باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر > بۈگۈنكى ئايەت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

         IV  ۋەتەن ۋە مىللەت

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتقان[1]. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەسەب، قۇدا – باجىلىق ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان[2]. ئۇلارنى ئۆزئارا تونۇشسۇن دەپ قەبىلە ۋە مىللەتلەرگە ئايرىغان[3]. ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ تىللىرىنى ۋە رەڭگىلىرىنى پەرقلىق قىلغان[4]. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن يەر يۈزىدە بىر قارارگاھ (ۋەتەن) ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكى (يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى نېمەتلەر) ئاتا قىلغان[5]. بۇلار ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدە ئىجتىمائىي ھالدا ياشايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىي ھالدا بىر مىللىتى ۋە بىر يۇرتى (ۋەتىنى) بولىدۇ. شۇنىڭدەك، يەر يۈزىدىكى ھەر مىللەتنىڭ بىر خىل تىلى ۋە بىر تۈرلۈك بەدەن رەڭگى بولىدۇ. ھېچكىم ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ۋە ۋەتىنىنى تاللىيالمايدۇ، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئەيىبلەنمەيدۇ ياكى ماختالمايدۇ. چۈنكى ئەيىبلىنىش ئىختىيار بىلەن قىلىنغان يامانلىققا، ماختىلىش ئىختىيار بىلەن قىلىنغان ياخشىلىققا ئاساسەن بولىدۇ[6].

ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتكە يېقىنلىق ھېس قىلىش تەبىئىي تۇيغۇدۇر. ئەگەر بىر ئىنسان ۋەتەن ۋە مىللىتىدىن ئايرىلسا، ئەقلى ئۇلارنى ئويلاشتا، كۆڭلى ئۇلارنى سېغىنىشتا، كۆزلىرى ئۇلارغا تەلمۈرۈشتە، قۇلىقى ئۇلارنىڭ خەۋىرىدە بولىدۇ[7]. چۈنكى ۋەتىنى ئۇنىڭ چوڭ ئۆيى، مىللىتى ئۇنىڭ چوڭ ئائىلىسىدۇر. كىشى ئۆيىنى ۋە ئائىلىسىنى سۆيۈش بىلەن ئەيىبلەنمەيدۇ. لېكىن بۇ سۆيگۈ ئاللاھقا بولغان سۆيگۈدىن كۈچلۈك بولماسلىقى كېرەك. مىللەتكە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ئىسلامغا بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسىدىن ئۈستۈن بولماسلىقى لازىم[8].

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەتىنىنى سۆيگەن، مىللىتىگە تەۋەلىك ئىپادىلىگەن[9]. ساھابىلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا بىر مىللەتكە ياكى بىر قەبىلىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھەبەشىي، رۇمىي، فارىسىي، غىفارى… دېگەندەك سۆزلەر قوشۇلغان، ئۇلار ۋەتەنلىرىنى سېغىنىپ شېئىرلار ئوقۇغان، لېكىن ئۇلار ئاللاھ رىزاسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتقان[10]. دېمەككى، ۋەتەننى سۆيۈش، سېغىنىش ۋە كۈيلەش، مىللەتكە تەۋەلىك ھېس قىلىش، يېقىنلىق كۆرسىتىش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ياخشىلىق ئارزۇ قىلىش گۇناھ ئەمەس.

1§. ۋەتەن

1.      قۇرئاندا ۋەتەن

قۇرئان كەرىمدە ۋەتەن، ئۇيغۇرچىغا يۇرت دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان «دار»[11] ۋە ئۇنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «دىيار»[12] دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دىن بىلەن يۇرت، جان بىلەن يۇرت، ئۆلتۈرۈش بىلەن سۈرگۈن قىلىش بىللە زىكىر قىلىنىدۇ. يۇرتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش» ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا يۇرت (ۋەتەن)نىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَّا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَلَمۡ يُخۡرِجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ أَن تَبَرُّوهُمۡ وَتُقۡسِطُوٓاْ إِلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ  ٨ إِنَّمَا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَٰتَلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَأَخۡرَجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ وَظَٰهَرُواْ عَلَىٰٓ إِخۡرَاجِكُمۡ أَن تَوَلَّوۡهُمۡۚ وَمَن يَتَوَلَّهُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ  ٩﴾

«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر»[13].

 ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە دىن بىلەن يۇرتنى بىرلىكتە زىكىر قىلغان، بىر كىشىنى يۇرتىدىن (ۋەتىنىدىن) ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشنى، دىنى توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئېچىش بىلەن تەڭ جىنايەت، شۇنداقلا دۈشمەن تۇتۇشنىڭ سەۋەبى ھېسابلىغان.

﴿أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلۡمَلَإِ مِنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مِنۢ بَعۡدِ مُوسَىٰٓ إِذۡ قَالُواْ لِنَبِيّٖ لَّهُمُ ٱبۡعَثۡ لَنَا مَلِكٗا نُّقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ قَالَ هَلۡ عَسَيۡتُمۡ إِن كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِتَالُ أَلَّا تُقَٰتِلُواْۖ قَالُواْ وَمَا لَنَآ أَلَّا نُقَٰتِلَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَدۡ أُخۡرِجۡنَا مِن دِيَٰرِنَا وَأَبۡنَآئِنَاۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقِتَالُ تَوَلَّوۡاْ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ  ٢٤٦﴾

«ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسادىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كاتتىلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز نەبىسىگە: ‹بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلايلى!› دېگەن ئىدى. ئۇ  نەبى ئۇلارغا: ‹سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا، ئۇرۇش قىلمىساڭلارچۇ؟› دېدى. ئۇلار: ‹بىز ئاللاھ يولىدا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايلى؟ بىز يۇرتلىرىمىزدىن چىقىرىلغان، بالا – چاقىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق!› دېدى. لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغان ئىدى، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[14].

بۇ ئايەت يۇرتنى ئىستېلاچىلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشنىڭ «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش» ھېسابلىنىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئېنىق دالالەت قىلىدۇ.

﴿وَلَوۡ أَنَّا كَتَبۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَنِ ٱقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ أَوِ ٱخۡرُجُواْ مِن دِيَٰرِكُم مَّا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٞ مِّنۡهُمۡۖ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ فَعَلُواْ مَا يُوعَظُونَ بِهِۦ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ وَأَشَدَّ تَثۡبِيتٗا  ٦٦﴾

«ئەگەر بىز ئۇلارغا: ‹ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار‹ دەپ يازغان بولساق، بۇنى ئۇلاردىن پەقەت ئازغىنە كىشى قىلاتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن خەيرلىك ۋە مۇستەھكەملىگۈچى بولاتتى»[15]. ‏

بۇ ئايەتتە جان بىلەن يۇرت، ئۆلتۈرۈش بىلەن سۈرگۈن قىلىش بىرلىكتە زىكىر قىلىنغان ۋە ئىنسانلارنىڭ جېنى بىلەن يۇرتىغا بولغان ئامراقلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن يۇرتلىرىدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە مۇسىبەت ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.

﴿إِنَّمَا جَزَٰٓؤُاْ ٱلَّذِينَ يُحَارِبُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَسۡعَوۡنَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَسَادًا أَن يُقَتَّلُوٓاْ أَوۡ يُصَلَّبُوٓاْ أَوۡ تُقَطَّعَ أَيۡدِيهِمۡ وَأَرۡجُلُهُم مِّنۡ خِلَٰفٍ أَوۡ يُنفَوۡاْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِۚ ذَٰلِكَ لَهُمۡ خِزۡيٞ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ  ٣٣﴾

«ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى قوللىرى ۋە پۇتلىرى چاپراس شەكىلدە كېسىلىشى ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا رەسۋاچىلىقتۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار»[16].

بۇ ئايەتتە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان ۋە ئەلنىڭ ئاسايىشلىقىغا دەخلى يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرگە بېرىلىدىغان جازالار ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. بۇ جازالارنىڭ ئۆلتۈرۈش ياكى دارغا ئېسىش ياكى قول – پۇتلىرىنى چاپراس كېسىش ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىش دەپ بەلگىلىنىشى بىر ئىنساننى ۋەتىنىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ ئۇنى بىر شەكىلدە ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى قول – پۇتىنى كېسىۋېتىشنىڭ قاتارىدا تۇرىدىغان جازا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

2.      رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە قاراپ ھىجرەت قىلغان كېچىسى مەككىدە ئېگىز بىر جايغا چىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنى، ئاللاھقا بەك سۆيۈملۈك زېمىن ئىكەنلىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن. ئەگەر سېنىڭ ئاھالەڭ مېنى سەندىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسا مەن چىقىپ كەتمەيتتىم»[17].

«سەن نېمىدېگەن گۈزەل شەھەر! مەن سېنى نېمانچە ياخشى كۆرىدىغاندىمەن! ئەگەر قەۋمىم مېنى سەندىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسا مەن سەندىن باشقا يەردە ياشىمايتتىم»[18].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يەرلىشىپ ئۇ يەرنى ئۆزىگە ۋەتەن قىلغاندىن كېيىن سەپەرگە چىقىپ مەدىنىگە قايتسا ۋە مەدىنىنىڭ تاغلىرىنى كۆرسە: «ئەنە ئۇھۇد تېغى[19]، ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىز ئۇنى ياخشى كۆرىمىز» دەيتتى[20].

3.      ساھابىلەرنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئەبۇ بەكىر ۋە بىلال قىزىتما (تەپ) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ ھال سورىدىم. ئەبۇ بەكىر قىزىتمىسى تۇتقاندا مۇنداق دېگەن:

«ئەھلىدىكى ھەر كىشى ئەتىگىنى خۇرسەندۇر،

بىراق ئۆلۈم كەشىنىڭ تاسمىسىدىن يېقىندۇر»[21].

 بىلال بولسا، قىزىتمىسى يانغاندا پەرياد قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن:

«ئاھ، كاشكى شۇئاندا بىلگىلى بولغان بولسىمۇ!

چىغلىق[22]، كۈرمەكلىك[23] سايدا بىر كېچە قونارمەنمۇ،

مەجەننە[24] سۇ بويلىرىغا بىر كۈن كېلەرمەنمۇ،

شامە، تەفىل[25] دېگەن تاغلارنى بىر كۆرەرمەنمۇ؟!»[26].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلسام، «ئى ئاللاھ! بىزگە مەدىنىنى بىز مەككىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرسەتكىن ياكى تېخىمۇ بەك ياخشى كۆرسەتكىن» دېدى[27].

بۇ بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدۇر. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ «مۇسنەد» ۋە نەسەئىينىڭ «سۇنەنى كۇبرا» ئىسىملىك ئەسەرلىرىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئەينى ئۆيدە يېتىۋاتقان ئامىر ئىبنى فۇھەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ئەھۋال سورىغانلىقى، ئۇنىڭمۇ بىر بېيىت بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمى مۇنداق: ئاندىن ئامىر ئىبنى فۇھەيرەگە: قانداق ئەھۋالىڭىز؟ دېسەم، مۇنداق دېدى:

«ھەقىقەتەن ئۆلۈمنى ھېس قىلدىم مەن ئۆلمەستىن،

قورقۇنچاقنىڭ ئۆلۈمى بولىدۇ ئۆز ئوقىدىن»[28].

بۇ ساھابىلەرنىڭ تەپ كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىۋېتىپ يۇقىرىدىكى بېيىتلارنى ئوقۇشى، ئۇلارنىڭ مەدىنىدە تۇرۇپ ئانا ۋەتىنى بولغان مەككىنى سېغىنغانلىقىنى ۋە مەككىدىكى ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنى ئەسلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يۇقىرىدىكى دۇئانى قىلمىغان بولاتتى. شۇنىڭدەك، ئەگەر ۋەتەننى سېغىنىش ۋە كۈيلەش، ۋەتەندىكى خاتىرىلىرىنى ئەسلەش خاتالىق بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولاتتى.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 146 – 155.

[1] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت.

[2] قاراڭ:  16 – سۈرە نەھل، 72 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 54 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 21 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 11 – ئايەت.

[3] قاراڭ:  49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[4] قاراڭ:  30 – سۈرە رۇم، 22 – ئايەت.

[5] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 36 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 24 – ئايەت.

[6] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 122 – ۋە 124 – ئايەتلەر؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 46 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 15 – ئايەت.

[7] بۇنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ، تەبىئىتى بۇزۇلمىغان ھەر ئىنسان بىلىدۇ.

[8] تەۋبە سۈرىسىنىڭ 24 – ئايىتىدە ئاتىلار، ئوغۇللار، قېرىنداشلار، جۈپتىلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلار، ماللار، تىجارەت ۋە ئۆي – ئىمارەتلەرگە بولغان سۆيگۈنىڭ ئاللاھقا بولغان سۆيگۈدىن كۈچلۈك بولغىنى ئەيىبلەنگەن. ئۇ ئايەتتىكى ئەھەببە ئىلەيكۇم ﴿أَحَبَّ إِلَيْكُم﴾ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ سېلىشتۇرما ئىسىمدۇر. ئەرەبچىدە سېلىشتۇرما ئىسىم (ئىسمى تەفدىل) مەۋجۇت ئىككى نەرسىنىڭ بىرىنىڭ كۆپرەك ياكى كۈچلۈكرەك  بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[9] قاراڭ:  25 – سۈرە فۇرقان، 30 – ئايەت.

[10] قاراڭ:  8 – سۈرە ئەنفال، 72 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 8 – ئايەت.

[11] قاراڭ:  7 – سۈرە ئەئراف، 78 – ، 91 – ۋە 145 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 65 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 31 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 37 – ئايەت.

[12] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 84 – ، 85 – ، 243 – ۋە 246 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 195 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 66 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 47 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 67 – ۋە 94 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 5 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 40 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 27 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر؛ 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر.

[13] 60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 8 ~ 9 – ئايەتلەر.

[14]  2 – سۈرە بەقەرە، 246 – ئايەت.

[15] 4 – سۈرە نىسا، 66 – ئايەت.

[16] 5 – سۈرە مائىدە، 33 – ئايەت.

[17] تىرمىزى، «مەناقىب»، 69؛ ئىبنى ماجە، «مەناسىك»، 103؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 31: 10؛ دارىمى، «سىيەر»، 67.

[18] تىرمىزى، «مەناقىب»، 69.

[19] ئۇھۇد – مەدىنە شەھىرىنى قورشاپ تۇرىدىغان تاغ تىزمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

[20] بۇخارى، «زاكات»، 54، «مەغازى»، 24، «جىھاد ۋە سىيەر»، 70، «ئىئتىسام»، 16؛ مۇسلىم، «ھەج»، 462، 503، 503، «فەزائىل»، 11؛ تىرمىزى، «مەناقىب»، 68؛ ئىبنى ماجە، «مەناسىك»، 104؛ ئىمام مالىك، «جامىئـ»، 3؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 14: 164.

[21] «كُلُّ امْرِئٍ مُصَبَّحٌ فِي أَهْلِهِ، وَالْمَوْتُ أَدْنَى مِنْ شِرَاكِ نَعْلِهِ».

[22] چىغ – مەككىنىڭ سايلىرىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئوت بولۇپ، ئەرەبچىدە «ئىزخىر» دەپ ئاتىلىدۇ.

[23] كۈرمەك – مەككىنىڭ سايلىرىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئوت بولۇپ، ھازىرقى زامان ئەرەبچىسىدە سۇمامە «ثُمامَة» دەپ ئاتىلىدۇ. بىلال رەزىيەللاھ ئەنھۇ بۇنى «جەلىل» دەپ ئىپادىلىگەن – قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر، «ج ل ل»، 11: 116.

[24] مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى بىر جاي – قاراڭ: ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى، فەتھۇلبارى (بېيرۇت، دارۇل مەئرىفە، ھ 1379)، 1: 186.

[25] شامە بىلەن تەفىل مەككىدىكى ئىككى تاغنىڭ ئىسمى – قاراڭ: ئەسقەلانى، فەتھۇلبارى، 1: 141.

[26] «أَلَا لَيْتَ شِعْرِي هَلْ أَبِيتَنَّ ليْلَةً بِوَادٍ وَحَوْلِي إِذْخِرٌ وَجَلِيلُ؛ وَهَلْ أَرِدَنْ يَوْمًا مِيَاهَ مَجَنَّةٍ وَهَلْ يَبْدُوَنْ لِي شَامَةٌ وَطَفِيلُ».

[27] بۇخارى، «فەزائىلۇل مەدىنە»، 11، «مەناقىبۇل ئەنسار»، 46، «مەردا»، 8، 22؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل،  مۇسنەد،  41: 79؛ ئىمام مالىك، «جامىئـ»، 14.

[28] «قَدْ رَأَيْتُ الْمَوْتَ قَبْلَ ذَوْقِهِ، إِنَّ الْجَبَانَ حَتْفُهُ مِنْ فُوْقِهِ» – ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 40/419، 43/47، 154؛ نەسەئى، سۇنەنى كۇبرا، 4: 361.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ