مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا كىيىم - كېچەك ۋە زىننەتلىنىش 1

قۇرئاندا كىيىم – كېچەك ۋە زىننەتلىنىش

كۈندىلىك كىيىم – كېچەكلەر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ قَدۡ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكُمۡ لِبَاسٗا يُوَٰرِي سَوۡءَٰتِكُمۡ وَرِيشٗاۖ وَلِبَاسُ ٱلتَّقۡوَىٰ ذَٰلِكَ خَيۡرٞۚ ذَٰلِكَ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ لَعَلَّهُمۡ يَذَّكَّرُونَ ٢٦﴾

«ئى ئادەم ئەۋلادى! بىز سىلەرگە ئەۋرەت يەرلىرىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم چۈشۈرۈپ بەردۇق. تەقۋادارلىق كىيىمى ئەڭ ياخشىدۇر[1]. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئۇلار ئويلانغاي»[2].‏

﴿وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٥﴾

«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر»[3].‏

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ بُيُوتٗا تَسۡتَخِفُّونَهَا يَوۡمَ ظَعۡنِكُمۡ وَيَوۡمَ إِقَامَتِكُمۡ وَمِنۡ أَصۡوَافِهَا وَأَوۡبَارِهَا وَأَشۡعَارِهَآ أَثَٰثٗا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ  ٨٠﴾

«ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن كۆچكەن كۈنۈڭلاردا ۋە تۇرغان كۈنۈڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم – كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىلىپ بەردى»[4].‏

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّمَّا خَلَقَ ظِلَٰلٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡجِبَالِ أَكۡنَٰنٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ سَرَٰبِيلَ تَقِيكُمُ ٱلۡحَرَّ وَسَرَٰبِيلَ تَقِيكُم بَأۡسَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡلِمُونَ  ٨١﴾

«ئاللاھ ئۆزى ياراتقان نەرسىلىرىنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن سايىلارنى قىلىپ بەردى، تاغلارنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن ئۇۋىلارنى قىلىپ بەردى، يەنە سىلەر ئۈچۈن سىلەرنى ئىسسىقتىن ساقلايدىغان كىيىملەرنى ۋە سىلەرنى ئۇرۇشتا ساقلايدىغان كىيىملەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە نېمىتىنى ئەنە شۇنداق تاماملايدۇ. تەسلىم بولغايسىلەر!»[5].‏

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّأَزۡوَٰجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَآءِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ يُدۡنِينَ عَلَيۡهِنَّ مِن جَلَٰبِيبِهِنَّۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يُعۡرَفۡنَ فَلَا يُؤۡذَيۡنَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا  ٥٩﴾

«ئى نەبىي! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: سىرتقا چىققاندا ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ تونۇلۇپ رەنجىتىلمەسلىكىگە ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[6].

﴿… وَلۡيَضۡرِبۡنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّۖ …  ٣١﴾

«مۇئمىن ئاياللار ياغلىقلىرى بىلەن بويۇن ۋە كۆكسلىرىنى ياپسۇن»[7].

بۇ ئايەتلەر، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر كىيىم كىيىشنىڭ سەۋەبلىرىنى، كىيىمنىڭ ماددىلىرىنى، كىيىمنىڭ تۈرلىرىنى ۋە كىيىنىشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.     كىيىنىشنىڭ سەۋەبلىرى

  • ئەۋرەت يەرلىرىنى يېپىش
  • ئىسسىق – سوغۇقتىن ساقلىنىش
  • زىننەتلىنىش (ياسىنىش)
  • قورال – ياراق زەربىسىدىن ساقلىنىش

2.     كىيىمنىڭ ماددىلىرى

كىيىمنىڭ ماددىلىرى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئېلىنىدىغان يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر ۋە تېرە قاتارلىق خام ئەشيالار[8]، پاختا، تاشپاختا ۋە پىلىگە ئوخشاش يىپ چىقىدىغان ماددىلار[9] ۋە تۆمۈر تۈرلىرىدۇر[10].

3.     كىيىمنىڭ تۈرلىرى

  • ئەۋرەت يەرلىرىنى يېپىش كىيىمى. بۇ ھازىرقى زاماندا ئىچ كىيىم دەپ ئاتىلىدۇ.
  • زىننەتلىنىش كىيىمى. بۇنى تاشقى كىيىم دېيىشكە بولىدۇ، ھازىرقى زاماندا كاستۇم – بۇرۇلكا، كۆڭلەك – ئىشتان، تون، پەلتو دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
  • ئىسسىق – سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىملىرى. بۇ خىل كىيىملەرنى ھەر ئىقلىمغا ۋە ھەر مەۋسۇمغا مۇۋاپىق كىيىم دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: يازلىق كىيىم، قىشلىق كىيىم، كۈزلۈك كىيىم،… دېگەندەك.
  • ئۇرۇش كىيىمى. بۇ تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىردىن ياسىلىدىغان ساۋۇت ۋە دۇبۇلغا تۈرلىرىدۇر.

ئەسكەرتىش:

زىننەتلىنىش كىيىمى بىلەن ئىسسىق – سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى ئاساسەن بىر بولىدۇ. بۇ خىل كىيىملەر ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ۋە ياشاۋاتقان رايونلىرىنىڭ شارائىتىنىڭ تەلىپى بويىچە بەزى جايلاردا ئۈچ پارچە (باش كىيىمى بىلەن ئۈستىگە كىيىدىغان كىيىم بىر پارچە، ئىشتان ۋە ئاياغ كىيىمى)، بەزى جايلاردا تۆت پارچە بولىدۇ (باش كىيىمى، ئۈستىگە كىيىدىغان كىيىم، ئىشتان ۋە ئاياغ كىيىمى). دىنىمىز بۇنىڭ ھەر ئىككىسىگە يول قويىدۇ (بۇ ھەقتە كىيىن توختىلىمىز). لېكىن كىيىمنىڭ تۆت پارچە بولۇشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • باش كىيىمى. بۇ ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ ياغلىق دەپ ئاتىلىدۇ[11]. ئەرلەرنىڭ بېشى ياكى چېچى ئەۋرەت ھېسابلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۇ ھەقتە ئىختىيارىغا قويۇۋېتىلگەن. شۇڭا خالىغانلار بېشىغا بىر نەرسە كىيىدۇ، خالىغانلار كىيمەيدۇ. نامازدىمۇ ئەرلەرنىڭ بېشىنى يۆگىشى ياكى ئېچىۋېتىشى شەرت قىلىنمىغان.
  • بويۇندىن بەلنىڭ ئاستى تەرەپكىچە يۆگەيدىغان كىيىم بولۇپ، ھازىرقى زاماندا كۆڭلەك، يەكتەك، پەرىجە، پەلتو ۋە چاپان دېگەن ئىسىملار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئاياغلارغىچە يۆگەيدىغىنى ئاياللار ئۈچۈن مۇھىمدۇر[12].
  • ئىشتان. بۇ شىم، تامبال دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  • ئاياغ كىيىمى. بۇ كىيىم ئۆتۈك، مەسە ۋە بەتىنكە دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ[13].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 223 – 226- بەتلەر.

[1] ‎‏ يەنى بەدەننى بۇ ئىككى تۈرلۈك كىيىمنى كىيىش بىلەن يۆگەپ، ئۇنى سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن ۋە يالىڭاچ قېلىشتىن ساقلىغاندەك، ئۇنى زىننەتلىگەندەك، تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت بولغان كىيىمىنى كىيىش ئارقىلىق روھنىڭ گۇناھقا بولغان ئىنتىلىشلىرىنى يۆگەش (تىزگىنلەش)، شېرىك، يامان خۇي ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلاش، شۇنداقلا ئۇنى تەۋھىد، ياخشى خۇي ۋە گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلەش ئەڭ ياخشىدۇر.

[2] 7 – سۈرە ئەئراف، 26 – ئايەت.

[3] 16 – سۈرە نەھل، 5 – ئايەت.

[4] 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت.

[5] 16 – سۈرە نەھل، 81 – ئايەت.

[6] 33 – سۈرە ئەھزاب، 59 – ئايەت.

[7] 24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت.

[9] ئاللاھ تائالا: «يىپىنى پىششىق ئېگىرىپ بولۇپ چۇۋۇۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار» دېگەن مەنىدىكى سۆزىدە (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 92 – ئايەت) يىپ چىقىدىغان ماددىلارغا ئىشارەت قىلماقتا.

[10] قاراڭ: 34 – سۈرە سەبەئـ، 10 ~ 11 – ئايەتلەر؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 25 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت

[12] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 59 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 12 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر