمىغان روزىنىڭ ھېسابىنى بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ سورىمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ قۇلىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ.[2]

ئەگەر ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايالغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا ئىدى، ئاللاھ ئۇنى بىلدۈرگەن بولاتتى. چۈنكى ئاللاھ تائالا، روزا ھەققىدىكى ئايەتلەرنى «بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر، ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئىنسانلارنى تەقۋادار بولسۇن دەپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ»[3] دېگەن ئىپادىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا، روزا ھەققىدىكى ئايەتلەردە ئىنساننىڭ قىلىشى لازىم بولغان ھەممە ئەمىرلەرنى، چەكلىمىلەرنى ۋە رۇخسەتلەرنى ئوچۇق، تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولدى.

 كىمكى روزا ھەققىدە بۇ ئايەتلەردە بولمىغان بىر ھۆكۈم بەرسە، ئاللاھ چەكلىگەن چىگرالارغا يېقىنلاشقان بولىدۇ. شۇنداقلا، ئاللاھ دېمىگەن سۆزنى ئاللاھنىڭ پەرزىگە قوشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان بولىدۇ. بۇ بەك ئېغىر گۇناھتۇر.

لېكىن فىقىھ ئالىملىرى، بەقەرە 2/222 – ئايەتتە تىلغا ئىلىنغان «ئەزىيەت» سۆزىنى، كېسەللىك دەپ چۈشىنىپ، ھەيزدار ئايالنى كىسەللەر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا رامزاندا روزا تۇتۇشىنى ھارام قىلىپ، كېيىن قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئايەتنىڭ روزا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئۇ ئايەت پەقەت ئەرلەرگە، ئاياللىرى ھەيزدار مەزگىلدە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىكىنى بۇيرۇيدۇ ۋە بۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ئەزىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،-خالاس![4]

يەنە بىر تەرەپتىن ۋاقتىدا ئادا قىلىش ھارام قىلىنغان ئىبادەتنىڭ قازاسىنى قىلىشنى ۋاجىپ قىلىش بىربىرىگە زىت ئىشتۇر. چۈنكى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ھارام قىلىنغان بىر ئىشنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ.

فېقىھ ئالىملىرى يەنە ھەيزدار ئايالنىڭ رامزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماي، كېيىن تۇلۇقلاپ تۇتۇشى كېرەكلىكىگە تۆۋەندىكى رىۋايەتنى دەلىل قىلىدۇ:

[حَدَّثَنَا مُوسَى بْنُ إِسْمَاعِيلَ قَالَ حَدَّثَنَا هَمَّامٌ قَالَ حَدَّثَنَا قَتَادَةُ قَالَ حَدَّثَتْنِي مُعَاذَةُ أَنَّ امْرَأَةً قَالَتْ لِعَائِشَةَ أَتَجْزِي إِحْدَانَا صَلَاتَهَا إِذَا طَهُرَتْ فَقَالَتْ أَحَرُورِيَّةٌ أَنْتِ كُنَّا نَحِيضُ مَعَ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَلَا يَأْمُرُنَا بِهِ أَوْ قَالَتْ فَلَا نَفْعَلُهُ]

قەتادە، مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر ئايال ئائىشەدىن، ھەيزدىن پاكلانغان چاغدا ھازىرقى نامازلىرىمىزلا يېتەرلىك بولامدۇ؟ (يەنى ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامازلارنى ئوقۇمىساقمۇ بولامدۇ)؟ دېگەن ئىدى. ئائىشە ئۇنىڭغا، سەن -ھەرۇرىيمۇ (خاۋارىجلاردىنمۇ)؟- پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا بىز ئادەت كۆرۈپ قالساق ئۇ بىزنى ئۇنداق قىلىشقا بۇيرىمايتتى ياكى ئۇنداق قىلمايتتۇق،دېدى»-(بۇخارى رىۋايىتى).

[حَدَّثَنَا مُوسَى بْنُ إِسْمَاعِيلَ، حَدَّثَنَا وُهَيْبٌ، حَدَّثَنَا أَيُّوبُ، عَنْ أَبِي قِلَابَةَ، عَنْ مُعَاذَةَ، أَنَّ امْرَأَةً سَأَلَتْ عَائِشَةَ: أَتَقْضِي الْحَائِضُ الصَّلَاةَ؟ فَقَالَتْ: أَحَرُورِيَّةٌ أَنْتِ؟ لَقَدْ «كُنَّا نَحِيضُ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَلَا نَقْضِي، وَلَا نُؤْمَرُ بِالْقَضَاءِ». قَالَ أَبُو دَاوُدَ: وَزَادَ فِيهِ: «فَنُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّوْمِ، وَلَا نُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّلَاةِ»]

 ئەبۇقىلابە مۇئازە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر ئايال، ئائىشەدىن: ھەيزدار ئايال ناماز ئۆتەمدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، ئائىشە ئۇنىڭغا، سەن -ھەرۇرىيمۇ؟- پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا بىز ئادەت كۆرۈپ قالاتتۇق، ناماز ئوقۇمايتتۇق، ئوقۇشقىمۇ بۇيرۇلمايتتۇق».

ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دەيدۇ: «ئەييۇب (قىلابەدىن رىۋايەت قىلغان كىشى)  ھەدىسكە «روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق» دېگەن ئىپادىنى قوشۇپ قويدى» – (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

[وحَدَّثَنَا عَبْدُ بْنُ حُمَيْدٍ أَخْبَرَنَا عَبْدُ الرَّزَّاقِ أَخْبَرَنَا مَعْمَرٌ عَنْ عَاصِمٍ عَنْ مُعَاذَةَ قَالَتْ سَأَلْتُ عَائِشَةَ فَقُلْتُ مَا بَالُ الْحَائِضِ تَقْضِي الصَّوْمَ وَلَا تَقْضِي الصَّلَاةَ فَقَالَتْ أَحَرُورِيَّةٌ أَنْتِ قُلْتُ لَسْتُ بِحَرُورِيَّةٍ وَلَكِنِّي أَسْأَلُ قَالَتْ كَانَ يُصِيبُنَا ذَلِكَ فَنُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّوْمِ وَلَا نُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّلَاةِ]

ئاسىم مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن ئائىشەدىن، ھەيزدار نېمىشقا روزىسىنى تۇتىدۇ؟ نامازنى ئوقۇمايدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. -ئۇ، سەن ھەرۇرىيمۇ؟ دېدى. مەن، ياق مەن ھەرۇرىي ئەمەس، لېكىن سوراۋاتىمەن دېدىم- ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنداق ئەھۋالدا روزىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلمايتتۇق»-(مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى).

فىقىھ ئالىملىرى بۇ ئىككى رىۋايەتتىكى تەقدىي (تَقْضِي) پېئىلىنى قازا قىلىش دەپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ھەدىسكە «نىمىشقا ھەيزدار ئايال روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟» دەپ مەنە بېرىدۇ ۋە ھەيزدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «بىر ئىشنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، ئورۇنداش» بولۇپ، قازا قىلىش دېگەن بىر مەنە ھېچ يوق. بۇ مەنە ئۇ پېئىلغا 2 – ئەسىردە فىقىھ ئىلمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن بېرىلگەن. شۇڭلاشقا فىقىھچىلار سۆزنىڭ ئۆز مەنىسىنى ئالماي، كىيىن بېرىلگەن مەنىسىنى ئالىدۇ. [5] يەنى بۇ، ئائىشەنىڭ زامانىدا ئۇ سۆز  «قازا قىلىش» دېگەن مەنىدە ئىشىلتىلمەيدۇ دېمەكتۇر. شۇڭلاشقا، ئائىشەنىڭ سۆزىگە «قازا قىلىش» مەنىسىنى بېرىش خاتادۇر.

بۇ سۆزنىڭ «قازا قىلىش» مەنىسىدە ئەمەسلىكىنى ئەڭ پاساھەتلىك ئەرەپ تىلىدا نازىل بولغان قۇرئان تەستىقلايدۇ. چۈنكى قۇرئاندا بۇ سۆز ناھايىتى كۆپ يەردە قوللىنىلىدۇ، لېكىن ھېچبىر يەردە قازا قىلىش مەنىسنى ئىپادىلىمەيدۇ.

 مەسىلەن: نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش، ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ پېئىل ئىشلىتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

فَإِذَا قَضَيۡتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ قِيَٰمٗا وَقُعُودٗا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمۡۚ فَإِذَا ٱطۡمَأۡنَنتُمۡ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۚ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ كَانَتۡ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ كِتَٰبٗا مَّوۡقُوتٗا 

«نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار…»-(4-سۈرە نىسا، 103- ئايەت).

فَإِذَا قُضِيَتِ ٱلصَّلَوٰةُ فَٱنتَشِرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ 

«ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-(62-سۈرە جۇمۇئە، 10- ئايەت).

ھېچكىم بۇ ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان مەزكۇر پېئىلغا «نامازنى قازا قىلغاندا» دەپ مەنە بەرمىگەن، ھەم بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سۆزنىڭ ئۇنداق مەنىسى يوق.

دېمەك، ئۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى قازا قىلىش ئەمەس، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنداش دېمەكتۇر. بىز شۇڭلاشقا رىۋايەتلەرگە بۇ مەنىنى بەردۇرق. شۇنداق بولغاندىلا بۇ رىۋايەتلەر قۇرئان بىلەن زىتلاشمايدۇ. بولمىسا قۇرئانغا زىت ھۆكۈم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر.  

ئەمدى بۇ رىۋايەتلەرنى بىر تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:

دېققەت قىلساق بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇدلارنىڭ ھەممىسى بۇ رىۋايەتنى مۇئازە دېگەن بىرلا ئايالدىن رىۋايەت قىلغان. ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ ئايال ئائىشەنى كۆرگەنلا يەردە ئوخشاش سۇئالنى سوراپ ئولتۇرماس. شۇنداق بولغاندىكىن ئائىشەنىڭ بەرگەن جاۋابىمۇ بىرخىللا بولۇشى كېرەك. لېكىن رىۋايەتلەر پەرقلىق شەكىللەردە رىۋايەت قىلىنغان. مەسىلەن:

  بىرىنچى رىۋايەت (بۇخارىنىڭ رىۋايىتى)دە مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھا باشقا بىر ئايالنىڭ ئائىشەدىن پەقەت «ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامازلارنى تۇلۇقلاپ تۇلۇقلىمايدىغانلىقىنى» سورايدۇ. روزا ھەققىدە بىر نەرسە سورىمايدۇ. ھەمدە بۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يىتەرلىك بولماق، كۇپايە قىلماق مەنىسىدىكى جەزىيئۇن (جَزِيْءٌ) سۆز تۇمۇرىدىن كەلگەن تەجزى (تجْزِي) پېئىلىنى ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاياللار ھەيزدىن پاكلانغاندا، ھەيز مەزگىلىدە قالغان نامازلارنى ئوقۇماي، پەقەت ھازىرقى نامازلارنى ئوقۇسىلا كۇپايە قىلامدۇ؟[6] دېگەن بولىدۇ.

شۇنداقلا بۇ رىۋايەتتە، رىۋايەت قىلغۇچى مۇئازە، ئائىشەنىڭ ئاخىرىدا نېمە دېگەنلىكى ھەققىدە ئىككىلىنىپ قالغان. بۇ، ھەدىسنىڭ ساغلاملىقىغان تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر ئىللەت.

ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى رىۋايەتلەردە بولسا بۇخارىنىڭكىدىن پەرقلىق ئىپادىلەر قوللىنىلغان. مەسىلەن: يىتەرلىك بولماق، كۇپايە قىلماق مەنىسىدىكى تەجزى (تجْزِي) پېئىلىنىڭ ئورنىغا، تەقدىي (تقضي) پېئىلى قوللىنىلغان. ئىككىنچى رىۋايەتتە، رىۋايەت قىلغۇچى ئۆزىنىڭ چۈشەنگىنى بويىچە بىر ئىپادە قۇرغان بولسىمۇ يەنىلا پەقەت ناماز ھەققىدىلا سورىغان.

بۇ يەردە بىزنىڭ تېمىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم قىسىم، ئەبۇ داۋۇدنىڭ «روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنىڭكىنى قىلىشقا بۇيرۇلمايتتۇق» دېگەن ئىپادىنى، تابىئىنلاردىن ئەييۇبنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىشىدۇر.

 ئۈچىنچى رىۋايەتكە كەلسەك ئىمام بەيھەقىنىڭ بىلدۈرىشىچە مۇسلىم، بۇ رىۋايەتنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت ئالغان ئەييۇبتىن ئالغان، شۇڭا مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتى بىلەن ئوخشاش بولغان، ھەمدە مۇسلىم بۇ سۆزنى خۇددى ئائىشەنىڭ سۆزىدەك رىۋايەت قىلغان.

بۇنىڭدىن كۆرىۋالالايمىزكى، رىۋايەت قىلغۇچىلار، ھەدىسلەرنى چۈشەنچىسى بويىچە خالىغان ئىپادىلەر بىلەن يازالايدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىم ھەققىدە ھېچكىم ئۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەڭ ئاۋۋال قۇرئاننىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراش كېرەك. چۈنكى رەسۇلۇللاھ، ئاللاھ قۇرئاندا پەرز قىلغان بىر ھۆكۈم ھەققىدە، ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلدۈرمىگىچە ئوخشىمايدىغان بىر ھۆكۈم بېرەلمەيدۇ، ھەم ئۇنداق قىلىشقا پىتىنالمايدۇ.

بۇ رىۋايەتلەرگە قاراپلا «رەسۇلۇللاھ ھەيزدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىدى» دېيىش ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى قۇرئاندا مۇنداق بىر ھۆكۈم بولمىغاچقا رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنداق ھۆكۈم بەرمەيدۇ.

   رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ھۆكۈمنىڭ ئەكسىچە مۇنداق دېگەن:

«كىمكى رامىزاندىن بىر كۈننىڭ روزىسىنى ئۆزرىسىز ۋە كېسەللىكسىز سۇندۇرۇۋەتسە، ئۇ بىر كۈننىڭ ئورنىغا ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئادا بولمايدۇ»[7].

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن رامىزاندا بىر كۈنلۈك روزىسىنى قەستەن سۇندۇرىۋەتكەن ياكى تۇتمىغان كىشى، پۈتۈن ھاياتى بويىچە قازا روزا تۇتسىمۇ ئۇ بىر كۈنلۈك روزىسى ئورنىغا كەلمەيدۇ.

[1] 2-سۈرە بەقەرە، 185- ئايەت.

[2] 2-سۈرە بەقەرە، 286- ئايەت؛ 7-سۈرە ئەئراف، 42-ئايەت؛ 23-سۈرە مۇئمىنۇن، 62-ئايەت.

[3] 2-سۈرە بەقەرە، 187- ئايەت.

[4] مۇناسىۋەتلىك ئايەت ئۈچۈن قاراڭ:  2-سۈرە بەقەرە، 222- ئايەت.

[5]  قاراڭ: ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد فەييۇمىي، مىسباھۇل مۇنىير، «ق د ي = ق ض ي» ماددىسى.

[6]  ئىبنى ھەجەر ئەسقالانى، فەتھۇلبارى (سەھىھ بۇخارىنىڭ شەرھىسى)،13 جىلد،  تەھرىرلىگۈچىلەر: مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقى ۋە مۇھىببۇددىن خەتىب (بەيرۇت: دارۇل مەئرىفە، 1379)، 1: 422.

[7] بۇخارى، «سەۋم»، 29.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر