مۇسۇلمانلار
پەرزەنتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى 1

پەرزەنتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى

پەرزەنتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ

﴿وَٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡئًاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗا…  ٣٦﴾

«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار»[1].

ئاللاھ تائالانىڭ «ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» ھەققىدىكى بۇ بۇيرۇقى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە تەكرارلىنىدۇ[2].

 بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى دالالەت قىلىدۇكى،

پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. بۇ ئەمر تەۋھىدكە بولغان ئەمردىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بالا ئاتا – ئانىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن ئارقىسىغا بىر قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دۇنياغا كەلتۈرۈش ۋە چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇش جەريانىنى ئازغىنە تەسەۋۋۇر قىلىشى يېتەرلىكتۇر:

ئانىسى ئۇنى ئون ئاي قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا – مۇشەققەتلىرىنى بىر ئاللاھ بىلگەن، بىر ئۆزى. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قانچىلىك يوغىنىسا ئانىسىنىڭ مۇشەققىتى شۇنچىلىك ئېغىرلاشقان، ئۇ كۈچەيگەنسېرى ئانىسى ئاجىزلاشقان، ئاغرىمىغان ھېچ يېرى قالمىغان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان. ئۇنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، لېكىن يېنىدا ئۇنى كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد – ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئۇنىڭغا باغلىغان، ھاياتنىڭ تەمىنى ئۇنىڭدا تېتىغان، كۆڭلىنىڭ خۇشاللىقىنى ئۇنىڭدا ھېس قىلغان.

ئاندىن كېچە – كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان: ئۇنىڭغا سۈتىنى ئوزۇق، قۇچىقىنى ئارامگاھ، سىرتىنى ئۇلاغ، قوللىرىنى پاناھگاھ قىلىپ بەرگەن. ئۇنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، ئۇنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان، ئۇنىڭ ئارامى ئۈچۈن ئۆزى بىئارام، ئۇنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن ئۆزى بىمار، ئۇنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئۆزى بىدار بولغان، مېھرىنى ئۇنىڭغىلا بەرگەن، كۆزى ئۇنىلا كۆرگەن، تىلى ئۇنىلا كۈيلىگەن.

ئۇ ئانىسى نېرى كەتسە يىغلىغان، ئانىسىنىڭ چىرايى ئۆزگەرسە غەمكىن بولغان، كىچىككىنە قىيىنچىلىق ھېس قىلسا «ئانا!» دەپ ئىڭرىغان، پۈتكۈل ياخشىلىقنىڭ ئانىسىدا ئىكەنلىكىنى ئويلىغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياكى يېنىدا بولسىلا ئۆزىگە يامانلىق يەتمەيدۇ دەپ چۈشەنگەن. قىسقىسى كىچىك ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنىڭ ھەر نەرسىسى ۋە ھەممە نەرسىسى.

ئاتىسىغا كەلسەك، ئاتىسى ئۇنى دەپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، ئۇنى دەپ ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىدۇ، ئۇنى دەپ بارمىغان چۆل، ئاياغ باسمىغان شەھەر قالمىغىلى تاس قالىدۇ، بالامنى ئوبدان باقىمەن دەپ ئۆزىنى خەتەرلەرگە ئاتىدۇ، مىڭ بىر قىيىنچىلىق بىلەن تاپقان پۇلىنى ئۇنىڭغا چىقىم قىلىدۇ، ئۇنى تەربىيىلەيدۇ، ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ھەر ئىشنى قىلىپ بېرىدۇ، يېنىغا كىرسە سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، قۇچاقلاپ يۈز – كۆزلىرىگە سۆيىدۇ، باغرىغا باسىدۇ، يېنىدىن چىقسا يۈرىكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقىدۇ.

ئەنە شۇ ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئەنە شۇ بالىغا پەرز قىلغان دىن نېمىدېگەن مۇقەددەس – ھە!

ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋى ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.     ماددىي ياخشىلىق

ئاتا – ئانىلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم، كېچەك ۋە دورا – دەرمان قاتارلىق پۈتكۈل ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئۇلارغا ھېچبىر جەھەتتىن كىچىككىنە بىر كەمچىللىك ھېس قىلدۇرماسلىق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇشال – خۇرام ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىش قاتارلىقلار «ئاتا – ئانىغا ماددىي ياخشىلىق» قىلغانلىقتۇر.

2.     مەنىۋى ياخشىلىق

ئاتا – ئانىلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، چىرايلىق سۆز قىلىش، كۆڭلىنى ئاۋايلاش، ئەتە – ئاخشام يوقلاپ تۇرۇش، گۇناھ بولمايدىغان بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش[3]، ھەققىدە دۇئا قىلىش قاتارلىقلار «ئاتا – ئانىغا مەنىۋى ياخشىلىق» قىلغانلىقتۇر.

بۇ ياخشىلىقلاردا ئانا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە بىر كۈنى بىر كىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى يەنە: «ئاندىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى يەنە: «ئاندىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بەردى.ئۇ ئادەم يەنە (تۆتىنچى قېتىم): «ئاندىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ قېتىم: «ئاتاڭ» دەپ جاۋاب بەردى[4].

 ئەسكەرتىش:

ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئەمەس، ئاتا – ئانا بولۇشى ئاساس قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ وَهۡنًا عَلَىٰ وَهۡنٖ وَفِصَٰلُهُۥ فِي عَامَيۡنِ أَنِ ٱشۡكُرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيۡكَ إِلَيَّ ٱلۡمَصِيرُ  ١٤ وَإِن جَٰهَدَاكَ عَلَىٰٓ أَن تُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَاۖ وَصَاحِبۡهُمَا فِي ٱلدُّنۡيَا مَعۡرُوفٗاۖ وَٱتَّبِعۡ سَبِيلَ مَنۡ أَنَابَ إِلَيَّۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ١٥﴾

«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق – ئانىسى ئۇنى ئۈستى – ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ – : ‹ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىپ كېلىسەن. ئەگەر ئۇلار سېنى، ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن›»[5].

بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئاتا – ئانا بالىنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلماسلىقى، لېكىن دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا قولىدىن كەلگىنىچە ياخشىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىك بولغان ئانام يېنىمغا كەلگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن: «ئانام يېنىمغا كەلدى، مېنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئانامغا ياخشى مۇئامىلە قىلسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم، ئۇ: «بولىدۇ، ئاناڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىن» دېدى[6].

[1] 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت.

[2] مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 83 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 8 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 15 – ئايەت.

[3] چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسلىم، «ئىمارەت»، 39؛ ئەبۇ داۋۇد، «جىھاد»، 94؛ نەسەئى، «بەيئەت»، 34؛ ئىبنى ماجە، «جىھاد»، 40).

[4]  بۇخارى، «ئەدەب»، 2؛ مۇسلىم، «بىرر»، 1؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 129؛ تىرمىزى، «ئەبۋابۇل بىررى ۋەسسىلە»، 1.

[5] 31 – سۈرە لۇقمان، 14 ~ 15 – ئايەتلەر.

[6] بۇخارى، «ھىبە»، 28، «ئەدەب»، 8، «زاكات»، 50؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 34.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر