مۇسۇلمانلار

76 –  ئۆيگە كىرىشتە ئىجازەت سوراشنىڭ ئەدەپلىرى

 ئۆيگە كىرىشتە ئىجازەت سوراشنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّى تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَى أَهْلِهَا …٢٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە ئۆزلىرىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئىجازەت ئالماستىن ۋە ئۆي ئەھلىگە سالام بەرمەستىن كىرمەڭلار…‏» – (24 – سۈرە نۇر، 27 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

﴿وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا كَمَا اسْتَأْذَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ …٥٩﴾

«بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن…» – (24 – سۈرە نۇر، 59 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىجازەت سوراش دېگەن ئۈچ قېتىم بولىدۇ، ساڭا كىرىشكە ئىجازەت بېرىلسە كىرگىن، بېرىلمىسە قايتقىن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىجازەت سوراشنىڭ قائىدىسى: ئىجازەتنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش، ئىجازەت بېرىلسە كىرىش، ئىجازەت بېرىلمىسە كىرمەسلىك، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق سورىماسلىق.

  1. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىجازەت سوراش كۆزنىڭ نامەھرەمگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: باشقىلارنىڭ ئۆيىگە سوراپ كىرىشتىكى ھېكمەت شۇكى، كىرگۈچى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ قالماسلىقى ياكى باشقىلارنىڭ كۆرۈشى دۇرۇس بولمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.

  1. رەبىئىي ئىبن ھىراش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەنى ئامىر قەۋمىدىن بىر كىشى بىزگە مۇنداق دەپ بەردى: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدىكى چاغدا ئىجازەت سوراپ: «كىرەيمۇ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ خادىمىغا بۇيرۇپ: «چىقىپ ئۇنىڭغا ئىجازەت سوراشنى ئۆگىتىپ قويغىن، ئۇنىڭغا دېگىنكى، ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىرەيمۇ؟›، دېسۇن»، دېدى. ئۇ كىشى بۇنى ئاڭلاپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىرەيمۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە ئىجازەت قىلىۋىدى، ئۇ كىردى. — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىجازەت سوراشتىكى ئەدەبنى بايان قىلىش، باشتا سالام قىلىپ، ئاندىن ئىجازەت سوراشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.

2) ئىسلامدا كىشىلەر تۇرۇشلۇق ئۆي-جايلار دەخلىسىز ئەمەس بولۇپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز كىرىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى.

3) نادانلارغا تەلىم بېرىش، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە ۋە بىلگىنىگە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. كىلدە ئىبن ھەنبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا سالام قىلماي كىرىپتىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹قايتىپ چىقىپ كېتىپ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىرەيمۇ؟ دېگىن»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ياخشىلىققا بۇيرۇش، سۈننەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق ئىشلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاش، ئۇلارغا سەل قارىماسلىق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر