مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا يېمەك-ئىچمەك تېتىقۇلار 1

قۇرئاندا يېمەك-ئىچمەك \ تېتىقۇلار

يېمەك – ئىچمەكلەرگە تەم كىرگۈزگۈچى ماددىلار

1.     دورا – دەرمەك ۋە ئوتياشلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡأَرۡضَ وَضَعَهَا لِلۡأَنَامِ ١٠ فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَٱلنَّخۡلُ ذَاتُ ٱلۡأَكۡمَامِ ١١ وَٱلۡحَبُّ ذُو ٱلۡعَصۡفِ وَٱلرَّيۡحَانُ ١٢﴾

«رەھمان زېمىننى مەخلۇقاتنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويدى. ئۇنىڭدا مېۋىلەر، بوغۇملۇق خورمىلار، سامانلىق دانلار ۋە خۇشبۇي ئۆسۈملۈكلەر بار»[1].

﴿وَإِذۡ قُلۡتُمۡ يَٰمُوسَىٰ لَن نَّصۡبِرَ عَلَىٰ طَعَامٖ وَٰحِدٖ فَٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُخۡرِجۡ لَنَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۢ بَقۡلِهَا وَقِثَّآئِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَاۖ قَالَ أَتَسۡتَبۡدِلُونَ ٱلَّذِي هُوَ أَدۡنَىٰ بِٱلَّذِي هُوَ خَيۡرٌۚ ٱهۡبِطُواْ مِصۡرٗا فَإِنَّ لَكُم مَّا سَأَلۡتُمۡۗ …  ٦١﴾

«سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: ‹ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن› دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: ‹ياخشى نەرسىلەرنى ناچار نەرسىلەرگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، سورىغىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!› دېگەن ئىدى»[2].

2.     زەنجىۋىل

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَيُسۡقَوۡنَ فِيهَا كَأۡسٗا كَانَ مِزَاجُهَا زَنجَبِيلًا  ١٧ عَيۡنٗا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلۡسَبِيلٗا  ١٨﴾

«ئۇلار يەنە ئۇ جەننەتتە زەنجەبىل ئارىلاشتۇرۇلغان قەدەھلەر بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ. ئۇ سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاقتۇر»[3].

3.     كافۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ يَشۡرَبُونَ مِن كَأۡسٖ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا  ٥ عَيۡنٗا يَشۡرَبُ بِهَا عِبَادُ ٱللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفۡجِيرٗا  ٦﴾

«شۈبھىسىزكى، ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان قەدەھلەردىن ئىچىدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى خالىغان يەرلىرىگە ئېقىتىپ ئىچىدىغان بۇلاقتۇر»[4].

4.     زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى

ئاللاھ تائالا مۇندا دەيدۇ:

﴿وَشَجَرَةٗ تَخۡرُجُ مِن طُورِ سَيۡنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهۡنِ وَصِبۡغٖ لِّلۡأٓكِلِينَ  ٢٠﴾

«بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن بىر تۈرلۈك دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەخ سىنا تېغىدا چىقىدۇ، ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بوياق[5] بىلەن ئۆسىدۇ»[6].

﴿ٱللَّهُ نُورُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ مَثَلُ نُورِهِۦ كَمِشۡكَوٰةٖ فِيهَا مِصۡبَاحٌۖ ٱلۡمِصۡبَاحُ فِي زُجَاجَةٍۖ ٱلزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوۡكَبٞ دُرِّيّٞ يُوقَدُ مِن شَجَرَةٖ مُّبَٰرَكَةٖ زَيۡتُونَةٖ لَّا شَرۡقِيَّةٖ وَلَا غَرۡبِيَّةٖ يَكَادُ زَيۡتُهَا يُضِيٓءُ وَلَوۡ لَمۡ تَمۡسَسۡهُ نَارٞۚ نُّورٌ عَلَىٰ نُورٖۚ يَهۡدِي ٱللَّهُ لِنُورِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَ لِلنَّاسِۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ  ٣٥﴾

«ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھنىڭ نۇرى، ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىراغ بىر شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇ شېشە خۇددى بىر گۆھەر يۇلتۇزدۇر. ئۇ چىراغ شەرققىمۇ، غەربكىمۇ مەنسۇپ بولمىغان بەرىكەتلىك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلىدۇ. ئۇ شۇنداق بەرىكەتلىك دەرەخكى، يېغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇتايلا دەپ تۇرىدۇ. ئۇ نۇر ئۈستىگە نۇردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى نۇرىغا ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[7].

ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ تائامىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ  ٢٤ أَنَّا صَبَبۡنَا ٱلۡمَآءَ صَبّٗا  ٢٥ ثُمَّ شَقَقۡنَا ٱلۡأَرۡضَ شَقّٗا  ٢٦ فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا حَبّٗا  ٢٧ وَعِنَبٗا وَقَضۡبٗا  ٢٨ وَزَيۡتُونٗا وَنَخۡلٗا  ٢٩ وَحَدَآئِقَ غُلۡبٗا  ٣٠ وَفَٰكِهَةٗ وَأَبّٗا  ٣١ مَّتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ  ٣٢﴾

«ئۇ ئىنسان يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇن: مول يامغۇرنى بىز ياغدۇردۇق، ئاندىن زېمىننى ياردۇق، ئاندىن ئۇ زېمىندا ئاشلىقلارنى ئۈندۈردۇق، ئۈزۈم، ئوتياش، زەيتۇن، خورما، دەرەخلىرى قويۇق باغلار، مېۋىلەر ۋە ئوتلاقلارنى يېتىشتۈردۇق. بىز بۇلارنى سىلەرگە ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارغا ياشاش ۋاسىتىسى بولسۇن دەپ قىلدۇق»[8].

[1] 55 – سۈرە رەھمان، 10 ~ 12 – ئايەتلەر.

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 61 – ئايەت.

[3] 76 – سۈرە ئىنسان، 17 – ۋە 18 – ئايەتلەر.

[4] 76 – سۈرە ئىنسان، 5 – ۋە 6 – ئايەتلەر.

[5]  بۇ يەردىكى بوياق قوشۇمچە يېمەكلىك بولۇپ، ئۇ زەيتۇن دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇراببالىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئېلىشتۇرۇلغان يېمەكنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ.

[6] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 20 – ئايەت.

[7] 24 – سۈرە نۇر، 35 – ئايەت.

[8] 80 – سۈرە ئەبەسە، 24 ~ 32 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر