مۇسۇلمانلار

74 – تاماق يېيىشنىڭ ئەدەبلىرى

 تاماق يېيىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى ۋە تاماقتىن بۇرۇن «بىسمىللاھ» تاماقتىن كېيىن «ئەلھەمدۇلىللاھ»، دېيىش توغرىسىدا

728. ئۇمەر ئىبن ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «تاماق يېگەندە ئالدى بىلەن بىسمىللاھ (ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن) دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ يېگىن»، دېگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دەپ يېيىش كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئىش، تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دېگەنگە ئوخشاش، ئىچكەندىمۇ بىسمىللاھ دېيىش كېرەك.

ئىمام نەۋەۋى ئېيتىدۇ: «تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دېيىش، يەپ بولغاندا ئاللاھقا تەشەككۇر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ھەممە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن. بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھېكمىتى: بەرىكەت ياغدۇرىدۇ، كىشىنى ئاچ كۆزلۈك ئەمەس قانائەتكە چاقىرىدۇ.

2) ئالدىدىن ئېلىپ يېيىشنىڭ ھەممىنىڭ قارىشى ئوخشاش بولغان ئەدەپ ئىكەنلىكى، ئەكسىچە يېيىشنىڭ يامان كۆرۈلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى.

3) تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دېسە سۈننەتنىڭ ئادا بولىدىغانلىقى، بسم الله الرحمن الرحيم دېسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاماق يېگۈچى بىسمىللاھ دەپ باشلىشى كېرەك! ئەگەر ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان ‹تاماقنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن›، دېيىشى كېرەك». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاماق يەۋېتىپ، تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېيىش. ھەدىسنىڭ زاھىرى تاماقتىن كېيىن ئاللاھنى ياد ئىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى ئۆيگە كىرمەكچى بولسا، بىسمىللاھ دەپ كىرىشى، تاماق يېگەندىمۇ بىسمىللاھ دەپ باشلىشى كېرەك! شۇنداق قىلغاندا شەيتان ئۆز ھەمراھلىرىغا: ‹سىلەرگە بۇ يەردە قونالغۇ يوق، كەچلىك تاماقمۇ يوق!›، دەيدۇ. ئەگەر بىسمىللاھ دەپ ئۆيگە كىرمىگەندە، شەيتان: ‹سىلەرگە بۇ يەردە قونالغۇ بار›، دەيدۇ. تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دېمىسە، شەيتان: ‹بۈگۈن ئاخشام بۇ يەردە قونالغۇ ۋە تاماق بار›، دەيدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تاماق يېگەندە ۋە ئۆيگە كىرگەندە ئاللاھنى ياد ئىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىرمىگەن ئۆينى شەيتاننىڭ ماكان تۇتۇدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن يېمىگەن تاماققا شەيتان شېرىك بولىدىغانلىقى.

3) تاماق يېگەندە ۋە ئۆيگە كىرگەندە ئاللاھنى ياد ئىتىش بولسا غاپىللىقتىن يىراق قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھتىن غاپىل بولۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە قارشىلىق قىلىش ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

  1. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تاماق يېدۇق. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماققا قول تەككۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن قول تەككۈزەتتۇق. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بىر كىچىك قىز كەلدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا تاماق بەردى، ئۇ ئەمدىلا تاماققا قول ئۇزىتىشىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى، يەنە بىر سەھرالىق كىشىمۇ كېلىپ، كىشىلەر بەرگەن تاماققا قول ئۇزارتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇۋالدى ۋە مۇنداق دېدى: «شەيتان تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دەپ يېمىگەن كىشىنىڭ تامىقىنى خالىغانچە يەيدۇ. بۇ كىچىك قىز تاماق يېيشكە تەمشىلىۋىدى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم. بۇ سەھرالىق كىشى تاماق يېيىشكە تەمشىلىۋىدى ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىنى تۇتۇش بىلەن بىرگە شەيتاننىڭ قولىنىمۇ تۇتۇۋالدىم»، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىسمىللاھنى ئېيتقاندىن كېيىن، تاماققا قول ئۇزاتتى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ساھابىلەرنىڭ تاماقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن تاماققا ئېغىز تەگكۈزمىگۈچە ساقلايدىغانلىقى، چوڭلار بىلەن بولغان ئەدەبنىڭ مۇشۇنىڭدەك بولىدىغانلىقى.

2) ئاڭلىغۇچىغا ئىشنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن قەسەم قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) ھەدىستە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا دەلىل كەلتۈرۈلگەن.

4) كىشىلەرگە ئىسلامدىكى يېمەك-ئىچمەك ئەدەپ قائىدىلىرىنى ئۆگىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

5) بىسمىللاھ دېمەي يېگەن يېمەكلىكلەرگە شەيتان شېرىك بولىدىغانلىقى.

  1. ئۇمەييە ئىبن مەخشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار سورۇندا تاماق يېدى، بىراق بىسمىللاھ دەپ باشلىمىدى. بۇ كىشى ئەڭ ئاخىرىقى بىر قوشۇق تاماقنى ئاغزىغا سېلىش ئالدىدا: تاماقنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىسىدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ تۇرۇپ: «شەيتان دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېدى. بۇ كىشى بىسمىللاھ دېگەندە شەيتان يېگەن تامىقىنى قۇسۇپ تاشلىدى»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
  2. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتە ساھابە بىلەن تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كەلدى، ئۇ كىشى ئىككى كاپام تاماق يېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ كىشى بىسمىللاھ دەپ تاماق يېگەن بولسا بۇ تاماققا ھەممىڭلار تويغان بولاتتىڭلار»، دېدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ بِسْمِ اللھ دەپ يېيىلگەن تاماققا بەرىكەت بېرىدىغانلىقى، بىسمىللاھ دېمىگەن تاماقتا بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داستىخان يىغىلغاندا: «كۆپ، پاك، بەرىكەتلىك بولغان ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، كىشىلەر شۇ ھەمدۇسانادىن نە كۇپايىلەنسۇن، نە بىھاجەت بولسۇن، ئى پەرۋەردىگارىمىز»، دەيتتى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن تاماق يەپ بولغاندا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ، تەشەككۇر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. مۇئاز ئىبن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تائام يەپ بولغاندىن كېيىن: ‹مېنىڭ چارەمسىز ۋە كۈچ-قۇۋىتىمسىز ماڭا بۇ تاماقنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر›، دېسە ئۇ كىشىنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاماق يەپ بولغاندا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ، تەشەككۈر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئام قىلغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر