باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 كېسەل يوقلاش توغرىسىدا

  1. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىزنى يەتتە ئىشقا بۇيرۇدى: 1) كېسەل يوقلاشقا. 2) جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بېرىشقا. 3) كىشى چۈشكۈرۈپ «ئەلھەمدۇ لىللاھ»، دېگەن كىشىگە ئاڭلىغۇچى «يەرھەمۇكەللاھ»، دەپ جاۋاب قايتۇرۇشقا. 4) قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم بېرىشكە (گۇناھ ئىشلارنى قىلىشقا قەسەم ئىچمىگەنلا بولسا). 5) زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە. 6) چاقىرغان يەرگە بېرىشقا. 7) سالامنى ئومۇملاشتۇرۇشقا. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر: سالامنى ئىلىك ئېلىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىنى ئۇزىتىپ قەبرىستانلىققا بېرىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرگۈچى (ھەمدۇسانا ئاللاھ ئۈچۈندۇر)، دېسە، (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن) دېيىش. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى تەكىتلەش ۋە ئۇ ئىشلارنىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى ئىكەنلىكى.

2) بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئۆزئارا دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى چېگىدىغانلىقى.

مەزكۇر ھەقلەر ئىمام مالىكنىڭ قارىشىدا ۋاجىپ ھەقلەر ھېسابلىنىدۇ.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «‹ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى: ‹ئى ئادەم بالىسى، مەن ئاغرىپ قالسام مېنى يوقلىمىدىڭغۇ؟›، دەيدۇ. ئادەم: ‹ئى رەببىم، سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرساڭ، مەن سېنى قانداقمۇ يوقلاي؟›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹بىلمەمتىڭ، مېنىڭ پالانى بەندەم ئاغرىپ قېلىۋىدى، ئۇنى يوقلىمىدىڭ، ئۇنى يوقلىغان بولساڭ، ئۇنىڭ يېنىدىن مېنى چوقۇم تاپاتتىڭ›، دەيدۇ. يەنە: ‹ئى ئادەم بالىسى، مەن سەندىن تاماق سورىسام ماڭا تاماق بەرمىدىڭ؟!›، دەيدۇ. ئۇ ئادەم: ‹ئى پەرۋەردىگارىم، سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرساڭ، مەن ساڭا قانداقمۇ تاماق بېرەلەي؟›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹پالانى بەندەم تاماق سورىۋىدى، ئۇنىڭغا تاماق بەرمىدىڭ، ئۇنىڭغا تاماق بەرسەڭ، ئۇنىڭ ئەجرىنى مېنىڭ بېرىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭ؟›، دەيدۇ. يەنە: ‹ئى ئادەم بالىسى، سەندىن سۇ سورىسام، ماڭا سۇ بەرمىدىڭ؟›، دەيدۇ. ئۇ ئادەم: ‹ئى رەببىم، سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرساڭ، مەن ساڭا قانداقمۇ سۇ بېرەلەي؟›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹پالانى بەندەم سەندىن سۇ سورىۋىدى، ئۇنىڭغا سۇ بەرمىدىڭ، ئەگەر ئۇنىڭغا سۇ بەرگەن بولساڭ، ئۇنىڭ ئەجرىنى مېنىڭ بېرىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭ؟›، دەيدۇ. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كېسەل يوقلاش ۋە يوقسۇلغا تاماق، ئۇسسۇزغا سۇ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇنداق قىلغان كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ئەجىر-مۇكاپات بېرىشكە كېپىل ئىكەنلىكى.

2) پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا مۇھتاج بولىدىغانلىقى، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان ۋە ياردەم قولىنى سۇنغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېسەللەرنى يوقلاڭلار، ئاچ قالغانلارغا تائام بېرىڭلار، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان كىشىنى قويۇپ بېرىڭلار». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەسىرلەرنى قويۇۋېتىشكە، قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى تۆلەپ قويۇشقا ۋە بېشىغا كۈن كەلگەن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكى. ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا ياتىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكى.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى ﴾

 (يەنى، ياخشى ئىشلار ۋە تەقۋالىققا ئۆزئارا ھەمكارلىشىڭلار). (سۈرە مائىدە 2- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

  1. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «إنَّ الْمُسْلِمَ «بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان بۇرادىرىنى يوقلاپ بارسا تاكى قايتقۇچە جەننەتنىڭ خۇرفىلىرى ئىچىدە بولىدۇ»، دېدى. «جەننەتنىڭ خۇرفىلىرى دېگەن نېمە، ئى رەسۇلۇللاھ؟»، دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جەننەتتە ئۈزۈلىدىغان مېۋىلەر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننى ئەتىگەندە يوقلىسا 70 مىڭ پەرىشتە كەچكىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەيدۇ، كەچتە يوقلىسا تاڭ ئاتقۇچە مەغفىرەت تىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە مېۋىلەر ھازىرلانغان بولىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
  3. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر يەھۇدىي غۇلامى بولۇپ، ئۇ كېسەل بولۇپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنى يوقلاپ بېرىپ بېشىدا ئولتۇرۇپ: «مۇسۇلمان بولغىن»، دېدى. ئۇ يېنىدا تۇرغان دادىسىغا سوئال نەزىرىدە قارىدى. دادىسى: «ئەبۇلقاسىمغا (يەنى رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىل»، دېدى. يەھۇدىي غۇلام مۇسۇلمان بولدى. رەسۇلۇللاھ چىقىپ كېتىۋېتىپ: «بارلىق مەدھىيىلەر ئۇنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھ تائالاغا بولسۇن»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كۇففار كىشىنىڭ كېسىلىنى يوقلاشقا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىنى تەرغىب قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭ ئىخلاس ۋە كۆيۈمچانلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى.

3) سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇشنىڭ ئۇ دۇنياغا بېرىشتىن بۇرۇنلا بۇ دۇنيادىمۇ نەتىجىسىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى.

4) ئاسىي، كۇففار بەندىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئارزۇ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ئۈمىدۋار بولۇش.

5) ئاتا-ئانىلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھىدايەت ۋە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ