مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى  دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\  دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش

      دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش

 نۇرغۇنلىغان ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ راھەت – پاراغەت ئىچىدە چوڭ بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرى قىيىنچىلىق تارتسىمۇ بالىلىرىغا سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل بالىلار، دۇنيا ھاياتىنى راھەت – پاراغەت، باياشاتچىلىق، ئويۇن – تاماشا دەپ چۈشىنىدۇ ۋە بۇ چۈشەنچە ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ ئاتا – ئانىلار: «بىز بالىلىرىمىزنى ئوبدان باقتۇق» دەپ ئويلايدۇ، لېكىن بۇنداق بالىلار ئاتا – ئانىسىدىن قالسا نېمە ئىش قىلىشلىرىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ، ئۆزى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىنى قامداشنى بىلمەيدۇ، ئاتا – ئانىسىدىن قالغىنى تۈگەيدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەتتە قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشايدىغان نۇرغۇن «بايۋەچچە» لەر پەيدا بولىدۇ. دېمەك، بالىلارنى ماددىي جەھەتتىن بېقىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىنمۇ تەربىيىلەش كېرەك.

دىنىمىز ئاتا – ئانىلاردىن بالىلىرىغا دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى ۋە كېلەچەك ئەھۋالىنى تونۇتۇشنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ دۇنيانىڭ ئۇلارغا قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تايىنىشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەزرىتى لۇقمان ئوغلىغا بۇ توغرىدىمۇ نەسىھەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰبُنَيَّ أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ وَأۡمُرۡ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَٱنۡهَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَآ أَصَابَكَۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنۡ عَزۡمِ ٱلۡأُمُورِ  ١٧﴾

«ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر»[1].

ھەزرىتى لۇقمان بۇ يەردە ئوغلىنى نامازنى ئۈزلۈكسىز ئۆتەشكە يەنى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىبادىتىنى تولۇق، داۋاملىق ۋە تەلەپكە لايىق ئورۇنداشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا يەنى جەمئىيەتكە ئارىلىشىشقا، شۇنداقلا توغرىنى تەشۋىق قىلىپ خاتاغا قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىشقا يەنى جەمئىيەتتە ھەققانىيەتچى ۋە دادىل بىر كىشى بولۇپ ھايات كەچۈرۈشنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە ۋە ئەسلا بۇ يولدىن قايتماسلىققا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاتىسىز قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە تايىنىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ.

ھەزرىتى لۇقماننىڭ بۇ نەسىھەتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنىشى قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرگەن بارلىق مۇئمىنلارنىڭ بالىلىرىغا شۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[1] 31 – سۈرە لۇقمان، 17 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر