مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا يېمەك - ئىچمەك 1

قۇرئاندا يېمەك – ئىچمەك

يېمەكلىكلەر

يېمەكلىكلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى دانلار (ئاشلىقلار) ۋە مېۋىلەر، يەنە بىرى گۆشلەر.

1.     ئاشلىقلار ۋە مېۋىلەر

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ نَبَاتَ كُلِّ شَيۡءٖ فَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهُ خَضِرٗا نُّخۡرِجُ مِنۡهُ حَبّٗا مُّتَرَاكِبٗا وَمِنَ ٱلنَّخۡلِ مِن طَلۡعِهَا قِنۡوَانٞ دَانِيَةٞ وَجَنَّٰتٖ مِّنۡ أَعۡنَابٖ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُشۡتَبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٍۗ ٱنظُرُوٓاْ إِلَىٰ ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَيَنۡعِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمۡ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ  ٩٩﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر ئۆسۈملۈكنىڭ بىخىنى چىقاردۇق، ئۇنىڭدىن نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر – بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمىنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى،  بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى چىقاردۇق. ھەر بىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[1].

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ١٤١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[2].

﴿وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ  ٢٧ فِي سِدۡرٖ مَّخۡضُودٖ  ٢٨ وَطَلۡحٖ مَّنضُودٖ  ٢٩ وَظِلّٖ مَّمۡدُودٖ  ٣٠ وَمَآءٖ مَّسۡكُوبٖ  ٣١ وَفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ  ٣٢ لَّا مَقۡطُوعَةٖ وَلَا مَمۡنُوعَةٖ  ٣٣ وَفُرُشٖ مَّرۡفُوعَةٍ  ٣٤﴾

«ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر، نېمىدېگەن بەختلىك بۇ ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر! ئۇلار تىكەنسىز گىلاس، سانجاق – سانجاق بانان، ئۇزىتىلغان سايە، ئېقىتىلغان سۇ، تۈگىمەيدىغان ۋە مەنئى قىلىنمايدىغان كۆپ مېۋە، يۈكسەلدۈرۈلگەن تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ»[3].

﴿وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءَۢ بِقَدَرٖ فَأَسۡكَنَّٰهُ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابِۢ بِهِۦ لَقَٰدِرُونَ ١٨ فَأَنشَأۡنَا لَكُم بِهِۦ جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ لَّكُمۡ فِيهَا فَوَٰكِهُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ١٩ وَشَجَرَةٗ تَخۡرُجُ مِن طُورِ سَيۡنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهۡنِ وَصِبۡغٖ لِّلۡأٓكِلِينَ  ٢٠﴾

«بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋىتىشكىمۇ يېتىدۇ. بىز ئۇ سۇ بىلەن سىلەرگە خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. ئۇ باغلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مېۋىلەر بار. سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر. بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن بىر تۈرلۈك دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەخ سىنا تېغىدا چىقىدۇ، ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بوياق بىلەن ئۆسىدۇ[4]»[5].

2.     گۆشلەر

1)       تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە گۆشلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَوۡفُواْ بِٱلۡعُقُودِۚ أُحِلَّتۡ لَكُم بَهِيمَةُ ٱلۡأَنۡعَٰمِ إِلَّا مَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ غَيۡرَ مُحِلِّي ٱلصَّيۡدِ وَأَنتُمۡ حُرُمٌۗ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ مَا يُرِيدُ  ١﴾

«ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلار ھالال قىلىندى. پەقەت ئۇلاردىن سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ»[6].

﴿وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٥﴾

«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر»[7].

﴿أَوَ لَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا خَلَقۡنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتۡ أَيۡدِينَآ أَنۡعَٰمٗا فَهُمۡ لَهَا مَٰلِكُونَ  ٧١ وَذَلَّلۡنَٰهَا لَهُمۡ فَمِنۡهَا رَكُوبُهُمۡ وَمِنۡهَا يَأۡكُلُونَ  ٧٢ وَلَهُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَمَشَارِبُۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ  ٧٣﴾

«ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ياراتتۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا كۆندۈرۈپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»[8].

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡعَٰمَ لِتَرۡكَبُواْ مِنۡهَا وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٧٩﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەردى.  ئۇلارنىڭ بەزىسىگە مىنىسىلەر، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر»[9].

2)       قۇش گۆشلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَحۡمِ طَيۡرٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ  ٢١﴾

«ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتىدىغان قۇش گۆشلىرىنى سۇنىدۇ»[10].

3)       ئوۋ گۆشلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَسۡأَلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمۡۖ قُلۡ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ وَمَا عَلَّمۡتُم مِّنَ ٱلۡجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُۖ فَكُلُواْ مِمَّآ أَمۡسَكۡنَ عَلَيۡكُمۡ وَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ  ٤﴾

«ئى مۇھەممەد‍‍‍! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگىتىپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى»[11].

﴿… وَحُرِّمَ عَلَيۡكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَرِّ مَا دُمۡتُمۡ حُرُمٗاۗ … ٩٦﴾

«سىلەر ئېھرامدىلا بولىدىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى»[12].

5 – سۈرە مائىدەنىڭ 1 -، 94 – ۋە 95 – ئايەتلىرىمۇ ئېھرامسىز كىشىنىڭ ئوۋ ئوۋلىشىغا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ (ئەنئام تۈرى ھايۋانلارنىڭ) ياۋىلىرىنىڭ ۋە ئىنسانغا زىيانسىز بولغان باشقا ياۋا ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4)       دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ گۆشلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أُحِلَّ لَكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَحۡرِ وَطَعَامُهُۥ مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِلسَّيَّارَةِۖ …  ٩٦﴾

«سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر»[13].

﴿وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى – سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن -، ھەمدە ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلدى»[14].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 215 – 219- بەتلەر.

[1] 6 – سۈرە ئەنئام، 99 – ئايەت.

[2] 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[3] 56 – سۈرە ۋاقىئە، 27~34 – ئايەتلەر.

[4]  بۇ يەردىكى بوياق قوشۇمچە يېمەكلىك بولۇپ، ئۇ زەيتۇن دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇراببالىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئېلىشتۇرۇلغان ناننىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ.

[5] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 18 ~ 20 – ئايەتلەر.

[6] 5 – سۈرە مائىدە، 1 – ئايەت.

[7] 16 – سۈرە نەھل، 5 – ئايەت.

[8] 36 – سۈرە ياسىن، 71 ~ 73 – ئايەتلەر.

[9] 40 – سۈرە غافىر، 79 – ئايەت.

[10] 56 – سۈرە ۋاقىئە، 21 – ئايەت.

[11] 5 – سۈرە مائىدە، 4 – ئايەت.

[12] 5 – سۈرە مائىدە، 96 – ئايەت.

[13] 5 – سۈرە مائىدە، 96 – ئايەت.

[14] 16 – سۈرە نەھل، 14 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر