مۇسۇلمانلار
رامزاننىڭ پەزىلىتى 1

رامزاننىڭ پەزىلىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ …  ١٨٥﴾

«رامىزان ئېيى شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا[1]، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن»[2].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل – ماجرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسا ‹مەن روزىدارمەن› دېسۇن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ. بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى رەببىگە مۇلاقات بولغان چاغدا»[3].

[1] يەنى رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا،

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت.

[3] بۇخارى، «سەۋم»، 2، 9؛ مۇسلىم، «سىيام»، 164؛ مۇۋەتتا، «سىيام»، 57؛ ئەبۇ داۋۇد، «سەۋم»، 25؛ تىرمىزى، «سەۋم»، 55؛ نەسەئى، «سىيام»، 41؛ ئىبنى ماجە، «سىيام»، 1، «ئەدەب»، 58 .

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر