مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا نىكاھ 1

قۇرئاندا نىكاھ

نىكاھ 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَنكِحُواْ ٱلۡأَيَٰمَىٰ مِنكُمۡ وَٱلصَّٰلِحِينَ مِنۡ عِبَادِكُمۡ وَإِمَآئِكُمۡۚ إِن يَكُونُواْ فُقَرَآءَ يُغۡنِهِمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ  ٣٢﴾

«ئاراڭلاردىكى بويتاق ئوغۇللارنى، بويتاق قىزلارنى ۋە لاياقەتلىك بولغان قۇللىرىڭلارنى، چۆرىلىرىڭلارنى نىكاھلاپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئۇ بىلگۈچىدۇر»[1].

«نىكاھ» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن 23 يەردە كېلىدۇ. بۇ كەلىمىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر ئۆتۈمسىز بولغاندا ئۆيلىنىش كېلىشىمى تۈزمەك، ئۆتۈملۈك بولغاندا ئۆيلىنىش كېلىشىمى تۈزدۈرمەك دېگەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ بويتاق ئەر – ئاياللارغا «نىكاھلىنىڭلار» دېمەستىن مۇئمىنلار جامائەسىگە «نىكاھلاپ قويۇڭلار» دېيىشى ئۇ كېلىشىمنى ئەسلىدە بويتاق ئەر – ئاياللار تۈزىدۇ، لېكىن ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا باشتىن – ئاخىر قول تىقىڭلار ۋە يېنىدا ھازىر بولۇڭلار دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ توي قىلىشىنىڭ مەسلىھەتلىشىشتىن تارتىپ تاكى كېلىشىم تۈزۈش ئەسناسىغىچە بولغان باسقۇچلاردا ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئەل – جامائىتى ھېسابلىنىدىغان مۇئمىنلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىشىنىڭ، كېلىشىم تۈزۈش ئەسناسىدا ھەممىسىنىڭ بىردەك ھازىر بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇ مۇئمىنلار مەزكۇر ئەر – ئايالنى «نىكاھلاندۇرغان» بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دالالەت قىلىدۇكى، ئۆيلىنىش كېلىشىمى زور كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىدا ئېلان قىلىش بىلەن تۈزۈلىدۇ. «توي» دېگەن سۆز بۇ ئېلاننىڭ خەلق تىلىدا ئىپادىلىنىشىدۇر.

 نىكاھتا جامائەتنىڭ ھازىر بولۇشى، نىكاھقا گۇۋاھچى بولۇشى ئاساس بولغاچقا دىنىمىزدا «مەخپى نىكاھ» دېگەن بىر ئىش يوقتۇر. مۇشۇنداق شەكىلدە ئۆزلىرىنى ئەر-خۇتۇن ھېسابلاپ بىر يەردە بولغانلار زىنا قىلىشقان بولىدۇ.  

[1] 24 – سۈرە نۇر، 32 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر