65 ئىنكاس بار


بار كېلىپ ئېلىۋالسىڭز بولىدۇ. ئالىملار ئارىسىدا ئىككى خىل قاراش بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان ئالىملار تەرىپىدىن كۈچلۈك دەپ قارىغان قاراش يېزىلىپتۇ. تەرجىمىگە. سىزنىڭ دېگىنىزمۇ خاتا ئەمەس.

خەدىچە دېدى:

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
قۇرئان كەرىمنىڭ سۇلامانىيە ۋەقفى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارمۇ؟كىتاب شەكلىندە؟

ماھىر تاھىر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، مېنىڭ بىر قانچە سوئاللىرىم بار ئىدى. ئىسلام دىنىدىكى داموللا دېگەن شەرەپ ياكى ئۇنۋانغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل ۋە ۋاقىت كېتىدۇ؟ مەسىلەن بىر بالا 7 يېشىدىن باشلاپ مۇشۇ ساھەگە كىرسە نەچچە يىلدا خەلق ئېتراپ قىلىدىغان داموللا بولالايدۇ؟ ئەگەر مۇقىم ۋاقتى بولمىسا كۆپ بولسا نەچچە يىل ئاز بولسا نەچچە يىل؟ بۇندىن باشقا ھەرقايسى دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ داموللا بولۇش ئۆلچىمى ئوخشاشمۇ ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىممۇ ؟ داموللا بىر دىنىي مەدەنىيەت دەرىجىسى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ شىئە سۈنئىي ياكى سوپى ۋاھابىي دېگەنلەر بىربىرىنىڭ داموللىرىنى بىردەك ئېتراپ قىلامدۇ ياكى پەرقلىق كۆرەمدۇ؟

مۇسۇلمانلار دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، مېنىڭ بىر قانچە سوئاللىرىم بار ئىدى. ئىسلام دىنىدىكى داموللا دېگەن شەرەپ ياكى ئۇنۋانغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل ۋە ۋاقىت كېتىدۇ؟ مەسىلەن بىر بالا 7 يېشىدىن باشلاپ مۇشۇ ساھەگە كىرسە نەچچە يىلدا خەلق ئېتراپ قىلىدىغان داموللا بولالايدۇ؟ ئەگەر مۇقىم ۋاقتى بولمىسا كۆپ بولسا نەچچە يىل ئاز بولسا نەچچە يىل؟ بۇندىن باشقا ھەرقايسى دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ داموللا بولۇش ئۆلچىمى ئوخشاشمۇ ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىممۇ ؟ داموللا بىر دىنىي مەدەنىيەت دەرىجىسى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ شىئە سۈنئىي ياكى سوپى ۋاھابىي دېگەنلەر بىربىرىنىڭ داموللىرىنى بىردەك ئېتراپ قىلامدۇ ياكى پەرقلىق كۆرەمدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
سىز مۇنداق دېمەكچى ئوخشايسىز؛ بىر بالا دىندا ئوقۇسا قانچە يىلدا يېتىشكەن ئالىم بولالايدۇ؟ بۇنىڭ ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟
سىز بۇ يەردە دامۇللا دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپسىز ھەم سىزنىڭ كاللىڭىزدا بۇ سۆز توغرىسىدا گۇڭگىلىق بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەسىلەن:
دامۇللا دېگەن سۆز دىنىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان خاس بىر ئاتالغۇ ئەمەس، دىنىمىزدىكى بىر شەرەپ، مەرتىبە ئۇنۋانىمۇ ئەمەس. بۇ ئوتتۇرا ئاسيا مەدرىسىلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان، بولۇپمۇ بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئوقۇپ دەرسىنى تاماملاپ چىققان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئۇنۋاندۇر. بۇ سۆز، بىزگە ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىن كىرىشى ھەم ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇ تەرەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ كېلىشى بىلەن ئەينى شەكىلدە تىلمىزغا كىرگەن دىيەلەيمىز. بۇ ئۇنۋان ئاساسەن مەدرىسە مائارىپىغا خاس دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇنۋان ھازىر دوكتۇر، پرۇفىسورغا تەڭ كېلىدۇ؛ تۈركىيە، مىسىر… قاتارلىق باشقا نۇرغۇن ئىسلام ئەللىرىدە زامانىۋى دىنىي مائارىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار دامۇللام ئەمەس، ئوقۇش سەۋىيەسىگە قارىتا باكالاۋر، ماگىستىر، دوكتۇر، دوتسېنت، پروفېسسور دەپ ئاتىلىدۇ. پاكىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى دىنىي مەكتەپ ۋە مەدرىسىلەردە ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ چىققانلارغا مەۋلىۋى ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ سۆز ھازىر ئۆزىنى مۇجاھىد دەۋالغانلارنىڭ ئارىسىدا دىنى رەھبەر، قۇماندان مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ۋاقتىغا كەلسەك، بۇ ئۇنۋان ئىلىمنىڭ ئاخىرقى چېكى ئەمەس، بەش يىل ياكى 10 يىل ئوقۇپ دامۇللا دېگەن ئۇنۋاننى ئېلىش ھەممە نەرسىنى ئۆگىنىپ تۈگىتىپ بولدى دېگەنلىك بولمايدۇ. ئىلىم ئۆگىنىش ئۆلگىچە داۋام قىلىدۇ، تۈگەپ قالمايدۇ.
دامۇللا دېگەن سۆزنى دىنى مەدەنىيەت دەرىجىسى ئەمەس مەلۇم شەخسنىڭ دىنى سەۋىيەسىنى كۆرسىتىدىغان بىر سۆز دېسەك خاتالاشمايمىز.
شىئە، سۈنئىي، سوپى، ۋاھابىي دېگەندەك ئېقىملار بىر دىنغا مەنسۇپ بولسىمۇ بۇنداق پەرقلىق ئىسىملار بىلەن ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ مەزھەب ۋە ئېقىملارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم – ئايرىم موللىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شىئەلەر موللىسىنى ئىمام، مەھدى؛ سوپىلار بولسا خۇجا، پىر، ئىشان ئاخۇن، مەخدۇم ئەزەم…؛ ۋاھابىيلار بولسا شەيخ، ئۇستاز دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ. بۇلار بىر قىسىم مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىردە بولسىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىر بىرىنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلمايدۇ. يەنى ھەر بىرىنىڭ موللىسى ئايرىم بولۇپ بىر – بىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا دامۇللا دېگەن سۆز ئىلمى ئۇنۋان بولۇشتىن زىيادە، مەدرىسىلەردە كلاسسىك دىنى كىتاپلارنى تەييارلىق قىلماستىن ئۆگىتەلىگىدەك سەۋىيەدىكى ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىپ خەلقىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەن ھۆرمەت سۆزى بولسىمۇ، كۈنىمىزدە بەزى قىزىل كۆزلەر ئۇ سۆزنى خەلقىمىزنىڭ دىنغا ۋە ئىلىمگە بولغان ھۆرمىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئۈچۈن قوللانماقتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ دېققەت قىلىشى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئىلمى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىلىمنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ يېتىشىش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە بېرىشى، شۇنداقلا ھەر جەھەتتىن ياردەمچى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسىدە يېتىشىشىگە ياردەمچى بولۇشى لازىم.

بۇرادەر دېدى:

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
قۇرئان كەرىمنىڭ سۇلامانىيە ۋەقفى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارمۇ

ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق دېدى:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر قېرىندىشىم، بار.
سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى» بار.
مۇنۇ ئۇلانمىدىن ئۇ توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. http://www.musulmanlar.com/?page_id=2728
يەنە مۇنۇ ئۇلانمىدىن بىر خالىسانە پىداكار قېرىندىشىمىزنىڭ 2017 رامىزاندا ئوقۇغان ئۇ تەرجىمىنىڭ تامامىنى تىڭشىيالايسىز.
https://www.youtube.com/watch?v=hj0CXO-UNvg&list=PLmzPlt07BuCz3d8vSL0K2DMy-BAlsLFXJ

ئۇيغۇربەگ دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ توربەت ھېلىھەم باشقۇرلىۋاتامدۇ ياكى تاشلىنىپ قالدىمۇ؟

alimoglu دېدى:

ھەئە باشقۇرىلىۋاتىدۇ

alimoglu دېدى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بولىدۇ.

ئابدۇمىجىت ھاجىئەكبەر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز :
سوئال-مەسچىتتە جامائەت بىلەن پەرىز نامازنى ئوقۇپ سالام بىرىپ بولغان دىن كىيىنلام مەسچىتتىن چىقىپ كەتسە بولامدۇ؟ خەتلىرىم يوللانمايۋاتىدۇ.

alimoglu دېدى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بولىدۇ.

ئەمەرجان دېدى:

ھۆرمەتلىك ئۇستاز .سزنىڭ خۇپتەننىڭ ۋاقتى قاچان؟ دېگەن پەتۋارىڭزنى كۇرۇپ بەكمۇ خوش بۇلدۇم .چۈنكى مەن ئۇزۇندىن بىرى خۇپتەن نامىزنى بامداتتىن بۇرۇن ئوقۇپ كەپتكەنمەن ئەمدى بىلۋالدم رەخمەت سىلگە ئۇستاز بىز سىلدەك ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئىمان ـ ئىتقادى ئۈچۈن ھارماي تالماي، زىرىكمەي ـ تىرىكمەي مىھنەت تۆكىۋاتقان ئۇستازمىزدىن پەخىرلنىمز.ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن

ئېھسان دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …ھۆرمەتلىك ئۇستاز ، سىزدىن ۋە ھاياتىنى باشقىلارنىڭ دىنى ئىتقاد ،ئەقىدىسىنى توغىرلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كىشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن . ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن . ئاللاھتىن ئالىملىرىمىز ئارقىلىق بىزنى كۈچلەندۈرۈشنى تىلەيمەن .

ئابدۇ غەني تۇسۇن دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك ئۇستاز مەن دىمىدە توغرىلۇق پەتىۋا سۇرىغانمەن ئۇ ئايەتلەرنى ناھايىتمۇ رۇشەن چۇشەندىرىپسىز ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن ! گەپلىرىم جىق ئېدى ۋاقتىم يار بەرمىدى ئاللا ئۆمرىڭىزني ئۇزۇن قىلسۇن ئامىن!

قاراـتۇرىك دېدى:

مەن سىلىنىڭ خەتمە ھەققىدە مۇنازىرە دىگەن ماقاللىرىنى ئۇقۇپ سىلىنىڭ ئاللاھ يۇلىدا قىلغان جىھاتلىرىنىڭ ئاللاھقا يىتىپ بېرىشىنى تىلىدىم.مەن ئەزەلدىن دىنى مەزھەپكە قىزىقمايمەن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ مۇمكىن بولسا مۇشۇ مۇسۇلمانلار نامىدىكى تور بەتكە كىرىپ ئۇزىنىڭ مەنۋىيتىدىكى بوشلۇقنى تۇلدۇرغان بولسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ـ ھە،دەپ ئويلاپ قالىمەن.زېھنى ئويغاق ئەقلى پۇتۇن ئويغۇرۇم بىر كۇنى ئەمەس بىر كۇنى مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەپرىقىچىلىق ،گوروھۋازلىقنىڭ زىينىنى ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتى بىلەن چۇقۇمكى چۇشنۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلايمەن .ھەممىدىن ئۇلۇغ كەرەملىك زات ئاللاھ دىن يولىدا قىلغان ئەجىرلىرىنىڭ ساۋابىنى ھەر ئىككىلا ئالەمدە بەرسۇن.

قاراـتۇرىك دېدى:

ئەسسىلام ـ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىىك مۇسۇلمانلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى. مەن يېقىندىن بۇيان سىلىنىڭ ئۇقارمەنلەرنىڭ سۇئالىغا ئاۋال قۇرئاندىن ئاندىن راس ھەدىسلەردىن يىمىرىلمەس پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بەرگەن قايىل قىلارلىق جاۋاپلىرىدىن سۇيۇنۇپ ئۇقۇپ كىلۋاتىمەن.ئاللاھ مۇشۇ زاماندا قىلغان ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.تۆھپىلىرىنى زىيادە مەرتىۋىلىرىنى ئۇستۇن قىلسۇن.

خۇجىئابۇدۇللاھ دېدى:

ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇلفەتىھ ئەپدندىم: مدن تور بېتىڭلارنىڭ سادىق ئىشتىراكچىسى، مەن بىر ئتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى. تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەدىپلەر، ئالىملار،يازغۇچى ـ شائىرلار مىللەتتىكى ئىللەت توغرۇلۇق ھەم مىللەتنى ئىلىم ئۈگۈنىشكە چاقىرىق قىلىش توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەسەر ۋە ماقالىلارنى يازغان بولسىمۇ ، بۇ چاقىرىقلار پەقەت ئنساننىڭ چاقىرىقى، ھەم ئىنساننىڭ تەشەببۇسى بولغاچقا، كىشىلەر جۈملىدىن كەڭ ئۇيغۇر مىللىتى بۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ مېڭىۋەردى. ئىلىم ئېلىشنىڭ اللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا بۇيرۇلغان كاتتا پەرىز ئش ئىكەنلىگىنى بىرەرسى سىزدەك ئسلامنىڭ تۈپ ماھىتىدىن چۈشۇنىشلىك، قايىل قىلارلىق قىلىپ مىللەتكە چۈشەندۈرۈپ باقمىغان ئىدى. شەخسەن مەنمۇ بۇ جەھەتتە بىرەر نەرسە يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ تەۋھىد ئىلمى جەھەتتىن بىلىمىم بەك كەمتۈك بولغاچقا يازالمىغان ئىدىم مانا بۈگۈن سىزنىڭ « ئىلىم ھەقىقىي يېتەكچىدۇر» ناملىق ماقىلىڭىزنى ئوقۇپ دىلىم يايراپ كەتتى“«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق بىر قاندىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- ئەلەق 96/1-5. مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇغۇنىمدا كۆزياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى. مىھرىبان اللاھ ئۆز بەندىلىرىگە بولۇپمۇ ئۆزىگە ئىبادەت قىدىغان مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئىلىم ئارقىلىق ئۆز ياراتقۇچىسىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇشقا ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ۋەقىقىي چۈشۇنۈپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىشقا،ئىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئىلىم ئارقىلىق ”باشقىلارغا“ بوزەك بولماسلىققا بۇيرۇغان ئىكەن. دەل سىىز ئېيتقاندەك بىزدىكى “ جاھىللىق كېسىلى“ ماڭغان يولىنىڭ خاتالىقىنى، قىلغان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يانماسلىق،ھەتتا باشقىلارغا توغرا قىلىپ كۆرسىتىش،“ئۇچچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك مەنپەتىنى مىللەتنىڭ مەنپەتى ئۈستىگە دەسسىتىش يەنى مۇناپىقلارنىڭ كۆپۈيىپ كېتىشى،“يەنە بىرى قورقۇش كېسىلى“ قورقۇشقا تىگىشلىك بولغان اللاھدىن قورقماي بەندىنىن قورقۇپ گۇناھ ئىشلارنى قىلىش. مانا مۇشۇ ئۆتكۈر ۋىرۇسقا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەل مىز مىللەنىڭ روھىنى چىرىتىپ بىزنى بۈگۈنكىدەك بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن. «ئاللاھ، ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11. بۇ اللاھنىڭ بىزدەك قەۋىمگە قىلغان مەردانە نەسىھىتى. كىمىكى اللاھنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدىكەن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنمايدىكەن ئۇ مەڭگۈ “ بىچارىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەربىيە سۈپىتىدى سۆزلەپ بەردىم. سىزگەكۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ تۆھپىڭىز ئۈچۈن اللاھ سىىزگە جەننەت ئاتا قىلغاي ئامىن.

داردا دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم: ئۇستازلار سىلەرگە ئاللاھدىن تىنىڭلارنىڭ شىپالىقىنى ۋە قوللىرىڭلارغا دەرىت بەرمەسلىكىنى تىلەيمەن. مەن سىلەرنىڭ بۇ بېغىڭلاردىن ئۇزۇق ئېلىپ ئەقىدەمنى رۇسلىۋالدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بۇلدۇرمەن

ئابدۇللا دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇلفەتىھ مەن بۇ تور بېتىڭلارنى زىيارەت قىلىۋاتقىلى خېلى ئوزۇن بولدى.
مەن بۇ تور بەتتىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم.ب تور بەتتىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.
مەن سىلىگە ۋە سىلەرگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.ئاللاھ ھەممىڭلارغا كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.!!!

ئالىمجان دېدى:

ئەسسالام ئەلەيكۇم :
ھۆرمەتلىك ئابدۇلفەتىھ ئۇستاز ۋە مۇسۇلمانلار تورنىڭ ئەزىر قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشتىراكچىللىرى. ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئىمان ـ ئىتقادى ئۈچۈن ھارماي تالماي ، زىرىكمەي ـ تىرىكمەي مېھنەت تۆككىنىڭلادىن ئاللاھ راززى بولسۇن .بىزمۇ جۈملىدىن مەنمۇ ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىلەرنىڭ پاك ئىمان ئىتقاد ۋە شەخسىيەتسىز تۆھپەڭلار تۈرىتكىسىدە ئۆز ئىمانىمنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىشقا ، پاكلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم . بۇ بىدئەت، كۇفرى زالالەتكە تولغان زاماندا سىلەرنىڭ ئىمان يۇلىدا ئالغان قەدىمىڭلارغا قالدۇرغان ئىزىڭلارغا مۇبارەك !!! ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ۋاقىتلىق ئەمما بىزگە شىرىن تۇيۇلىدىغان ئۆتكۈنچى ھاياتنى ھەقىقى بىر مۇسۇلمان ھالەتتە ياشاپ ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ ئەيلىسىۇن ئامىن! . مەن بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ئىمان ئىتقادتا يىتەكچىلىك رول ئويناۋاتقان ئۇستازىمىز ئابدۇلفەتىھ ئاكىمىزغا ۋە ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىۋاتقان شەخسىيەتسىز تۆھپىكارلىرىمىزغا، ئۈزىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئىمان ئەقىدىسىنى توغىرلاش يۇلىدا جان كۆيدىرىۋاتقان پىدائىيلارغا تەشەككۈر ۋە سالىمىمنى يوللايمەن . ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تىنىنى سالامەت ئىشلىرىنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن . ئامىن !

alimoglu دېدى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ھۆرمەتلىك ئىپار قېرىندىشىم! سىز دەرس خانىغا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تىزىملىيالمايسىز. سىزنى بىز تىزىملايمىز ۋە سىزگە بىر قوللانغۇچى ئىسىم بىلەن بىر شىفرە (مەخپىي نومۇر) ئەۋەتىمىز. ئاندىن سىز شۇ ئىسىم بىلەن مەخپىي نومۇرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرس خانىغا كىرەلەيسىز ۋە دەرسنى ئاڭلىيالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ تۆۋەندىكى 4 نەرسىنى «پىكىر دەپتىرى» مىزدىن بىزگە يوللاپ بېرىشىڭىز شەرت:
1- ئىسمىڭىزنى،
2- فامىلىڭىزنى،
3- قوللانغۇچى ئىسمىڭىزنى،
4- ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى.
دېمەك، دەرسكە كىرىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ ئالدىن دەرس خانىمىزغا ئەزا بولغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئەزا بولۇشىڭىز ئۈچۈن يۇقىرىدىكى تۆت نەرسىنى بىزگە يوللاپ بېرىشىڭىز لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىز سىزنى دەرس خانىمىزغا تىزىملاپ ئاندىن سىزگە بىر قوللانغۇچى ئىسىم ۋە بىر مەخپىي نومۇر يوللاپ بېرىمىز. بۇلار سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن سىز شۇ قوللانغۇچى ئىسمىڭىزنى «دەرس خانا» مىزنىڭ «دەرسكە كىرىش» بۆلۈمىدىكى « Kullanıcı Adı (قوللانغۇچى ئېتى)» نىڭ ئاستىدىكى بوشلۇققا، مەخپىي نومۇرىڭىزنى «Şifre (شىفرە)» نىڭ ئاستىدىكى بوشلۇققا كىرگۈزۈپ، ئاندىن «Siteme Gir (سىستېمىغا كىر)» گە باسسىڭىز شۇ كۈننىڭ چېسلاسى ۋە 24 سائەتلىك ۋاقىت جەدۋىلى يېزىلغان بىر بەت ئېچىلىدۇ.
قارىسىڭىز تېخى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولسا ھېچبىر چېسلانىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىرەر بەلگە كۆرەلمەيسىز. ئەمما ۋاقتى كەلمىگەن، لېكىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرس بولسا بىر چېسلانىڭ ئوڭ تەرىپىدە مەلۇم بىر رەقەم كۆرۈنىدۇ. بۇ رەقەمنىڭ يېنىدا يېشىل بەلگە بولسا دەرسنىڭ ۋاقتى كەلمىگەن، شۇنداقلا باشلانمىغان بولىدۇ. ئەگەر دەرسنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا ئۇ رەقەمنىڭ ئۈستى قىزىل رەڭلىك كۆرۈنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن سىز مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسىنى قىزىل رەڭ بىلەن ئىشارەتلەنگەن رەقەمنىڭ ئۈستىگە چەكسىڭىز يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ ۋە ئۇ كۆزنەكتىكى «Gir (كىر)» نىڭ ئۈستىگە باسسىڭىز دەرس خانىغا كىرگەن بولىسىز. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر قۇلىقىڭىزدا قۇلاقلىق (ئەرجى) بولسا دەرسنى ئاڭلاشقا باشلايسىز.
سىز دەرس ئاڭلاۋاتقان چاغدا ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدە دەرس سۆزلەۋاتقان كىشى كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى كۆزنەكتە دەرس ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ ئىسىملىرى كۆرۈنىدۇ. ئېكراننىڭ سول تەرىپىنىڭ ئاستىدا خەت يازغىلى بولىدىغان بىر كۆزنەك بار. دەرسنىڭ ئاخىرىدا دەرس بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىڭىزنى ئۇ يەرگە لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن يېزىپ ئەۋەتەلەيسىز، شۇنداقلا جاۋابىنى نەق مەيداندا ئالالايسىز.
يەنە بىر گەپ سىز خالىغان چېغىڭىزدا دەرس تىڭشىيالمايسىز. ھەپتىدە ئىككى قېتىم دەر بار. «دەرس ئېلانى» دىن شۇ دەرسلەرنىڭ كۈنىنى ۋە سائىتىنى بىلىۋېلىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كىرسىڭىز ئاندىن دەرسىمىزنى تىڭشىيالايسىز.
ئاللاھقا ئامانەت

ئپار دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇسۇلمانلارتوربېتىدىكى ھۆرمەتلىىلك ئۇستازلارۋەتوردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئاللاھ ئىگەم تىنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخىت ـسائادەت ئاتا قىلسۇن !!! مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئاللاھنىڭ رازى بۇلىدىغان ياخشى بەندىلىرىدىن بۇلۇشنى مەخسەت قىلىپ ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ،بىراق مىڭەمدە ئىسلام ھەققىدە سۇزۇك بىر ئاڭ شەكىللەنمىگەن ئىدى.بىر كۇنى كومپىيوتىر دەرىسدە تۇيۇقسز بۇتور بېتىگە كىرىپ قالدىم.شۇنىڭدىن بىرى بىرنەچچە ئاي بۇلدى ئىزچىل تور بېتڭلارنى كۇرۈپ كىلىۋاتىمەن.ۋەنۇرغۇن سۇئاللىرىمغا قۇرئان ۋە ھەدىس پۇتۇنلىكى ئاساسىدا قايىل قىلارلىق جاۋاپ تاپتىم.منىڭمۇ چايىخانا ئەزاسى بۇلۇپ،دەرىسىڭلارنى ئاڭلىغۇم بار.بىرا بڭرنەچچە قېتىم سىناپ باقتىم كىرەلمىدىم.ماڭا ياردەم كلىشىڭلارنى سۇرايمەن.ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ ئەجىرلەر بەرسۈن!!

ئالىمجان دېدى:

ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمىتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇ
بۇ تور بەتنى قۇرغان ۋە قۇرۇشقا ياردەملەشكەن ئۇستازلارغا سېغىنىشلىق سالام يوللايمەن.ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن.ئاللا ھ ھەممە ئىشلىرىڭلانى ئاسانلاشتۇرسۇن.تىنىڭلارنى سالامەت،ئىمانىڭلانى تىخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن.ئەزالارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلدن جاۋاپ بەرگەن ئۇستازلارغا كۆپتىن —كۆپ رەخمەت!!!

رازىيە دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىلك ئۇستازلارۋەتوردىكى بارلىق قېرنداشلار!ئاللاھ ھەممىمىزگەدۇنياۋەئاخىرەت ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!مەن بۇتوربەتنى كۆرگىلى بىريىلدەك بولدى.ئوتتۇرغا قۇيۇلغان سۇئاللارغابەرگەن جاۋاپلارغا،مەن ھەقىقەتەن قايىل ۋەمايىل.

تۇرسۇنمۇھەممەت دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىدىكى ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ،ۋە توردىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم ،ئاللاھ سىزلەرنىڭ تېنىڭىزلارنى سالامەت قىلسۇن ،ئىككىلى دۇنيالىق ئىشلىرىڭىزلارغا ئاسانلىق بەرسۇن ،

ئەنسار دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تۇرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىللىرى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ توغرا يۇلىنى تاپقان قېرىنداشلار ، توغرا يولنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق بىلىم ئېلىپ تىرشىۋاتقانلار . ئۇلۇغ اللە ھەممىزنى توغرا يول ئۈستىدە قىلغاي ئامىن .
دىمەكچى بولغىنىم : مەن مۇسۇلمانلار تورىنىڭ مىھنەتكەش قۇرغۇچىللىرى يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرگەن چايخانا سەھىپىسىگە ئۇستازلانىڭ ياردىمى بىلەن ئەزا بۇلغان ئىدىم ، بۇ چايخانىغا كىرمەكچى بولغىنىمدا بىر قانچە قېتىم چايخانىغا كىرەلمەي مەغلۇپ بۇلۇپ ئۇستازلارغا كىرەلمىگەنلىك سەۋەبىمنى دەپ خەت قالدۇردۇم ، بىراق ئۇستازلار ماڭا [ باشقىلار كىرەلدى ، بۇ ئۈزۈڭىزدىكى مەسلە ئىكەن ، داۋاملىق تىرشىڭ ] دەپ تەسەللى بەردى ، بۇگۇن ( پەيشەنبە ) مەن بۇ چايخانىغا ئوڭۇشلۇق كىردىم ، بىراق ئاۋازنى ئېنىق ۋە تۇلۇق ئاڭلىيالماي ناھايىتى بىئارام بولدۇم ، قۇلاق تىڭشىغۇچ ئالماشتۇردۇم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا قۇلامدىن كەلگەن ھەممە ئىشنى قىلدىم يەنىلا نەتىجە ياخشى بولمىدى ، مەن تۇيۇقسىز باشقا توربەت ئېچىپ ( مەسلەن : ناخشا چىقىدىغان توربەت ) قۇلاق تىڭشىغۇچنى سىناپ باقاي دەپ چايخانا توربەت كوزنىكىنى پەسكە چۈشۈرۈپ قۇيۇپ ، باشقا تور بەتنى ئېچىپ ناخشا قۇيىدىغان ۋاقىتقىچە ھەيران قالدىم ئۇستاز ئەبۇلفاتىخ ئەپەندىنىڭ ئاۋازى شۇنداق جانلىق ۋە راۋان چىقىۋېتىپتۇ . شۇڭا چايخانىغا كىرگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا دەپ قويماقچى بولغىنىم : 1 ـ چايخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن چۇقۇم كومپىيۇتېرغا قۇلاق تىڭشىغۇچنى ئۇلاش شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ چايخانا كۆزنىكىنى پەسكە چۈشۈرۈپ قۇيۇش . 2 ـ چايخانىغا كىرگەندىن كىيىن ھەر قانداق مۇناسىۋەتسىز توربەتلەرنى تاقاپ دەرىسنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش . 3 ـ كومپىيۇتېردا ساقلانغان ناخشا ـ مۇزىكا ۋە كىنو قاتارلىقلارنى تۈرلۈك قويغۇچلار بىلەن قۇيۇپ قويماسلىق ( دىمەكچى بولغىنىم كومپىيۇتېردىكى بارلىق ئاۋازلىق نەرسىلەرنى ئۈچۈرۈپ ، ئاۋاز يۇلىنى پەقەتلا شۇ چايخانا سېستىمىسىغا بۇشۇتۇپ بىرىش )
مەن دەسلەپكە قەدەمدە چايخانىغا كىرىپ چايخانا ئاۋازىنىڭ بىردە بار ـ بىردە يوق بۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى يۇقارقى ئىشلاردىن كۆردۈم ۋە ھىس قىلدىم . چايخانىغا كىرمەكچى بولغان بارلىق قېرىنداشلار يۇقاردا مەن ئوتتۇرغا قويغان 3 تۈرلۈك ئىشتىن ساقلانسىلا ئۇستازلارنىڭ مۇبارەك ئاۋازىنى شۇنداق ئېنىق ۋە راۋان ئاڭلىيالايدۇ . يەنە باشقا قېرىنداشلارنىڭ چايخانىغا مۇناسىۋەتلىك تۇسالغۇلارغا جاۋاپ تاپقانلار بولسا پىكىر دەپتىرىگە ئېغىر كۆرمەستىن خەت قالدۇرۇپ ئەسكەرتىپ قۇيىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن . قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويغان بولسام مىنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سۇرايمەن . ئۇلۇغ اللە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا تەقۋادارلىق ئالى ھىممەت ئاتا قىلسۇن ئامىن !

باتۇرجان دېدى:

ئەسسالامۇ.ئەلەيكوم؛مۇسولمانلار،تورېدكې،قرېنداشلار،مەن2يېل،
بولدې،بو،تور،بەتنې،كوروۋاتېمەن.
سېلەربارېلق،سۇئاللارغا،توغرا،جاۋاپ،بەردېڭلار
،مەن،سېلەرگە،كۇپ،رەخمەت،ئيتېمەن،ئاللا،سلەرگە،كوپ،ئەجېر،بەرسون،

روزىمەت ئوبۇل دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ، سىلەرنىڭ سورىغان سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭلار ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ، دەلىللىك بولۇپ كىلىۋاتقان ، بۇقىتىم چايخانا قۇرغىنىڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق ، مىھرىبان ئاللا ئۇستازلارغا رەھمەت ئاتا قىلسۇن ، ئاللاھ بىلىمىڭىزلارنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن ، ئامىن !!!

سىددىق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمىتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ…ھۆرمەتلىك ئۇستازلار…
مەن نۇرغۇنلىغان ئىسلامى تور بىكەتلىرىنى كۆردۈم ،بىراق بۇچايخانا مەن كۆرگەنلىرىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخسىشى. قانداق دىگەندە، پەتىۋالارغا بىرىلگەن جاۋاپلار ناھايىتى كەسكىن ،ھەم كۈچلۈك دەلىلگە ئىگە ،تولىمۇ قايىل قىلارلىق،ھەم ئىخچام،زامانىمىزدا ئەۋىج ئېلىۋاتقان بىدئەت، خوراپاتلارغا كۈچلۈك رەددىيە بىرىلگەن، ئۇستازلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
…..!!!!!

باۋدۇنجان دېدى:

ئەسسەلاممۇ ئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك ئۇستازلىرىم مەن نەچچە ۋاقىتىن بۇيان تورغا چىقىپ قالسام كىنو كۇرۇش ناخشا ئاڭلاش چ چ دا پاراڭلىشىشنى بىلىپ مۇنداق مۇسۇلمانلار تور بىتىنڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن 20012 يىل 9 ئاينڭ 8 كۇنى تۇنجى قېتىم تورغا چىقىپ پەتىۋا سورىدىم ، سۇئالىمغا مەن رازى بولغۇدەك جاۋاپنى ئالدىم اللەغا كۇپ تەشەككۇر مەن ئنتايىن خوشال بولدۇم ،مەن داۋدملىق چىقىپ تۇرىمەن، سورىغان ھەر بىر سۇئالىمغا ئۇستازللرىمنڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ جاۋاپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەخمەت

ئاينۇر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھۇ !
بۇ تور بەتنى قۇرغان ۋە پىكىرلەرنى بەرگەن تورداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . رەھمەت سىلەرگە،مەن بۇ تور بەتتىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. يەنە داۋاملىق كىرىپ تۇرىمەن . رەھمەت!!!! ئاللاھقا كۆپ تەشەككۈر !!!1

زىننەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھۇ!
مىھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھىم قىلغان ئەمگىكىڭلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.رەھمەت سىلەرگە!بۇ توربەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدە نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ جاۋابى تۈگۈن ۋە غۇۋا ئىدى.ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن بۇ توربەتكە كىرىپ كۆڭلۈمدىكى نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئەتراپلىق دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق ئايدىڭلاشتى.ۋە بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمغا چىن دىلىمدىن تۆۋبە قىلسام ۋە خاتالىقلىرىمنى قايتا سادىر قىلمىسام مەن يەنىلا مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھىمنىڭ چەكسىز ھىممىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىمدىن شۇنچىلىك خۇش بولدۇم.
ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ياشلارنىڭ بۇتوربەتتىن ئىبرەت ئېلىپ قىلغان گۇناھلىرىغا تۆۋبەقىلىپ ئاللاھ يولىدا مېڭىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.ئاللاھ ھەر بىر قېرىندىشىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!

مۇھاپىزەت قىلغۇچى،قوغدىغۇچى ئاللاھنىڭ بەندىسى دېدى:

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھۇ !
كۆڭلۈمدە تۈگۈچ بوپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ ئەتراپلىق .ئاددىي ،چۈشىلىشلىك دەلىللىرى ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىپ ،دىلىم يورۇق ،كۆڭلۈم ئازادە بوپ قالدى .رەھمەت سىلەرگە !
ئۇلۇغ ئاللاھ قىلغان ئەمگىگىڭلارغا ھەسسىلەپ ئەجر ئاتا قىلسۇن ،ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ،رەھمىتى ھەممىمىزگە بولسۇن!
ئامىين!!!!

لوتفىيە دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ!!!
ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئىنتىلگۈچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئاللاھ سىلىلەردىن رازى بۇلسۇن!!! ئۇلۇغ ئاللاھ سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!!!
قەلەم تۇلپارلىرىڭلار ھارمىسۇن!!!
مەن ئىلگىرى نۇرغۇن تۇربەتلەردە بۇ «مۇسۇلمانلار» تورى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كۆز ـ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم .
ئاللاھ ھەممىگە ئەئلەمدۇر.
ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن!!!!
نەچچە كۈندىن بۇيان كۆرۈپ ، تۇر بىتىڭلاردىن شۇنداق رازى بۇلدۇق، ھەم كۆب بىلىملەرگە ئىگە بۇلدۇق.
سۇئاللارغا بىرىلگەن جاۋاپلارمۇ شۇنداق قايىل قىلارلىق بۇلۇپتۇ!!!!
ئاللاھ سىلەرگە ئىككى ئالەمدە كۆپ مەنپەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن!!!
بۇ تۇر بىتىڭلار مىنى ئۆزىگە مۇنداق مەپتۇن قىلىۋالدى،بۇ تۇر بەتكە چاپلانغان بۇھتانلار مىنى تۇلىمۇ ئەجەپلەندۇردى .
بۇھتان چاپلىغۇچىلار ئاللاھدىن قۇرۇقمامدىغاندۇ، ئۇلار مەككە مۇشرىكلىرىدىنمۇ بەك قەبىيلىشىپ كەتكەنمىدۇ؟؟
ئۇلار پەقەتلا يىڭى دىننى قۇبۇل قىلغۇچى ، ئىلىم ـ تەھلىل قىلىشى ئاجىز كىشلەرنىلا ئازدۇرالايدۇ ، ھەقىقەت دىگەن ھامان ھەقىقەتتۇر.!!
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن!!!
ئاللاھ بىزگە مەنپەتلىك ، كىبىرسىز ئىلىم ئاتا قىلسۇن!!!!

ئابلېز ئەلى ئىمىن دېدى:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ !
قېرىندىشىم ئەبۇلفاتىھ ئەپەندىم،ھەممىڭىزلھرنى ئاللا تائالا ئۈز پانايىدا ساخلىسۇن .ئاللاتائالانىڭ بۇيرىشى بىلەن
توردىكى ئىسلام بىلىملىرىنى كوۈرۈپ مەن قەۋەتلا خوشبولدۇم ،چۈنكى بىزدىكى ئىلامنىڭ چئۈللىشىشى مېنىڭ دىلىمنى سىقىدۇ… . جەمىيەتتىكى بىدئەتلەرنى دىمەيلا قوياي،مەزھەپ توغۇرلۇق بەرگەن جاۋابىڭىزغا چىن دىلىمدىن كايىل
بولدۇم . نۇرغۇن قەلىپ سۈزلىرىم بارتى… ،سىزلەرنى ئاللا تائالا ئامان قىلسۇن.
ئابلېز ئەلى ئمىن

مۇھەممەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك ئۇستازلا سۇئاللىرىمىز غا ۋاقتى ۋاقتىدا جاۋاپ بەرگنىڭىزلەر كوپ تەشەككۇر شۇ سەۋەپتىن ماڭغان يوللىرمىزنى توغۇرلىشىمىزغا پايدىسى بولدى ئاللا سىزلەردىن رازى بولسۇن ئىككىلا ئالەمدىكى ئەجرىڭىزلەرنى زىيادە قىلسۇن ئامىن

سەيياھ دېدى:

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئۇستازىمىز ئەبۇلفاتىھ ئاللاھ تەئەللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن .
پىكىر دەپتىرىدىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قەلبىم خۇشال بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جاۋاپ تەرىقىسىدە يىزىلغان تىرەن مەزمۇنلۇق يازماڭلاردىن مۇسۇلمانلار تور بىتىنىڭ كەلگۇسى تەرققىياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز ئاشتى (ئاللاھ سىلەرنى ياخشى نىيەتلىرىڭلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن).
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى بولۇپ كىلىۋاتقاندىن بىرى بىزنىڭ ئەقىدىمىز يىڭىلاندى، ئىمانىمىز ساپلاشتى. ئۇستازمىز ئەبۇلفاتىھنىڭ خەت ساندۇقىمىزغا ئەۋەتكەن كۆپلىگەن پەتىۋا ۋە كۆرسەتمىلىرى ئىسلامىي ھاياتىمىزغا ھەقىقىي مەنا قاتتى، بىزنىڭ ھەرخىل قاراشلار ئارىسىدىكى تىڭىرقاشلىرىمىزغا خاتىمە بەردى. مىڭىۋاتقان يولىمىزنىڭ كۇندىن ـ كۇنگە داغدام ، نۇرلۇق بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز، بۇ خۇددى نەچچە ئەسىرلىك بوران چاپقۇنلاردا كۆمۇلۇپ قالغان ئۆينىڭ ئۇلىنى تاپقانغا ئوخشايدىكەن .
بىزنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى ئەتراپىمىزدىكى بىز ياشاۋاتقان دىنى مۆھىتتۇر. بەزىدە غەممۇ قىلىپ قالىمىز، خەلىقىمىزنىڭ قان ـ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئادەت خارەكتېرلىك ئەقىدىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن بىلىپ تۇرۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرى: پالانچى قارىم بىلمەمدىكەن؟ سىز پالانچى داموللامدىنمۇ جىق ئوقۇغانمۇ؟ سىز زادى قانچە پارە بىلىسىز؟ …….قاتارلىقتۇر .
تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساقمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسلامىي بەتلەر ئاز ئەمەس، بىراق كۆپىنچە بەتلەر « مەزھەپ بۆيۇنتۇرقى» دىن چىقىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ، كۆپ مەسىلىلەرگە ئىسلامىي نۇقتىدىن جاۋاپ بەرمەي، ھەر بىرى مەزھەپنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز. دېمەك ھىچقاندەك ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشمەي، يەنىلا ئاچا يولدا تۇرۇپ قالىسىز ( ئاللاھ ھەممىمىزنى بىرلەشكىلى نېسىپ قىلىسۇن).
بۇ مەسىلىنى مۇسۇلمانلار تور بېتى قۇرئان – ھەدىس دەلىللىرى بىلەن ئىسلامىي روھتا ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئسىلام دىنىمىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن تولۇق تاماملىنىپ بولغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ .
(ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولمىسا ئىدى، بىز ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالمايتۇق).
قىرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىسۇن . ھەممە مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلغىلى نېسىپ قىلسۇن (ئامىن).

مۇئەللىم دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۈم !ئۇلۇغ ئاللا ھەمىمزگە ساغلام ئەقىل ئاتاقىلسۇن .
يۈسۈپ فەرزەۋى توغرىسىدىكى سۇئالغا تۇلۇمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپ بۇلۇپتۇ .بىز راستىنلا تەپەككۇردىن خىللا يىراقتا ،سىلەرنىڭ ھەرخىل مەسىللەرگەيۇلۇقۇشۇڭلار تۇرغان گەپ ئاللا جەسۇرلۇق ئاتا قىلغاي!

كەپسىز دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك ئۇستازلار.ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەككەن جاپايىڭلارغا كۆپتىن كۆپ ئەجىر بەرسۇن. مەنمۇ ئەسلى مۇنبەر قۇرۇش ھەققىدە پىكىر بەرمەكچىتىم.ئەمما بەزى قېرىنداشلىرىمىز مەندىن بۇرۇن چىقىپتۇ.ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى ئاڭلاپ قايىل بولدۇم. ئويغاق مۇسۇلمانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. مەنمۇ سىلەرنى،سىلەرگە ئوخشاش دىن ئۈچۈن ماڭغان قېرىنداشلىرىمىزنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن. ئاللاھ خالىسا مەنمۇ ئويغاق مۇسۇلمانلاردىن. ئاللاھتىن بىزنى بۇ دۇنيادا جەم قىلمىسىمۇ جەننەتتە جەم قىلىپ ھەممىمىزنى خۇرسەن قىلىشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن ! ئامين !

مۇھەممەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مۇسۇلمانلار تور بىكتىنى قۇرغۇچى ئۇستازلار ئۇلۇغ رامىزانىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
مېنىڭ ئەسلى سىلەرگە پىكىر بەرگۈدەك بىلىمىممۇ يوق دىيەرلىك ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ بەزەن قاراشلىرنى بايان قىلپ بىقشىمنى توغرا تاپتىم.

مەن، مەن ئەزا بولغان بىر بىكەتتىكى بىر ئىنكاستا سىلەرنىڭ تور ئادرېسىڭلارنى كۆرۈپ قىزىقىپ كىرىپ نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم ۋە شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى:

سىلەرلام ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئەڭ توغرا يىتەكلەپ كىتەلەيدىكەنسىلەر. مەن بۇنىڭغا ئىشەندىم، مەن باشقا ئىسلام تور بىكەتلىردىكى بەزى مەسىلىلەرگە بەرگەن پەتىۋاسىنى كۆرۈدۈم، سىلەرنىڭكىگە بەكلا زىت يەرلىرىمۇ باركەن ھەم ئايرىملارنىڭمۇ سىلەرگە بولغان باھاسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، سىلەرنىڭ تور بەتنى ‹دىن دۈشمەنلىرنىڭ دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان› دىگەن يەرلىرىنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلاندىم.

مەن 3 ـ 4 كۈندىن بىرى ئىسلام تور بەتلىرىنى ئاساسەن كۆرۈپ چىقتىم، ئاساسەن كۆپىنچىسىدە مۇنبەر بار ئىكەن، سىلەرمۇ مۇنبەر قۇرۇپ ئەزا قوبول قىلغان بولساڭلار مۇنبەردە ئەركىن پىكىرلىرىمىزنى تىخىمۇ بېيىتقان بولساق، دەپ ئويلۇدۇم ياكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ۋاختىڭلار يەتمەمدۇ؟

ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەت

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بىز سىز بىلەن ئىلىمدە پەرقلىق بولساقمۇ ئەقىلدە پەرقىمىز يوق. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارنى ئەقىلدە پەرقسىز ياراتقان. دۆتلۈك ئەقىلنىڭ يوقلۇقى ئەمەس، بار ئەقىلنى ئىشلەتمەسلكتۇر. «ئەقىلنىڭ يولى بىر» دەپ بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى ھەقىقەت پېتى ئوتتۇرىغا قويغان بولساق، سىز ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز ھەر ئىككىمىز ئورتاق بىر مەيداندا بىرلەشكەن بولىمىز.

سىزنىڭ تور بېتىمىزنى كۆرۈپ بۇ قەدەر ھاياجانلىنىشىڭىز، بەزى تورلاردا تور بېتىمىزگە بوھتان چاپلانغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىشىڭىز ۋە ئاخىرىدا «پىكىر دەپتىرى» مىزگە كىرىپ كەمتەرلىك بىلەن تور بېتىمىز ھەققىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى ۋە بىزگە بولغان ئىلتىماسىڭىزنى يېزىپ يوللىشىڭىز سىزنىڭ كاللىڭىز تۈزۈك، ئەقلىڭىز سۈزۈك، فىتىرىتىڭىز پاك، قەلبىڭىز ساق، كۆڭلىڭىز ئاق بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.

«پىكىر»ىڭىزدىكى ئىپادىلىرىڭىز مۇنۇ ئۈچ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: 1- تور بېتىمىزنىڭ باشقا «ئىسلامىي تور» لاردىن پەرقلىق بولۇشى. 2- باشقىلارنىڭ بىزنى تىللىشى، 3- مۇنبەر قۇرۇش تەكلىپى. تۆۋەندە بۇ ئۈچ نۇقتا ھەققىدە سىزگە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمەن:

1- تور بېتىمىز قۇرئان كەرىم (لەۋزى) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن ھەدىس شەرىفلەر بەرىكەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇلۇۋاتقان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار دۇنيالىق بەخت- سائادىتىنى كەشپ-كارامەتكە، ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى ئويدۇرما شاپائەتكە باغلاپ «ئۇخلاۋاتقان»، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئالىملىرى ئۇلارنى ئويغۇتۇشقا پايلىماي ئۇلارنى «ئەللەي» ئېتىۋاتقان بىر زاماندا بىرقانچە ياش دىنى زىيالىي تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

بۇ تور قۇرۇلغاندىن بېرى ئۆز يولىغا مېڭىۋاتىدۇ. يەنى بۇ تورنىڭ ئۆلىمالىرى ئىنسانلارغا قۇرئان-ھەدىستىكى دىننى يەتكۈزۈپ ئۇلارنى ئويغۇتۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا سىزگە ئوخشاش ئويغاق ياكى ئۇخلىمىغان ۋە ياكى ئازغىنا بىر شەپە بىلەن ئويغۇنۇپ كەتكەنلەر سېپىمىزگە قېتىلىۋاتىدۇ. ئەلھەمدۇ لىللاھ.

2- تارىخ ئىسپاتلىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، ھەر زامان ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلغانلاردىن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ دۈشمەن بولغانلار كۆپ بولۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە بىز بۇ خىزمەت جەريانىمىزدا ئۆزىنى قۇرئان كەرىم ئاساسىدا ئەمەس بەلكى مەزھەپ ياكى تەرىقەتلەرنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن خاتا تونىۋالغان «مۇسۇلمان»لار تەرىپىدىن ھەرخىل يەكلەش ۋە ئورۇنسىز تۆھمەتلەرگە ئۇچراپ كەلدۇق. تور بېتىمىز ھەققىدە سىز ئۇ توربەتلەردە كۆرگەن ئاشۇ تۆھمەتلەر بۇنىڭ بىر كىچىككىنە مىسالى. ئۇلار ئاللاھدىن قورقمىغانلىقى، ئىنسانلاردىن خىجىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەنە ئاشۇنداق بوھتانلارنى چاپلايدۇ. بۇلار بىلەن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېسابلىشىمىز.

ھاشارغا چىققان ھاشارچىلار ئارىسىدىن بىرسى«ئو…» دەپ توۋلىسا باشقا ھاشارچىلار نېمە بولغىنىنى بىلمەي ئەگىشىپ «ئو…» دەپ توۋلىغىنىغا ئوخشاش بەزى «قارىمچاقلار» ئىنتېرنېت توربەتلىرىدە توربېتىمىز ھەققىدە خىيالىغا كەلگەننى ۋە ئېغىزىغا چىققاننى توۋلىسا، ئۇلارغا ئەگىشىپ «ئووو» دەپ توۋلىغانلارمۇ بولدى. ئەمما بۇ خىل توۋلاشلار بەزى تورداشلىرىمىزغا «رېئاكسىيە» قىلدى. سىزگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ توۋلاشلىرى ئارقىلىق تور بېتىمىزغا كىرىپ، ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇش بىلەن بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم بىر ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان، توغرا بىر ئەقىدىگە ئىگە ۋە خالىس بىر نىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى، شۇنداقلا خىزمىتىمىزگە ئۇتۇقلار تىلەپ ئىزچىل تۈردە توربېتىمىزدىن دىنى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

3-ئەمدى سىز دېگەن يەنە بىر مەسىلىگە كەلسەك،

بىزمۇ دەسلەپتە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە دىنىمىزنى ئۆگۈتۈش ۋە ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تېخىمۇ جانلىق كەيپىياتنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ، دېگەن قاراش بىلەن بەزى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە قېتىلدۇق. ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئازلىقى، ئىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئەھلى ئىلىم قىلىپ كۆرسىتىشى ۋە كۆپچىلىك ئەزالارنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەپلىك ھەر قېتىملىق مۇنازىرىدە بىز ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەر ئۈچىنچى جۈملىگە بارمايلا تىللاش ۋە قاراقويۇق ئىنكار قىلىشقا ئۇچراپ تۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىز دەسلەپتە قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىغان مۇنبەرنى قۇرۇش قارارىمىزدىن ۋاز كەچتۇق.

بارلىق كۈچىمىزنى تور بېتىمىزگە چىقىرىپ باشقىلار نېمە دېسە دېسۈن بىز توربېتىمىزدە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ تونۇپ بىلىۋېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان تېمىلاردا قۇرئان- ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ نەشىر قىلىپ كېلىۋاتىمىز. غايىمىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ دىنى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتۇر. چۈنكى دىن ئىنساننىڭ ئىنسانغا ئەمەس ئىنساننىڭ ئاللاھقا قۇل بولىشىدۇر.

توغرا-خاتاسىنى ئايرىماي مەزھەپلەرگە قارىغۇلارچە تەرەپبازلىق قىلىش ئىنساننىڭ ئىنسانغا قۇل بولىشى بولسا، ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم قولىدا بار تۇرۇپ قىيامەتتىكى پۈتۈن قىينچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ئەبەدى راھەت-پاراغەت ئورنى بولغان جەننەتكە ئېرىشىشنى مەلۇم بىر تەرىقەتكە مۇرىت بولۇشقا باغلاش ئىنساننىڭ پەرىشتىلەر ئاسمانىدىن چۈشۈپ ھايۋاناتلار زېمىنىغا يەرلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئالىم قىياپەتلىك جاھىللارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسۇن.

ھۆرمەت بىلەن: ئەبۇلفاتىھ

ئېلى دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىنى ئىشلەش ئۈچۈن ھارماي ئەجىر قىلىۋاتقان مۆھتىرەم ئۇستازلار، ئاللا ھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارنى سالامەت، ئەجرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلسۇن، ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن!ھارمىغايسىلەر. مۇشۇنداق بىر تورنىڭ بولۇشى بىز ئۈچۈن تولىمۇ بىر ياخشى ئىش. مەن بۇ تورغا چىقىۋاتقىلى بىر قانچە كۈنلا بولدى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. سىلەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، مېھرىبان ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ئالەمچە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، رەھمەت!

سەييياھ دېدى:

ئەسسىلامۇ ـ ئەلەيكۇم ئۇستازىمىز ئەبۇلفاتىھ اللاھ تەئەللاھ سىزدىن ھەم سىز بىلەن بىرلىكتە اللاھ رازلىقىنى كۆزلەپ مىننەتسىز تىرىشىۋاتقان قىرنداشلىرمىزدىن رازى بولسۇن .
بىز مۇسۇلمانلار بىتىدىكى تەۋھىد بىلەن يۇغۇرۇلغان يازمىلارنى ئىزچىل ئوقۇپ كىلىۋاتىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىق ھاياتمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇيغۇنلاشتۇرشقا غەيرەت قىلىۋاتىمىز . اللاھنىڭ رەھمىتى ھەم ھىدايىتى بىلەن ئىسلامى ھاياتمىزدا بۇرۇن ھىس قىلمىغان ھەم قىلالمىغان تۇيغۇلارنى ھىس قىلىپ ، ئىمان لەززىتنى سۇرۇۋاتمىز . اللاھ بىزنى ئىمانىمىزدا تىخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن ، ياردەمچىمىز بولسۇن .
اللاھ تەئەللاھ شۇنداق خىتاپ قىلدىكى :
«بۇ قۇرئان، ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلسۇن، ئىنسانلار بۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلسۇن ۋە ئاللاھنىڭ بىرلا ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلسۇن، ئەقىل ئىگىلىرى ئۇبدان چۈشىنىپ ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتۇر»[1]. ( سۇرە ئىبراھىم 52ـ ئايەت )
مانا بۇ مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ھەم بۇ تورنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان مۇستەھكەم تۇتقۇسى …..
اللا تەئەللاھ سىلەرنى ياخشى نىيەتلىرىڭلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن . چەكسىز غەزىنىلىرىدىن نىئمەتلەر ئاتا قىلسۇن . ( امىن )

ئۇيۇشقاق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ! مەن شۇلارغا بولغان مۇشۇ خىتابىڭىزنى شۇلارغا يەنە بىر ئاڭلىتىش ئۈچۈن ، ئەتەي سىزدىن سورىغان ئىدىم ! مەن بىلىمەن ! بۇ تور بەت پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تور بىكەت . مەنمۇ بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس ، مەن پەتىۋا سورىمىغان بىلەن ئەتىگەن ـ كەچلاردا باشقىلار سورىغان پەتىۋالارغا بەرگەن جاۋابىڭىزدىن بىلىم ئېلىپ زىيارەت قىلىۋاتىمەن . ئامال بار ئادەمدىن ئەمەس ، ئۆزىنىڭ رەببىسىدىن قورقىدىغان باشقا بىكەتلەرگىمۇ ئۇلىنىش قىلدۇرۋاتىمەن !
ئاللاھ مۇشۇ تور بىكەتنىڭ جاپاكەشلىرىنىڭ ئەجىرىنى ئىككىلا دۇنيادا بەرسۇن ! رەھمەت ! مەن چ چ دا گەپ قىلىپ بولالماي ، قەستەن سىلىدىن شۇنداق سوئال سوراش ئارقىلىق ، شۇلارغا مەن دىيەلمىگەن ، دىيىشكە بىلىمىم ئاجىز كەلگەن سۆزلەرنى سىز ئارقىلىق دىگۈزدۈم ، بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمەدە ، ئۇشبۇ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ ، خۇش بولدۇم !
مەن ئەمدى چۈشەندىم ، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نېمىشقا سۇنىي ۋە شىئە دەپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنىمۇ چۈشەندىم . ئەسلى ئىنسان دىگەن مۇشۇنداق بولىدىكەنمىز !
مەن ھەم جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلماننى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى دەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز سىزنى قوللايمىز ! خۇدا خالىسا مۇسۇلمانلار تورى بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ بىلىم بېرىدىغان ، تاكى مەن پەرەز قىلالىغان زامانلارغىچە بىزلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى ھىدايەت يولىغا باشلىغۇسى !
بىز قوللايمىز !
( مېنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ دېگەن مەقسىتىم ، ھەرگىزمۇ زىيارەتنى كۆزدە تۇتقۇنۇم ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر ئۇيۇشقاق تورىدا قاتتىق نازارەت بىلەن قوشۇلغان پاكىز بەتلەر ۋە ئىسلام بىكەتلىرى كۆپ ، ھەم قوشۇلغان تور ئادىرىسلىرى ھەقىقىي پاكىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ماس كېلىدۇ ! شۇڭا شۇنداق دېگەن ، ھەرگىز باشقىچە ئويلانماڭ ! ئۇيغۇر ئۇيۇشقاق تورى مەڭگۈ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋە ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ ! بۇ بىكەتنى ئېچىشتا بىكەتتىن بىر موچەن چاغلىق مەنپەئەتلىنىمەن دىگەن مەقسەتتە ئاچمىغان ، بەلكى تور دۇنياسىدىكى مۇشۇنداق ئىچى يامانلارنى ئۇيۇشتۇرىمەن ، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىمەن ھەم ئاجىزلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ ئاچقان ! جىق سۆزلەپ قويدۇم ! اللە تىنىڭىزگە ساغلاملىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن !)

ئاخىرىدا يەنە رەھمەت !

نۇر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىنى ھەقىقىي ئىسلام روھى بىلەن سۇغۇرۇپ، دىيارىمىزنى بىدئەتنىڭ، مۇشرىكلىقنىڭ ئاسارىتىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشىچانلىق كۆرسىتىۋاتقان قەدىردان ئۇستازلار ئاللا سىلەردىن رازى بولسۇن! بىز مۇسۇلمانلار تورى بىلەن ئۇچۇراشقان قىسقىغىنا بىر مەزگىل ئىچىدە ھەقىقىي ئىمان ـئېتىقاتنىڭ نېمىلىكى، بىدئەت ۋە شىرىكنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا سىستېمىلىق. ئىلمىي بولغان چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ ، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھالىنىڭ مەنبەسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇق. قەلبىمىز ئىللىدى، ئەقلىمىز بىر نىجاتلىق يولىغا يىتەكلەندى، بىدىئەتلەر ۋۇجودىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار تورى تەۋىسسىيە قىلىندى. سۇئاللىرىمىز كۆپەيدى ، ئۆزرىمىز شۇكى قەدىردان ئۇستازلارنىڭ ، بىلىمسىزلىكىمىز سەۋەبىدىن مەقسەت توغرا ئىپادىلەنمەي قالغان سۇئاللىرىمىزدىن بىزارلىق ھىس قىلىپ قالماسلىىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئىنشائاللاھ ئەجرىڭلاردىن سۈپ ـ سۈزۈك بىر دۇناياغا قاراپ كىتىۋاتقانلىىزغا ئىشىنىمىز، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۇلۇق مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگەي!

ئابدۇللاھ دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن «خەتمە ھەققىدە مۇنازىرە» نى ئوقۇپ ئېترازچىنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق تاقا ـ تۇقا گەپلىرنى كۇرگەندىن كىيىن ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىندىم. ئۆزىنى بىر ئەقىللىق مۇسۇلمان چاغلايدۇيۇ بىدئەت دېگەن نېمە؟ سۇننەت دېگەنچۇ؟ ئۇنى بىلمەيدۇ.
قىلغان سوزلىرىگە «ھىدايەت رەھبىرى» بولغان مۇبارەك قۇرئان كەرىمدىن ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ھاياتقا تەتبىقاتى بولغان ھەدىس شەرىفلەردىن پاكىت كەلتۇرمەيدۇ. بىلىمسىزلىكمۇ؟ ياكى نېمە؟ ياق ھېچبىرى ئەمەس، بەلكىدە ئاللاھقا بولغان ئەقىدىدە چاتاق بار.
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىين!
ئىلتىماس: قېرندىشىم ئەبۇلفاتىھ، فەلەق ۋە ناس سۇرىسىنى كوپرەك ئوقۇڭ. ئاللاھ ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىغان چاغدىكى شەررىدىن سىزنى ھەم بىزلەرنى ساقلىسۇن!

كولتېگىن دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۇسۇلمان تورىدىكى ئۇستازلار، ھەممىڭلارغا ئولۇق ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن، مېنڭ سۇرىغان سۇئالىمغا ناھايتى ياخشى جاۋاپ بېرىپسىلەر، مۇشۇنداق بىر تور بېتىنىڭ بولغانلىقى ئۆچۈن ناھايتى خوشال بولدۇم، ئسلام بىلىملىرىدىن بىلىمى چولتا بولغان مەندەك ئادەملەر ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ناھايتى نورغۇن، ئۇلارنىڭمۇ سىلەردىن سورايدىغان ناھايتى نورغۇن سۇئاللىرى بولىشى مۈمكىن، مەن سىلەرنىڭ بۇ تور بېتىڭلارنى كۆرۈپ، ئوپۇقتىكى قوياش نورىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، ئوللۇق ئاللاھ ئەزىز تېنىڭلارنى سالامەت قىلغاي، بىلىمىڭلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەي، ئاللاھقا ئامانەت، ئاللاھ ئەزىز تېنىڭلارنى سالامەت قىلغاي!

ئابدۇللاھ دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك ئۇستازلار سىزلەرنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن سەھى ھەدىسلەرگە چەمبەرچاس باغلانغان ساغلام ئەقىدىلىك مۇسۇلمانلارغا بەرگەن پاكىتلىق ھەقىقەتكە تولغان روھى ئۇزۇقۇڭلار ئۇچۇن ئاللاھ سىلەرگە ھاياتى دۇنيادا خاتىرجەملىك ئاخىرەتتە بولسا جەننەتنىڭ ئالىي يەرلىرىدىن ئورۇن بەرگەي امىين

ئىسمائىلھاجى دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەبۇلفاتىھ! ئاللاھ ھەممىمىزگە، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ساپ ئەقىدىنى ئاتا قىلغاي. ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇ مەزھەپ، بۇ مەزھەپ، پالانى كىتاپ، پالانچى داموللام، ئاتا بوۋاملارغا ئەمەس، قۇرئان بىلەن ھەدىسى رەسۇلۇللاغا ئىتائەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغاي!

ئەيساجان ئەخەت دېدى:

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ۋەرەمىتۇللايى ۋە بەرەكاتۇھۇ، مۇشۇ تور بەتنى تۇزۇپ ھەر خىل سۇئاللارغا ئادەمنى قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى بىرىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇقلۇق بىرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئامىن. بارلىق ياخشى تىلەكلەر سىلەرگە بولسۇن. ئىشلىرىڭلارنىڭ مەڭگۇ داۋاملىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىڭلارنى ئۇڭۇشلۇق قىلغاي، ئامىن!

ئەلپەر ھېكىم دېدى:

ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،سىلەرنىڭ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۈن ـ تېنسىز ئىشلەپ تۆھپە قوشۇپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،ھەممىمىز ئۈچۈن تۈرلۈك شارائىتلارنىڭ يار بېرىشىچە قان ـ تەر ئەجىرىڭلارنى سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقىنىڭلارغا كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت.ئاللاھ سىلەرگە كۆپ رەھمەت قىلسۇن!.دىگىنىڭلار كەلسۈن!.بىر ئاللاھلار ھەممىگە قادىردۇر!.دىمەكچى بولغۇنىم،شەرىت ـ شارائىت يار بېرىپ مۈمكىن بولسا،قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر بىلەن كۆپلەپ تەمىن ئىتىشىڭلارنى،تۈرلۈك ئىسلامى ھۆكۈم (ئاللاھنىڭ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى،ئەڭ مۇكەممەل توغرا بولغان تەبىلغلەر)ئارقىلىق بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقى چاڭقىغان دىللىرىغا،مۇتلەق بولغان ئۇسسۇلۇق ئاتا قىلىشىڭلارنى سەمىملىك بىلەن چىن دىلىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن…

تۇرغۇنجان ( تايماس ) دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ھارماس تۇلپارلىرى ! اللە سىللەرنىڭ مۇشۇ قىلغان ئەجىرىڭلار ئۈچۈن جەننىتى فىردەۋىس ئاتا قىلىپ جەننەتتىكى ئورنىڭلارنى زىيادە قىلسۇن . ئامىن !
ئۇستازىمىز ئەبۇلفاتىھ ئەپەدىگە اللەدىن ئۇزۇن ئۆمۈر ، زىيادە ئېلىم ، قىلىۋاتقان ئىشىغا بەركەت ، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن . ئامىن !
مۇسۇلمانلار توربىتىدىكى ئۇستازلار بۇ تور بىكەتنى قۇرۇش ئارقىلىق اللەنىڭ ياردىمى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا نىمىنىڭ ئىسلام ، نىمىنىڭ ئىمان ، نىمىنىڭ ئەقىدە ، نىمىنىڭ ئىخلاس ، نىمىنىڭ ئىبادەت ، نىمىنىڭ شىرىك ، نىمىنىڭ سۈننەت ، نىمىنىڭ بىدىئەت ئىكلەنلىگىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىپ ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ ئەقىدە ـ ئىتقاد جەھەتتىكى خاتالىقلىرىمىزنى تۇنۇتۇپ ، ھازىرقى دەۋرىمىزگە ۋە جەمئىيىتىمىزگە نۇرغۇنلىغان تەقۋا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى يىتىشتۈرۈپ بەردى . اللە بۇ ئۇستازلارنىڭ قىلغان ئەجىر ـ مىھنىتىگە ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىرلەرنى ئاتا قىلغۇسى . ئامىن !

زامانە دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ئەزىز ئۇستازلارغا سالام!!!
مەن تور بىتىڭلارغا چىقىشىقا ئاللاھنىڭ رەخمىتى بىلەن بۇگۇن مۇيەسسەر بولدۇم ،
مۇسۇلمانلار تور بېتىنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا ئىنتايىن خوش بولدۇن ، مۇبارەك بولسۇن. ئەجرىڭلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ بەرسۇن. سىزلەرگە قانداق رەخمەت ئىيتىشىمنى بىلەلمىدىم……..،بىز ئۇچۈن ئۇگۇنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەرگىنىڭلەرگە كوپتىن كوپ رەخمەت

نۇر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
مۇسۇلمانلار توربېتى مەزمۇنىنىڭ سەرخىل ھەم ئىشەنچلىك بولۇشى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، مۆھتىرەم ئۇستازلارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن بىز سىزلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەپ ئۇلۇغ ئاللاغا دۇئا قىلىمىز!
ئۇلۇغ ئاللاھ سىزلەرگە جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى مەرھەمەت قىلغاي!
ئامىن~!

ئىخلاسمەن دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! يېزىق مەسىلىسىنى ئىنتايىن ياخشى بىر تەرەپ قىلغانلىغىڭلاردىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم،ئاللاھ ھەر قايسى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىڭلارغا ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلسۇن،كۆپ ئەجىر بەرسۇن!

يىگانە يۇلىچى دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىلەر ئۇستازلار ئەزىز باشقۇرغۇچىلار !

توربەت شۇنداق ياخشى تۇزۇلىپتۇ ، تىمىلامۇ بىر_بىرسىدىن سەرخىل .

بۇندىن كىيىن تور بەتنى تېخىمۇ كوركەم تېخىمۇ مول قىلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن ،
مۇسۇلمانلار تورىنى _ بىلمىگەنلەگە بىلدۇرەيلى . . . . . . . . نىشانىمىز دەل ئاللاھنىڭ رازىلىقى …….. خەيرى ئاللاھقا ئامانەت !

ئەزىمەتجان دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەرىپەت بېغىدىكى ھارماس ئۇستازلار، ئۇلۇغ ئاللاھتىن تېنىڭلارغا سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق،ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.

مەمەتنىياز دېدى:

ئەسسالامۇـ ئەلەيكۇم :تور بىتىڭىزلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ،ئشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە خۇشال_ خۇرام ئۆتۈشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ! سىزلەرگە ھەم بىزلەرگە ئۇلۇغ ئاللاھ ئاق يول ، خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلغاي ! ئشلىىرمىزنى ئاسان قىلغاي ! مەمەتنىياز

بازاچىلار دېدى:

ئەسسالامۇ ـ ئەلەيكۇم : تور بىتىڭىزلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن ! ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق ، كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە خۇشال ـ خۇرام ئۆتۈشىنى ،ئۇلۇغ اﷲ دىن تىلەيمىز ! كۆپ رەھمەت سىزلەرگە ! ئۇستازلار!

نۇرمەممەت دېدى:

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: تور بېتىڭلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!
ھۆرمەتلىك ئۇستازلار اﷲ سىلەرنىڭ يولۇڭلار نى ئۇچۇق ئشلىرڭلارنى ئاسان
قىلسۇن . ئامىن ! 2010.يل 1 .ئاينىڭ 8.كۇنى خوتەن ئوغلى نۇرمەممەت

نۇرمەممەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: تور بېتىڭلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن. مۇسۇلمانلار تورى مېنىڭ نۇرغۇن نەرسىلارنى ئۇگنىۋلشىمغا تۇرتكە بولدى. اﷲ نىڭ گۈزەل جەننەتلىرى سىلەر ئۇچۇن بولسۇن ئامىن

ئېرشات دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاللا يولىدا كۈچ چىقىرىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئۇستاز ، ئىسلام ئۈچۈن كۈچىگەن تېنىڭىزگە ئۇلۇغ ئاللا كۈچ قوشقاي،،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

چوغلان دېدى:

ئەسسالا مۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئۇستازلار!!!!مۇسۇلمانلار تورى مېنىڭ نۇرغۇن نەرسىلارنى ئۇگنىۋلشىمغا تۇرتكە بولدى، مۇشۇ توردىكى بارلىق ئۇستازلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن رەخمەت ۋە مەغپىرەت تىنىنڭلارنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

بىلىم ئال دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورى يىڭىلىنىپ نورگون قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى مۇشۇ توردىكى بارلىق ئۇستازلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن رەخمەت ۋە مەغپىرەت تىنىنڭلارنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن مۇبارەك بولسۇن

گاداي دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

تور بېتىڭلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!

مۇسلىمە دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ئەزىز ئۇستازلارغا سالام!
مۇسۇلمانلار تور بېتىنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!
بىزلەرنىڭ ھەرخىل سۇئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاپ بېرىۋاتقان، بىزلەرگە دىنىي، ئەخلاقىي، مەدەنىي، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەر ھەم چوڭقۇر مەنىلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتقان ئۇستازلارغا جانابى ئاللاھدىن بۇ دۇنيادا رەھمەت خەزىنىلىرىدىن ئاتا قىلىشىنى، ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك جەننەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىرىنى ۋە ئۇ ئالىي دەرىجىلەردە مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قېلىشىنى تىلەيمەن. ئامىن~!


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ