مۇسۇلمانلار
تەۋرات قانداق كىتاب ۋە كىمگە بېرىلدى؟ 1

تەۋرات قانداق كىتاب ۋە كىمگە بېرىلدى؟

تەۋرات قانداق كىتاب ۋە كىمگە بېرىلدى؟

سۇئالىڭىزغا بىر قىسقا، بىر ئۇزۇن ئىككى شەكىلدە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز:

قىسقا جاۋاب: قۇرئاندا تىلغان ئېلىنغان «تەۋرات»، پەقەت مۇسا ئەلەيھىسسالامغىلا بېرىلگەن كىتابنىڭ ئىسمى ئەمەستۇر. بۇ ئىپادە، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە پۈتۈن بەنىي ئىسرائىل (ئىسرائىل ئەۋلاتلىرى)غا كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن كىتابلارنىڭ ئورتاق ئىسمىدۇر. 

ئۇزۇن جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «تەۋرات» سۆزى ئەسلىدە، ئىبرانى تىلىدىكى قانۇن – ياساق، پرىنسىپ، تەلىمات مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان «توراھ = تەۋرات» سۆزىدىن كەلگەندۇر.

قۇرئانغا ئاساسلانغاندا تەۋرات، ئىبراھىم ۋە ياقۇپ ئەلەيھىسسالاملاردىن كېيىن نازىل قىلىنغاندۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنجِيلُ إِلَّا مِن بَعْدِهِ أَفَلَا تَعْقِلُونَ٦٥﴾

«ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 65 – ئايەت).

﴿كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِّبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَى نَفْسِهِ مِن قَبْلِ أَن تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرَاةِ فَاتْلُوهَا إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ٩٣﴾

««ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھەر تۈرلۈك يېمەكلىك ھالال ئىدى. ئۇلارغا پەقەت، تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىسرائىل ئۆزىگە ھارام قىلغان نەرسىلا ھارام ئىدى». ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار».‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 93 – ئايەت).

نۇرغۇن ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كىتاب بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھىچبىر ئايەتتە تەۋرات بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇلمايدۇ. ئايەتلەردىن تەۋراتنىڭ خاس مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق مەلۇمات  ئالغىلى بولمايدۇ. قۇرئاندا تەۋرات مەلۇم بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنماستىن، بەلكى يەھۇدىلەرگە كەلگەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن كىتابلارنىڭ ئورتاق ئىسمى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.   

﴿إِنَّا أَنزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا …٤٤﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ…‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 44 – ئايەت).

بەنىي ئىسرائىلغا كەلگەن پەيغەمبەرلەر يەھۇدىلەرگە تەۋرات بىلەن ھۆكۈم بېرەتتى. «تەۋرات»نى بەنىي ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلىنغان پۈتۈن كىتاپلارنىڭ ئومۇمى ئىسمى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى قۇرئاندا بەنىي ئىسرائىلغا كەلگەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىل بېرىلگەنلىكى (5 /46) بايان قىلىنىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنىي ئىسرائىلغا كەلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، تەۋرات ئىنجىلدىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن بارلىق ۋەھىيلەرنى يەنى كىتاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بەنىي ئىسرائىلغا تەۋرات ۋە ئىنجىلدىن باشقا كىتاب نازىل بولمىغان.  

داۋۇد ئەلەيھىسسالامغىمۇ كىتاب بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئايەتلەر (17 / 55، 4 / 163) بار. داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ بەنىي ئىسرائىلغا كەلگەن بىر پەيغەمبەر بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كىتاب تەۋراتنىڭ بىر پارچىسىدۇر. داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا «زەبۇر» ئىسىملىك ئايرىم بىر كىتاب بېرىلدى دېگەن كۆز قاراش خاتادۇر. چۈنكى «زەبۇر»نىڭ لۇغەت مەنىسى كىتاب دېگەن بولىدۇ. ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا، ئىيسا ئەلەيھسىسالامغا «تەۋرات ۋە ئىنجىل»نى ئۆگەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئايەتلەردە ( 3 / 48) زەبۇرنى ئايرىم تىلغا ئالمايدۇ. زەبۇر ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر كىتاب بولغان بولسا «تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر»نى ئۆگەتتۇق دېگەن بولاتتى. بۇ ئىپادىدىكى ئايەتلەرمۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن كىتابنىڭ  مۇستەقىل بىر كىتاب ئەمەس، تەۋراتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بەنىي ئىسرائىلنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلگەن كىتابنىڭ ئىسمى تەۋرات بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن كىتابنىمۇ تەۋرات دېيىش خاتا ئەمەس. لېكىن تەۋرات پەقەت مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلدى دېگەن چۈشەنچە خاتا.

كونا ئەھىدتىكى ئىپادىلەرگە قارىغىنىمىزدا مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن باشقا نەبىيلەرگە كىتابلارنىڭمۇ تەۋرات دېيىلگەنلىكىنى ئۇچۇق كۆرەلەيمىز (قاراڭ:دانىيال، 9 : 10؛ يەشۇ، 24 : 26؛ 2 – پادىشاھلار، 17 : 13).

 يەھۇدىلەر توراھ / تەۋرات سۆزىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىن ئۇنىڭ كىتابىغا خاس ئىسىم قىلىۋالغان. مۇسانىڭ كىتابىنى تەۋرات دەپ ئاتاشقا باشلىغان (قاراڭ: باقىي ئادەم، يەھۇدى قايناقلىرى (مەنبەلىرى)دە تەۋرات، 3 -باسما (ئىستانبۇل: پىنار يايىنلىرى، 2010)، 63.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر