مۇسۇلمانلار
مۇئمىننى ئۆلتۈرگەننىڭ جازاسى 1

مۇئمىننى ئۆلتۈرگەننىڭ جازاسى

قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەننىڭ جازاسى

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئاۋۋال «مۇئمىننىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشكە ھەددى ئەمەس» دېگەن كەسكىن ئىپادە بىلەن مۇئمىنلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋەتكەندىن كىيىن ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتىغا كىرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

وَمَا كَانَ لِمُؤۡمِنٍ أَن يَقۡتُلَ مُؤۡمِنًا إِلَّا خَطَ‍ٔٗاۚ وَمَن قَتَلَ مُؤۡمِنًا خَطَ‍ٔٗا فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖ وَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَصَّدَّقُواْۚ فَإِن كَانَ مِن قَوۡمٍ عَدُوّٖ لَّكُمۡ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ وَإِن كَانَ مِن قَوۡمِۢ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞ فَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ وَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ شَهۡرَيۡنِ مُتَتَابِعَيۡنِ تَوۡبَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا وَمَن يَقۡتُلۡ مُؤۡمِنٗا مُّتَعَمِّدٗا فَجَزَآؤُهُۥ جَهَنَّمُ خَٰلِدٗا فِيهَا وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ وَلَعَنَهُۥ وَأَعَدَّ لَهُۥ عَذَابًا عَظِيمٗا

«مۇئمىننىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشكە ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت سەۋەنلىك بىلەن بولۇشى مۇمكىن. كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ۋارىسلار دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بولغان قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا كېلىشىم بولغان بىر قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى ۋە بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. كىمكى تاپالمىسا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(4-سۈرە نىسا، 92- ئايەت).

ئايەتتىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:

  • بىر مۇئمىننىڭ باشقا بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشى قەتئىي چەكلىنىدۇ.
  • سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرگۈچى بىلەن قەستەن ئۆلتۈرگۈچىگە بېرىلىدىغان جازانىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى.
  • قاتىلغا بىرىلىدىغان جازانىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ياشىغان جەمئىيىتىگە قارىتا ئۆزگۈرىدىغانلىقى.
  • ئەگەر ئۆلتۈرۈلگەن كىشى مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان بىرى بولسا، قاتىلغا بىر مۇئمىن قۇل (ئەر – ئايال پەرقى يوق) ئازاد قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ئەھلىگە (ۋارىسلىرىغا) دىيەت تۆلەش جازاسى بېرىلىدۇ، لېكىن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ۋارىسلىرى دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، قاتىلنىڭ دىيەت تۆلىشىگە ھاجەت يوق.
  • ئۆلتۈرۈلگۈچى، مۇئمىنلارغا دۈشمەن (كاپىر) جەمئىيىتىدە ياشايدىغان بىر مۇئمىن بولسا بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىنغا، پەقەت بىرلا مۇئمىن قۇل (ئەر – ئايال پەرقى يوق) ئازاد قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
  • ئۆلتۈرۈلگۈچى، تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن بىر دۆلەتتە ياشايدىغان بىر مۇئمىن بولسا بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىنغا، سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ئەھلىگە دىيەت تۆلەش ۋە بىر مۇئمىن قۇل (ئەر – ئايال پەرقى يوق) ئازاد قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئازاد قىلىش ئۈچۈن مۇئمىن قۇل تاپالمىسا، بىر مۇئمىن قۇل ئازاد قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك.

بۇلار بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغان مۇئمىنگە بېرىلىدىغان جازالار.

ئەمما قەستەنلىك بىلەن مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ جازاسى تۆۋەندىكىچە:

كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا دۇنيادا قىساس جازاسى (ناۋادا قەستەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ۋارىسلىرى دىيەتكە رازى بولغان تەقدىردە قىساسنىڭ ئورنىغا دىيەت جازاسى) بېرىلىدۇ[1]، ئەگەر تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتسە[2]، ئاخىرەتتە مەڭگۈ دوزاختا ئازاب چېكىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە لەنىتىگە مەھكۇم قىلىنىدۇ.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 178 – ۋە 179 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 82 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 68 ~ 70 – ئايەتلەر؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 53 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر