مۇسۇلمانلار
بىدئەت ۋە خۇراپاتلارپال سېلىش 1

بىدئەت ۋە خۇراپاتلار\پال سېلىش

          پال

پالچىلىق بەزى  ئۇسۇللار بىلەن كەلگۈسىدە بولىدىغان بەزى ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن، جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ ئىچىدە ئومۇملاشقان ئىدى. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پالچى ۋە رەمچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارى بار ئىدى، ئىنسانلار مۈشكۈللىرىنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن ۋە مۇھىم مەسىلىلىرى توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پال باقتۇراتتى.

ئىسلام كېلىپ، بۇ شېرىك ئېتىقادقا كەسكىن قارشى تۇردى، پال باققۇچى ۋە باقتۇرغۇچىنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلدى: پال بېقىش ۋە پال باقتۇرۇشنى ئاللاھتىن غەيرىيگە تايانغانلىق ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا شېرىك، پال باققۇچى ۋە باقتۇرغۇچىلارغا مۇشرىك دەپ ھۆكۈم قىلدى. چۈنكى پالچىلىق قىلغانلار غەيبنى بىلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان كىشىلەردۇر، شۇنداقلا كاپىرلاردۇر. قۇرئان كەرىمدە غەيىبنى پەقەتلا ئاللاھنىڭلا بىلىدىغانلىقى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ غەيىبنى بىلمەيدىغانلىقى، ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان[1]. مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:

﴿قُل لَّآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ إِنِّي مَلَكٌۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ  ٥٠﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە، ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن، مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن، سىلەرگە ‹مەن چوقۇم پەرىشتە› دېمەيمەن، مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. ئېيتقىنكى: كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟»[2].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«كىمكى پالچىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلايدىكەن مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا كاپىر بولغان بولىدۇ»[3].

[1] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 50 -، 59 – ۋە 73 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 188 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 20 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 31 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 3 – ئايەت.

[2] 6 – سۈرە ئەنئام، 50 – ئايەت.

[3] ئەبۇ داۋۇد تەيالىسى، مۇسنەد، 1: 300؛ ئەبۇ داۋۇد، «تىب»، 21؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 15: 331.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر