مۇسۇلمانلار

تويدا ئۇسسۇل ئويناشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
تانسا ئويناتماي، ئۇسسۇللام ئويناتقان توي جائىز بۇلامدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! بىز بۇ خىل سوئاللارغا بىرقانچە قېتىم جاۋاب بەرگەن ئىدۇق. جاۋابلارنى تاپالمىغان ئوخشايسىز ياكى پەرقلىق بىر جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن قايتا سورىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن مەن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.
جاۋاب:
نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ـ ھەدىسلەرنىڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ـ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىدىن تويلاردا مەلۇم شەرتلەر بىلەن نەغمە ـ ناۋا قىلىشقا ۋە ئۇسسۇل ئويناشقا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. ئۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
1 ـ نەغمە ـ ناۋا ۋە ئۇسسۇلنىڭ ئىسلامغا ۋە ئىسلامنىڭ ھېچبىر تەۋەررۈكىگە تەنە ـ ھاقارەت قىلماسلىقى،
2 ـ نەغمە ـ ناۋا ۋە ئۇسسۇلنىڭ ھېچبىر ئەمەل ـ ئىبادەتكە توسالغۇ بولماسلىقى،
3 ـ نەغمە ـ ناۋا ۋە ئۇسسۇلنىڭ كىشىلەرنى ھاياسىزلىققا، ئەخلاقسىزلىققا ۋە ئەدەپسىزلىككە چاقىرماسلىقى،
4 ـ نەغمە ـ ناۋا ۋە ئۇسسۇلنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە شەھۋانىي خىياللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولماسلىقى،
5 ـ نەغمە ـ ناۋا ۋە ئۇسسۇلنى ئەر ـ ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ئوينىماسلىقى.
مانا بۇ بەش تۈرلۈك شەرتنىڭ ھەممىسىگە رىئايە قىلغان ئاساستا تويلاردا نەغمە ـ ناۋا قىلىشقا ۋە ئۇسسۇل ئويناشقا بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر