باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سەپەرگە ۋە سىرتقا چىققاندا ھەمراھى بىلەن خوشلىشىش ۋە ئۇنىڭغا دۇئا بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن دۇئا ئېلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

وَوَصَّى بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللّهَ اصْطَفَى لَكُمُ الدِّينَ فَلاَ تَمُوتُنَّ إَلاَّ وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ أَمْ كُنتُمْ شُهَدَاء إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِن بَعْدِي قَالُواْ نَعْبُدُ إِلَـهَكَ وَإِلَـهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَقَ إِلَـهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ

«ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)»، دېدى. يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟»، دەپ سورىدى: ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز»، دېدى»-(سۈرە بەقەر 132-، 133- ئايەتلەر).

  1. زەيىد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا بىزگە سۆز قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئاۋۋال ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن ۋەز-نەسىھەت قىلدى. «مەنمۇ پەقەت بىر ئىنسانمەن، ئۇزۇنغا قالماي كۆز يۇمۇشۇم مۇمكىن. ئى ئىنسانلار، مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كېتىمەن؛ بىرى ‹قۇرئان كەرىم› بولۇپ، ئۇ ھىدايەتنى ۋە نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىڭ يېپىشىڭلار»، دېدى ۋە «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە قىزىقتۇردى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا ياكى ئېغىر كېسەل ھالىتىدە ئۇرۇق-ئەۋلادى ۋە دوست يارەنلىرىگە ياخشى ئىشلارنى ۋە دىنى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋەسىيەت قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ سۇلايمان مالىك ئىبن ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، تەڭتۈش ياشلاردىن بىر قانچىمىز ئىسلامدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا 20كۈن تۇردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەھىمدىل، مۇلايىم ئىدى. ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، بىزدىن ئائىلىمىزدە كىملەرنىڭ بارلىقىنى سورىدى. بىز ئېيتىپ بەردۇق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: «سىلەر ھەممىڭلار قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيۈڭلاردىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇڭلار، ئۇلارغا دىنىي ئىلىم ئۆگىتىڭلار، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى ۋاقتىدا ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، سىلەر پالانى نامازنى پۇكۇنى چاغدا ئۇقۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا بىرىڭلار ئەزان ئېيتىڭلار. يېشىڭلار چوڭراقىڭلار ئىمام بولۇڭلار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىمام بۇخارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، «مەن قانداق ناماز ئوقۇغان بولسام، سىلەر مۇشۇنداق ئوقۇڭلار»، دېگەن سۆز قۇشۇلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مەيلى پەرز ئەيىن ياكى پەرز كۇپايەنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بولسۇن ئۆزىنىڭ يۇرتىدا شارائىت بولمىسا، باشقا يۇرتلارغا ئىلىم تەلەپ قىلىپ سەپەر قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

2) ئىش بېشىدىكىلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىدىن ھال سوراپ تۇرۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ساھابىلىرىگە كۆيۈنىدىغانلىقى. ئەھلى ئىلىملەرنىڭ بىلىمسىز ئاۋامغا تەلىم بىرىشى ۋە ئۇلارغا دىننى بىلدۈرۈشنىڭ ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

4) نامازلارغا ئەزان توۋلاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، ئەگەر ھەممىسى ئىلىمدا تەڭ بولسا ياشتا چوڭىنى ئىمام قىلىش، لېكىن باشقىلاردىن بىلمىلىكرەكى بولسا شۇنى ئىمام قىلىش.

  1. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆمرە ھەجگە بېرىپ كېلىشنى سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇخسەت قىلدى، ۋە ماڭا: «ئى ئەزىز بۇرادىرىم! دۇئايىڭدا بىزنى ئۇنتۇمىغىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى ماڭا شۇنداق قىممەتلىكتۇركى، ئۇنىڭ بەدىلىگە پۈتۈن دۇنيا مېنىڭ بولسىمۇ، ئۇنچىلىك خۇشال بولمىغان بولاتتىم. — تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇئامىلىسىدىكى ئەدەپلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىيادە كەمتەرلىكى، بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا بىرى-بىرىگە دۇئا قىلىپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، گەرچە سورىغۇچى سورالغۇچىدىن ئۇلۇغراق كىشى بولغان تەقدىردىمۇ. بۇ ھەدىس دۇئانىڭ تىرىك ئادەملەرگە پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى.

  1. سالىم ئىبن ئابدۇللاھدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر ئادەم سەپەر قىلماقچى بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دەيتتى: «ماڭا يېقىن كەل! سەن بىلەن خوشلىشىۋالاي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇرۇن بىز بىلەن مۇشۇنداق خوشلىشاتتى ۋە: ‹مەن سېنىڭ دىنىڭنى، ئىشەنچىڭنى ۋە ئىشىڭنىڭ تۈگەنچىسىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم›، دەيتتى». — تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشىنىڭ خوشلىشىشى ۋە ئۇلارنى يۇقىرىقى سۆزلەر ئارقىلىق ئۇزىتىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشۇن بىلەن خوشلاشقان ۋاقتىدا مۇنداق دەيتتى: «مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى، ئىشەنچىڭلارنى ۋە ئىشىڭلارنىڭ تۈگەنچىسىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم!». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىش بېشىدىكىلەرنىڭ جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى قوشۇنلىرىنى ئۇزىتىپ قويۇشىنىڭ ۋە مۇشۇنداق سۆزلەرنى تەۋسىيە قىلىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشتى ۋە: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن سەپەرگە چىقماقچى، مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ساڭا تەقۋادارلىقنى ئوزۇق قىلىپ بەرسۇن»، دېدى. ئۇ كىشى: يەنىچۇ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا گۇناھلىرىڭنى مەغفىرەت قىلسۇن»، دېدى. ئۇ كىشى يەنە: يەنىچۇ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن قەيەردە بولمىغىن، ئاللاھ تائالا ساڭا ياخشىلىقنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرسۇن»، دېدى. — تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ