مۇسۇلمانلار
چەكلەنگەن ئىشلار تەقلىدچىلىك ۋە دىنى ئالدامچىلىق 1

چەكلەنگەن ئىشلار \ تەقلىدچىلىك ۋە دىنى ئالدامچىلىق

قارىغۇلارچە تەقلىدچىلىك ۋە دىنى ئالدامچىلىق

تەقلىدچىلەر ئالىم – ئۆلىمالارنى ۋە موللا – ئىشانلارنى ئىلاھ قىلىۋالىدۇ؛ بۇ خىل ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ موللىسى ياكى پىرى نېمە دېسە شۇنىڭغا مۇتلەق رەۋىشتە بويسۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە توغرىلاپ باقمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلەتكەنلەرگە ئۆز موللىسىنىڭ ياكى ئۆز پىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئۆز پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

بۇ ئىنسانلارنىڭ مەقسىتى ئاللاھ نازىل قىلغان دىننى ئۈستۈن بولۇشتىن توسۇش ۋە تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «دىن»نى راۋاج تاپقۇزۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱتَّخَذُوٓاْ أَحۡبَارَهُمۡ وَرُهۡبَٰنَهُمۡ أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُوٓاْ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗاۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ سُبۡحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشۡرِكُونَ﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر»[1].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالىملارنى قانداق ئىلاھ قىلىۋالغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ.

ئەدىي ئىبنى ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: بوينۇمدا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر كرېستنى ئىسىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ: «ئى ئەدىي! ئۇ بۇتنى تاشلىۋەتكىن!» دېدى ۋە «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھنى ئاللاھنى قويۇپ رەبلەر قىلىۋالدى…» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلار ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىدى، لېكىن بۇلار، ئۇلار بىر نەرسىنى ھالال دېسە ھالال، ھارام دېسە ھارام دەپ بىلدى». بۇلارنىڭ، ئۇلارنى ئاللاھنى قويۇپ رەب (ئىلاھ) قىلىۋېلىشى مانا مۇشۇ شەكىلدە بولدى.[2]

ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە بىر قىسىم نىيىتى يامان، مەنپەئەتپەرەس ئالىملارنىڭ شۇنىڭدەك كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغان جاھىل ئىنسانلاردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق ئالداپ يەيدىغانلىقىنى، دىنى تونغا ئورىنىۋېلىپ دىن نامىدا ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:  

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡأَحۡبَارِ وَٱلرُّهۡبَانِ لَيَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡبَٰطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۗ …  ٣٤﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ»[3].

[1] 9-سۈرە تەۋبە، 31- ئايەت.

[2] تىرمىزى، «تەفسىرۇل قۇرئان»، 10.

[3] 9 – سۈرە تەۋبە، 34 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر