مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىئەقىدە تەربىيىسى 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\ئەقىدە تەربىيىسى

   ئەقىدە توغرىسىدا ئالاھىدە تەربىيە بېرىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذۡ قَالَ لُقۡمَٰنُ لِٱبۡنِهِۦ وَهُوَ يَعِظُهُۥ يَٰبُنَيَّ لَا تُشۡرِكۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّ ٱلشِّرۡكَ لَظُلۡمٌ عَظِيمٞ  ١٣﴾

«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر»[1].

﴿يَٰبُنَيَّ إِنَّهَآ إِن تَكُ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٖ فَتَكُن فِي صَخۡرَةٍ أَوۡ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ أَوۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَأۡتِ بِهَا ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٞ  ١٦﴾

«ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ بىر دانە قىچا چاغلىق بولۇپ، ئۇ بىر تاشنىڭ ئىچىدە ياكى ئاسمانلاردا ۋە ياكى يەر ئاستىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇنى كەلتۈرۈپ سەندىن ھېسابىنى ئالىدۇ. ئاللاھ ئىنچىكىلەپ كۆزەتكۈچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر»[2].

بىر ئىنساننىڭ ئەمەل ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرا بولۇشى شەرت[3]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئاللاھنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، باققۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، يەككە – يېگانە ئىكەنلىكىنى، چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىبادىتىگە لايىق بولۇشتا يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَأَهۡلِيكُمۡ نَارٗا …  ٦﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار»[4].

بالا – چاقىنى دوزاختىن ساقلاش ئۇلارغا توغرا ئەقىدە ئۆگىتىش بىلەن بولىدۇ. شېرىك ئەقىدىسى بىلەن ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئەپۇ قىلمايدۇ[5]. شۇڭا ھەزرىتى لوقمان ئوغلىغا ئالدى بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ناھايىتى چوڭ زۇلۇم ئىكەنلىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كىچىك بالىلار چۈشىنەلەيدىغان مىسال بىلەن ئۇقتۇرىدۇ.

[1] 31 – سۈرە لۇقمان، 13 – ئايەت.

[2] 31 – سۈرە لۇقمان، 16 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 124 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 97 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 19 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 112 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 94 – ئايەت ۋە 40 – سۈرە غافىر، 40 – ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.

[4] 66 – سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 48 – ۋە 116 – ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر