مۇسۇلمانلار

سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ھامىلىدار بولۇشقا بولامدۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەن توي قىلغىلى 3 يىلدىن ئاشتى، توي قىلغان بىرىنچى يىلى بىر قېتىم ھامىلدار بولغان بولساممۇ، بالا 3 ئايلىق بولغاندا سەۋەبسىزلا چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن قايتا ھامىلدار بولالمىدىم، دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈتۈپ يولدىشمنىڭ ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى، مېنڭمۇ تۇخۇم ئشلەپچىقىرىشىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى بىلدۇق.
دوختۇرلار بىزنىڭ پەرزەنتلىك بولماقچى بولساق، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن يەنى يولدۇشۇمنىڭ ئۇرۇقىنى ئىلىپ ياخشى ئۇرۇقلارنى تاللىۋىلىپ مېنىڭ بالياتقۇمغا شىپىرىس ئارقىلىق كىرگۇزۇپ ھامىلدار قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىزنى ئېيىتتى. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقايلى دېسەك ئسلام دېنىدا بۇنىڭغا يول بار-يوقلىغىنى بىلمىدۇق، ئۆلىمالارنىڭ بۇ توغرىدا بىر چۈشەنچە بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قېرىندىشىم! سىزگە بۇ توغرىدا، ئىسلام فىقىھ (قانۇنشاناسلىق)ئاكادېمىيىسىنىڭ 1986– يىلى 10- ئاينىڭ 11 – 16 كۈنلىرى ئارىسىدا (ھىجرىيە1407  – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 8 – 13 كۈنلىرى) ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئەمماندا ئېچىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىدا قىلىنغان قارارنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
قارار:
1- تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك يولنىڭ بىرى بىلەن بالىلىق بولۇش قەتئىي ھارامدۇر:
بىرىنچى: بىر ئەر كىشىنىڭ، ئۆز ئۇرۇقى بىلەن باشقا بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
ئىككىنچىسى: بىر ئايال كىشىنىڭ، ئۆز تۇخۇمى بىلەن باشقا بىر ئەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
ئۈچىنچىسى: بىر ئەر – خوتۇننىڭ ئۇرۇق ۋە تۇخۇملىرىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى باشقا بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇش ھارامدۇر.
تۆتىنچىسى: بىر كىشىنىڭ، بىر ئەر كىشىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە بىر ئايال كىشىنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
بەشىنچىسى: بىر كىشىنىڭ، ئۆز ئۇرۇقىنى ۋە بىر ئايالىنىڭ تۇخۇمى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ باشقا بىر ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
مانا بۇ بەش تۈرلۈك يولنىڭ بىرى بىلەن بالىلىق بولۇش قەتئىي ھارامدۇر.
2- تۆۋەندىكى ئىككى يولنىڭ بىرى بىلەن بالىلىق بولۇشقا بولىدۇ:
بىرىنچىسى: بىر ئەر – خوتۇننىڭ ئۇرۇق ۋە تۇخۇملىرى ئېلىنىپ ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ، ئۇنى شۇ خوتۇننىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشقا بولىدۇ.
ئىككىنچىسى: بىر ئەرنىڭ ئۇرۇقى ئېلىنىپ ئۇيغۇن بىر ئۇسۇل بىلەن شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ بايىلاتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشقا بولىدۇ.
ــــــــــــــــــــ
يىغىپ ئېتقاندا ئېرىدىكى ياكى ئۆزىدىكى بىر كەمچىلىك تۈپەيلىدىن نورمال يول بىلەن ھامىلىدار بولۇشى مۇمكىن بولمىغان ئايال:
«1- ئۇرۇقلىنىدىغان ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ، ھەر ئىككىسىنىڭ نىكاھلىق ئەر – خوتۇنغا ئائىت بولۇشى،
2- ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ، شۇ تۇخۇمنىڭ ئىگىسى بولغان ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى ۋە شۇ بالىياتقۇدا يۇغىناپ، شۇ بالىياتقۇدىن تۇغۇلۇشى»
دىن ئىبارەت ئىككى شەرت بىلەن ھامىلىدار بولۇپ بالىلىق بولسا بولىدۇ. بۇنىڭ دىنىمىزگە خىلاپ كېلىدىغان بىر تەرىپى يوقتۇر.
خۇلاسە
يولدىشىڭىزنىڭ ئۇرۇقىنى ئىلىپ ياخشى ئۇرۇقلارنى تاللىۋىلىپ سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزغا شىپىرىس ئارقىلىق كىرگۇزۇپ ھامىلدار قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھامىلىدار بولسىڭىز ۋە بۇ ئارقىلىق بالا يۈزى كۆرسەڭلار بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر