مۇسۇلمانلار

پەتىۋا سوراڭ

سوئالىڭىزنى سوراڭ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.

  • قىز -يىگتنىڭ ئېغىزاكى تېلفۇندا ئالدىم تەگدىم دېيىشى بىلەن نىكاھ بولامدۇ ، باشقا شەرت ھازىرلانمىغان ئاساستا ؟

    • قەتئىي بولمايدۇ. بۇنداق نىكاھ چۈشمەيدۇ. ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز باشقا شەرتلىرى ھازىرلانمىغاندا دەپ، شەرت ھازىرلانمىسا ھەرقانداق شەكىلدە مەزكۇر ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. سىزگە شۇنداق نىكاھنىڭ دۇرۇسلىقىنى دېگەنلەر بولسا بىلىپ قىلىڭكى، ئۇلار ئىسلامنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قۇللىنىدىغان جاھىللاردۇر. ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، مۇنداق مەسىلىلەردە ئۆزى بىۋاستە ئايەت چۈشۈرگەن. شۇڭا ئاللاھنىڭ كىتابىغا تايىنىش ئەڭ توغرا يولدۇر. تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن نېمىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىسىز:
      توي قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
      قۇرئاندا نىكاھ

    • مىللەت – ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ.
      مىللەتچىلىك-مىللى مەنپەئەتلەرنى، ئۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان سىنىپ ۋە گۇرۇپلارنىڭ ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان سىياسى چۈشەنچە.
      ئۈممەت- دىن سەۋەبىدىن بىر بىرىگە باغلانغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ.
      ئۈممەتچىلىك- دىنى مۇناسىۋەتلەرنى باشقا مۇناسىۋەتتىن ئۈستۈن كۆرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
      بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئاساس بولغان، ئىسلامى قىممەتلەرنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن كۆرۈشتۇر. ئىسلامى قىممەتلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن مىللەتنى ۋە ئۈممەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ خاراكتىرىگە ماس كېلىدىغان قىممەتلەردۇر. شۇڭلاشقا، ئاللاھ بەلگىلىگەن بۇ قىممەتلەرگە ئاساسەن ئىش قىلغان مىللەت ۋە ئۈممەت توغرا يولدا ماڭغان بولىدۇ.
      چۈنكى ئىسلام ئۈممىتىگە مەنسۇپ بولۇش، ئاللاھنىڭ ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرىنى، رەسۇلۇللاھ ئىجرا قىلغان ئىشلارنى ئاساس قىلىشنى ۋە بۇ يولدا غەيرەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دىنى، ئىرقى نېمە بولسا بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە، جېنىغا، ناھەق ۋە سەۋەبسىز زىيان سالمىغان ئاساستا قىلىنغان مىللەتچىلىكنىڭ مۇسۇلمانلىققا زىت كىلىدىغان تەرىپى يوقتۇر.
      لېكىن بۇ ئۇقۇملارنى ئۆزىگە شۇئار قىلىۋىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن قىممەتلەرنى دەپسەندە قىلسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجرائاتلىرىغا قارشى ئىش قىلسا چەكتىن ئاشقان بولىدۇ. بۇنداق ئىنسانلارغا ياردەمچى بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  • 1.سۇئالىم:- قانداق كىشىگە تەيەممۇم قىلىش جايىز؟
    2.سۇئالىم :- سەل قاراپ ياكى ھۇرۇنلۇق قىلىپ نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇقىغان كىشىنىڭ گۇناھى نىمە؟

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
      قېرىندىشىم! تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ:
      1 ـ سۇ بولمىغان ياكى تاھارەتكە يەتكۈدەك سۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.
      2 ـ كېسەل كىشى ياكى بىر يېرىدە جاراھەت بار كىشى ئەگەر سۇ بىلەن تاھارەت ئالغان تەقدىردە كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قېلىشىدىن ياكى ساقىيىشىنىڭ كېچەكىپ قېلىشىدىن قورقسا، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.
      3 ـ بىر كىشىنىڭ يېنىدا سۇ بار، لېكىن سوغۇق؛ ئىسسىتالمايدۇ، بۇ سۇدا تاھارەت ئالسا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىدۇ، نەتىجىدە كېسەل بولۇپ قالىدۇ. بۇ تەقدىردىمۇ تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.
      4 ـ سۇ يېقىن، لېكىن ئۇ سۇدا تاھارەت ئالسا ئۆزىگە ياكى مېلىغا زىيان يېتىدۇ، ياكى سۇ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا دۈشمەن بار؛ تاھارەت ئالسا، بۇ دۈشمەندىن بىر زىيان كېلىدۇ. بۇ تەقدىردىمۇ تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.
      5 ـ سۇ بار، لېكىن ئۇ سۇدا تاھارەت ئېلىپ قويسا، ئىچكىلى سۇ قالمايدۇ. بۇ تەقدىردە تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.
      مانا يۇقىرىدىكى ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. مائىدە سۈرىسىنىڭ 6 ـ ئايىتىدىكى «فەلەم تەجىدۇ» نىڭ مەنىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
      ئەسكەرتىش: تەيەممۇمنى پاك تۇپراقتا قىلىش كېرەك. كىيىم ـ كېچەككە ياكى تامغا ۋە ياكى قانداقلا بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە پاك تۇپراقنىڭ پارچىلىرى بولغان چاڭ ـ توزانلاردىمۇ تەيەممۇم قىلىشقا بولىدۇ.
      ئىككىنچى سۇئالىڭىزغا كەلسەك، نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ ياكى سەل قاراپ قەستەن ئوقۇمىسىڭىز سىزنى شۇنداق گۈزەل يارىتىپ، نېمەتلەرنى بەرگەن رەببىڭىزنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىىسىز، شۈكۈر قىلىمىغان بولىسىز. بۇ گۇناھىڭىز ئۈچۈن قاتتىق تەۋبە قىلىشىڭىز كېرەك. تەۋبىنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى قىلغان ئۇ ئىشنى ئىككىنچى قىلماسلىقتۇر. بۇ ئىشىڭىزنىڭ مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ: ئاللاھ تائالا شەيتانغا ئادەمگە سەجدە قىلىشقا ئەمىر قىلدى، شەيتان ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، ئاسىيلاردىن بولدى ۋە تەۋبە قىلماي مەڭگۈ لەنەتكە قالدى. ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى باغچىدىكى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېمەسلىككە بۇيرۇدى، ئەمما ئادەم شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇ مېۋىدىن يىدى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلدى، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلدى.

  • سۇئال:
    ياۋرۇپادا ۋەتەنداشلىق ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىزدىن ئۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ۋە پادىشاھىغا ياكى دۆلىتىگە ساداقەتمەن بۇلۇشىمىزغا دائىر ھەم ئاغزاكى ھەمدە يېزىپ قەسەم قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىمزا قويمىساق ۋەتەنداش بولالمايمىز. لېكىن دۆلىتىمىزدىن ئالغان پاسپورتىمىز بولسا ۋاقىتلىق ئىقامەت روخسىتى بېرىدۇ. بۇ يەردە بۇ مەسىلە ھەققىدە : بۇنداق قەسەم قىلغانلار كافىر بولىدۇ… دېگەندەك ئوخشىمىغان گەپ-سۆزلەر بار. بۇ مەسىلىگە دەلىللەر بىلەن تەپسىلى ئىزاھات بەرگەن بولساڭلار؟ رەھمەت.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئايال كىشى تۇغۇتتىن كىيىنكى 40 كۈندە قۇرئان كەرىمنى (ۋە ياكى تەرجىمىسىنى ) قۇلىغا ئېلىپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: خاتىرجەم ھالدا قۇرئان ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇشىڭىز ھەققىدە ھېچقانداق چەكلىمە يوق. 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 6 – ئايىتىدە بۇيرۇلغان تاھارەت ئېلىش پەقەت ناماز ئۈچۈن شەرتتۇر، قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس. 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 222 – ئايىتىدە ھەيز دەپ تەرجىمە قىلىنغان مەھىيد (محيض) ئىپادىسى ھەيز ۋە نىفاسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ ئايەتتە چەكلەنگەن ئىش پەقەت ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتۇر، قۇرئان ئوقۇش ئەمەس. 56 – سۈرە ۋاقىئەنىڭ 79 – ئايىتىدىكى «ئۇنى پاك قىلىنغانلاردىن باشقىسى تۇتالمايدۇ» ئىپادىسىدىكى پاك قىلىنغۇچىلار پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئالدىدىكى ئايەتلەردە بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزدا ساقلانغان كىتاب ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇلارنى دېيىشىمدىكى سەۋەب، مەزھەبلەردە بۇ ئايەتلەرنى تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىغا دەلىل قىلىشىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسىنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن:
      https://www.musulmanlar.com/?p=1859

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ ئۇستاز بىر ئەر ئايالنىڭ ئىككى ئوغۇل بىر قىزى بار بۇلار ئاجىرشىپ كەتسە بالىلارنى قايسى تەرەپ ئالىدۇ ، مەسىلەن ئايال بالىنىڭ ئۈچىلىسىنى ئۆزى ئالىمەن دىسە ئەر ئىككى ئوغلنى بىرىسەن دىسە ئايال بەرمەي قارشى چىقسا ئىسلامغا خىلاپمۇ ؟
    ئەر ئايال ئاجرىشىپ كەتسە بالىلار قايسى تەرەپكە بىرىلىدۇ ؟
    مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ………

    • جاۋاب:
      بالىلارنىڭ پۈتۈن نەفەقىسى (چىقىمى)نى كۆتۈرۈش ئاتىنىڭ مەجبۇرىيىتى، بالىنى تەربىيەلەش، بېقىش ئانىنىڭ ھوقۇقىدۇر. ئانا بالىنى باقىمەن دېسە ئاتىنىڭ بالىلارنى ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، پەقەت ئانا، ئاجراشقاندىن كېيىن باشقا بىرى بىلەن ئۆيلىنىپ قالسا، ئاتىنىڭ بالىلارنى ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بالىلارنى ئانا بېقىۋاتقان مەزگىلدە ئاتا بالىلارنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرىدۇ.
      بالىلارنىڭ چىقىمى (نەفەقەسى)
      قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن، بالىلارنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈش ئاتىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئانىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەجبۇرىيىتى يوقتۇر. ئەگەر ئاتا بولمىسا بالىلارنىڭ چىقىمى ئاتىنىڭ ئاتىسىغا، ئۇمۇ بولمىسا باشقا ئەر تۇققانلىرىغا يۈكلىنىدۇ.
      ئاتا، كىچىك بالىلىرى ئۆزى ئىشلەپ پۇل تاپالىغىچىلىك چاغقا كەلگىچە بېقىشقا مەجبۇردۇر. بالىلار ئۈچۈن بەلگىلىنىدىغان نەفەقە مىقدارى بالىلارنىڭ يېشىغا ۋە ئاتىنىڭ ماددى ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ.
      قىز بالىنىڭ، ئۆزىنى قامىدىغىدەك مال – دۇنياسى يوق، ھەم ئۆيلەنمىگەن بولسا ئۇنىڭ نەفەقىسى يەنى ئۇنى بېقىش ئاتىسىغا يۈكلىنىدۇ. بۇنىڭدا قىز مەيلى توي قىلمىغان بولسۇن ياكى تۇل قالغان بولسۇن پەرق يوق.
      بالىلارنىڭ ئوقۇش چىقىملىرىنىمۇ ئاتا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
      چوڭ بولۇپ بولغان بالىلارنىڭ كىرىمى ۋە تاپقىنى ئۆزىگە يەتمىسە كام قالغان قىسمىنى ئاتا تولۇقلىشى كېرەك.
      بالىلارغا بەلگىلەنگەن نەفەقە ئانىغا تاپشۇرىلىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ بېرىلگەن نەفىقىنى بالىلارغا ئىشلەتمەيۋاتقانلىقى ئىسپاتلانسا، نەفەقە يا ئىشەنچىلىك بىر كىشىگە بېرىلدۇ، بالىلارنىڭ ئانىسى ئۇ كىشىدىن ئىھتىياجىغا قارىتا ئېلىپ ئىشلىتىدۇ ياكى نەفىقىنى ئىشلىتىش ۋەزىپىسى ئانىدىن باشقا ئىشەنچىلىك بىرىگە بېرىلىدۇ.
      ئاتىنىڭ نەفىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
      وَٱلۡوَٰلِدَٰتُ يُرۡضِعۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ حَوۡلَيۡنِ كَامِلَيۡنِۖ لِمَنۡ أَرَادَ أَن يُتِمَّ ٱلرَّضَاعَةَۚ وَعَلَى ٱلۡمَوۡلُودِ لَهُۥ رِزۡقُهُنَّ وَكِسۡوَتُهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ لَا تُكَلَّفُ نَفۡسٌ إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَا تُضَآرَّ وَٰلِدَةُۢ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوۡلُودٞ لَّهُۥ بِوَلَدِهِۦۚ وَعَلَى ٱلۡوَارِثِ مِثۡلُ ذَٰلِكَۗ …
      «ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بېرىشى كېرەك. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر…»-(2-سۈرە بەقەرە، 233- ئايەت).‏
      ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ بِمَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ وَبِمَآ أَنفَقُواْ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡۚ …
      «ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر…»-( 4-سۈرە نىسا، 34- ئايەت).
      بالىلارنى بېقىپ تەربىيەلەش (ھىدانە = حضانة) ھەققى
      ھىدانە – بالىنىڭ لاياقەتلىك بىرى تەرىپىدىن ئېلىنىپ، مەلۇم مەزگىل بېقىلىپ – تەربىيىلىنىشى دېمەكتۇر. بالىنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش ئانىنىڭ ھوقۇقىدۇر. لېكىن ئانا بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. يەنى ئانا بالىنى بېقىشقا ۋە تەربىيەلەشكە مەجبۇرلانمايدۇ. ئەمما بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا ئادەم بولمىسا، ئانىنىڭ بالىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
      ئانا ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، بالىنى باققانلىقى ئۈچۈن بالىنىڭ ئاتىسىدىن بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بالا بېقىلىدىغان ئۆينىڭ ئىجارە ھەققى ئاتىسىغا تەۋە بولىدۇ. ئەگەر ئاتا بولمىسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. لېكىن ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ، بالىنى ئۇ يەردە باقىدىغان بولسا، قوشۇمچە ئىجارە ھەققى تەلەپ قىلالمايدۇ.
      ئانا باشقا بىر يات ئادەم بىلەن توي قىلغاندا، بالىىنى بېقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى بالا ئۆگەي ئاتىنىڭ ئالدىدا خورلىنىشقا، ئۆگەيلىنىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن. لېكىن ئانا، بالىنىڭ تاغىسىغا ئوخشاش بالىغا يېقىن بىر ئادەم بىلەن توي قىلسا، يەنىلا بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
      ئانا بالىنى بېقىشنى قوبۇل قىلىدىغان يات بىر كىشى بىلەن ئۆيلەنگەن بولسا، ئاتىنىڭ ياكى يېقىنلىرىنىڭ بالىنى ئانىدىن ئېلىۋېلىشى جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، كۆپىنچە ئۆگەي ئاتىلار ئايالىنىڭ يۈز خاتىرىسى ۋە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بالىغا يېقىن تۇققانلىرىدىنمۇ ياخشى قارىشى مۇمكىن.
      ئوغۇللار ئۆز ئىشىنى قىلالايدىغان ياشقا كەلگىچە ئانا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئاندىن دادىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. نورمالدا يەتتە ياشنى ئاساس قىلسىمۇ، سەككىز ياكى توققۇز ياشقا كىرگۈچە ئانىسىنڭ يېنىدا قالسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئوغۇللار بۇ ياشتىن كېيىن بىر ئەركەكتەك تەربىيەلىنىشكە، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئۆگىنىشىكە مۇھتاج بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئۇنىڭ ئاتىسى ياكى ۋە ئەركەك تۇققانلىرى تېخىمۇ لايىقتۇر.
      قىزلار بالاغەتكە يەتكىچە، ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ ۋە بوۋىسىنىڭ قوغدىشىغا تېخىمۇ موھتاج بولغاچقا، ئانىسىدىن ئېلىۋىلىنىدۇ ۋە ئاتىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.
      ئاتىسى بالىنى ئانىسىنىڭ رازىلىقى بولماسىتىن باشقا بىر يەرگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ رازىلىقى بولماستىن ئېلىپ كەتسە ئۇنىڭ بالىنى تەربىيەلەش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئاتا خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ بالىسىنى كۆرسە بولىدۇ. ئانا بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
      بېقىشقا ئېھتىياجى قالمىغان بالىلارنى ئانىسىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ كۆرۈش ھوقۇقى بولىدۇ. ئاتىنىڭ ئۇنى چەكلەش ھوقۇقى بولمايدۇ.
      ئانىنىڭ بالىنى بېقىشقا ئەڭ ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
      ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر ئايال: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ ئوغلۇمنىڭ ئاتىسى مىنى تالاق قىلىۋەتتى، ئۇ ئوغلۇمنى مېنىڭدىن ئېلىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:ئۆيلەنمىگەنلا بولساڭ ئۇنى ئېلىش سېنىڭ ھەققىڭ»-( ئەبۇداۋۇد، «تالاق»، 35 (2276)).

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ ،ئاياللارنىڭ باش ئۆرتىسى توغرىسىدا تەبلىغلەرنى ئاڭلاپ،مەندە بىر سوئال پەيدا بولدى.يەنى ئايەتتكى《 يعرف 》دېگەننى 《تونولماسى 》دەپ ئاياللارنىڭ چىرايىنىڭ تونۇلماسى دىدى،لېكىن بۇ يەردە پەقەت ئايالنىڭ ئففەتلىك ۋە ئەخلاقلىق تەرىپىدىن 《تونۇلماسى》دەپ چۈشەنسەك،يۈزىنى ئىچىش كەتمەيدىغۇ؟ مەن ئۆزىدىن سوراي دىسەم تۈركچىنى تازا قاملاشتۇرۇپ يىزىپ بولالمايدىكەنمەن،شۇڭا سىلىدىن سورىشىم. تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىلىرى،مەن ھازىر پۈتۈن ھىجابلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا نىسبەتەن بىرخىل ئىماندا چىكنگەندەك تەسىر بولىدىكەن.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: قۇرئاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىر بىرىگە باغلاپ ئوقۇغىنىمىزدا ئۇچۇق ۋە قانائەتلىنەرلىك ھۆكۈملەرگە ئېرىشەلەيمىز. ئەھزاب 59 – ئايتنىمۇ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىللە ئوقۇغىنىمىزدا بۇ يەردە ئاياللارغا پەرز بولغان ئىشنىڭ نىقاب (يۈزنى پۈتۈن يىپىش) ئەمەس، پەقەت ھىجاب ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 52 – ئايىتىدە ئاللاھ تائالا «ئى مۇھەممەد! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ – باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ – ساڭا ھالال بولمايدۇ. ..». دەيدۇ. بۇ يەردىكى «جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ» دېگەن ئىپادە مۇھىم، چۈنكى ئىنساننى مەپتۇن قىلىدىغان يەر يۈزدۇر، جامالىدۇر، بۇ يۈزىنى ئېتىۋالسا، ئۇنىڭ جامالىنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ، مەپتۇن قىلىدىغان نەرسىمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدىكى ۋە زامانىدىكى مۇسۇلمان ئاياللار نىقابلىنىپ يۈرمەيتتى. سىزنىڭ «پۈتۈن ھېجابلىنىش» دېگەن گىپىڭىزنى نىقاب دەپ چۈشەندىم. ئۇ ئايەتكە كەلسەك، ئۇ سۆزنى چىرايىنىڭ تۇنۇلىشى دېسەكمۇ ياكى ئىپپەتلىك ۋە ئەخلاقلىقى تەرىپىدىن دېسەكمۇ بۇ ئايەتتىن نىقابلىنىش كېرەك دېگەن مەنە چىقمايدۇ. دېگىنىمىزدەك ئاياللارغا پەرز بولغان ئىشنىڭ ئەسلى ھىجاب ئىكەنلىكى چىقىدۇ. تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن بۇ ئادرىسقا قاراپ چىققايسىز. https://www.musulmanlar.com/?p=5479

  • قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ – ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟ ھەر يىلى تەكرارلىنىدىغان بۇ سوئالغا بەزىلەر «زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چاچ، تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن» دىگەن ھەدىسنى كەلتۈرۈپ قۇربانلىقنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن چاچ-ساقال ئالماسلىق كېرەك بولمىسا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ دەيدۇ ، بەزىلەر بولسا بۇ پەقەت ھەج قىلغۇچىلارغا دىيىلگەن دەيدۇ. قۇرئاندىن بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب تاپالمىدۇق. قانداق قىلساق ئەڭ توغرا بولىدۇ؟

    • بۇ ئىش ئۇ قەدەر سەمىرتىۋەتكىدەك، ھەتتا قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتى ھېسابلىغۇدەك دەرىجىدە مۇھىم ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ ھەقتە ئايەت يوق. سىز دېگەندەك مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت بار. ئايەتتە ئەسلى بولمىغان رىۋايەتلەر پەرزلىك ياكى ھاراملىق ئىپادىلىگىدەك دەرىجىدە كۈچلۈك بولمايدۇ. ئەكسىچە مۇستەھەبلىك (قىلسا ياخشى، قىلمىسا گۇناھ يوق ئىشلارنى) ياكى مەكرۇھلۇق (قىلمىسا ياخشى، قىلىپ سالسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارنى) بىلدۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:
      رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئونى كىرسە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى تاكى قۇربانلىقىنى قىلغانغا قەدەر چاچ ۋە بەدىنىڭ تۈكلىرىنى ئالمىسۇن» – (مۇسلىم، ئەداھى (قۇربانلىقلار)، 7.
      بۇ رىۋايەت قەتئىي پەرزلىكنى ئىپادىلىگەن بولسا فېقھى ئالىملىرى بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا ئىختىلاپقا چۈشمىگەن بولاتتى. ئۇلار يۇقىرىدىكى رىۋايەتكە ئاساسەن مۇنداق ئۈچ خىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
      1 – شافىئىيلار بۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چاچ، تىرناق ۋە بەدەن تۈكلىرىنى ئېلىشى مەكرۇھتۇر، ھارام ئەمەستۇر دەيدۇ. يەنى بۇ ھەدىس ھۆكۈم جەھەتتىن مۇستەھەبلىك ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايدۇ.
      2 – ھەنبەلىلەر، بۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چېچىنى ۋە بەدەن تۈكلىرىنى ئېلىشنى ھارام دەپ قارايدۇ. ئالماسلىقنى پەرز دەيدۇ. چۈنكى بۇلار قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنى ئېھرام باغلىغان كىشىگە ئوخشىتىدۇ.
      3 – ھەنەفى ۋە مالىكىلار بولسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چاچ ۋە بەدەن تۈكلىرىنى ئالماسلىقى سۈننەتمۇ ئەمەس، ئېلىشى مەكرۇھمۇ ئەمەس، چۈنكى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى ئېھرامدىكى كىشى ئەمەس. چېچىنى ئالماسلىق ھۆكمى ھەج ياكى ئۆمرە نىيىتى بىلەن ئېھرام باغلىغان كىشىگە خاس بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق دەيدۇ.
      قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئېلىش ئالماسلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئايەت يوق. مۇناسىۋەتلىك ئايەت ھەنەفى ۋە مالىكى ئۆلىمالىرى دېگەندەك ھەج ۋە ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر (بەقەرە 2 / 196). شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ھەدىستىن ھەج ۋە ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغانلاردىن باشقىلارنىڭمۇ چاچلىرىنى ئېلىشى ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىش چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن شۇنداق بىر ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن «چاچ ۋە تىرناقنى ئالماسلىق سۈننەت ئەمەس، ئېلىش مەكرۇھمۇ ئەمەس» دېگەن ھۆكۈممۇ ئۇيغۇن بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىشتا ئوتتۇرا يول، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ تاكى قۇربانلىقىنى سويغىچە چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئالماسلىقى مۇستەھەبتۇر. قىلغانلار بىر مۇستەھەبنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، قىلمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مەن باشقا شەھەردە يولدۇشۇم باشقا شەھەردە بىز ئۇزاقتا بىر يەرگە كىلىمىز خىزمەت يۇزسىدىن ئەمما يولدۇشۇم بەزەن تىلفۇندا جىنسى تەلەپىنى قاندۇرشۇمنى تەلەپ قىپ تۇرۋالدۇ بۇ دىمىزدا گۇناھمۇ ؟ ۋە بۇنىڭ تۇغرا خاتالىقىنى پەققەت ماڭا ئەۋەتكەن بۇلسىڭىز ئاللاھ رازى بولسۇن

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      ئەسلىدە دىنىمىزدا بىر – بىرىگە ھالال بولغان ئەر – ئاياللارنىڭ بەدەنلىرىنى بىر بىرىگە كۆرسىتىشىدە ھېچقانداق چەكلىمە يوق. لېكىن بۇ ھەر ئىككىسى بىر يەردە بولغان باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قىلىشىغا ئىمكان بولمىغان ئەھۋالدا بولىدۇ.
      مۇنداق دېسەك بىزمۇ يالغۇز ئۆيدە ھېچكىم كۆرمىگەن يەردە قىلىدىغان تۇرساق دېگەن سۇئال ئەقلىڭىزگە كېلىشى مۇمكىن.
      ئۇنداق ئەمەس، تور يۈزى داۋاملىق باشقىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا سىز تور يۈزىدە قىلغان ھەرقانداق ئىشىڭىزنى ھېچكىم كۆرمىدى دەپ ئويلاپ قالماڭ. تور يۈزىدە سىز يالغۇز ئەمەس. بۇ ئىش ئەر – ئايال ھەر ئىككىسى ئۈچۈن توغرا ئەمەس.
      ئۇنىڭ ئۈستىگە يىراقتىن جىنسى تەلەپنى قاندۇرۇش يامان ئادەتلەرگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ ئىش نورمالدا پەقەت ئەر – ئايال بىر يەردە بولغان ۋاقىتتىلا ئالغىلى بولىدىغان ھۇزۇرنى بىنورمال يوللار بىلەن قاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بولۇپ، بۇنداق بىنورماللىق داۋام قىلىۋەرسە ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ۋە قارشى تەرەپنىڭمۇ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. يىراقتىن بولغاندا بىر تەرەپلىمە بولىدۇ؛ بۇنداق بولىۋەرگەندە، ئەركەك «مۇشۇنداق قىلساممۇ قانىدىكەنغۇ» دەپ ئويلاپ قالىدۇ – دە، بارا بارا ئانانىزىمغا ئۆگىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئانانىزىم قىلىش ئەركەكلەرنى كېرەكتىن چىقىرىۋېتىدۇ ۋە نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ھەم تېلىفۇندا ياكى كومپيۇتېردا باشقا يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرۈش نورمال بىر ئەھۋالدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى يات ئاياللارنىڭ مەھرەم يەرلىرىگە قاراش چوڭ گۇناھتۇر.
      ئەڭ مۇھىمى ئائىلىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەتنى ۋە خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ئىشقا يول قويماسلىق كېرەك. ئىسلامدىكى نىكاھنىڭ ئاساسى غايىسىمۇ بۇدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
      ﴿وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ٢١﴾
      «ئاللاھنىڭ سىلەرگە كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ بېرىشى، ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورنىتىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار» – (30 – سۈرە رۇم، 21 – ئايەت).

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    زاكات ھەققىدە پەتىۋا سورىماقچى ئىدىم.
    قەرزگە ئۆي سىتىۋالغان ئىدىم (ئۆسۈمسىز). يىنىمدىكى پۈتۈن پۇلنى سودىغا دەسمى سىلىپ كىرىم قىلىۋاتىمەن. ئايلىق كىرىمىم ئۆي چىقىمى ۋە ئۆي قەرزى تۆلەپ ئاران يىتىدۇ.بەزەن سودىدا زىيان بولۇپ قالسا يەتمەيمۇ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا زاكاتنى قايسى خىل ئۆلچەمدە بىرىمەن. تەپسىلى جاۋاپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام، سودىغا دەسمىي سالغان پۇلىڭىزغا يۈزدە ئىككى يېرىم زاكات ئايرىيسىز چۈنكى زاكات، نەق پۇل (ئالتۇن، كۈمۈش ۋە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەغەز پۇللار)، تىجارەت ماللىرى، زىرائەت مەھسۇلاتى (بۇلارنىڭ زاكىتى ئوندىن بىرىدۇر) ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا كېلىدۇ. پۇلىڭىزنى تىجارەتكە دەسمىي سالغان بولسىڭىز، سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە تىجارەت مېلى بار دېمەكتۇر. ئەگەر قولىڭىزدىكى پۇلنى تىجارەتتىن ئايرىپ ئۆيىڭىزنىڭ قەرزىگە تۆلىسىڭىز، بۇ تەقدىردە ئۆيىڭىزگە زاكات كەلمەيدۇ. چۈنكى پۇلىڭىزنىڭ زاكىتى ئۇنى ساقلىغانلىقىڭىز ياكى تىجارەتتە ئايلاندۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن زىممىڭىزگە يۈكلەنگەن ئىقتىسادىي تۆلەمدۇر.

  • ئەسسالام ئۇستازلار. شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى كالىلارغا ھايۋانلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئاقسىللار سۈنئىي يەم قىلىپ بېرىلىدۇ، بۇندىن باشقا ئۆستۈرۈش ھورمۇنلىرى ئۇرىلىدۇ. ئورگانىك كالىلارغا ئۇنداق قىلمايدۇ. بىر قىسىم ماتېرىياللاردا بازاردىكى ئۆستۈرۈش ھورمۇنلىرى چوشقىدىن كېلىدۇ دەپ يېزىپتۇ. ۋە بىر ئېنىگلىزچە توربەتتە بۇ تۈردىكى كالىلارنى جۇللاھ ۋە ھارام دەپ كەسكىن يېزىپتۇ ئەمما قايسى پەتىۋا بېرىدىغان يەر بەرگەن پەتىۋا بۇنى بىلەلمىدىم. شۇڭا سىزلەردىن تۆۋەندىكى سوئالنى سورايمەن.
    بىرىنجى ، بۇنداق كالىلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟
    ئىككىنجى، بۇلارنىڭ سۈتلىرى ۋە سارمايلىرىنى يېيىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟
    ئۈچىنجى، ئورگانىك بېقىلغان يەنى ھورمۇنسىز زىيانسىز تەركىب بىلەن بېقىلغان كالىلار ۋە ئۇلارنىڭ سۈتلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى پەۋقۇللادە قىممەت. باھانى كۆزدە تۇتۇپ ئادەتتىكىلىرىنى يېسەك بولامدۇ؟
    تۆتىنجى، ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەر بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خىرىستىئان دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بېرىدىغان قانداق ئەسكەرتمە ۋە سەمىگە سېلىش زۆرۈر بولغان تەكلىپلىرىڭىزلار بار؟
    رەھمەت.

    • ئەسسالام ئۇستازلار. شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى كالىلارغا ھايۋانلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئاقسىللار سۈنئىي يەم قىلىپ بېرىلىدۇ، بۇندىن باشقا ئۆستۈرۈش ھورمۇنلىرى ئۇرىلىدۇ. ئورگانىك كالىلارغا ئۇنداق قىلمايدۇ. بىر قىسىم ماتېرىياللاردا بازاردىكى ئۆستۈرۈش ھورمۇنلىرى چوشقىدىن كېلىدۇ دەپ يېزىپتۇ. ۋە بىر ئېنىگلىزچە توربەتتە بۇ تۈردىكى كالىلارنى جۇللاھ ۋە ھارام دەپ كەسكىن يېزىپتۇ ئەمما قايسى پەتىۋا بېرىدىغان يەر بەرگەن پەتىۋا بۇنى بىلەلمىدىم. شۇڭا سىزلەردىن تۆۋەندىكى سوئالنى سورايمەن.
      بىرىنجى، بۇنداق كالىلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟
      ئىككىنجى، بۇلارنىڭ سۈتلىرى ۋە سارمايلىرىنى يېيىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟
      ئۈچىنجى، ئورگانىك بېقىلغان يەنى ھورمۇنسىز زىيانسىز تەركىب بىلەن بېقىلغان كالىلار ۋە ئۇلارنىڭ سۈتلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى پەۋقۇللادە قىممەت. باھانى كۆزدە تۇتۇپ ئادەتتىكىلىرىنى يېسەك بولامدۇ؟
      تۆتىنجى، ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەر بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خىرىستىئان دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بېرىدىغان قانداق ئەسكەرتمە ۋە سەمىگە سېلىش زۆرۈر بولغان تەكلىپلىرىڭىزلار بار؟ رەھمەت.

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنساننىڭ يېمەك-ئىچمىكى ھالال ۋە پاك بولۇشى لازىم. يەنى ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نەرسىلەردىن بولۇشى، ئەگەر ئېتىپ يېيىلىدىغان تاماق ۋە ياساپ ئىچىلىدىغان ئىچىملىك بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ھالال نەرسىلەردىن ئېتىلگەن ۋە ياسالغان بولۇشىنىڭ سىرتىدا پاكىزلىق شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ھالەتتە تەييارلانغان بولۇشى شەرت. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە، بارلىق ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن مۇئمىنلەرگە ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
      ﴿يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ٥١﴾
      «ئى ئەلچىلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن‏» – (23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 51 – ئايەت).
      ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُوا مِمَّا فِي الْأَرْضِ حَلَالًا طَيِّبًا وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ١٦٨﴾
      «ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 168 – ئايەت).
      ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ١٧٢﴾
      «ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار!‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 172 – ئايەت).
      ﴿وَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنتُم بِهِ مُؤْمِنُونَ٨٨﴾
      «ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار، ئۆزۈڭلار ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 88 – ئايەت).
      ﴿فَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا وَاشْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ١١٤﴾
      «ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار. ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار» – (16 – سۈرە نەھل، 114 – ئايەت).
      ھورمۇنلۇك يەم – خەشەكلەر بىلەن بېقىلغان ھايۋانلارنىڭ گۆش ياغلىرىنى يېيش ۋە سۈت – قېتىقلىرىنى ئىچىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بەزى ئاچ كۆز ئىنسانلار تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن، ھايۋانلارغا تېز سەمىرىتىدىغان، تېز چوڭ قىلىدىغان ھەرخىل دورىلارنى يىگۈزۈپ ياكى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى ئازغىنە مەنپەئەتىگە قۇربان قىلىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەكتە. بۇ ئىش، ھايۋانلارغا ۋە ئىنسانلارغا قېلىنغان ئېغىر زۇلۇمدۇر. چۈنكى ھايۋانلار مەزكۇر غەيرى تەبىئىي يەملەرنى يېيىش بىلەن ئازاب چېكىدۇ، ئىنسانلار تەن سالامەتلىكى جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.
      1- بۇنداق كالىلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟
      2- بۇلارنىڭ سۈتلىرى ۋە سارمايلىرىنى يېيىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟
      ئەگەر ھايۋانلارغا بېرىلگەن ئۇ سۈنئىي يېمەكلەر ياكى دورىلار يېگەن ھايۋانلارغا زىيان قىلمايدىغان ۋە ئىنسانغا زەرەر ئېلىپ كەلمەيدىغان بولسا، ئۇلار بىلەن بېقىلغان توخۇ، كالا، قوي…ھايۋانلارنى يېيىشكە ۋە ئۇلاردىن چىققان ھەر تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. ئەكسى تەقدىردە ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشكە ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ زىيانلىق ۋە زەرەرلىك ئىكەنلىكىنى تىببى تەتقىقات ياكى ئەمەلى تەجرىبە ئىسپاتلايدۇ.
      دىنىمىز ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىشتىن ۋە باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. ناۋادا ھايۋان ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق يەم – خەشەكلەر بىلەن بېقىلغان بولسا، ئۇنداق ھايۋانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىستىمال قىلىش ئۆزىنى خەتەرگە ئاتقانلىق بولىدۇ.
      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
      ﴿…وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ …١٩٥﴾
      «… ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار…‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 195 – ئايەت).
      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ زىيانلىق نەرسىلەردىن قىچىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
      (لَا ضَرَرَ وَلَا ضِرَارَ)
      «زىيان تارتىشقىمۇ بولمايدۇ. زىيان سېلىشقىمۇ بولمايدۇ»-(ئىبنى ماجە، «ئەھكام»، 17 (2341). ئەلبانى بۇ ھەدىسنى «ئىرۋائۇل غەلىيل» دېگەن ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن.
      جەللالە مەسىلىسىگە كەلسەك،
      ھايۋانلارغا بېرىلگەن يەملەرگە ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشلىرى، قان، چوشقىنىڭ گۆشلىرى دېگەندەك نىجىس نەرسىلەر ئارلاشتۇرۇلسا، ئارلاشتۇرۇلغان بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى يەمدىن ئاز بولسا، ھېچقانداق چاتاق يوق؛ گۆشىنى يېيىشكە، سۈتىنى ئىچىشكە ۋە تۇخۇمىنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
      ئەگەر ئارلاشتۇرۇلغان ئۇ نىجىس نەرسىلەر يەمدىن كۆپ بولسىمۇ، بۇ ھايۋاننىڭ گۆشى ھارام بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئىمكانىمىز يار بەرسە بۇنداق بېقىلغان ھايۋانلارنى بىر مەزگىل (ئۆزىمىز ئەمىن بولغۇچە) نىجىس نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرماي بېقىپ، پاكىزلانغانلىقىغا قانائەت كەلتۈرگەندىن كېيىن سويۇپ يېيىش، سۈتىنى ئىچىش ۋە تۇخۇمىنى ئىستىمال قىلىش تېخىمۇ ياخشى. بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ھايۋان ئۇنداق نىجىس نەرسىلەر بىلەن بېقىلغاندا، ئۇنىڭ تىنى، تەرى، گۆشى، سۈتى سېسىق پۇرايدىغان، ئىنساننى يىرگەندۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنى بىر مەزگىل ساپ يەم بىلەن باققاندا ھايۋاننىڭ ۋۇجۇدى يېيىلگەن نەرسىلەرنى ھەزىم قىلىپ، زىيانلىق ماددىلارنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ، پايدىلىقلىرى بولسا ھايۋاننىڭ گۆشىگە، قىنىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى پاكىزلىنىدۇ.
      بۇنداق نىجىس نەرسىلەر بىلەن بېقىلغان ھايۋانلار «جۇللاھ» ئەمەس جەللالە دېيىلىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
      ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەللالەنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن ۋە سۈتلىرىنى ئىچىشتىن چەكلىدى»-(تىرمىزى، «ئەتئىمە»، 24 (1824)؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەتئىمە»، 24 (3785). ئەبۇ داۋۇد ئىبنى ئۆمەرنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەللالە تۆگىلەرگە مىنىشتىن ۋە ئۇنىڭ سۈتىنى ئىچىشتىن توستى» دېگەنلىكىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ (ئەبۇ داۋۇد، «ئەتئىمە»، 24 (3787).
      بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن، پەقەت نىجاسەت بىلەنلا بېقىلغان ياكى يەيدىغان ھايۋانلارنى بىر مۇددەت ساقلاتماستىن ئۆلتۈرۈپ يېيىش مەكرۇھتۇر. ئەگەر ساقلاتمايلا ئۆلتۈرسە ئەۋزەلنى تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ، لېكىن ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئىشنىڭ ئەسلى شۇكى: ھايۋانلارنىڭ يېيىشى ۋە ئىچىشى ئۈچۈن ھالال، ھارام دەپ بىر چەكلىمە يوق. يەنى ھايۋانلار خالىغىنىنى يەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىز ئىنسانلار ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن ھايۋانلارنى خالىغان ۋاقتىمىزدا ئۆلتۈرۈپ يېيىشىمىزنىڭ ھېچبىر يامان تەرىپى يوق.
      لېكىن نىجاسەت يەيدىغان ھايۋاننىڭ گۆشى پۇرايدۇ ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە خۇش كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق ھايۋانلارنى بىرقانچە كۈن (توخۇ، غاز ۋە ئۆردەكنى 3 كۈن، قوي ۋە ئۆچكىنى 4 كۈن، تۆگە ۋە كالىنى 10 كۈن) ساقلىتىپ، بۇ ئەسنادا ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن بېقىپ ئاندىن ئۆلتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.
      ئەسكەرتىش:
      يۇقىرىدىكى مەكرۇھلۇق ھېچبىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلمىغان خالىس نىجاسەت يەيدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. لېكىن نىجاسەتكە باشقا بىر نەرسە ئېلىشتۇرۇلغان بولسا ياكى ئۇ ھايۋانلار نىجاسەت بىلەن باشقا بىر نەرسىمۇ يەيدىغان بولسا، بۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ۋە سۈتلىرى ئۇ مەكرۇھلۇكنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.
      3- ئورگانىك بېقىلغان يەنى ھورمۇنسىز زىيانسىز تەركىب بىلەن بېقىلغان كالىلار ۋە ئۇلارنىڭ سۈتلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى پەۋقۇللادە قىممەت. باھانى كۆزدە تۇتۇپ ئادەتتىكىلىرىنى يېسەك بولامدۇ؟
      يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتۈلگەندەك مۇسۇلماننىڭ يېمەك – ئىچمىكى ھالال ۋە پاك بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسە ئېلىپ يېيىشكە توغرا كەلسە، بىرىنچى شەرت قۇربىتىمىز يەتسە باھاسى ئەرزاننى ئەمەس، قىممەت بولسىمۇ ھالال ۋە پاك بولغانلىرىدىن، زىيانسىز بولغانلىرىدىن ئېلىپ ئىستىمال قىلىشىمىز لازىم. شۇنى ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىىمىز لازىمكى، گېلىمىزدىن ئۆتكەن ھارام لۇقما ئىبادىتىمىزنىڭ قوبۇل، دۇئايىمىزنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
      4- خىرىستىئان دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بېرىدىغان قانداق ئەسكەرتمە ۋە سەمىگە سېلىش زۆرۈر بولغان تەكلىپلىرىڭىزلار بار؟
      مۇسۇلمانلار ئېتىقادى جەھەتتىن شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان، يېمەك – ئىچمەكتە ھارام نەرسىلەردىن، ئىنسانى مۇئامىلىدە ئەخلاقسىزلىقتىن، زۇلۇمدىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىگە قۇشۇلماسلىق، دىنى سىموۋۇللىرىدىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن ئۇلارغا ئىنسانى مۇئامىلە قىلىش لازىم. مەسىلەن: ئۇلارنى ئالدىماسلىق، يالغان ئېيتماسلىق، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يوللار بىلەن ئېلىۋالماسلىق، ئۇلارغا زىيان سالماسلىق كېرەك. بۇ ئىسلامنىڭ ئومۇمى ئەخلاقىدۇر. ئىسلام ئۆز ۋاقتىدا ئەنە شۇ ئەخلاقلارنىڭ سايىسىدە كۆپ جايلارغا تارقالغان. شۇنىڭدەك، مەزكۇر غەيرى مۇسلىملار بىلەن ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى يۇقىرىدىكى سەمىمىلىك دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك. پۈتۈن بۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك زىيان – زەخمەت يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېققەت قىلىش لازىم، ھۇشيار بولۇش كېرەك. ئەجدادىمىزنىڭ «تۇڭگان بىلەن دوست بولساڭ، ئاي پالتاڭ يېنىڭدا بولسۇن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ئۇلار بىلەن قوشنىدارچىلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلارغا يېمەك – ئىچمەك سۇنۇش، ئۇلار سۇنغان يېمەك – ئىچمەكنى قوبۇل قىلىش، لېكىن ھاراملىقى بىلىنسە يېمەسلىك لازىم. ئۇلار ئاچقان ئاشخانا ۋە رېستۇرانلاردا چوشقا گۆشى ۋە ھاراقتەك ھارام نەرسىلەر بولمىسا، ئۇنداق يەرلەرگە كىرىپ تاماق يېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، دىنىمىزدا تاماقنى كىمنىڭ ئەتكەنلىكى ئەمەس، قايسى نەرسىدىن ئېتىلگەنلىكى مۇھىمدۇر. مەسىلەن: گۈرۈچنى باشقا دىندىكى ياكى دىنسىز بىرى قازانغا سېلىپ پىشىرىپ بەرسە يېسە بولىدۇ. ئۇ نەرسە ئۇ ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ھارام بولۇپ قالىدىغان ياكى تەبىئتى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ. نورمال ئىنسانى مۇئامىلە قىلىپ ياشىسا بولىدۇ. دىن پەرقى سەۋەبىدىن بىر ئىنسانغا ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قاراشقا بولمايدۇ؛ خرىستىيان بىرىنىڭ قولىدا ئىشلەش ياكى ئىشلىتىش، ئىشەنسە شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى نورمال يۇسۇندا ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

  • ئېرى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟
    مېنىڭ بەش ناماز ئوقۇيدىغان ئەخلاقلىق بىر دوستۇمنىڭ يولدىشى ئاق چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئ‍ېلىۋېلىپ بەرمىگەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن دوستۇم ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما يولدىشى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار، ئەرنىڭ بالىلارنىڭ نەپىقىسىنى ئۈستىگە ئالغۇدەك ئەھۋالى يوق. ئايال ئىككى بالا بىلەن ياۋروپادا، ئەر تۈركىيەدە ئايرىلىپ تۇرىۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئېرى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىدۇ. دوشتۇمنىڭ ھەرگىز ئۆي تۇتقىسى يوق .

    • ۋەئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
      ئالدى بىلەن دوستىڭىزنىڭ سەۋر قىلىشى، ئاللاھقا ئېرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى ۋە ياخشى تىلەكلەردە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ئائىلە قۇرۇش تەس، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش سەۋر ۋە ئېغىر – بېسىقلىق تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ئىش.
      بۇ بىر ئائىلىنىڭ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن مەسىلىنىڭ ياخشى -يامان ھەممە تەرىپىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك.
      سىز سۇئالىڭىزدا تىلغا ئېلىپسىز، دوستىڭىز ئىككى يىلدىن ئېرى بىلەن بىر يەردە ئەمەسكەن، ھەم ئىككى بالىسىمۇ باركەن، بۇ ئەھۋالدا دوستىڭىزنىڭ ياۋرۇپادا تۇرۇپ تۈركىيەدىكى ئېرىدىن «ئاجراشقۇسى» كېلىپ قالغانلىقى كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئەھۋال. بەلكى بەزىلەر دوستىڭىزنىڭ يولدىشى ھەققىدە ئۇنىڭغا يالغان خەۋەر، بوھتان ۋە يالغان – ياۋىداق سۆزلەر يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. ياكى دوستىڭىز يالغۇزلۇق دەردىگە چىدىماي يېڭىدىن تۇرمۇش قۇرماقچى بولغاندۇ. ياكى بالىلارنى يېتىم قىلماسلىق ئۈچۈن شۇنداق نىيەت قىلغاندۇ، ئەگەر ئىمكان بولسا بۇنىڭغا ئۆز دادىسىدىن ياخشى ھېچكىم يوق. شۇڭا يەنە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئەر تەرەپ ھەقىقەتەن يولدىن چىققان بولسا، ئايال تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا چىرايلىقچە، ئىلىمىي يوسۇندا ۋە تاتلىق تىل بىلەن نەسىھەت قىلىشىنى، دوستۇڭىزنىڭ ئۆزىنى تۇل، ئىككى بالىسىنى يېتىم ۋە يولدىشىنى بىچارە قىلىۋېتشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھېسسىيات بىلەن ئەمەس ئەقىل بىلەن قارار بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. چۈنكى نىكاھ دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىق ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باغلىنىدىغان مۇستەھكەم ئەھدىدۇر. بۇ شەكىلدە قۇرۇلغان بىر مۇئەسسەسىنى ئىككى بالا تاپقۇچە داۋاملاشتۇرۇپ، بەزى شارائىتلار تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ تۇرغان بىر زاماندا بىر تەرەپنىڭ «ئۆي تۇتقۇسى يوق» بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى ئەمەس.
      ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن كېلىشەلمەسلىك مەۋجۇت بولسا، بۇنى شۇ ئىككى يول ئارقىلىق ھەل قىلساق بولىدۇ؛
      1- بۇ تەقدىردە ئەر تەرەپتىن ھەققانىي بىر كىشى، ئايال تەرەپتىن ھەققانىي بىر كىشى ۋەزىپىلەندۈرىلىدۇ. بۇ ئىككى كىشى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ بۇ نىكاھنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىغا قانائەت قىلسا، بۇ ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ئورگان (نىكاھ دائىرىسى ياكى سوت)قا مەلۇم قىلىدۇ. ئاجرىشىشنى بۇ شەكىلدە ئەمەل ئاشۇرسا بولىدۇ. ئاللاھ تائال بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
      ﴿وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُوا حَكَمًا مِّنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِّنْ أَهْلِهَا إِن يُرِيدَا إِصْلَاحًا يُوَفِّقِ اللَّهُ بَيْنَهُمَا إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا٣٥﴾
      «ئەگەر سىلەر ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى، خوتۇننىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى ئەۋەتىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، خەۋەرداردۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 35 – ئايەت).
      2- دىنىمىزدا «ئىفتىدا-تويلۇق (مېھرى ھەقق)ىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆزىنى ئېرىنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش يولى» دېگەن سېستىما بويىچە ئۇنىڭدىن ئاجراشسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەرنىڭ رازىلىقىغا قارالمايدۇ، لېكىن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىككى تەرەپتىن بىرەر ھەققانى كىشىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى ئېنىقلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن راستىنلا دوستىڭىزنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك بولسا بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ. بۇ خۇسۇستا تەپسىلى مەلۇمات، كۆرسەتمىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن دوستىڭىز بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلسۇن.
      بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، ئاخىرقى يىللاردا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تەقۋادارلىق نامى ئاستىدا دىنىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىدىن يىراقلاشتى، تېخىمۇ توغرىسى يىراقلاشتۇرۇلدى. جۈملىدىن دىنىمىزنىڭ نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغا قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىنمىدى. مەسىلەن: ئىككى تەرەپ ئۆز رازىلىقى بىلەن كېلىشىپ، قىزنىڭ ۋەلىيسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ۋە ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان نىكاھ كېلىشىمى بىر مۇللامنىڭ پاتىھە ئوقۇپ قويۇشى بىلەن «بىجىرىلىدىغان» بولدى. ھەتتا بەزى شەھۋەتپەرەسلەر بۇ شەكىلدە ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى خوتۇننىمۇ ئالدى. ھېچبىر خوتۇنىنىڭ ھەقلىرىنى شەرىئەت كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلمىدى. بەلكىدە بۇ شەكىلدە بىر خوتۇن ئېلىپ قانائەت قىلغانلارمۇ ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدى، خارلىدى ۋە ئىنسان قاتارىدا مۇئامىلە قىلمىدى. ئۇنى داۋاملىق تەقۋالىق، دىن ۋە ئىتائەت كەلىمىلىرى بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئايال تەرەپ «كاپىر بولۇپ كەتمەسلىك، دىندىن چىقىپ كەتمەسلىك» ئۈچۈن يولدىشىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلدى، دەردىنى ئىچىگە يۇتتى ۋە پۈتۈن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى. ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئۆزى كۆتۈرۈش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئەھۋاللارمۇ بولدى. ئاجرىشاي دېسە چارە تاپالمىدى. قانداقلا قىلسا ئېرىنىڭ ئاغامچىسىنىدىن قۇتۇلالمىدى. ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئادالەت تارازىىسىدا ئەمەس، مەنپەئەتىنىڭ تارازىسىدا تارتتى. ئەمەلىيەتتە دىنىمىز، بىۋاستە ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە تاقىشىدىغان بۇنداق مەسىلىنى جاۋاپسىز قالدۇرمىغان، ھېچقانداق يۇچۇق قويمىغان. چۈنكى ئۇ بىر زۇلۇم، ئاللاھ زالىم ئەمەس، زالىمغا ياردەم قىلمايدۇ.

  • مېنىڭ بەش ناماز ئوقۇيدىغان ئەخلاقلىق بىر دوستۇمنىڭ يولدىشى ئاق چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئ‍ېلىۋېلىپ بەرمىگەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن دوستۇم ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما يولدىشى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار، ئەرنىڭ بالىلارنىڭ نەپىقىسىنى ئۈستىگە ئالغۇدەك ئەھۋالى يوق. ئايال ئىككى بالا بىلەن ياۋروپادا، ئەر تۈركىيەدە ئايرىلىپ تۇرىۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئېرى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىدۇ. دوشتۇمنىڭ ھەرگىز ئۆي تۇتقىسى يوق .

  • ئېرى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىدۇ؟
    مېنىڭ بەش ناماز ئوقۇيدىغان ئەخلاقلىق بىر دوستۇمنىڭ يولدىشى ئاق چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئ‍ېلىۋېلىپ بەرمىگەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن دوستۇم ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما يولدىشى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار، ئەرنىڭ بالىلارنىڭ نەپىقىسىنى ئۈستىگە ئالغۇدەك ئەھۋالى يوق. ئايال ئىككى بالا بىلەن ياۋروپادا، ئەر تۈركىيەدە ئايرىلىپ تۇرىۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئېرى تالىقىنى بەرگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىدۇ. دوشتۇمنىڭ ھەرگىز ئۆي تۇتقىسى يوق .

  • يەنە بىر مۇھىمى چالا قاپتۇ:
    (21) ئامېرىكىدەك خىرىستىئان ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇشۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، باشقا ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا دىنىمىزدا قانداق پەرقلىق ئىمتىياز ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار؟ ياكى پەرقسىز ئوپمۇ ئوخشاش بولىشى كېرەكمۇ؟

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەن بىر كافىرلار مەملىكىتىدە ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن كافىرلاربىلەن نورمال دوستانە ئالاقىدە بولمايمەن دېيەلمىدىم. بىر خىرىستىئان مويسىپىت ئاللاھ گۇۋاھ ئىدىكى مەن ئارقىلىق بىر ئۇيغۇر ئاجىز ئايالغا يۈز دوللار پۇلنى ئىئانە قىلىپ ئەۋەتكۈزدى. مەن ئاغرىپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالغان. كۆڭۈلۈم مىسكىن ۋاقىتلىرىدا ئۇ ماڭا ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى ، سەن ھېچ يەرگە بارمايسەن بۇ سېنىڭ دۆلىتىڭ دەپ ماڭا روھىي رىغبەت بەرگەن. ئۇ ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھەققىدە بىلمەيتى، كېينچە مەن ئارقىلىق ھەقىقىي ئىسلامنى ئازپاز چۈشەندى ۋە ئۆز دىنىدىكى باتىللارغا نىسبەتەن كاللىسىدا گۇمانلار تۇغىلىشقا باشلىدى. مەن ئىشىنىمەن، بىر ئازغۇننى ئۆزىدىكى باتىلغا نىسبەتەن گۇمانىنى قوزغاشمۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت!
    سىزنى ئىزدىشىمدىكى سەۋەب ، مەن ئېزىپ كېتىشتىن تولىمۇ قورقىمەن، شۇڭا مەن كافىرلار بىلەن ئالاقە قىلىش توغرىسىدا كونكېرت تۆۋەندىكى تەپسىلى 20 تۈرلۈك ئىش ئۈستىدە ئىنچىكە ھالدا تەكلىپ ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلاردا تەلىم سورايمەن. بۇ تەلىملەرنى ئەتراپىمدىكى مۇسۇلمان جامائىتى بىلەن ھەمبەھىرلەيمەن.

    سوئال ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان جامائىتىگە نىسبەتەن تۆۋەندىكى ئىشلار رۇخسەت قىلىنامدۇ، دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ۋە چەكلىمىلەر قايسىلار؟
    (1) سالام سائەت قىلىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش
    (2) ئېلىم بېرىم ۋە قەرز ئېلىش
    (3) ئاغرىپ قالسا بىربىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش
    (4) بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇش
    (5) بىر داستىخاندا تاماق يېيىش
    (6) بايرامدا سوۋغا تەقدىم قىلىش، روژدېستىۋا بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن دېيىش
    (7) ئۇلار سوۋغا سۈپىتىدە بەرگەن كىيىملەر كىيىش
    (8) چېركوۋ ئورۇنلاشتۇرغان ئىبادەت تۈسىنى ئالمىغان، پىدائىي بولۇپ كوچا تازىلاش ۋە باشقا جەمئىيەتكە پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.
    (9) چېركوۋنى رېمونت قىلىدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنىش
    (10) خىرىستىئان دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى سودا ئۈچۈن ئېلىپ سېتىش
    (11) خىرىستىئان قولۇم قوشنىلارغا تاماق يەتكۈزۈش
    (12) قولۇم قوشقىلارغا ئىقسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش
    (13) بىزگە ئىنجىل سوۋغا قىلسا قوبۇل قىلىش
    (14) بىللە مۇنازىرە قىلسا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
    (15) ئىسراپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىرىستىئانلار يەپ ئېشىپ قالغان قاچىلىرىدىكى ھالال يېمەكلىكلەرنى يېيىش
    (16) ئۇلارنىڭ دىنىي ئەنئەنىسى بولمىغان ئەمما مىللىي ئېتنىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كىيىملەرنى كىيىش. مەسىلەن پادىچىلار شىلەپىسى.
    (17) ئۇلار تاماقتىن بۇرۇن دۇئا ئوقۇپ ئامىن دېگىنىدە تەڭ ئامىن دېيىش .
    (18) ئىدارە ئورگان ۋە مەكتەپلەردىكى يېڭى يىل ۋە روژېستىۋا بايرىلىمىلىق تەتىلدىن بۇرۇنقى زىياپەتكە قاتنىشىش.
    (19) ئۇلارنىڭ دىنىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيىمىنى ئۆيدە نورمال دۇنيالىق ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ مەسىلەن شام ، قەغەز قاتارلىقلار.
    (20) چېركوۋدا ئورۇنلاشتۇرغان ئىككىنجى قول سېتىق چوڭ تىپتىكى گاراج سېيىل غا بېرىپ نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا بولامدۇ؟

    • جاۋاب:
      دىنىمىز ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى مۇئامىلىلەردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى شەرت قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا سورىغان سۇئاللىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى شۇكى، يەھۇدى، خىرىستىيان ياكى باشقا قانداقلا بىر دىندىكى كىشى بىلەن نورمال ئىنسانى مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىلەر قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: باشقا دىندىكى ئىنسانلار بىلەن نورمال سالاملىشىش، بىللە تاماق يېيېش، تاماق سۇنۇشۇش، ئېتىقادى قانداق بولسا بولسۇن قوشنىلارغا ھەر تۈرلۈك ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش، سوۋغا بېرىش، ئېلىش دېگەندەك مۇسۇلمانلار بىلەن قىلىنىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇلار بىلەن قىلىنسىمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوق.
      ئاللاھ تائالا، بىزگە دىنىمىز ھەققىدە دۈشمەنلىك قىلمىغان، بىزنى دۈشمەن كۆرمىگەن ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ:
      ﴿لَّا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَارِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ٨﴾
      «ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» – (60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 8 – ئايەت).
      لېكىن باشقا دىندىكىلەر بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە مۇنۇ نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك:
      1. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي سىموۋۇلى بولغان كىيىم – كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش شەكلى قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن:كوممۇنىستنىڭ شەپكىسى، يەھۇدىنىڭ قالپىقى، خىرىستىياننىڭ دىنى قىياپىتى، بۇددىستلارنىڭ دىنىي قىياپەتلىرىنى كىيىشكە بولمايدۇ. ئەمما باشقا تۈرلۈك كىيىملەرنى كىيىشكە چەكلىمە يوق. باشقىلارنىڭ مىللى كىيىملىرىنى كىيسىمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوق. كىيىم كىيىشكە ئەمىر قىلىنىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئەۋرەت يەرلەرنى يىپىلىشىدۇر.
      2. باشقا دىندىكىلەرنىڭ ھەرقانداق بايرىمى (ياشىغان دۆلىتىڭىزنىڭ دۆلەت بايرىمى، مۇستەقىللىق بايرىمىدەك دىنى تۈس ئالمىغان بايراملار مۇستەسنا)، دىنىي مۇراسىملىرىغا قاتناشماسلىق لازىم.
      3. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنى بايراملىرىدا ئۇلارنى تەبرىكلەش، بايراملىشىش، ھەدىيە قىلىشىش، ئۇلارنىڭ بايرامغا مەخسۇس بولغان يېمەكلىرىنى ئېتىپ يېيىشكە بولمايدۇ.
      4. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنى سىموۋۇللىرىنى ئېلىپ سېتىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: بۇددىستلارنىڭ بۇتى، يەھۇدىلارنىڭ داۋۇد يۇلتۇزى، خىرىستىيانلارنىڭ كرىست بەلگىسى…قاتارلىقلارنىڭ تىجارىتىنى قىلىشقا بولمايدۇ.
      5. ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى، دىنىغا دەۋەت قىلىدىغان نەشرىياتلىرىنى ئېلىپ – سېتىش، ھەدىيە قىلسا قوبۇل قىلىش ياكى سېتىۋېلىپ ئۇلارغا ھەدىيە قىلىش قاتارلىقلار توغرا بولمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىشقا ۋە ھەدىيە قىلىنسا قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار مۇقەددەس كىتابلىرىنى ھەدىيە قىلسا قوبۇل قىلماسلىق ئىنسانى مۇناسىۋەتكە دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىش بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇنى ئېلىپ قىلىپ، شۇ دىندىكى باشقا بىر كىشىگە بېرىۋېتىش كېرەك.
      6. باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئىبادەت يەرلىرىنى ياساشقا ئورتاق بولمىغان ياخشى. يەنى ئۇلارنىڭ خاتا ئېتىقاد بىلەن قىلىنغان ئىبادەتلىرىگە ئورتاق بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇتخانا، چېركاۋ، مۇناستىر،،، دېگەندەك شېرك ئېتىقاددىكى كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرىگە پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلىشقا، ئىئانە قىلىشقا بولمايدۇ. (قاراڭ: 5 -سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت).
      7. بىزگە ئەھلى كىتاپنىڭ يېمەكلىرى، ھەم ئاللاھ قۇرئاندا ھارام قىلغان چوشقا، قان، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلاردىن باشقا گۆشلەر ھالال قىلىنغان. ئۇلارنىڭ يېمەكلىرىنىڭ ھالاللىقىغا، پاكىزلىقىغا ئىشەنچ قىلساق يېسەك بولىدۇ.
      8. ئىنسانلارغا، جەمئىيەتكە پايدىسى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا كىم ئورۇنلاشتۇرسا ئورۇنلاشتۇرسۇن قىلىساق بولىدۇ. چېركاۋ، ياكى باشقا بىر ئورگان پەرق ئەتمەس.
      9. باشقا دىندىكىلەر بىلەن تاماق يېگەندە دۇئا قىلسا، تەڭ قىلساق بولىدۇ. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھىغا دۇئايىمىزنى قىلىمىز، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا قىلىدۇ. بىر يەردە، بىر ۋاقىتتا ئولتۇرۇپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق تاقىشىدىغان يېرى يوق.
      خۇلاسە شۇكى،
      بىز ئەڭ بۇرۇن قارشىمىزدىكى ئىنساننى بىر ئىنسان دەپ قاراپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ھېچبىر ئىنساننى ئېتىقادى سەۋەبىدىن دۈشمەن كۆزىمىز بىلەن قارىماسلىقىمىز، ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمان ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تېخى ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەن، ئۇنى تونىمىغان كافىر ئۈممەتلىرىگە ئەخلاقى – پەزىلەت، ئەمەلى ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ئۈلگە بولىشىمىز كېرەك. ئىنسانلارنى ئۆزىمىزدىن نەپرەتلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشىمىز كېرەك.
      ئاللاھ ھەممىمىزگە سەبىر بەرسۇن، دۇنياغا ھەقىقەتنى ئاڭلىتىشقا نىسىپ قىلسۇن.

    • بەزى سۇئاللىرىڭىزغا ئومۇمى شەكىلدە جاۋاب بەردىم. بەزىلىرىگە چۈشىنىكسىز بولۇپ قللمىسۇن دەپ تەپسىلى بەردىم. بۈگۈن قارىسام بىر قانچە سۇئالىڭىز جاۋابسىز قېلىپتۇ.
      (14) بىللە مۇنازىرە قىلسا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
      باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ مۇنازىرە قىلىنغان تېما ھەققىدىكى سەۋىيىەسىنى دېققەتكە ئېلىش كېرەك. ئۆزىمىزمۇ تېما ھەققىدە ياخشى مەلۇماتقا ئىگە بولىشىمىز كېرەك. مۇنازىرە جەريانىدا سەۋرچان، كەمتەر بولۇش كېرەك. مەن مۇسۇلمان، سەن كاپىر، مەن سەندىن تەقۋا، مەن سەندىن ئىسىل … دېگەندەك چۈشەنچىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. دىنى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغاندا گەپنىڭ بېشىدىلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا، دىنىغا ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قارشى تەرەپنى نەپرەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قوللانماسلىق كېرەك. ئۇنىڭغا دىنىمىزنىڭ توغرا ھەقىقەتلىرىنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ، قايىل قىلالىساق، ئۇنىڭ دىنى بىلەن دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئۇچق ئايرىپ بېرەلىسەك، قالغان ئىش ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىگە قالىدۇ. خالىسا ئىسلامنى قۇبۇل قىلىدۇ، خالىسا قىلمايدۇ. مۇنازىرە تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىمىز يېتەرسىز بولسا، خىجىل بولماي بىلمەيدىكەنمەن، سوراپ جاۋاب بېرەي دېيىش ياكى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك. بىلمىگەن نەرسىنى بىلىمەن دېيىش ئەڭ چوڭ جاھىللىقتۇر. سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىمىزنى دەلىللرى بىلەن، ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك.

    • (19) ئۇلارنىڭ دىنىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيىمىنى ئۆيدە نورمال دۇنيالىق ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ مەسىلەن شام ، قەغەز قاتارلىقلار.
      ئىشلىتىشقا بولىدۇ. ئاللاھ ئىشلىتىشنى مۇباھ قىلغان نەرسىلەر بىرەر شەخس ياكى ئورگاننىڭ ئىشلىتىپ قويۇشى، چەكلىشى ئارقىلىق ھارام بولۇپ قالمايدۇ ياكى بىرەر نەرسە مۇقەددەس، ئۇلۇغ دەپ ئېتىقاد قىلىنغان بىرەر كىشى ياكى ئورۇننىڭ ئىشلىتىپ قويۇشى بىلەن مۇقەددەسلىشىپ، ئالاھىدە بولۇپ قالمايدۇ.

  • مەن بىر دۆلەتتە يالغۇز ياشايمەن، بۇ دۆلەتتە نامرات كەمبەغەلنى تاپقىلى بولمايدۇ تاپساقمۇ بەڭگى ياكى قىمارۋاز. ۋەتەندىكى قولۇم قوشنا ئۇرۇغ تۇغقانلىرىم ئىچىدە نامراتلار يوق. زاكاتنى ۋەتەندىكى يوقسۇللارغا ئاتىسام ساۋابى كۆپرەكمۇ تۈركىيەدىكى يوقسۇللارغا؟ تەكلىپ بېرىلسە.

    • مەن بىر دۆلەتتە يالغۇز ياشايمەن، بۇ دۆلەتتە نامرات كەمبەغەلنى تاپقىلى بولمايدۇ تاپساقمۇ بەڭگى ياكى قىمارۋاز. ۋەتەندىكى قولۇم قوشنا ئۇرۇغ تۇغقانلىرىم ئىچىدە نامراتلار يوق. زاكاتنى ۋەتەندىكى يوقسۇللارغا ئاتىسام ساۋابى كۆپرەكمۇ تۈركىيەدىكى يوقسۇللارغا؟ تەكلىپ بېرىلسە.
      جاۋاب:
      دىنىمزدا زاكات ۋە سەدىقىلەرنى پېقىر-مىسكىنلەرگە بېرىش، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى پېقىر -مىسكىنلەرگە بېرىش ئەمىر ۋە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز زاكاتلىرىڭىزنى مەملىكەتتىكى پېقىر – مىسكىنلەرگە يەتكۈزەلىسىڭىز، بولۇپمۇ نەدە بولسا بولسۇن ئايلىق كىرىمى يوق، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بەرسىڭىز ئەڭ ئەۋزەل يولنى تۇتقان بولىسىز. ئۇنداق قىلالمىسىڭىز تۈركىيەدىكى پېقىر – مىسكىنلەرگە، بەرسىڭىزمۇ ۋەزىپىڭىزنى ئادا قىلغان بولىسىز.
      ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
      ﴿يَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ قُلْ مَا أَنفَقْتُم مِّنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ٢١٥﴾
      «ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا – ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 215 – ئايەت).
      ﴿وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا٣٦﴾
      «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.» – (4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت).
      ﴿إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ٦٠﴾
      «سەدىقىلەر پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، سەدىقە خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر‏» – (9 – سۈرە تەۋبە، 60 – ئايەت).

  • مەن ئامېرىكىدا ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن خىرىستىئانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالمىدىم. بولۇپمۇ قۇرئاندىكى سۈرە ياسىننىڭ 36 – ئايىتىگە كەلگەندە مېنىڭ دىنىي ۋە بىئولوگىيە جەھەتتىكى بىلىم قۇرۇلمام يۇقىرى بولمىغاچ كۆڭلۈم بەكلام بىرخىل بىئارام. جانلىقلار دۇنياسىدا سازاڭدەك ئەركەك چىشى دەپ ئايرىلمايدىغان ، قوش جىنىس ئىقتىدارى بىر ئىندىۋىدتا بولىدىغان جانىۋارلا كۆپ ۋە بارلىق يەككە ھۈجەيرىلىك جانلىقلار جۈپتىسىز بۆلۈنۈپ كۆپىتىيىدۇ. بۇلارنى گېرمافروتىك ئەھۋال دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟

    • مەن ئامېرىكىدا ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن خىرىستىئانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالمىدىم. بولۇپمۇ قۇرئاندىكى سۈرە ياسىننىڭ 36 – ئايىتىگە كەلگەندە مېنىڭ دىنىي ۋە بىئولوگىيە جەھەتتىكى بىلىم قۇرۇلمام يۇقىرى بولمىغاچ كۆڭلۈم بەكلام بىرخىل بىئارام. جانلىقلار دۇنياسىدا سازاڭدەك ئەركەك چىشى دەپ ئايرىلمايدىغان، قوش جىنىس ئىقتىدارى بىر ئىندىۋىدتا بولىدىغان جانىۋارلا كۆپ ۋە بارلىق يەككە ھۈجەيرىلىك جانلىقلار جۈپتىسىز بۆلۈنۈپ كۆپىتىيىدۇ. بۇلارنى گېرمافروتىك ئەھۋال دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىز خېلى بۇرۇنلا تەبىئەت ئىلىمى بىلەن شۇغۇللانغان ئىنسانلار تەرىپىدىن سورالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچسى بۇ سۇئال ئارقىلىق قۇرئاننىڭ ھازىرقى ئىلمى تەجرىبىلەر بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، تەجرىبىلەرگە قارىغاندا قۇرئاندا خاتالىق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنىڭ مەزمونىمۇ سىزنىڭ سۇئالىڭىزنىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
      ئۇلار تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە ئاساسلىنىدۇ:
      وَمِن كُلِّ شَیۡءٍ خَلَقۡنَا زَوۡجَیۡنِ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
      ھەر نەرسىدىن بىر جۈپ ياراتتۇق. ئويلانغايسىلەر!
      سُبۡحَـٰنَ ٱلَّذِی خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَ ٰ⁠جَ كُلَّهَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ وَمِنۡ أَنفُسِهِمۡ وَمِمَّا لَا یَعۡلَمُونَ
      پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان زات پاكتۇر. ئۇ جۈپلەر زېمىن ئۈندۈرۈۋاتقان نەرسىلەردىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ۋە ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر.
      بىز مۇسۇلمانلار بىلىمىزكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇ ھەر نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى ھەر بىر سۆزى ھەقىقەتتۇر. راستتۇر. ئەمما بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ بىلىنىشى ئىلىم، تەجرىبە ۋە زامان تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ ئىلمىمىز چەكلىك، ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ھەر پرىنسىپ مۇتلەق توغرا، ئەمما بىز ئوتتۇرىغا قويغان پرىنسىپلار مۇتلەق توغرا بولالمايدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىنى مۇكەممەل قىلىدۇ، ئەمما بىزنىڭ تەجرىبىلىرىمىز نۇقسانلىقتىن خالىي ئەمەس. بىزنىڭ تەجرىبىلىرىمىز، بىلىمىمىز ۋە يەكۈنلىرىمىز ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسە بىزنىڭ ماڭغان يولىمىزدا بىر خاتالىق بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پرىنسىپنى، ئىلىمنى ئىسپاتلىيالمىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. بىز، ئۇ بايان قىلغان قانۇن-پرىنسىپلارنى، ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلاشقا مۇھتاج، ھەم شۇنداق مەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق بىر مەسئۇلىيىتى يوق. چۈنكى ئۇ مۇتلەق ھاكىمدۇر.
      يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە جۈپ دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز «زَوۡجَ » ئىپادىسى بولۇپ، بۇ سۆز ئەرەپ تىلىدا ئوخشاش بىر تۈردىكى نەرسىلەرگە، بىر-بىرىگە تامامەن زىت ئىككى نەرسىگە ياكى مەلۇم تەرەپلەردىن بىر بىرىگە ئوخشايدىغان، ياكى زىت كېلىدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «يارىتىلغان، تۈر» دېگەندەك مەنىلىرىمۇ بار.
      ئايەتتىكى «جۈپ» سۆزىنىڭ ئەركەك-چىشى دېگەن مەنىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بۇ مەنىگىلا قارىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى <ئەركەك-چىشى> ئۇ سۆزنىڭ مەنىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر مەنە خالاس. ھەم ئايەتلەردە دەسلەپ يارىتىلىشتىن سۆز قىلىۋاتقان بولۇپ، 1- ئايەت ھەر نەرسىنى بىر جۈپتىن ئەمەس، ھەر نەرسىدىن بىر جۈپنى ياراتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 2 – ئايەتتە بولسا ئاللاھنىڭ ھەر تۈرلۈك جۈپلەرنى ياراتقانلىقىنى، بۇ جۈپلەرنىڭ بولسا ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار، ئىنسانلار ۋە ئىنسانلار بىلمەيدىغان باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
      ئايەتلەردىكى «جۈپ» سۆزىنى يۇقىرىدا دېيىلگەن لۇغەت مەنىلىرى بىلەن بىللە چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا كائىناتتىكى ھەر بىر نەرسىنىڭ -ھازىرقى ئىلمى تەتقىقاتلارمۇ ئىسپاتلىغاندەك- زىت قۇتۇپلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. چۈنكى زەۋج «جۈپ» ئەركەك-چىشى، قارا-ئاق، كېچە-كۈندۈز، تاتلىق-ئاچچىق، ئوڭ-سول… دېگەندەك زىت قۇتۇپلۇق ھادىسىلەرنىڭ ئورتاق ئىشىلىتىلىدىغان سۆزدۇر. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك بۇ كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن قويۇلغان بىر قانۇنىيەتتۇر. بۇ قانۇنىيەت بىر تەرەپتىن مەۋجۇداتلارنىڭ ئەركەك-چىشىلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن كۆپىيىشى ئارقىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن بىر بىرىنى يوق قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.
      ھازىرقى ئىلمى تەتقىقاتلار كائىناتتىكى جانلىق ۋە جانسىز بارلىق نەرسىلەرنىڭ جۈپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. سىز دېگەن بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارنىڭمۇ بىر بىرىگە زىت بولغان مۇسبەت ۋە مەنفى (ئەركەك-چىشى) ھۈجەيرىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇخىل نەرسىلەرنىڭ جىسىملىرىنىڭ پارچىلىنىشى، ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى ئارقىلىق كۆپىيىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
      خۇلاسە شۇكى:
      ئايەتلەر ئەقىل بىلەن ئىسپاتلانغان ھەرقانداق ھەقىقەت بىلەن زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئەقىلنىڭمۇ، ۋەھىينىڭمۇ كېلىش مەنبەسى بىردۇر. يەنى ئاللاھتۇر. ئۇ پەقەت توغرىلارنى، ھەقىقەتلەرنى سۆزلەيدۇ. مەسىلە بىزنىڭ ئۇنىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىپ چۈشەنمىگەنلىكىمىزدىدۇر. قۇرئان كەرىم بىزگە كائىنات بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ يېشىمى بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى كۈتمەكتە. ئاللاھ قۇرئاندا دېگەن ھەقىقەتلەر چۇقۇم ئىسپاتلىنىدۇ. ھازىرمۇ نۇرغۇنلىرى ئىسپاتلاندى. سىز سورىغان ئايەتنىڭ جاۋابى ھەققىدە نۇرغۇن ماتېرىياللار باركەن شۇلارنى ئىزدىنىپ باقسىڭىز تەپسىلى جاۋاپلارغا ئېرىشەلەيسىز. مەن بۇ يەردە ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدىلا توختالدىم. ھەممىسىنى يازاي دېسەم چوڭ بىر پارچە ماقالە ياكى كىتاپ بولىدىكەن. ئاللاھ ھەممىمىزگە ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرسۇن.
      ئىمتىھانىم سەۋەبلىك سۇئالىڭىزغا ۋاقتىدا قاۋاب قايتۇرالماي قالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈر تىلەيمەن.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      سۇئالىڭىز ناھايىتى مۇھىمكەن چۈنكى مەسىلە بىۋاستە ئىنساننىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب ئىسلام دىنىمىز سەۋەبى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىر جانغا بولۇپمۇ ئىنساننىڭ ھاياتىنى قوغداشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئېتىقادى قانداق بولسا بولسۇن بىزگە ئۇرۇش ئاچمىغا، تاجاۋۇز قىلمىغان، بىزنىڭ ھاياتىمىزغا قەست قىلمىغان بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى ناھەق نابۇت قىلىش دىنىمىزدا قەتئىي ھارامدۇر. ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش پەرزدۇر.
      ئاللاھ تائالا بىر ئىنساننى ئۆلتۈرۈشنىڭ قانچىلىك گۇناھ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغداشنىڭ قانچىلىك كاتتا ئىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
      مَن قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا
      «… كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ…»-(5-سۈرە مائىدە، 32- ئايەت).
      ئەمدى سۇئالىڭىزنىڭ مەزمونىغا كەلسەك، قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە ئاساسلانغاندا ئوغرىلىق قىلغان ئادەم ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. قولى كېسىلىدۇ (5- سۈرە مائىدە، 38 – ئايەت). ئەلۋەتتە بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش ئىسلام دۆلىتى بولسا، دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىسلامنىڭ ئوغرىغا بېرىدىغان ھۆكمى مۇشۇنداق. ئەمما ئۆزلىرى بەلگىلىگەن قانۇنلار بىلەن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتلەردە بولسا، يەرلىك قانۇنلار بويىچە ئىش كۆرىلىدۇ. ھەر قانداق دۆلەت ھەتتا ئىسلاممۇ بىر جىنايەتچى ئۈستىدىن شەخسلەرنىڭ خالىغانچە ھۆكۈم چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. چۈنكى دىنىمىز ھېچبىر زامان بىر كىشىگە يەنە بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بەرمەيدۇ. ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك جىنايەتچى بولسا، ئاۋۋال تەكشۈرۈلۈپ، گۇۋاھچى ۋە دەلىللەر بىلەن جىنايىتىنى بېكىتىش باسقۇچلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ سوتلىنىدۇ ۋە شۇ رايوننىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم قارارى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنداق بولمىسا جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى بوزۇلىدۇ. شەخسلەرنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ئادالەت قالمايدۇ.
      ئەگەر قولىڭىزدىن كەلسە ئوغرىنى تۇتۇپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك. ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى، قىلالىسىڭىز ئۇ ئادەمنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، بۇنداق يامان ئىشلارنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىشتۇر. ئۇنداق ئىنسانلارغا ھەقنى يەتكۈزۈپ مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشتۇر.
      سىزنىڭ ئوغرى ئۈچۈن ئۆيىڭىزدە پۇل قويۇپ قويىشىڭىز بىر تەرەپتىن سىزنىڭ پەزىلىتىڭىزنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنىڭ خەتىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئوغرىنى ئۆيىڭىزگە كۆندۈرۈپ قويىشىڭىز، ئۇنىڭ داۋاملىق بۇ يامان ئىشنى قىلىشقا يول ئېچىپ قويىشىڭىز، بالا – چاقىڭىزغا، پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزگە ھەتتا ھاياتىڭىزغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
      سىز سورىغان ھەدىسكە كەلسەك، ئۇ ھەدىسنىڭ رىۋايەت جەھەتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتە بولۇپ بولماسلىقى ئايرىم مەسىلە، كۈچلۈك بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: دىنىمىزدە ئەقىل، دىن، جان ۋە شەرىپىنى قوغداش پەرز قىلىنغاندۇر. بۇ ھەدىستە دېيىلگەن مال، ئۇنىڭ ۋەتىنى، شەرىپى، ۋەتىنىنىڭ بايلىقى، ئائىلىسى … قاتارلىق ئىنسان مۇقەددەس بىلىدىغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      ئەگەر بىرى بىزنىڭ مۇقەددەساتلىرىمىزغا قول ئۇزاتسا، بىزدىن زورلا ئېلىشقا ئۇرۇنسا ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىمىز كېرەك. قوغدىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق گۇناھكار بولىمىز. ئەگەر بۇ ئەھۋالدا ئۆلسەك شېھىت بولىمىز. بۇ سەۋەبتىن ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆلگەنلەر شېھىت ھېسابلىنىدۇ. بىزگە ئائىت مال-مۈلكمۇ شۇنىڭغا قاتارىغا كىرىدۇ.
      خۇلاسە شۇكى، ئۆيىڭىزگە كىرگەن ئوغرى جىنىڭىزغا تەھدىت سالمىغان تەقدىردە سىز ئۇنىڭ جېنىغا زىيان بېرەلمەيسىز. ھەم بۇ ئىشنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى بولىدۇ. ئۆزىڭىزگە ئائىت نەرسىنى قوغدىشىڭىز كېرەك. بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھېس-تۇيغۇ بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

  • ئەسسالام ئۇستاز، مەن ئامېرىكىدا ياشايمەن. ھازىرغىچە ئۆيۈمدە قورال ساقلىمايمەن. ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە قورال ساقلاشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. ئاچچىقتا ئىشلىتىپ سالىمىز دەپ. مېنىڭ قىممەت قارىشىمچە ئازغىنە دۇنيالىقنى ئوغۇرلىغىلى كەلگەن بىرىنى ئېتىۋەتىشكە رايىم پەقەت بارمايدۇ. ئامېرىكىدا بۇنداق ئوغرى يالغاننى ئۆيگە كىرسىلا ئېتىۋېتىغان ئىش بەك جىق. شۇڭا ئۆيدە ئىككى يۈز دوللار پۇل قويۇپ قويىمەن ، ناۋادا بىر كۈنلەردە بىرەر ئوغرى بۇلاڭچى ئۆيۈمگە كىرسە شۇنى ئېلىپ كەتسۇن دەپ. ئۇ ئازغۇن ئالسىمۇ شۇنى ئالىدۇ. ئۆيۈمدە ئالغۇدەكمۇ جىق مۈلۈك يوق. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە مەن ھەقىقىي ئەر ئەمەس ئىكەنمەن، چوقۇم ئوغۇرلۇق قىلغىلى كەلگەن ئادەمگە پۇل مۈلۈكنى بەرمەسلىكىم كېرەك ئىكەن. بۇ توغرىمۇ؟ دىنىمىز چوقۇم بۇلاڭچى ئوغرى يالغاننى ئېتىۋېتىشكە بۇيرۇمدۇ؟ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىشكە رۇخسەت قىلامدۇ؟

  • ئايالىم مىني تۇققانلىرىمدىن كىچىشكە زورلاۋاتىدۇ مەن ئۇنىمۇدۇم1قىزىم بار قۇسقىدا4ئايلىق بالام بار مەن ھەرگىز تۇققانلىرىمدىن كەشمەيمەن مەن قانداق قىلىشىم كىرەك

    • سوئال:
      ئايالىم مىني تۇققانلىرىمدىن كىچىشكە زورلاۋاتىدۇ مەن ئۇنىمۇدۇم1قىزىم بار قۇسقىدا تۆت ئايلىق بالام بار مەن ھەرگىز تۇققانلىرىمدىن كەچمەيمەن. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
      جاۋاب:
      تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دىنىمىزدا چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئادرېستىن سىيلە-رەھىم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز:
      https://www.musulmanlar.com/?p=664

      ئىنساننىڭ ياخشىلىق قىلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ باشتا ئاتا-ئانا كېلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرىنى گۇناھقا زورلاش ھوقۇقى يوق. تۆۋەندىكى ئادرېستا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بار:
      https://www.musulmanlar.com/?p=947
      ئەگەر بىرەر كىشىنى ئاتا-ئانىسى گۇناھقا زورلىسا ئۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلماسلىقى يەنى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماسلىقى، يەنىلا ئۇلارغا دۇنيالىق ئىشلاردا يېقىنلىق كۆرسىتىشى ۋە ياخشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەمىر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
      ﴿وَإِن جَٰهَدَاكَ عَلَىٰٓ أَن تُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَاۖ وَصَاحِبۡهُمَا فِي ٱلدُّنۡيَا مَعۡرُوفٗاۖ وَٱتَّبِعۡ سَبِيلَ مَنۡ أَنَابَ إِلَيَّۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ١٥﴾
      «ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن»-(31-سۈرە لوقمان، 15- ئايەت).
      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ». (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد).
      مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ھەدىس: «ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
      ئايالىڭىزنىڭ تۇققانلىرىڭىزدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى بەلكى ئۇنىڭ نادانلىقىدىن ياكى دىنىمىزنىڭ بۇ توغرىدىكى ئەمىر-پەرمانلىرىنى تولۇق بىلمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تۇققانلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ يامانلىقىنى ۋە بۇ يامانلىقنى قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇ يەنىلا تەلىپىدە چىڭ تۇرسا سىز ئۇنىڭغا ئەسلا ئىتائەت قىلماڭ، شۇنداقتىمۇ ئائىلىۋى ھاياتىڭىزنى چىرايلىق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئەركىشى ئايالىنى بىر تالاق قىلغاندا يەنى 1.تالاق بولسا. ئايالى بىلەن ئىددەت ئىچىدە يېنشىۋالماقچى بولسا يېڭىدىن نىكاھ قىلماق كىرەكمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇب

    • ۋە.ئەلەيكۇم ئەسسالام تۇرسۇن بارات قېرىندىشىم،
      بۇ توغرىلىق ناھايىتى تەپسىلىي جاۋاب بېرىلگەن «ئىسلامدا تالاق نىزامى» ناملىق ماقالىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
      ئاللاھ ئىگىمىز ئائىلىڭىزنى ئىككى دۇنيالىق بەخىت-سائادىتىگە چۆمدۈرگەي.
      ئەرگەردە يەنە قانائەت تاپالمىسىڭىز، قايتا سورىسىڭىز بولىدۇ.
      ھۆرمەت بىلەن
      سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى
      ئىسلامدا تالاق نىزامى
      باش بەت > ئەھكام > تالاق > تەتقىقاتلار يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 2009-09-28
      43,414 قېتىم ئوقۇلدى
      https://www.musulmanlar.com/?p=1458

  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز !سزدىن سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى ،ناماز شامنى ئوقۇپ بۇلۇپ 40مىنوت ياكى بىر سائەتتىن كېيىن يەنى خۇپتەن نامىزىغا ئەزەن چىقماستىن بۇرۇن خۇپتەن نامىزىنى ئۇقىۋەسەك بۇلامدۇ ؟مەن بەزىلەردىن ناماز خۇپتەنگە ئەزەن چىقماي تۇرۇپ خۇپتەن نامىزىنى ئوقىسا بولمايدۇ دەپ تالاش -تارتىشتا قالدۇق ،بۇ يىڭى ناماز ئوقىغانلار ئارسىدا تالاش -تارتىشدا بۇلۇپ قېلنغان ئىدى ،شۇنىڭغا بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ،ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ،رەھمەت

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام گۈلمىرە خانىم،
      ناھايىتى چۈشىنىشلىك ھالدا سورىغان سوئالىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
      مەن ئۇستاز ئەنەس ئالىمغا سوئالىڭىزنى ئىبەرتتىم. پات يېقىندا جاۋابىنى سىزگە ئىبەرتىشكە تىرىشىمىز.
      جاۋابىنى ئېلىپ بولغۇچە، ئېغىر كۆرمەي ئۇستاز يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق كىتابىنىڭ توركىتابىنى توربېتىمىزدىن ئوقۇغاچ تۇرۇڭ.
      يەنە بىرسىگە، دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ سۇلايمانىيە ۋەقفى ناماز ۋاقتى كالېندارىدىن پايدىلىنىپ، شۇ بۇيۇنچە نامىزىڭىزنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
      تۆۋەندىكى ئۇلانما ئارقىلىق، سىز تۇرغان جاينىڭ قۇرئانغا كۆرە توغرا بولغان ناماز ۋاقتىغا ئېرىشەلەيسىز.
      https://www.suleymaniyetakvimi.com
      ئەگەر ئاندىروئىد ياكى ئالما تېلىفۇنى قوللانسىڭىز سۇلايمانىيە ۋەقفى ناماز ۋاقتى ئېپىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز، تېخىمۇ قولاي بولىدۇ.
      ئايفۇن ئۈچۈن: https://itunes.apple.com/us/developer/suleymaniye-vakfi/id1387656133?mt=8

      ئاندىروئىد ئۈچۈن: https://play.google.com/store/apps/details?id=com.suleymaniyetakvimi
      خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ!
      (PDF) http://www.musulmanlar.com/?p=3556
      ھۆرمەت بىلەن
      مۇسۇلمانلار تورى
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

  • زىنا قىلىپ بويدا قالسا ،ئاندىن شۇ زىنا قىلغۇچى بىلەن توي قىلغان بولسا ،بالا يەنە ئانىسىنڭ فەمىلىسىنى قوللىنامدۇ ؟

  • مەن تاكسى ھەيدەيمەن، گاھىدا خېرىدارلار ماشىنىغا چىقىپلا ھاراق سېتىلىدىغان ياكى شەھۋانى سورۇن ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان جايلارغا ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ . ئ‍ۇلارنىڭ بەزىسى مۇسۇلمان. مەن ئۇلارنى توشۇپ ھەق ئالغانلىقىم ئۈچۈن گۇناھكار بولىمەنمۇ؟ گاھىدا يولدا بولغانلىقىم ئۈچۈن جۈمە نامىزىنى ئوقۇيالماي قالىمەن. كەسپىمنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولامدۇ؟

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئوبدان تۇدىلىمۇ. بىر ئىشتىن پەتىۋا سوراي. توي قىلـماقچى بولغانلارغا نىكاھ ئوقۇشقا شارائىت بولـمىسا قانداق قىلىدۇ؟ ھەر ئىككى تەرەپ ئاتا ئانىلىرى رازىلىق بېرىشتى. توي نەغمە نورمال، ئەمما نىكاھ ئوقۇش دىننىي مۇراسىم دەپ قارالغاچ يەرلىكتىن چەكلىنىدۇ. (ھەر ئىككى تەرەپنىىڭ ئاتا ئانىسى يىنىدا بار. )

    • نىكاھنىڭ شەرتلىرى
      1- نىكاھلىنىش تەكلىپى قويۇلماقچى بولغان قىز/ئايال، نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللاردىن بىرى بولماسلىقى لازىم. بۇ ئاياللار 4- سۈرە نىسانىڭ 23- ئايىتىدە ۋە 24- ئايىتىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنىدۇ.
      2- نىكاھلىنىشنىڭ ئائىلە قۇرۇپ بالا – چاقا تېرىش نىيىتى بىلەن بولۇشى شەرت. چۈنكى 16- سۈرە نەھلنىڭ 72- ئايىتىدىكى «بالىلار ۋە نەۋرىلەر» ئىپادىسى، 30- سۈرە رۇمنىڭ 21- ئايىتىدىكى «مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق» ئىپادىلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
      3- ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا 4- سۈرە نىسانىڭ 6- ئايىتىدە نىكاھلىنىشنىڭ ۋاقتىنى زىكىر قىلىدۇ. دېمەك نىكاھلىنىشنىڭ بىر ۋاقتى بار. بۇ ۋاقىت بالاغەتكە يېتىپ، ئەقلىي جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىتقا يەتمىگەن ئوغۇلغا خوتۇن ئېلىپ بېرىش توغرا بولمىغاندەك ئۇ ۋاقىتقا يەتمىگەن قىز بالىنى ئەرگە بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ.
      4- نىكاھلىنىش تەكلىپى قويۇلماقچى بولغان ئايال ئىددەت ئىچىدە بولماسلىقى لازىم. يەنى ئېرى ئۆلۈپ قالغانلىقى ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال بۇرۇنقى ئېرىنىڭ نىكاھىدا ھېسابلىنىدۇ. 2- سۈرە بەقەرەنىڭ 228- ۋە 235- ئايەتلىرى، 65- سۈرە تالاقنىڭ 1- ئايىتى بۇنى بايان قىلىدۇ.
      5- يىگىت قىزغا (ئەر ئايالغا) تويلۇق بېرىشى كېرەك. تويلۇقنىڭ مىقدارى شۇ ئايال ياشاۋاتقان رايوندا، شۇ ئايالغا ياش، چىراي – شەكىل ۋە جەمىيەتتىكى ئېتىبار قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش كېلىدىغان ئايالنىڭ تويلۇقى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك بولىدۇ. بۇ مىقدار مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ۋە فىقىھ كىتابلىرىدا «مەھرى مىسلى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەر مەردلىك قىلىپ بۇنىڭدىن كۆپ بەرسىمۇ بولىدۇ. 4- سۈرە نىسانىڭ 4- ۋە 20 ئايەتلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
      6- قىز/ئايالنىڭ ۋەلىيىسى نىكاھنى تەكشۈرۈپ ماقۇللىشى كېرەك. چۈنكى قىز-يىگىتنىڭ ئېمىلداش ئەمەسلىكى، يىگىتنىڭ بۇ قىزغا ھەقىقەتەن لايىق بولۇپ بولمىغانلىقى ۋە بۇ نىكاھنىڭ ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن بولۇشى قاتارلىقلارنى پەقەت ۋەلىي (قىزنىڭ ئاتىسى، ئاتىسى بولمىسا ئاكا، تاغا ۋە باشقا ئائىلە چوڭلىرى) بىلەلەيدۇ.
      7- نىكاھنىڭ يۇرت-جامائەتنىڭ ھۇزۇرىدا ئېلان قىلىنىشى لازىم. يەنى توي قىلىش ۋە تويغا يىغىلغان يېقىن-يورۇق ۋە ئەل-جامائەتنىڭ ئالدىدا ئايال: «تەگدىم»، ئەر: «ئالدىم» دېيىشى ياكى «بىز تۇرمۇش قۇردۇق» دېگەندەك سۆزلەرنى دېيىشى ۋە ياكى بىر كىشىنىڭ «بۇلار بىر-بىرى بىلەن توي قىلغان بولدى» دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئەر شۇ ئايال بىلەن، ئايالمۇ شۇ ئەر بىلەن نىكاھلانغانلىقىنى ئەل ـ يۇرتقا ئېلان قىلغان، شۇنداقلا ئەر ـ خوتۇن بولۇپ ئائىلە قۇرغان ۋە نىكاھ ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ.
      توي مۇراسىمىنىڭ بۇ ئېلان قىسمىنى «ئالدىم، تەگدىم…نى» بىر كىشى ئۇلاردىن سوراش، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئايرىم ھالدا جاۋاب بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىشقىمۇ. بۇنى بىرەر ئەھلى ئىلىم ياكى بىرەر مويسىپىت ئادەم سورىسا، سوراشنىڭ ئالدىدا ئاللاھقا ھۇمدۇسانا، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام ئېيتسا، جاۋابتىن كېيىن ياخشى تىلەك ۋە دۇئالارنى قىلسا ياخشى بولىدۇ. بۇ، ئىشنىڭ ئەۋزەل تەرىپىدۇر، لېكىن شەرتى ئەمەس.

      سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى ئەنە شۇ «شەرتلەر»نىڭ ئىچىدە مەۋجۇتتۇر. بۇ يەردە شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، مەجبۇرلىنىش بار يەردە «جائىز-جائىز ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم ئەمەلدىن قالىدۇ. رۇخسەتتىن پايدىلىنىش ياخشىدۇر (قاراڭ: 16- سۈرە نەھل، 106- ئايەت).

  • بەزى ناخشىلاردا ، «يارىم مېنىڭ جەننىتىم يارسىز ھايات دوزاخ، سەن بولمىساق جەننەتكىمۇ كىرمەيمەن، سېنىڭسىز جەننەت مەن ئۈچۈن دوزاخ، يار ئوتىنىڭ ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق» … دىگەندەك مىسرالار ئۇچرايدۇ. بۇنداق مىسرالارنى يېزىش، يادلاش خاتىرلەرگە يېزىۋېلىش، ئاڭلاشتىن گۇناھ شەكىللىنەمدۇ؟

    • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
      سوئال:
      يارىم مېنىڭ جەننىتىم يارسىز ھايات دوزاخ، سەن بولمىساق جەننەتكىمۇ كىرمەيمەن، سېنىڭسىز جەننەت مەن ئۈچۈن دوزاخ، يار ئوتىنىڭ ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق… دىگەندەك مىسرالار ئۇچرايدۇ. بۇنداق مىسرالارنى يېزىش، يادلاش، خاتىرلەرگە يېزىۋېلىش، ئاڭلاشتىن گۇناھ شەكىللىنەمدۇ؟
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      جاۋابى تۈۋەندىكى يازمىدا بېرىلدى:
      بۇنداق ناخشىلارنى ئېيتىش توغرىمۇ؟
      http://www.musulmanlar.com/?p=3777

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاېالىنىڭ ھەيزىدار
    ئىكەنلىگىنى بىلـمەپتۇ شۇ ھالىتىدا سۆزىنى بېرىپ ساپتۇ تالاق چۈشەمدۇ

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەخمەت قېرىندىشىم،
      ئۇ تالاق چۈشمەيدۇ.
      بۇ توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى پەتىۋانى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ.
      بۇنداق تالاق چۈشەمدۇ؟
      http://www.musulmanlar.com/?p=2260

      ھۆرمەت بىلەن
      مۇسۇلمانلار تورى
      ئەنەس ئالىم

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم باياتىن سورغان پەتىۋارىم يوقاپ كەتتى ،تاپاممىدىم زۇڭا قايتا يېزىپ يوللۇدۇم ، سىلەدىن سورايدىغان پەتىۋارىم تۆۋەندىكىچە ؛ بىز ياپونيەدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر ياقتىن ئوقۇپ بىر ياقتىن ئىشلەپ داۋاملاشتۇرىمىز ئوقۇشۇمىزنى ، ياپونىيەدە (كونبىنى ) دەيدىغان ياۋروپالاشقان تاللا بازىرى بار ، ئادەتتە پۈتۈن ياپونيەنىڭ ھەر قانداق جايلىردا با بولغان تاللا بازىرى ، يەنى ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلاغا ئەڭ مۇۋاپىق ،ئەڭ قولاي بولغان بقر خىزمەت ئورنى ، ھازىر ياپونىيەدىكى 80% ئۇيغۇر مۇسۇلـمان ئوقۇغۇچىلار شۇ تاللا بازىرىدا ئىشلاپ ،ئوقۇشۇنى داۋام قىلىۋاتدۇ ، پەتىۋارىم بولسا ، بۇ تاللا بازىرىدا ،ھاراق با ، تاماكا با ، ھەرخىل ئورلـما خالتلىق ، يەنى تەييار ئورالـما خالتىلىق ھەر خىل تەييار گۆشلە با ، ھالا بولـمىغان توخو ، قوي كالا ، چوشقا ،گۆشلىرى با ،ئورلـمىلىق ، بۇ سەۋەپتىن بىز ئوقۇغۇچىلار ئىشلىسەك قانداق بولىدۇ بۇ تاللا بازىرىدا ، ئەەمما مۇشۇ تاللا بازىرىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشۇمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئەڭ قولاي بولغان يول ، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ بۇ كونبىنى دىگەننى (ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ) ئاكىمىزمۇ ياخشى بىلدۇ ! جاۋابىڭلانى ساقلايمەن ؟؟؟….. اللا رازى بولسۇ ن

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام ئۈمىد قېرىندىشىم، روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
      ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ بەرگەن پەتىۋاسىنى يېڭى بىر يازما قىلىپ توربېتىمىزگە يوللاپ قويدۇم.
      تۆۋەندىكى ئادرېستىن، ئۇ جاۋاپقا ئېرىشەلەيسىز.
      ياپۇنىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار «كونبىنى» دە ئىشلىسەك بولامدۇ؟
      http://www.musulmanlar.com/?p=3487

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز تەراۋىھ نامىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مۇشەققەت بوپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوقۇمىغان ئەمما ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋىرىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئىمام بۇلۇپ ئۇقۇپ بەرگەن ناماز ئىدى بىزمۇ يىللادىن بىرى ئۇقۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ نامازنى ئىسلامدا ئورنى يوق دەپتۇ .خۇددى بۇ ناماز ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋىرىدە قۇرئاننى جەم قىلغان يېڭىدىن پەيدا بولغان ياخشىلىققا ۋەسىيلە بولغان بىر ناماز دەپ قارايتتۇق مۇشنۇڭغا بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىلا ئاللاھ رازى بولسۇن.

    • جاۋاب:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېرىندىشىم سىزنىڭ تەراۋىھ نامىزى توغرىسىدىكى مەلۇماتىڭىز يېتەرسىزدەك تۇرىدۇ. چۈنكى، سۇئالىڭىزدىكى ئىپادىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەنبە كىتاپلىرىدا ئورۇن ئالمايدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئىزدىنىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرغايسىز، قاراشلىرىڭىزنىمۇ يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ باققايسىز. ئاللاھ سىزگە دىننى توغرا چۈشەنگىلى، چۈشەنگىنىڭىز بويىچە ياشىغىلى ۋە بىدئەت-خۇراپاتتىن يىراق تۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!
      بىز بۇ ناماز ھەققىدە ئىلگىرى تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئېرىشكەن نەتىجىمىزنى ماقالە سۈپىتىدە يېزىپ، مۇشۇ توربېتىمىزدە ئېلان قىلغان ئىدۇق. ماقالە ھېلىمۇ توربېتىمىزدە مەۋجۇتتۇر.

      بۇ ناماز ھەققىدە سۇئالىڭىز مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پەنجىرىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرمەكچى بولساق، دەيدىغىنىمىز تۆۋەندىكىچە:
      1. قۇرئان كەرىمدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇيدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ھەتتا ئىشارەت قىلىدىغان ھېچقانداق ئىپادە يوق. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەھەججۈد نامىزىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، خالاس. ئۇ رىۋايەتلەردىن ئىككىسى تۆۋەندىكىچە:
      ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كېچىلىرىدە بولسۇن، باشقا ئاينىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن 11 رەكئەتتىن ئارتۇق نەپلە ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.- (بۇخارى، سەھىھ، تەراۋىھ 1، تەھەججۇد 3؛ مۇسلىم، سەھىھ، سالاتۇلمۇسافىرىن 125؛ تىرمىزى، سۇنەن، سالات 208؛ نەسەئى، سۇنەن، قىيامۇل لەيل 36؛ مالىك ئىبنى ئەنەس، مۇۋەتتا، سالاتۇل لەيل 3؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 6/36، 73، 104).
      ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەھەججۈد نامىزىنى 7 رەكئەت ، 9 رەكئەت ، 11 رەكئەت ۋە 13 رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ. لېكىن 13 رەكئەت ئوقۇغان چېغىدا بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتىر ۋە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.- (بۇخارى، سەھىھ، تەھەججۇد 10).
      تۆۋەندىكى رىۋايەتتىنمۇ تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرلىرىدە ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يوق ئىكەنلىكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە پەيدا بولغانلىقى ئېنىق بىلىنىدۇ:
      ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلقارى مۇنداق دېگەن: مەن رامىزاندا بىر كېچىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مەسچىتكە چىقتىم. ئىنسانلار تارقاق ۋە چېچىلاڭغۇ ئىدى: يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقانلارمۇ بار ئىدى، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «شۇلارنى بىر قارىنىڭ ئارقىسىغا جەمئىي قىلسام، تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك» دېدى. ئاندىن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئۇلارنى ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ ئارقىسىغا جەمئىي قىلدى. كېيىن مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن يەنە بىر كېچىسى چىقتىم. ئىنسانلار بۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ قارىسىغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئۆمەر: «نېمىدېگەن ياخشى بىدئەت بۇ. بۇلارنىڭ ھازىر ئوقۇۋاتقان نامىزىدىن، ھازىر ئۇخلاپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان نامىزى ئەۋزەلدۇر» دېدى. ئۆمەر كېچىنىڭ ئاخىرىنى دېمەكچى ئىدى، چۈنكى، ئىنسانلار كېچىنىڭ ئاۋۋالىدا ئوقۇيتتى.- (بۇخارى، سەھىھ، تەراۋىھ 1871).
      دېمەككى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە مەسچىتكە بىرگە چىققان ھەمراھى ئۇ جامائەتكە قېتىلىپ ناماز ئوقۇمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۇنداق ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.

  • ئىسلامدا قەرىز بىرىش،قەرىز نى قانچىلىك بىرىش ۋەقەرىز ھۆججىتىنى قانداق يېزىش توغرىسىدىكى پەتىۋالار قانداق؟ دېدى:

    ھۆكمى قايسىلا

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام گۈزەلقىز قېرىندىشىم،
      سىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار تور بېتىمىزدىن «قەرز» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئالاقىدار يازمىلارنى تېپىپ ئوقۇپ چىقىڭ.
      مېنىڭچە شۇ يەردىن سىز خالىغان جاۋاپقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. مۇنۇ ئۇلىنىشتىن ئۇلارغا ئېرىشەلەيسىز: «قەرز»گە ئالاقىدار يازمىلار.
      بەلكىم بەقەرە سۈرىسىنىڭ 282-ئايىتىدىن مەلۇم جاۋاپقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر يەنە قانائەت ھاسىل قىلمىسىڭىز، بىز بىلەن قايتا ئالاقە قۇرۇڭ. ئۇستازلار جاۋاپ بەرسۇن.

      ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ رەببى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەر كىشىلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ، ئۇنى يازمىساڭلار ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر. ئېلىم-سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.‏
      2-سۈرە بەقەرە ، 282 – ئايەت
      مەنبە: http://www.uyquran.com

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بەزى بەدەن ۋە چاچ سوپۇنلىرى ئوخشىمىغان مىقداردا ھەرخىل —(ھارام)ھايۋانات مەنبەلىك ماي ياكى باشقا ماددىلارنى ئىشلىتىدىكەن ،ئاشۇ خىل سوپۇنلارنى ئىشلىتىشىمىز دۇرۇس بولامدۇ ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دۇرۇس بولىدۇ.
      چۈنكى ئۇ سوپۇنلارنى ھېچكىم يېمەيدۇ. پەقەت پاكلاش ۋە پاكلىنىش ئۈچۈن ياردەمچى ماددا سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇ سوپۇنلارنى پەقەت ھارام نەرسىدىنلا ئەمەس، بەلكى بىر قانچە تۈرلۈك ماددىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ياسايدۇ.
      ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھارام نەرسىلەر، خىمىيىلىك باسقۇچلاردىن ئۆتۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى يوقىتىدۇ ۋە ھالالغا ئايلىنىدۇ.
      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
      {وَمِن ثَمَرَاتِ النَّخِيلِ وَالأَعْنَابِ تَتَّخِذُونَ مِنْهُ سَكَراً وَرِزْقاً حَسَناً إِنَّ فِي ذَلِكَ لآيَةً لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ }النحل67
      «سىلەر خورمىلاردىن ۋە ئۈزۈملەردىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ۋە ياخشى رىزىق ياسايسىلەر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار.‏»
      16-سۈرە نەھىل، 67 – ئايەت. مەنبە: http://www.uyquran.com
      مانا بۇ ئايەتتە، ئەسلىدە ھالال بولغان خورما ۋە ئۈزۈمدىن مەس قىلغۇچى نەرسىنىڭ ۋە ياخشى رىزىقنىڭ ياسىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. لېكىن، 5-سۈرە مائىدەنىڭ 90-ئايىتىدە، مەس قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقى، بىر قانچە ئايەتتە ياخشى رىزىقنىڭ ھالاللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇنىڭدىنمۇ چىقىدۇكى، بىر نەرسىنىڭ ئەسلى ماددىسى ئەمەس، ئىستېمال قىلىنىش ئالدىدىكى ھالىتى ئاساس قىلىنىدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈم بېرىلىدۇ.
      ئۇنىڭ ئۈستىگە سوپۇن پەقەت تازىلىق ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىدۇر. ئۇنىڭغا ھاراملار بىۋاستە ئارلاشقان تەقدىردىمۇ، ئاخىرىدا يۇيۇلغان نەرسە ياكى بەدەن ۋە چاچ چايقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قالدۇقى قالمايدۇ.

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستازلا سىلدىن سورايدىغان سوئالىم بولسا ، (ھازىر تېخنىكىلىنڭ تەرەققى قىلىىشىغا ئەگىشىپ خۇشپۇراق ئەتىرلەنىڭ تۈرلىرىمۇ جىقلاپ كەتتى ، يەنى بىز ئامرىكا ياپونىيەدىكىلە ئۈچۈن ئەتىر سېتىۋېلىشنى ئويلىساق ئەتىرلەنىڭ تەركىبىدىكى ئەسلى ماتىرياللاغا دېققەت قىلىشقا توغرا كەلدى ، نۇرغۇن سۈرۈشتە قىلدىم ھازىرقى ئامرىكا ياپونىيەدە ئىشلەنگەن ئەتىرلەر نىڭ ئاساسىي تەركىبى بەدەنگە ئەسلا ئەكىس تەسىرى يوق ،زىيان قىممايدىغان خىمىۋىيلىك ماتىرياللىدىن ئىشلەيدىكەن ،ھەم شۇنداقلا قولتۇققا ئىشلىتىدىغان ئەتىرلەگە ،بەدەندىكى غەيرى پۇراقلانى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاز مىقتاردا ئىسپىرت ئىشلىتىدىكەن ) ئۇستازلادىن سورايدىغىنىم بىرىنچى سوئالىم 1.ئاز مىقتاردا ئىسپىرت قوشۇلغان قولتۇق ئەتىر ئىشلەتسەك بولامدۇ ؟ ئىككىنچى سوئالىم 2.ئاز مىقتاردا ئىسپىرت قوشۇلغان بەدەنگە بىۋاستە سۈرمەيدىغان قولتۇق ئەتىردىن باشقا ،كىيىم كىچەككە سېپىدىغان ئەتىرلەنى ئىشلەتسەك بولامدۇ ؟ اللا رەھمەت قىلسۇن ،جاۋابىڭلانى ساقلايمەن

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۈمىد قېرىندىشىمىز،
      پات يېقىندا سىزگە جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمىز.
      سوئال سورىغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

    • جاۋاب:
      قۇرئاندا ئاللاھ تائالا مائىدە سۈرىسىنىڭ 90-ئايىتىدە مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ پاسكىنا نەرسىلەردىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
      يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
      «ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».
      بۇ ئايەتتىە «مەست قىلغۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز «خەمر/خمر» بولۇپ، بۇ سۆز لۇغەتتە ياپماق، قاپلىماق، ئارلاشماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئىستىلاھى مەنىدە، ئەقىلنى يۆگەيدىغان، ياپىدىغان ۋە ئەقىلنىڭ نورمال فونكسىيونىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . خەمر دېگەن سۆزنىڭ بۇ ئايەتتىكى مەنىسى ئەنە شۇ ئىستىلاھى مەنىدىن ئىبارەت. ئايەتتە بۇ خەمر ۋە باشقا بىرقانچە تۈرلۈك نەرسىلەر «پاسكىنا» دەپ ئاتالغان ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا «نېرى تۇرۇڭلار» دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.
      بۇ يەردىكى پاسكىنىلىق مەنىۋى پاسكىنلىقنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: ھاراقنىڭ ئۆزى ياكى ئىشلەپ چىقىرىلغان خام ماددىلىرى، قىمارنىڭ تاشلىرى ۋە پال ئوقىنىڭ ياغاچلىرى ئەسلىدە نىجىس نەرسىلەر ئەمەس. بەلكى بۇ نەرسىلەرنى شۇ ئىش ئۈچۈن قوللىنىش نىجىسلىق ۋە پاسكىنىلىقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسپىرتنىڭ ئۆزى نىجىس ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇنى قۇرئاندا چەكلەنگەن يوللاردىن باشقا ھەرقانداق ئىش ئۈچۈن قوللانسا بولىدۇ. ئۇ ئىچىشتىن باشقا ئېھتىياجلارغا بىۋاستە ئىشلىتىلسىمۇ ياكى خۇش–پۇراق نەرسىلەرگە قوشۇلسىمۇ ياكى باشقا ماددىلار بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلسىمۇ ھېچقانداق چەكلىمە بولمايدۇ. ئايەتتە چەكلەنگەن چەكلمىگە قەتئىي كىرىپ قالمايمىز. ئۇنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىنىڭ پەرقى يوق.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز
    ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن 40 كۈن ناماز ئوقۇمامدۇ ياكى تۇغۇتتىن كىيىن قانچە كۈن ئادەت كۆرىشىگە قاراپ ئوخشاش بولمامدۇ ؟

    • جاۋاب:
      ھەيز- جىنسىي ھۈجەيرىسى پىشىپ-يېتىلگەن ئاياللارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋرىي يوسۇندا بالىياتقۇسىدىن كەلگەن قاندۇر. ھامىلىدار بولغان ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن تارتىپ ھەيز كۆرمەيدۇ، تاكى ئۇلار تۇغقاندا بالىياتقۇلىرىدىن قان كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ قان نىفاس دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى قاننىڭ بىرى كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئايال كىشى ئەزىيەت ئىچىدە ۋە ناپاك ھېسابلىنىدۇ.
      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
      «وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُواْ النِّسَاء فِي الْمَحِيضِ وَلاَ تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىَ يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللّهُ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
      «ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار . ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ»- بەقەرە 2/222.
      ھەيز ۋە نىفاس ئەزىيەت بولغانلىق ئۈچۈن ھەيز-نىفاس مەزگىلدە ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇش مەنئى قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئەزىيەتتۇر (زىيانلىقتۇر). ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايال ناپاك ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ناماز ئۆتىمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە ناماز ئۈچۈن تاھارەت (پاكلىق)نى شەرت قىلغان. قىز-خانىملار ھەيزنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىشى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پاك بولغاندىن كېيىن ئۇ كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ.
      قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىككى قان ئۈچۈن ھەيز كەلىمىسى ئىشلىتىگەن ۋە ھېچبىرىنىڭ ۋاقتى بايان قىلىنمىغان. چۈنكى بۇ قانلارنىڭ كېلىش ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى ھەر ئايال ئۈچۈن پەرقلىق بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە ھەر ئايالنىڭ قان كېلىش ئادىتى يەنى ھەيزنىڭ ياكى نىفاسنىڭ كېلىشى ئادەت بولغان كۈنلەرنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
      ئۇۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
      «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ زامانىدا نىفاسدار ئاياللار 40 كۈنگىچە ئولتۇراتتى» .
      ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە بىنتى ئەبىي ھۇبەيش: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالدىم، دائىم قان كېلىدۇ، پەقەت پاك بولمايمەن، نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ياق، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. سىز ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان مۇددەتىڭىزدە ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]
      مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ ھەبىبىگە: «ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن.

  • تەييەمۇم ئۈچۈن چوقۇم تۇپراق بولۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى ئادەتتىكى كىيىممۇ بولامدۇ؟ ( بۈگۈنكى كۈندە تەييەمۇم قىلغۇدەك تۇپراق تېپىشمۇ بىر گەپ ، يەنە كېلىپ ھىچكىمنىڭ كىيمى توپا قونغان ھالەتتە بولمايدۇ )(تەييەمۇم قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۈز كۆزدىكى توپىنى يۇيىۋېتىپ ناماز ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟

    • قۇرئان كەرىمدە تەيەممۇم توغرىلىق ئىككى يەردە مەلۇمات بېرىلمەكتە. بىرى 3-سۈرە نىسانىڭ 43-ئايىتى، يەنە بىرى 5-سۈرە مائىدىنىڭ 6-ئايىتى. بۇ ئايەتلەردە تەيەممۇمنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە تەيەممۇم قىلىنىدىغان نەرسە ۋە ئۇنىڭ سۈپىتى «سەئىدەن تاييىبەن» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. «سەئىدەن» زېمىنىىڭ يۈزى، «تاييىبەن» پاك دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن تەيەممۇم قىلىنىدىغان نەرسە زېمىننىڭ پاك يۈزىدۇر، يەنى پاك تۇپراقتۇر. شامال ۋە بوران بىلەن زېمىننىڭ يۈزىدىن ئۇچۇپ كىيىم-كىچەككە، تام، تاش، دەرەخ، … قاتارلىقلارغا قونغان چاڭ-توزانلار بىلەنمۇ تەيەممۇم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ «زېمىننىڭ پاك يۈزى» ھېسابلىنىدۇ.

  • بىر ئايال قېرىندىشىمىز تۇغۇتتىن كېيىن گەرچە قىرقى توشۇپ بولغان بولسىمۇ نىفاستىن پاك بولۇپ بولالمىغان، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن توردىن پەتىۋا ئىزدىگىنىدە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر يۇيۇنۇش دىگەندەك بەندە تاقەت قىلالمايدىغان جاۋاپقا ئېرىشكەن. http://ayallar.blogspot.be/2017/03/blog-post_22.html
    نىفاس قېنى ئۇزاققىچە توختىمىغان ئايال ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەك بولامدۇ؟ قانداق قىلىدۇ؟

    • جاۋاب:
      ھەيز- جىنسىي ھۈجەيرىسى پىشىپ-يېتىلگەن ئاياللارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋرىي يوسۇندا بالىياتقۇسىدىن كەلگەن قاندۇر. ھامىلىدار بولغان ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن تارتىپ ھەيز كۆرمەيدۇ، تاكى ئۇلار تۇغقاندا بالىياتقۇلىرىدىن قان كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ قان نىفاس دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى قاننىڭ بىرى كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئايال كىشى ئەزىيەت ئىچىدە ۋە ناپاك ھېسابلىنىدۇ.
      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
      «وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُواْ النِّسَاء فِي الْمَحِيضِ وَلاَ تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىَ يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللّهُ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
      «ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار . ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ»- بەقەرە 2/222.
      ھەيز ۋە نىفاس ئەزىيەت بولغانلىق ئۈچۈن ھەيز-نىفاس مەزگىلدە ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇش مەنئى قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئەزىيەتتۇر (زىيانلىقتۇر). ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايال ناپاك ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ناماز ئۆتىمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە ناماز ئۈچۈن تاھارەت (پاكلىق)نى شەرت قىلغان. قىز-خانىملار ھەيزنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىشى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پاك بولغاندىن كېيىن ئۇ كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ.
      قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىككى قان ئۈچۈن ھەيز كەلىمىسى ئىشلىتىگەن ۋە ھېچبىرىنىڭ ۋاقتى بايان قىلىنمىغان. چۈنكى بۇ قانلارنىڭ كېلىش ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى ھەر ئايال ئۈچۈن پەرقلىق بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە ھەر ئايالنىڭ قان كېلىش ئادىتى يەنى ھەيزنىڭ ياكى نىفاسنىڭ كېلىشى ئادەت بولغان كۈنلەرنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
      ئۇۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
      «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ زامانىدا نىفاسدار ئاياللار 40 كۈنگىچە ئولتۇراتتى» .
      ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە بىنتى ئەبىي ھۇبەيش: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالدىم، دائىم قان كېلىدۇ، پەقەت پاك بولمايمەن، نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ياق، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. سىز ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان مۇددەتىڭىزدە ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]
      مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ ھەبىبىگە: «ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن.

  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
    ئىستىراخانيە توغرۇلۇق تەكافۇل ياكى تەئاۋۇني (كاسكو) قىلسا بۇلامدۇ؟ تەپسىلي چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار ئاللاھ رازى بولسۇن

  • سوئالىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ سوراشقا رۇخسەت بەرگەيسىلەر. كېسەل، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش سەۋەبلىرى بىلەن كۆپ يىللىق روزىسى قازا قالغان بىر ئايال روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئۈمىد ئۈزگەن بولسا ھەر قانداق بىر سەۋەپ بىلەن نەق پۇلنى كافارەت ھىسابىدا بېرىلسە بولامدۇ؟ كافارەتنى بىرەر ئادەمنى چەتئەلگە يولغا سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا بەرسە بولامدۇ؟ بىر كۈنلۈك روزىغا قارىتا قانچىلىك مىقداردا پۇل بېرىلسە مۇۋاپىق؟ ئەگە كافارەت بېرىلمەكچى بولسا كافارەتنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ كىرىم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋىتى بولامدۇ؟ ئاللاھ ئەجرىڭىلارنى بەرسۇن…

  • [17:24, 19.12.2017] Bilal Abdullah: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ،مەن توي قىلغىلى 12 يىل بولدى ئايالىم بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ ئوپراتسىيە قىلدۇرغاندىن كىيىن
    تەكرار ھامىلدار بوممىدى. ھازىر بىز تۈركىيەدە تەكشۈرتىۋاتىمىز دوختۇرلار پەقەت پىروبىركا بوۋاق ئۇسۇلى بىلەنلا ھامىلدار بولۇش ئمكانى بار دىدى. پىروبىركا بوۋاق دوختۇرلىرى ئەر بولسا قانداق قىلىش لازىم. ئايال دوختۇر بار لىكىن تىخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە تەجىربىسى ئاز.بۇ ئشنىڭ ئەھلى ھەم ئۇستا دوختۇرلار ئادەتتە ئەر دوختۇرلاركەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەكلا قارارسىز قالدۇق دىنىمىزدا بۇ ئشنىڭ ھۆكۈمى نىمە؟ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن بۇ يول بىلىەن پەرزەنت كۆرۈشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا ئەر دوختۇرغا داۋالىنىش توغىرمۇ؟توغرا ئاللاھتىن ئۈمۈت ئۈزۈلمەس جانابى ئاللا بىزنى سەۋەبىنى قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنداق ئەھۋالدا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ،مەن توي قىلغىلى 12 يىل بولدى ئايالىم بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ ئوپراتسىيە قىلدۇرغاندىن كىيىن تەكرار ھامىلدار بوممىدى. ھازىر دوختۇرلار پەقەت پىروبىركا بوۋاق ئۇسۇلى بىلەنلا ھامىلدار بولۇش ئمكانى بار دىدى. پىروبىركا بوۋاق دوختۇرلىرى ئەر بولسا قانداق قىلىش لازىم. ئايال دوختۇر بار لىكىن تىخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە تەجىربىسى ئاز.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قېرىندىشىم ھازىر ئىمكانلار بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى، ھەتتا پەقەتلا ئاياللار ئىشلەيدىغان، ئاياللارنىلا داۋالايدىغان دوختۇرخانىلار ياكى بۆلۈملەرمۇ مەۋجۇت. ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان يەردە باشقا تەجرىبىلىك ئايال دوختۇرلار بار دوختۇرخانلارنى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. ئەگەر پەقەت تاپالمىسىڭىز سۇ بولمىغاندا تەيەممۇم قىلماق، باشقا يەيدىغان نەرسە تاپالمىغاندا چوشقا گۆشىنى يېيىشكە بولغىندەك، ئەر دوختۇر داۋالىسىمۇ داۋالىتىڭ.

  • ئۇيغۇرچە ئەرەپچە توغرا بولغان لوغەتنى قەيەردىن سېتىۋالالايمىز ؟
    توغرا تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە قۇرئان بارمۇ ؟ بار بولسا قەيەردىن سېتىۋالالايمىز ؟
    ئەرەپچە ئۈگىنىش ماتىرياللىرى بولسىمۇ بولىدۇ رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن .

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
      لۇغەت يوق، قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى بار.
      بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز سىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشمىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر