باش بەت > ئەقىدە > شېرىك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

7. 3 – ئاللاھتىن باشقا  قۇتۇلدۇرغۇچى ئېتىقادى 

كۆپىنچە ئىنسانلار ئاللاھتىن باشقا بىر مەۋجۇداتنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى قۇتقۇزغۇچىسى قىلىۋالىدۇ. يەنى ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۆزىنى دۇنيادا ھەرتۈرلۈك بالا – قازادىن، قىيامەتتە جەھەننەمدىن ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۇنداق قىلمىشنىڭ مۇشرىكلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:

﴿وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللَّهِ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ١٨﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: «بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىزدۇر!» دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟» ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر‏» – (10 – سۈرە يۈنۈس، 18 – ئايەت).

ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن شاپائەتچى، قۇتۇلدۇرغۇچىدۇر. بۇ ئېتىقادتىكى بىر ئىنسان مۇنداق ئويلايدۇ: قىيامەتتە جانابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب ئېلىنغاندا، ياخشى كۆرگەن ئۇ زات كېلىدۇ ۋە «ئى رەببىم! بۇ كىشى بىزدىن! بىزنىڭ ئادىمىمىز! دۇنيادا بىزگە كۆپ ياردەم قىلغاندۇر!» دەپ مېنى قۇتۇلدۇرىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟» دەيدۇ. يەنى كىمنى كىمگە تونۇشتۇرماقچى بۇ يەردە! ئۇ مەجۇداتنىڭ ئاللاھ بىلمەيدىغان قايسى ئالاھىدىلىكىنى ئاڭلاتماقچى! ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كىم بۇنداق ئىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟ لېكىن ئەپسۇسكى، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان «پالانچى شەيخكە بەيئەت قىلساق، ئۇنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلساق بىزنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاقلايدۇ، قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىنغاندا كېلىپ بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى قويماقتىدۇر. ھالبۇكى بۇ قۇتۇلدۇرغۇچىلىق ئېتىقادى، خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئاساسلىق ئەقىدە پرىنسىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن دائىم ھايات تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:

«(ئىيسا) ئاتىنىڭ يېنىدا بىزگە ئادۋۇكاتلىق قىلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن دائىم ھاياتتۇر. تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم بىز ئۈچۈن تارتقان جەبىر – جاپالىرى بىلەن بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ۋاسىتە بولۇش ئۈچۈن تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم تەييار تۇرماقتىدۇر[1]».

«شاپائەت، بىزنى ئىيسانىڭ دۇئاسىغا مۇيەسسەر قىلغان بىر تىلەك دۇئاسىدۇر. ئاتىنىڭ يېنىدا بارلىق ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ گۇناھكارلارنىڭ پايدىسىغا گەپ قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە ئىيسادۇر. ئىيسانىڭ كۈچى ئۆزىنى ۋاسىتە قىلىپ تەڭرىگە يېقىنلاشقانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا يېتىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۇلارغا ۋاسىتىچىلىك قىلىش ئۈچۈن دائىم ياشىماقتىدۇر[2]».

بۇ پارچىلاردا دېيىلگىنىدەك، ئىيسا ئەلەيھىسسالام خىرىستىيانلار ھەققىدىكى ئاللاھ بىلمەيدىغان قايسى ئىشلارنى ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىشى مۇمكىن؟ ئىيسا قانداقمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتى بولسۇن؟ بۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللارنى ئاللاھتىن باشقا «قۇتۇلدۇرغۇچى بار» دەيدىغان ئېتىقادتىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىدىن سوراپ بېقىشى كېرەك.

 ئەپسۇس، ئىنساننى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا ئاللاھتىن باشقا بىرىنى ئىلاھ قىلىپ قويۇشقا ئىتتىرەن ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بېشىدا بۇ خاتا ئېتىقاد كېلىدۇ.

ئومۇمەن، ئاخىرەتتە قۇتۇلدۇرغۇچى بولىدىغانلىقى ئۈمىد قىلىنىدىغان ئۇ شەخسلەر ياكى شەيئىلەر دۇنيادىمۇ شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ. مانا بۇ ئىنساننى شېرىككە چۈشۈردىغان سەۋەبتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

﴿قُلْ مَن يُنَجِّيكُم مِّن ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَّئِنْ أَنجَانَا مِنْ هَذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ٦٣ قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُم مِّنْهَا وَمِن كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنتُمْ تُشْرِكُونَ٦٤﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئۇنىڭدىن ۋە ھەر قىيىنچىلىقتىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا شېرىك كەلتۈرۋاتىسىلەر» – (6 – سۈرە ئەنئام، 63 – 64 – ئايەتلەر).

بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ، بىر بالا -قازادىن قۇتۇلدۇرۇش سەھنىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدىغان قۇللار، ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قويغان ھامان «بىلىمىمىز / قابىلىيىتىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ بالا – قازادىن قۇتۇلدۇق» ياكى « پالانچى پىر، ئەۋلىيانىڭ ھىممىتى، ياردىمى بىلەن قۇتۇلدۇق» دېيىش ئارقىلىق ساختا قەھرىمانلار ياراتماقتا! ئاللاھ،  مانا بۇ ئىشنىڭ شىرىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ياردەم قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋاللاردا كەلگەن ياردەمنى، ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن كەلدى دەپ بىلىشنىڭ شىرىك بولىدىغانلىقىنى ئوپئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا بِكُم مِّن نِّعْمَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فَإِلَيْهِ تَجْأَرُونَ٥٣ ثُمَّ إِذَا كَشَفَ الضُّرَّ عَنكُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِّنكُم بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ٥٤ لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ فَتَمَتَّعُوا فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ٥٥﴾

«سىلەردىكى ھەر نېمەت ئاللاھتىندۇر. يەنە تېخى قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى ئۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويسا، سىلەردىن بىر بۆلۈك كىشى دەرھال رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئۇلار بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە قارشى تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھازىرچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر!‏» – (16 – سۈرە نەھل، 53 – 55 – ئايەتلەر).

﴿فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ٦٥ لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ وَلِيَتَمَتَّعُوا فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ٦٦﴾

«ئۇلار كېمىگە چىققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئۇلار بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىپ تۇرسۇن، بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن. پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ» – (29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 65 – 66 – ئايەتلەر).

﴿وَإِذَا مَسَّ النَّاسَ ضُرٌّ دَعَوْا رَبَّهُم مُّنِيبِينَ إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا أَذَاقَهُم مِّنْهُ رَحْمَةً إِذَا فَرِيقٌ مِّنْهُم بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ٣٣ لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ فَتَمَتَّعُوا فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ٣٤ أَمْ أَنزَلْنَا عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُوا بِهِ يُشْرِكُونَ٣٥﴾

«ئىنسانلارغا زىيان يەتسە، رەببىگە يۆنەلگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. رەببى ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن بىرەر رەھمەت تېتىتسا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئۇلار، بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە قارشى تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھازىرچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر. ياكى بىز ئۇلارغا مۇشرىك بولۇشلىرىنى سۆزلەيدىغان بىرەر دەلىل نازىل قىلدۇقمۇ؟» – (30 – سۈرە رۇم، 33 – 35 – ئايەتلەر).

﴿وَإِذَا مَسَّ الْإِنسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُ نِعْمَةً مِّنْهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدْعُو إِلَيْهِ مِن قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَندَادًا لِّيُضِلَّ عَن سَبِيلِهِ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا إِنَّكَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ٨ أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ٩﴾

«ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە رەببىگە يۆنەلگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن رەببى ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىدىن نېمەت ئاتا قىلسا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا دۇئا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ. ئېيتقىنكى: «كۇفرىلىقىڭ بىلەن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولۇپ تۇرغىن، شۈبھىسىزكى، سەن دوزاخ ئەھلىدىنسەن». ئەنە شۇ كافىر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئەندىشىسى ۋە رەببىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن كىشى ياخشىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟» بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ» – (39 – سۈرە زۈمەر، 8 – 9 – ئايەتلەر).

بۇ يەرگىچە تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەردە بايان قىلىنغان: پەۋقۇلئاددە ياردەملەرنى ئاللاھتىن باشقىسىدىن كۈتۈش ئەھۋالىدۇر. بولمىسا ئىنسانلارنىڭ بىر بىرلىرىگە ياردەم قىلىشى شىرىك دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەكسىچە ئىنسانلارنىڭ شۇنداق قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ئايەت بار:

﴿… وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ٢﴾

«…ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت).

كەھف سۈرىسىنىڭ 95 – ئايىتىدە زۇلقەرنەيننىڭ:

﴿… فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ…﴾

«… ماڭا كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار» دەپ ئىنسانلاردىن ياردەم سورىغانلىقى بىلدۈرىلىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇ تەنقىتلەنمەيدۇ.

دېمەككى، ھەر ياردەم تىلەش شىرىك بولماستىن، ئاللاھ تائالادىن باشقىسىنىڭ ياردەم قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن ياردەم تىلەش ياكى شۇنداق بىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش شىرىك بولىدۇ.  مەسىلەن: بالا – قازالاردىن قۇتۇلۇش، ئىشلىرىمىزنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقىسىدىن مەنىۋى مەدەت تىلەش، ئاللاھنى ئويلايدىغان يەردە باشقا بىرلىرىنىڭ ياردىمىنى كۈتۈش شىرىك بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن فاتىھە سۈرىسىدە تىلغان ئېلىنغان «پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» جۈملىسىنىڭ مەنىسى «پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىن باشقىسى قىلالمايدىغان ئىشلارنى باشقا بىرىدىن ئەمەس؛ پەقەت سەندىنلا سورايمىز» دېگەنلىك بولىدۇ.

تەكرار ئىلگىرىكى ئايەتلەرگە قايتساق؛ ئۇ ئايەتلەردە ئېغىر بالايى ئاپەتنىڭ ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ «ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلىشى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالدىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالايدىغان بىردىنبىر مەۋجۇداتنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى دىڭىزنىڭ بوران – چاپقۇنىدىن ۋە دولقۇنلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقارغان ھامان ئۇلار ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ!

كىيىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرغان زات ئاللاھ بولسىمۇ «ئۇ ۋاقىتتا ئى پالانچى ماڭا ياردەم قىل دېدىم – دە، ئۇنىڭ ھىممىىتى بىلەن قۇتۇلدۇم» دېگەندەك بىر چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ ۋە ئىمانىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شىرىك مانا مۇشۇنداق ناھايىتى يۇشۇرۇن بىر گۇناھ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر زامان بەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.      

[1]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، تەرجىمە قىلغۇچى: دومىنىك پامىر (ئىستانبۇل:2000)، 136 – بەت، 519 – پاراگراف.  

[2] كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 599 – بەت، 2634 – پاراگراف.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ