مۇسۇلمانلار

81 – زاكاتنىڭ پەزىلىتى

زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ بايانى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ …٤٣﴾

«نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار …» – (2 – سۈرە بەقەرە، 43 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ٥﴾

«ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر» – (98 – سۈرە بەييىنە، 5 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا …١٠٣﴾

«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن…‏» – (9 – سۈرە تەۋبە، 103 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇ بولسا: ‹ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى›، دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىش، پەرز نامازلارنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش، رامزان روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە زاكاتنىڭ ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ۋە زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە توشقۇدەك مالغا ئىگە بولۇپ بىر يىل ئۆتسە زاكات پەرز بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

  1. تەلھە ئىبن ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نەجدىلىك چاچلىرى چۇۋۇق بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى. بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق يۇ، لېكىن نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىدۇق، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن كېلىپ، بىردىنلا ئىسلام توغرۇلۇق سوراپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئېيتتىكى: «ئۇ نامازلاردىن باشقا يەنە ناماز ئوقۇمدىمەن؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، ئوقۇيمەن دېسەڭ نەفلى ناماز ئوقۇغىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «رامزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتۇش»، دېدى. ئۇ: «ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا روزىمۇ بارمۇ؟»، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يوق، تۇتماقچى بولساڭ نەفلى روزا تۇتقىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا زاكاتنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى. ئۇ كىشى: «مەن بېرىشكە تېگىشلىك ئۇنىڭدىن باشقىسى بارمۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يوق، بەرمەكچى بولساڭ سەدىقە بەرگىن»، دېدى. ئاندىن ئۇ كىشى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمەيمەن، كېمەيتىپمۇ قويمايمەن»، دېگەن پېتى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ راستلا دېگىنىدەك قىلسا نىجات تاپىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى دىنغا ھېكمەت بىلەن چاقىرغانلىقى، شۇڭا قىسقىغىنا ۋاقىتتا كىشىلەرنى زۇلمەتتىن نۇرغا ئېلىپ چىققانلىقى سۆزلەنگەن.

2) يۇقىرىقى ئەركانلارنىڭ ئىسلامدىكى تەسىرى، ئۇلارغا سەل قاراشنىڭ ئىسلامدىن چىقىرىۋىتىدىغانلىقى ياكى ئىمانىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى.

3) ئىسلام ئەقىدە ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىمانسىز ئەمەل پايدىسىز ئىكەنلىكى. شۇنداقلا ئەمەلسىز ئىماننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا: «سەن ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە كەلىمە شاھادەت ئېيتىشقا دەۋەت قىلغىن، ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلسا ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بايلىرىدىن ئېلىپ پېقىرلارغا بېرىدىغان زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرگە ئېغىر تۇيۇلماسلىقى ئۈچۈن ئىسلامغا تەدرىجىي ھالدا دەۋەت قىلىش، ئىسلام ئەركانلىرىدىن ئاستا-ئاستا خەۋەردار قىلىش، تەۋھىد دىننىڭ ئاساسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەۋھىدكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى تونۇشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئەمەلنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن كىشىلەر تاكى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئىقرار قىلغانغا، ناماز ئوقۇغانغا ۋە زاكات بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئورۇنلىغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ جانلىرىغا ۋە ماللىرىغا ناھەق چېقىلىش بىزگە ھارام قىلىندى، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفە بولغاندا ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرى كۇفرىغا يېنىۋالغان (يەنى زاكات بىرىشتىن باش تارتقان). ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماقچى بولغاندا ھەزرىتى ئۇمەر ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:‹مەن كىشىلەر بىلەن ئۇلار تاكى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتقانغا قەدەر ئۇرۇشۇشقا بۇيرۇلدۇم. كىمكى كەلىمە شاھادەت ئېيتسا ئۇلارنىڭ مېلىغا ۋە جېنىغا ناھەق چېقىلىش بىزگە ھارام قىلىندى. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھنىڭ ئىشى›، دېگەن تۇرسا ئۇلارغا قارشى قانداقمۇ جەڭ ئېلان قىلىسەن؟»، دېۋىدى. ئەبۇ بەكرى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ناماز بىلەن زاكاتنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قارىغان كىشىگە چوقۇم ئۇرۇش ئاچىمەن، چۈنكى زاكات دېگەن مالنىڭ ھەققىدۇر. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىپ كېلىۋاتقان چۇلۋۇر چاغلىق نەرسىنىمۇ بەرمىسە شۇنى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن»، دېدى. ئۇمەر: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ ئەبۇ بەكرىنىڭ كۆڭلىگە جىھادنى ساپتۇ، دەپ قارىدىم، ئاندىن ئەبۇ بەكرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  3. ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مېنىڭ جەننەتكە كىرىشىمگە سەۋەبچى بولىدىغان بىرەر ئەمەلنى ئېيتىپ بەرسەڭ، دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەيسەن، ناماز ئۆتىگەيسەن، زاكاتنى بەرگەيسەن، سىلە-رەھىم قىلغايسەن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1209~1211):

 1) ھەدىستىكى مەزكۇر ئىشلارنى ئوبدان ئادا قىلىشنىڭ مۇئمىن ئادەمنىڭ جەننەتتىكى مەرتىبىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ يولى ئىكەنلىكى.

2) سىلە-رەھىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

3) بۇ يەردىكى ئۇرۇش قىلىشنىڭ سەۋەبى پەقەت زاكاتنى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىسلامنىڭ بىر ئەركانىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە دۆلەتنىڭ زاكات مۇئەسسىسىگە قارشى ئىسيان قىلغان.  

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئەئرابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنىڭ جەننەتكە كىرىشىمگە سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئەمەلنى كۆرسىتىپ بەرسەڭ، مەن شۇنى قىلسام، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماستىن ئىبادەت قىلغايسەن، ناماز ئوقۇغايسەن، پەرز قىلىنغان زاكاتنى بەرگەيسەن، رامزان روزىسىنى تۇتقايسەن»، دېگەنىدى. ئۇ كىشى: جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنىڭدىن زىيادە قىلمايمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشى بۇرۇلۇپ ماڭغاندا: «كىمنى جەننەت ئەھلىگە قاراش خۇشاللاندۇرسا مۇشۇ كىشىگە قارىسۇن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭى مۇسۇلمان بولغان ئەئرابىلارغا پەقەت پەرز ئەمەللىرىنى قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن كۇپايىلىنىدىغانلىقى. تەبرانى ئېيتىدۇ: يۇقىرىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىس يېڭى مۇسۇلمان بولغان ئەئرابىلارغا قارىتىلغان بولۇپ ئۇلارغا ئېغىر كېلىپ مالال بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن پەقەت پەرز ئەمەللەرنى قىلىشقىلا بۇيرۇلغان. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى ھەقىقىي چۈشىنىپ نەفلى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشكە ھېرىسمەن بولسا ئاندىن ئۇلارغا نەفلى ئەمەللەردىن تەلىم بىرىشنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقى.

  1. جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەربىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىش جەھەتلەردە بەيئەت قىلدىم. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بارلىق كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىش كېرەكلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «دىن دېمەك، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بارلىق مۇئمىنلەرگە سادىق بولۇش دېمەكتۇر»، دېگەن ھەدىسىگە ئاساسلانغاندا دىننىڭ ئەمەلگىمۇ قارىتىلىدىغانلىقى.

3) ھەدىستە ناماز بىلەن زاكاتنىڭلا تىلغا ئېلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەركانلىرى ئىچىدە مەشھۇر ئىكەنلىكىدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر