مۇسۇلمانلار
ئەر-ئاياللار ئارلىشىپ ياشىسا بولامدۇ؟ 1

ئەر-ئاياللار ئارلىشىپ ياشىسا بولامدۇ؟

  ئەر – ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشى

ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئەر – ئايالدىن شەكىللىنىدۇ. ئاياللار دۇنيانىڭ يېرىمىدۇر. بۇنى ئەقىل تونۇيدۇ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ. ئەر – ئاياللارنىڭ، تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىدە بىر – بىرى  بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا ئېھتىياجى بار. بۇ بىر قانۇنىيەت. ھەرخىل يوللار بىلەن بۇنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىق جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنساننىڭ نېمىگە بەك ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەڭ ياخشى بىلگەن ئاللاھ، ئەر – ئاياللارنى ئايرىلىپ ياشاشقا بۇيرۇماستىن، ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ھاراملىق چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش شەرتى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا رۇخسەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُل لِّلۡمُؤۡمِنِينَ يَغُضُّواْ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِمۡ وَيَحۡفَظُواْ فُرُوجَهُمۡۚ ذَٰلِكَ أَزۡكَىٰ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا يَصۡنَعُونَ ٣٠ وَقُل لِّلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَغۡضُضۡنَ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِنَّ وَيَحۡفَظۡنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنۡهَاۖ وَلۡيَضۡرِبۡنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّۖ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوۡ ءَابَآئِهِنَّ أَوۡ ءَابَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآئِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ أَخَوَٰتِهِنَّ أَوۡ نِسَآئِهِنَّ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُنَّ أَوِ ٱلتَّٰبِعِينَ غَيۡرِ أُوْلِي ٱلۡإِرۡبَةِ مِنَ ٱلرِّجَالِ أَوِ ٱلطِّفۡلِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يَظۡهَرُواْ عَلَىٰ عَوۡرَٰتِ ٱلنِّسَآءِۖ وَلَا يَضۡرِبۡنَ بِأَرۡجُلِهِنَّ لِيُعۡلَمَ مَا يُخۡفِينَ مِن زِينَتِهِنَّۚ وَتُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ ٣١﴾

«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر. مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا -. ياغلىقلىرى بىلەن بويۇن ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، دادىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجى يوق ئەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە تەۋە بولغانلاردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[1]

   بۇ ئىككى ئايەتتىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:

  • ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاياللار، ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا ئەرلەر بولىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەتنىڭ «مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپىتىنى ساقلىسۇن» دېگەن قىسمى، ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا نامەھرەم ئاياللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىماسلىقىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي پاكلىقىنى ساقلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ نامەھرەمگە قاراش ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىماسلىق ئىمكانىيىتى بولمىغان يەردە ئۇلارغا بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە قويغاننىڭ پايدىسى يوق.
  • «قارىمىسۇن» دېگەن چەكلىمە مۇتلەق بولماستىن، «تىكىلىپ» ئىپادىسى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن. بۇ ھەر قانداق قاراشنىڭ ئەمەس، شەھۋانىي كۆز بىلەن ۋە يامان نىيەت بىلەن قاراشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! ئارقا – ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ[2].

  • ئاياللار يۈزلىرىنى يۆگەشكە ئەمر قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشى پەرز بولسا ۋە ئۇلار بۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىنى يۆگىگەن بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئەرلەرگە «تىكىلىپ قارىمىسۇن» دېيىشنىڭ بىر مەنىسى بولمايتتى.

بۇنى 33 – سۈرە ئەھزابنىڭ 52 – ئايىتىنىڭ بېشىدىكى: ﴿لَا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاء مِن بَعْدُ وَلَا أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ ئى مۇھەممەد! بۇندىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ – باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ – ساڭا ھالال بولمايدۇ دېگەن ئىپادىمۇ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى (تەرجىمىسىدىكى) «جامالى» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچىسى «ھۇسن» دۇر. ئەرەبچىدىكى ھۇسن، ئۇيغۇرچىدا جامال، ھۆسن، چىراي قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى يۈزنىڭ گۈزەللىكى دېگەن مەنىنىلا ئىپادىلەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەجەپلەندۈرىدىغان گۈزەل يۈزنىڭ ئوچۇق يەنى يۆگەلمىگەن بولۇشى كېرەك. يۆگەلگەن يۈز، قارشى جىنسنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلالمايدۇ.

  • ئىككىنچى ئايەتنىڭ بېشىدىكى «مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپىتىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دېگەن قىسىم، ئەرلەرگە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ئاياللارغىمۇ ئوخشاش ھالدا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
  • بۇ ئىككى ئايەت ھەر ئىككى جىنسنى زىنادىن ئىبارەت قەبىھ ئىشتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 32 – ئايىتىدىكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېگەن چەكلىمىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە «زىناغا يېقىنلىشتىن توسىدۇ» يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە[3] بولسا، قانداق قىلسا زىناغا يېقىنلاشقانلىق بولىدىغانلىقنى بايان قىلىدۇ.
  • زىنادىن ئىبارەت قەبىھ ئىشقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق سۆز  – ھەرىكەت قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ ئىككىنچىسىدە ئاياللارنىڭ زىننەتلىرىنى ئاشكارىلاشتىن ۋە زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ يەرگە قاتتىق دەسسەپ مېڭىشتىن مەنئى قىلىنىشى ئىپادىلەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «نىكاھ چۈشىدىغان ئەر – ئاياللار يالغۇز بىر يەردە تۇرمىسۇن. ئەگەر تۇرۇپ قالسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ»[4] دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسى ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىر مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەت مەسىلىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَّيۡسَ عَلَى ٱلۡأَعۡمَىٰ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡأَعۡرَجِ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرِيضِ حَرَجٞ وَلَا عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَن تَأۡكُلُواْ مِنۢ بُيُوتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ ءَابَآئِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أُمَّهَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ إِخۡوَٰنِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخَوَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَعۡمَٰمِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ عَمَّٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخۡوَٰلِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ خَٰلَٰتِكُمۡ أَوۡ مَا مَلَكۡتُم مَّفَاتِحَهُۥٓ أَوۡ صَدِيقِكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَأۡكُلُواْ جَمِيعًا أَوۡ أَشۡتَاتٗاۚ …  ٦١﴾

«ئەما، توكۇر ۋە كېسەل كىشىلەر سىلەر بىلەن ھەمداستىخان بولسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاچقۇچلىرىنى سىلەر باشقۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن ۋە دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر نەرسە يېسەڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەممىڭلار بىر يەرگە جەم بولۇپ يېسەڭلارمۇ، ئايرىم – ئايرىم يېسەڭلارمۇ ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر»[5].

خۇلاسە

ئەر – ئاياللار ئىجتىمائىي ھاياتىدا بولۇپمۇ قاتناش ۋاسىتىلىرى، مەجلىس، يول، دوختۇرخانا، توي – تۆكۈن سورۇنلىرى ۋە ئادەمگەرچىلىك باردى – كەلدىلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەر ئىككى جىنسنىڭ يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا بىر يەردە تۇرۇشى مەنئى قىلىنمايدۇ.

ئەگەر بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ بىر ئىشخانىدا ئىشلىشىگە ياكى ئەر كىشىنى ئايال دوختۇرنىڭ، ئايال كىشىنى ئەر دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا توغرا كېلىپ قالسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەرگە ھەر ئىككى تەرەپ رىئايە قىلغاندىن سىرت، ئىككىسى بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىق شەرتىگىمۇ رىئايە قىلىشلىرى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن يا ئۇلارنىڭ يېنىدا باشقا بىرىنىڭمۇ بولۇشى ياكى ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 : 288-292.

[1] 24 – سۈرە نۇر، 30 – ۋە 31 – ئايەتلەر.

[2]  تىرمىزى، «ئەدەب»، 28؛ ئەبۇ داۋۇد، «نىكاھ»، 44.

[3] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 30 ۋە 31 – ئايەتلەر.

[4]  تىرمىزى، «رىدائـ»، 16.

[5] 24 – سۈرە نۇر، 61 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر