مۇسۇلمانلار

قازا نامىزىمنى قاچان ئوقۇيمەن؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

نېمىشقا قازا بولۇپ قالىدۇ؟ سىز ئاللاھدىن قورقمامسىز؟؟؟؟؟

ئاللاھ تەئالا ئەسىر نامىزى ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىت بەلگىلىگەن. ئۇ ۋاقىت، پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى چىققاندىن باشلاپ كۈن پېتىشقا باشلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە داۋام قىلىدۇ.

ئويلاپ باقىدىغان بولسىڭىز، ھاياتىڭىز ئىچىدە ئوقۇشىڭىزغا تېگىشلىك ھەر بىر ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى بىر قېتىم كېلىدۇ. ھەر نامازنى، ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشىڭىز كېرەك. ۋاقىت چىقىپ كەتسە كەينىگە قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىغاندەك، ئۇ ۋاقىتىنىڭ نامىزىنىمۇ قايتۇرۇپ ئورنىغا ئەكىلىش مۇمكىن ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا ناماز توغرىسىدا نۇرغۇن ئاسانلىقلارنى يولغا قويۇپ بەرگەن:

ئاللاھ تەئالا، نامىزىنى بىر يەردە تۇرۇپ ئوقۇيالمايدىغانلارغا مېڭىۋېتىپ ئوقۇش رۇخسىتى بەرگەن، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلارغا قانداق ناماز بولسا بولسۇن نامازنى بىر رەكئەتكە چۈشۈرۈپ بەرگەن. تاھارەت ئالالمىغانلارغا تەيەممۇم دەپ بىر خىل ئاسان يولنى ئىچىپ بەرگەن….

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، ھەر نامازنى، شۇ ناماز ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بىر كىشى ئۇخلاپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ ۋاقتى چىكىتىپ قالغان نامازنى ئويغانغان ھامان ياكى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇسا ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ. يەنى ئادا بولىدۇ.

ئۇخلاپ قېلىش ياكى ئۇنتۇپ قېلىشدىن باشقا ھېچبىر سەۋەب نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماسلىققا باھانە بولالمايدۇ.

ئۇخلاپ قېلىشتىن ۋە ئۇنتۇپ قېلىشتىن باشقا بىر سەۋەب بىلەن نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەن كىشى تەۋبە قىلسا بولىدۇ. باشقا چارە يوق!

باشقا تۈرلۈك جاۋاب بەرگەنلەر سىزنى ئالدىغان بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر