باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ج-بەدىر جېڭى

مۇشۇنداق ياردەم ۋە قوللاشتىن كېيىن مۇسۇلمانلار، ئەبۇ جەھىلنىڭ قوماندانلىقىدىكى قۇرەيش ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلدى ۋە ئەبۇ جەھىل بىلەن بىللە يەتمىش مۇشرىكنى ئۆلتۈردى.

مۇسۇلمانلاردىنمۇ 14 نەپىرى شەھىد بولدى. بۇ ئەسنادا مۇسۇلمانلار سەۋرچانلىق بىلەن تەرتىپنى بۇزماي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە چېكىنگەن مۇشرىكلارغا قوغلاپ زەربە بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار مۇنداق قىلمايلا قالماي يەنە يەتمىش ئادەمنى ئەسىرگە ئېلىپ، مەدىنەگە قايتىپ كەلدى. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا، بۇنىڭدىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ بولغان ئىدى:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُواْ زَحْفاً فَلاَ تُوَلُّوهُمُ الأَدْبَارَ. وَمَن يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍ دُبُرَهُ إِلاَّ مُتَحَرِّفاً لِّقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزاً إِلَى فِئَةٍ فَقَدْ بَاء بِغَضَبٍ مِّنَ اللّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ﴾

« ئى مۇئمىنلار! كافىرلار قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار.‏ كىم ئۇ كۈندە ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلسا – ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن يەر ئالماشتۇرغۇچى ياكى باشقا بىر قىسىمغا قوشۇلغۇچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»-( 8-سۈرە ئەنفال، 15- 16- ئايەتلەر).

﴿فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِي الْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِم مَّنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ﴾

«شۇڭا ئەگەر ئۇلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالساڭ، ئۇلارنى ئارقىلىرىدىكىلەر ئۈركۈپ قاچقۇدەك شەكىلدە جازالىغىن، ئويلىنىشى مۇمكىن»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 57- ئايەت).

ئاللاھ شۇنداق ياردەم قىلسىمۇ مۇسۇلمانلار بەدىردە سەبىر ۋە جىھاد ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى. بۇنى شۇ ۋاقىتتا نازىل بولغان تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللّهُ يُرِيدُ الآخِرَةَ وَاللّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

«ھېچبىر نەبىينىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەسىرلىرىنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(‏8- سۈرە ئەنفال، 67- ئايەت).

«ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ».[1] نەبىيمىز ۋە ھەممە ساھابىلەرنىڭ، دۈشمەننى قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەسىر ئالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىنىشى، بۇنى چەكلىگەن 47-سۈرە مۇھەممەد 4-ئايەتنىڭ بۇ ھادىسىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ ئوچۇق دىلىلىدۇر. ئۇ ئايەتتىكى بۇيرۇققا بويسۇنمىغان مۇسۇلمانلار غەنىمەت ئېلىش كويىدا، ئاللاھ بولسا مەككە مۇشرىكلىرىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قلىشنى خالايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئىرادىسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن ئىدى:

﴿وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتِيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللّهُ أَن يُحِقَّ الحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ﴾   

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، «ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 7- ئايەت).

شۇڭلاشقا ئاللاھ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ پىرىنسىپنى قويغان ئىدى:

فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ…

«جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار…»-(47-سۈرە مۇھەممەد، 4- ئايەت).

نەبىمىز بىلەن بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇسۇلمانلار، بۇ ئايەتلەرگە خىلاپ ئىش قىلىپ ئىككى چوڭ گۇناھ قىلغان ئىدى. بىرى دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بەرمەسلىك يەنە بىرى بولسا، دۈشمەنننى تۇلۇق مەغلۇپ قىلماي تۇرۇپ ئەسىر ئېلىش گۇناھى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ، مەككىنى فەتھى قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىرادىسىدىن كېيىن «بول» دېگەن بۇيرۇقىنى بەرمىدى ۋە فەتىھ ئەمەلگە ئاشمىدى، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئەمەل ئاشقان بولسا مەككىلىكلەر يوقىتىلغان بولاتتى، ئوھۇد ۋە خەندەك ئۇرۇشلىرىمۇ بولمايتتى، ھۇدەيبىيە سۈلھىگىمۇ ئېھتىياج قالمايتتى.

بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرمىلاشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئەزەلىدۇر. ئاللاھ يارىتىدىغان شەيئىلەرنى بۇ ئىرادە سۈپىتى بىلەن ھېكمىتىگە ئاساسەن مەيدانغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ ۋە ئۇ ئىرادە قىلغان ئىش مۇتلەق ئەمەلىيلىشىدۇ».[2]

  بۇ چۈشەنچە قۇرئانغا خىلاپ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى پەقەت «بول» دېگەن ئەمىرىنى بېرىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئاً أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ

«ئۇنىڭ بىرەر نەرسە يارىتىشنى ئىرادە قىلغان چېغىدىكى ئىشى، ئۇ نەرسىگە «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر»-(36-سۈرە ياسىن، 82- ئايەت).

بىر ئىشنىڭ ئىرادە قىلىنغىنى ئۇنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن ئالدىنقى ئۆلچەم ۋە پىلانلارنى كۆرسىتىدۇ.

مۇسۇلمانلار قىلغان ئىككى چوڭ گۇناھقا قارىماي ئاللاھ، رۇم سۈرىسىنىڭ 1-6-ئايەتلەردە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى ۋە مۇئمىنلەرنى بەدرى ئۇرۇشىدا غالىپ قىلدى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتى ئۆگىنەلەيمىز:

لَّوْلاَ كِتَابٌ مِّنَ اللّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

« ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 68- ئايەت).

چوڭ ئازاب(عَذَابٌ عَظِيمٌ) ئىپادىسى 14 ئايەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلارنىڭ يەتتىسى كافىرلار ھەققىدە،[3] ئىككىسى مۇنافىقلار،[4] بەشىسى چوڭ گۇناھ قىلغان مۇئمىنلەر ھەققىدىدۇر.[5] بۇ ئايەت ئاخىرقى بەش ئايەتتىن بىرىدۇر.

ئاللا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ ئەسىرلەردىن فىدىيە (كېپىل پۇلى) ئېلىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئۇلار بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿فَكُلُواْ مِمَّا غَنِمْتُمْ حَلاَلاً طَيِّبًا وَاتَّقُواْ اللّهَ إِنَّ اللّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

« ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(8-سۈرە ئەنفال، 69- ئايەت).

كۆرگىنىمىزدەك ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش سىناقتىن ئۆتتى دېگەنلىك بولمايدۇ. قولمىزغا كەلگە ھەر بىر پۇرسەت ۋە بۇ پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى بىرەر ئىمتىھان سۇئالىدۇر. ئىنسان بۇ ئىمتىھاندىن پەقەت شەرت-شارائىت قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مەيدانىنى ئۆزگەرتمەي ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى تەتبىقلاش ئۈچۈن كۈچ چىقارغاندىلا ئۆتەلەيدۇ.   

[1]  2- سۈرە بەقەرە، 286- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[2]  ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، بۈيۈك ئىسلام ئىلمىھالى، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى.

[3]  بەقەرە، 2/7، 114؛ ئال ئىمران 3/ 105، 176؛ مائىدە 5/ 33؛ نەھل 16/106؛ جاسىيە 45/10.

[4]مائىدە 5/41؛ تەۋبە 9/101.   

[5] ئەنفال 8/ 68؛ نەھل 16 /94؛ نۇر 24/ 11، 14، 23.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ