مۇسۇلمانلار
ياشلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولى ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى 1

ياشلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولى \ ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

4§. ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

ياشلار يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئۆرنەك ياشلارنى ئۈلگە ئېلىپ، «ياراملىق ياشلار» بولۇشى ۋە ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ھايات، زىممىسىدە ئېغىر مەسئۇلىيەت، يولىدا ئېگىز داۋانلار بار. ئاتا – ئانىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆزىنى كەلگۈسىگە تەييارلىمىغان ياشلار ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى زايە قىلىدۇ ۋە يولىدىكى تۇنجى داۋاندىن ئاشالمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ جازا ۋە ئازابىغا مەھكۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى لازىم:

1.      ياخشى بولۇش

ياخشى بولۇش – ئېتىقادنى توغرىلاش، ئەمەلنى ياخشىلاش، ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە مۇئامىلىنى تۈزىتىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنلىرىنى ئۆگىنىش، ئىلكىدىكى ھەر نەرسىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكىنى بىلىش، بىر كۈنى ئۇنىڭ ھېسابى ئېلىنىدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىش، شۇنداقلا ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا ئىشلىتىشنىڭ لازىملىقىنى تونۇپ يېتىش، ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىش، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بولۇش ئۈچۈن بېكىتكەن ئۆلچىمى[1]، ھەزرىتى لۇقماننىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر[2] ۋە يۇقىرىدىكى «ئۆرنەك ياشلار»نىڭ ھاياتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

2.      لاياقەتلىك بولۇش

ياخشى بولۇش يەتمەيدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان ئۆزى ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشقا بۇيرۇلغان[3]. بۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن قابىلىيەت، لاياقەت ۋە تالانت بولۇشى كېرەك. لاياقەتلىك بولۇش پىكىردە ئىلغار، ئىلىمدە ئۈستۈن، ھۈنەردە ئۇستا، تېخنىكىدا يۇقىرى، ئىقتىسادتا باي ۋە ئىشتا ئاكتىپ بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇلار ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، تىرىشىش، غەيرەت كۆرسىتىش ۋە ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەش نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ.

تۇنجى نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ «ئوقۇغىن» دەپ باشلىنىشى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 16 – سۈرە نەھلنىڭ 76 – ئايىتىدە لاياقەتلىك ئادەم بىلەن لاياقەتسىز ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە «لاياقەتلىك ئادەم»نى «ئىنسانلارنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ۋە توغرا يولدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىشى» دەپ تونۇشتۇرىدۇ. دېمەككى، لاياقەت ئىنسانلارنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇغۇدەك ئىلىم، ئېرپان، قابىلىيەت ۋە سىياسىي كۈچتۇر. 

3.      پايدىلىق بولۇش

بىر ئادەم «ياخشى» ۋە «لاياقەتلىك» بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. بۇ، ئىلكىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانلىرى بىلەن ئائىلىسىگە، مەھەللىسىگە، يۇرتىغا ۋە جامائەسىگە پايدا يەتكۈزۈش بىلەن، قۇربى يەتمىسە باشقىلارنى تەشۋىق قىلىش، قىلغانلارنى تەقدىرلەش ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

تارىختا ئۆتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ھاياتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئىسلام باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن[4]، بەلكى بۇيرۇق قىلىدۇ[5]. شۇڭا ياشلارنىڭ بۇ ياردەملىشىش پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىپ باشقىلارغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

4.      مەسئۇلىيەتچان بولۇش

بۇ ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئائىلىنى بېقىش ۋە قوغداش، تۇغقانلارغا سىيلە – رەھىم قىلىش، قولۇم – قوشنىلارغا، خىزمەتداشلارغا ۋە ھەمراھلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋەزىپىلىرىنىڭ[6] بارلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق ۋە بۇنىڭغا بىنائەن ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.

5.      پىداكار بولۇش

بۇ ياخشىلىقنى قانات يايدۇرۇشتا، يامانلىقنى تۈگىتىشتە ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا تەشۋىق ۋە تەبلىغ بىلەن كۇپايىلەنمەستىن، مەيدانغا چۈشۈپ ئىشقا  بىۋاسىتە قول تىقىش، ئۆزىنى ۋە ئىمكانلىرىنى ئاتاش، شەخسىي مەنپەئەتىنى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە پىدا قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 143 – 145.

[1] بۇ ئۆلچەم 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 177 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ.

[2] قاراڭ: 31 – سۈرە لۇقمان، 13 ~ 19 – ئايەتلەر.

[3] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 77 – ئايەت؛ 103 – سۈرە ئەسر، 3 – ئايەت.

[4]  «كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ» (مۇسلىم، «زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار»، 38؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»،  68؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 3، «ئەبۋابۇل بىررى ۋەسسىلە»، 19، «ئەبۋابۇل قىرائات»، 10؛  ئىبنى ماجە، «ئىفتىتاھۇل كىتاب»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 12: 393، 13: 325، 16: 297، 394).

[5]  «ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار» (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت).

[6] 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر