مۇسۇلمانلار
جۈمەنىڭ ۋاقتى قۇرئاندا يوقمۇ؟ 1

جۈمەنىڭ ۋاقتى قۇرئاندا يوقمۇ؟

سۇئال:

تېلېۋىزوردا بىر مۇللام: «قۇرئاندا جۈمە نامىزىنىڭ چۈش ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر دەلىل يوق. بەلكى  چۈشتىن كېيىن ئەسىر ۋاقتىدا ئوقۇلسىمۇ بولاتتى. ئەگەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان بولسا، بۇنى قەتئىي بىلەلمەيتتۇق!». دېدى. بىز گاڭگىراپ قالدۇق. قۇرئاندا جۈمە نامىزىنىڭ چۈش ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت يوقمۇ؟

ئالدى بىلەن سىزگە ئومۇمى بىر قائىدىنى ئەسلىتىپ قوياي. «ھېچبىر پەيغەمبەر ۋە ئەلچى ئاللاھنىڭ ۋەھيى بولماي تۇرۇپ پەرز ئىبادەت ياكى ھالال – ھارام مەسىلىسى ھەققىدە خالىغانچە بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ». جۈملىدىن نامازنىڭ ۋاقىتلىرىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغاندۇر (نىسا 4/103). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان بولسا ئۇنىڭ چۇقۇم ۋەھىي بولغان قۇرئاندىن دەلىلى بولىدۇ. ئۇنى ئىسپاتلاش ۋە چۈشىنىش بىزنىڭ ئەقلىمىزگە ھاۋالىدۇر.

جاۋاب:  

   قۇرئاندا پەرز نامازلارنىڭ ۋاقتىنى بايان قىلىپ كەلگەن ھۇد سۈرىسى 114- ۋە ئىسرا سۈرىسى 78 – ئايەتلەرگە قارىغاندا بىر كېچە – كۈندۈزنىڭ تۇنجى نامىزى پېشىن، ئاخىرقىسى بامداتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا جۈمە سۈرىسىنىڭ 9 – ئايىتىدە كەلگەن «ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار…» ئىپادىسىدىن جۈمە كۈنى ئېيتىلغان تۇنجى ئەزان، باشقا كۈنلەردىكىگە ئوخشاش ئۇ كۈننىڭ تۇنجى پەرز نامىزى ئۈچۈن يەنى چۈش ۋاقتىنىڭ نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان بولۇشى كېرەك. جۈمە كۈنى چۈش ۋاقتىدا قىلىنىدىغان تۇنجى ناماز، جۈمە نامىزىدۇر.

رەسۇلۇللاھ ناماز ۋاقىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق تەتبىقلىغاندۇر.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر