باش بەت > ئەھكام > ئىبادەتلەر > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

مەن ئۈزۈم تۇرۇۋاتقان يۇرتتىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باشقا بىر يۇرتتا خىزمەت قىلىمەن، خىزمەت ئورنۇمدا ۋاقىتلىق ياتاق ئۆيۈم بار. يەنە بىر دوستۇمنىڭ خىزمەت ئورنى تۇرۇۋاتقان يۇرتنىڭ باشقا بىر يېزىسىدا، ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ . سوئالىم: بىز ئىككىمىزگە نامازنى قەسىر قىلىش توغرا كېلەمدۇ؟ سەپەرگە چىققانلار قانچىلىك يىراققا سەپەر قىلسا ئاندىن نامازنى قەسىر قىلىش توغرا كېلىدۇ ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

 قۇرئان كەرىمنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئايىتىدە (نىسا سۈرىسىنىڭ 101- ئايىتىدە) نامازنىڭ قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلۇشى ئۈچۈن «سەپەرگە چىقىش» شەرت قىلىنىدۇ. لېكىن ھېچبىر ئايەتتە بۇ سەپەرنىڭ مۇساپىسى توغرۇلۇق بىر بەلگىلىمە يوق. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُّبِينًا١٠١﴾

«ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق[1]. شۈبھىسىزكى، كافىرلار سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 101 – ئايەت).

بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر ۋە ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى مۇنداق:

شۇئبە يەھيا ئىبنى يەزىد ھۇنائىيدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: يەھيا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نامازنى قەسىر قىلىش توغرۇلۇق سورىغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ، تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت ئوقۇيتتى.

شۇئبە يەھيانىڭ بۇ ئىككىنىڭ (ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخنىڭ) قايسىسىنى دېگەنلىكىنى ئېنىق ئەسلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق «ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخ» دەيدۇ. بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىككى مۇساپىنىڭ بىرىگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى ئېنىق[2].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىققانلىقىنى ئاساس قىلساق، ئۈچ مىل 5 كىلومېتىر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپىدۇر. چۈنكى مىل جايلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: بىر مىل بەزى جايلاردا 1609 مېتىرغا تەڭ كەلسە، بەزى جايلاردا 1848 مېتىرغا تەڭ كېلىدۇ. بۇنى ئۈچكە كۆپەيتسەك ئۈچ مىلنىڭ يۇقىرىدىكى «5 كىلومېتىر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپە» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىققانلىقىنى ئاساس قىلساق، ئۈچ پەرسەخ ئون بەش كىلومېتىر بىلەن ئون ئالتە يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپىدۇر. چۈنكى بىر پەرسەخ ئۈچ مىلغا تەڭ كېلىدۇ. ئۈچ مىل 5 كىلومېتىر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپە بولسا، بۇنى ئۈچكە كۆپەيتسەك، ئۈچ فەرسەخنىڭ «ئون بەش كىلومېتىر بىلەن ئون ئالتە يېرىم كىلومېتىر ئارىسىدا بىر مۇساپە» ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (ئەلبانىي، ئىرۋائۇلغەلىل 2/18؛ ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھەتۇ 1/310).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبۇكتا 20 كۈن تۇرغانلىقى ۋە بۇ مۇددەت ئىچىدە نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ- (بۇخارى، ئەلئىلەلۇ كەبىر، 95).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتىھ بولغان يىلى مەككىدە 15 كۈن تۇرغان ۋە بۇ مۇددەت ئىچىدە نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغان- (ئەبۇداۋۇد 1231).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شامدا ئىككى ئاي تۇرغانلىقى ۋە بۇ زامان ئىچىدە نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى، بەزى ساھابىلەرنىڭ ئەزەربەيجاندا 6 ئاي قالغانلىقى ۋە بۇ زامان ئىچىدە نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇـ (ئىبنۇلمۇلەققىن، شەرھۇلبۇخارى 8/432).

يۇقىرىدا ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىقسا، نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ 16 پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىقسا نامازنى قەسىر ئوقۇيدىغانلىقى ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتمايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (سەھىھۇلبۇخارى1/368).

يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە ناماز قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلىدىغان سەپەرنىڭ مۇساپىسى توغرۇلۇق بىر بەلگىلىمە يوق. بۇ توغرىدىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ مىل ياكى ئۈچ پەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت ئوقۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىستۇر.  بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە بىر بەلگىلىمە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى بەلگىلىمە ماھىيىتىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلەرنىڭ بۇ توغرىدىكى تەتبىقاتى پەرقلىقتۇر. بۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىندى.

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مەزھەپ ئالىملىرى سەپەر مۇساپىسىنى تۆگە مېڭىشىدا ئۈچ كېچە- كۈندۈزلۈك يول دەپ بەلگىلەيدۇ. بەزى ئالىملار بۇ مۇساپىنى 85 كىلومېتىر دېسە، بەزىلىرى 88، بەزىلىرى 90، بەزىلىرى 96 كىلومېتىر دەپ بەلگىلەيدۇ. بۇلار بۇ بەلگىلەشتە نە ئايەتكە، نە ھەدىسكە ئاساسلانمايدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە ئېنىق بەلگىلىمە قويۇلمىغان  بىر مەسىلىدە بەلگىلىمە قويۇش، ئاللاھنىڭ كەڭ يولىنى تارلاشتۇرغانلىق بولىدۇ.

مۇسۇلمانلار مەزھەپكە ئەمەس قۇرئانغا بويسۇنۇشقا، مەزھەپ ئالىملىرىغا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغانلىقى ئۈچۈن مەسىلىنى بىۋاسىتە قۇرئان-ھەدىستىن چۈشىنىشى، شۇنداقلا قۇرئان-ھەدىستىن چۈشەنگىنى بويىچە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

خۇلاسە

ناماز قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلىدىغان سەپەر مۇساپىسى ۋە بىر جايدا قانچە كۈن تۇرسا مۇساپىر ھېسابلىنىپ، قانچە كۈن تۇرسا مۇساپىر ھېسابلانماسلىقى، ئۆرپ-ئادەتكە قويۇلغان. يەنى ئادەتتە بىر كىشى قانچىلىق يىراقلىقتىكى بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ يولغا چىقسا مۇساپىر (يولۇچى) ھېسابلىنىدۇ، قانچىلىك يولغا چىقسا مۇساپىر ھېسابلانمايدۇ، بىر جايدا قانچىلىق تۇرسا مۇساپىرلىقى داۋام قىلىدۇ، قانچىلىك تۇرسا مۇساپىرلىقى مۇقىملىققا ئۆزگىرىدۇ، بۇنى شۇ كىشى ياشاۋاتقان جاينىڭ ئادىتى بەلگىلەيدۇ.

كۈنىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر كىشى ھازىرقى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بىلەن 5 كىلومېتىرلىق يولنى بىرقانچە مىنۇتتا مېڭىپ بولىدۇ ۋە ھەرگىزمۇ سەپەرگە چىقتىم دەپ ئويلىمايدۇ. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بەزى چوڭ شەھەرلەردە سائىتىگە 150، 200 كىلومېتىر يول ماڭىدىغان شەھەر پويىزلىرى بار.

ئىنسانلار ئەتىگىنى ئۇ پويىزلارغا ئولتۇرۇپ،40، 50، ھەتتا 100، 150 كىلومېتىرلىق يىراقلىدىكى بىر فابرىكىغا بېرىپ ئىشلەپ، يەنە ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپ 1 سائەتكە يەتمىگەن بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۆيىگە كېلىپ بولىدۇ. بۇ ئىشچىلار ئەتىگىنى بولسۇن، ئاخشىمى بولسۇن سەپەرگە چىقتۇق دەپ ئويلىمايدۇ. بۇ، ئۇ شەھەرنىڭ ئادىتىدىمۇ يولۇچىلىق (سەپەر) ھېسابلانمايدۇ.

 شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلمان، نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش كېرەك بولغان سەپەرنىڭ قانچىلىق يىراقلىقتا بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى ۋە بىر جايدا قانچىلىك تۇرسا مۇساپىرلىقى مۇقىملىققا ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆزى ياشاۋاتقان رايوننىڭ ئادىتىگە قاراپ بەلگىلىۋالسا بولىدۇ.

[1]   سەپەردىكى چېغىڭلاردا ئىككى رەكەت ئوقۇيدىغان نامىزىڭلارنى دۈشمەننىڭ ئۆزۈڭلارغا بىرەر زىيان  – زەخمەت يەتكۈزىشىدىن قورقساڭلار، قىسقارتىپ بىر رەكەتتىن ئوقۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.‏

[2] (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلىدۇ. ھافىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى فەتھۇلبارى ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى مۇشۇ توغرىدىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس دەپ يازىدۇ).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ