مۇسۇلمانلار
قەرز ئۆسۈمى

تىجارەت ۋە جازانە-فەقىھلەر دەۋرىدە جازانە

2- فەقىھلەرنىڭ دەۋرى

قۇرئان ۋە ھەدىسنى تەھلىل قىلىپ ئۇلاردىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى[1] چىقىرالايدىغان مۇسۇلمان ئالىملار فەقىھ ۋە مۇجتەھىد، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ بەزى ئۇسۇل ۋە كۆزقاراشلار ئەتراپىدا بىرلىشىشى بىلەن فىقىھ مەزھەپلىرى ئوتتۇرىغا چىققان.

قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمنىڭ ئۆسۈم بولىدىغانلىقىنى ھەر فەقىھ قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىستېمىسىنى بۇنىڭغا قارىتا قۇرمايدۇ. تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى ئۆسۈم سىستېمىسىنى ئالتۇن، كۈمۈش، ئارپا، بۇغداي، خورما ۋە تۇز قاتارلىق ماللارنى تېگىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرىدۇ. فەقىھلەرنىڭ بىر قىسمى لەۋزىگە باغلىق قالىدۇ، بىر قىسمى بولسا مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ دائىرىسىنى قىياس يولى بىلەن كېڭەيتىدۇ.

  ئا- قەرز ئۆسۈمى

قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمنىڭ ئۆسۈم بولىدىغانلىقىدا ھېچكىمنىڭ شەك-شۈبھىسى يوق[2]. سەرەخسى بۇ ھەقتە قىسقىچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق قەرزدىن مەنئى قىلدى  ۋە ئۇنى ئۆسۈم دەپ ئاتىدى. مۇھەممەد ئىبىن سىرىن مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر ئىبىن خەتتاب (ر.ز) ئۇبەي ئىبىن كەئب (ر.ز)كە 10 مىڭ دىرھەم قەرز بەردى. ئۇبەينىڭ ئىجل دېگەن يەردە بىر خورمىلىق بېغى بار ئىدى، ئۆمەرگە يېڭى پىشقان خورمىدىن بىر مىقدار ھەدىيە ئەۋەتتى. ئۆمەر بۇ ھەدىيەنى ئۇبەي ئىبىن كەئبكە قايتۇرۇۋەتتى. كېيىن ئۇ ئىككىسى ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇبەي ئۆمەرگە: ـ مېلىڭ ئۈچۈن ھەدىيە ئەۋەتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ مېلىڭنى ئەۋەتىپ بېرىمەن، ئۇنى ئال- دېگەن ئىدى، ئۆمەر ئۇبەيگە: ـ ئۇنداق بولسا بىزگە ھەدىيەمىزنى قايتۇرۇپ بەر- دېدى[3].

  سەرەخىسى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەرنىڭ ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بىر ئادەم تۇرۇقلۇق بۇ ھەدىيەنى قايتۇرۇۋېتىشى، ئۇنىڭ بۇ ھەدىيەنى مېلىم ئۈچۈن بەردى، دەپ گۇمان قىلىپ قالغانلىقىدىن بولغان. چۈنكى ئەگەر بۇ ھەدىيە ئۆمەرنىڭ ئۇبەي ئىبىن كەئبتە مېلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىر ھەدىيە بولغان بولسا ئىدى، قەرزدىن قولغا كەلگەن مەنپەئەت بۇلاتتى. ئۇبەي ئۆمەرگە قەرز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھەدىيە بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئۆمەر ھەدىيەنى قوبۇل قىلدى. مانا بۇ ئاساستۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى: ئەگەر قەرز بېرىش ئەسناسىدا مەنپەئەت شەرت قىلىنغان بولسا، بۇ مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان قەرز بولىدۇ، ئەگەر مەنپەئەت شەرت قىلىنمىسا بۇنىڭدا بىر گۇناھ يوق. ئەگەر قەرز ئالغۇچى تەرەپ ئالغىنىدىن ياخشىراقىنى قايتۇرسا قاراپ بېقىش كېرەك: ئەگەر بۇ ياخشىراقى ئالدىن ئەلا قوشۇلغان بىر شەرتكە ئاساسەن بولغان بولسا بۇ ھالال بولمايدۇ. چۈنكى بۇ قەرزدىن قولغا كەلگەن مەنپەئەتتۇر. ئەگەر بۇ قىلىنغان بىر شەرتكە ئاساسەن بولمىغان بولسا بۇنىڭدا بىر گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە قەرز ئالغۇچى تەرەپ قەرزىنى تۆلەشتە ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ. بۇ بولسا تەشۋىق قىلىنىدىغان ئىشتۇر. بۇنىڭ ئىزاھاتى ئەتانىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدە كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ر.س) بىر كىشىدىن بىرقانچە دىرھەم قەرز ئالغان ئىدى، كېيىن رەسۇلۇللاھ قەرزنى قايتۇرغاندا بىر ئاز ئارتۇق تارتىپ بەردى، كىشىلەر: ـ ئارتۇق تارتىپ بەردىڭ، ـ دېيىشكەن ئىدى، ـ بىز مۇشۇنداق تارتىمىز، ـ دەپ جاۋاب بەردى.

ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر ۋە ھەسەن (ر.ز) مۇنداق دېگەن: بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىدىكى  ئېلىشى دىرھەم تۈرىدىن بولۇپ، قەرزدار كىشى قەرزىنى دىنار تۈرىدىن تۆلىمەكچى بولسا، ئۇ كىشى (ئالماقچى بولغان ئادەم) دىنارنى بازاردىكى قىممىتى بىلەن ئالىدۇ[4].

شافىئىيلارنىڭچىمۇ قەرز مۇئامىلىسى قىلىش ئەسناسىدا قەرز بەرگۈچىگە پايدا كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق شەرت قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بىر شەرت قوشۇلغان بولسا، كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى «پايدا كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق قەرز مۇئامىلىسى جازانىخورلۇق ھېسابلىنىدۇ»[5].

ھەنبەلىي مەزھىپىدە بۇ مەسىلە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

ئارتۇق قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلگەن ھەرقانداق قەرز ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئىختىلاپ يوق. ئىبىن مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: قەرز بەرگۈچى كىشى قەرزدارنىڭ ئارتۇقراق قايتۇرۇشىنى  ياكى ھەدىيە بېرىشىنى شەرت قىلىپ تۇرۇپ قەرز بەرگەن بولسا، بۇ ئارتۇقنى ياكى بۇ ھەدىيەنى ئالماق ئۆسۈم ئالغانلىق بولىدۇ. ئارتۇقلۇقنىڭ مىقداردا بولۇشى ياكى سۈپەتتە بولۇشى ئوخشاش. مەسىلەن: ساپ قايتۇرۇش شەرتى بىلەن نۆكچە ياكى ياخشىنى قايتۇرۇش شەرتى بىلەن ناچارنى قەرز بېرىش ئوخشاشلا مەنئى قىلىنىدۇ.

قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆيىنى ئۆزىگە تۆۋەن باھادا ئىجارىگە بېرىشىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئۇيىنى يۇقىرى باھادا ئىجارىگە ئېلىشىنى ياكى ئۆزىگە ھەدىيە بېرىشىنى ۋە ياكى بىر ئىش قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى ھارام بولىدۇ. قەرز بەرگۈچى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر شەرت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئەگەر قەرزدار قەرزنى قايتۇرماي تۇرۇپ بىر ياخشىلىق قىلماقچى بولسا قەرز بەرگۈچى ئۇنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنى قوبۇل قىلغان بولسا بەدىلىنى تۆلەيدۇ ياكى قەرزدىن چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەدىيە بېرىشىش مۇناسىۋىتى، قەرز ئېلىش/بېرىش مۇئامىلىسى قىلىشتىن بۇرۇنمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ئادەت بولسا، بۇنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئەسرەمنىڭ ئېيتىشىچە، بىر كىشىنىڭ بىر بېلىقچىدا 20 دىرھەم ئېلىشى بار ئىدى، بېلىقچى ئۇنىڭغا بېلىق ھەدىيە قىلىشقا ۋە ھەدىيە قىلغان بېلىقلىرىنىڭ پۇلىنى ھېسابلاشقا باشلىدى. بۇ پۇل 13 دىرھەمگە يەتكەندە ئىبىن ئابباستىن سورىدى، ئىبىن ئابباس ئۇنىڭغا: ـ قالغان يەتتە دىرھەمنى تۆلىسەڭ بولىدۇ، ـ دەپ جاۋاب بەردى.

قەرز ئالغۇچى بىلەن قەرز بەرگۈچى ئوتتۇرىسىدا زىياپەت بېرىشىش ئادىتى بولمىغان بىر ئەھۋال ئاستىدا قەرزدار قەرز بەرگۈچىگە زىياپەت بەرسە، قەرز بەرگۈچىنىڭ يەپ ـ ئىچكەنلىرى قەرزدارنىڭ ھېسابىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ر.س) مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار بىر كىشىگە قەرز بەرسە، كېيىن قەرزدار قەرز بەرگۈچىگە ھەدىيە بەرگەن بولسا ياكى ئۇنى ئۇلاغقا مىندۈرۈپ قويغان بولسا، قەرز بەرگۈچى ئۇلاغقا مىنمىسۇن ۋە ھەدىيەنى قوبۇل قىلمىسۇن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ ئىش ئادەت بولۇپ كەلگەن بولسا، بۇنىڭدا بىر گۇناھ يوق[6].

زەر ئىبنى ھۇبەيش مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەي ئىبىن كەئبكە: ـ مەن جىھاد رايونىغا يەنى ئىراققا بارماقچى بولۇۋاتىمەن، ـ دېگەن ئىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: ـ سەن ئۆسۈم كەڭ تارقالغان بىر رايونغا كىتىۋېتىپسەن، بىر كىشىگە قەرز بەرسەڭ قەرزدار تۆلەش ۋاقتىدا قەرز بىلەن بىرلىكتە ھەدىيە ئېلىپ كەلسە، ئېلىشىڭنى ئال، ھەدىيەنى ئالما.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىنىڭ ئوغلى ئەبۇ بۇردە مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەدىنىگە كېلىپ ئابدۇللاھ ئىبىن سالام بىلەن ئۇچراشقانىدىم. ئۇ: ـ ئۆيگە كىرەيلى، سېنى تالقان ۋە خورما بىلەن مېھمان قىلاي، ـ دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: ـ سەن ئۆسۈم كەڭ تارقالغان بىر يەردە ياشاۋاتىسەن، سېنىڭ باشقا بىر كىشىدە بىر ئېلىشىڭ بولسا، ئۇ كىشى ساڭا بىر تاغار سامان ياكى بىر تاغار ئارپا ۋە ياكى بىر تېڭىق پىچان ھەدىيە قىلسا ھەرگىز ئالما، چۈنكى ئۇ شەكسىز ئۆسۈمدۇر»[7].

ئەبۇ مۇسانىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى بىر كىشىگە قەرز بەرسە، كېيىن قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنى قەرز بېرىشتىن بۇرۇن ئىشقا سالىدىغان ئادىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشقا سالغان بولسا، مانا بۇ پايدا ئېلىپ كەلگەن قەرز بولىدۇ.

 بۇ چەكلىمىلەر قەرزنىڭ مۇددىتى ئىچىدە كۈچكە ئىگە. قەرز تۆلەنگەندىن كېيىن چەكلىمە ئاخىرلىشىدۇ[8].

بۇ مەسىلە تورىسىدا زاھىرى مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشى مۇنداق:

كۆپرەكىنى ياكى ئازراقىنى ۋە ياكى باشقا خىلدىكى نەرسىدىن بىر نەرسىنى قايتۇرۇش شەرتى بىلەن قەرز بېرىش ئەسلا ھالال بولمايدۇ. لېكىن قەرز بېرىلگەن مال بىلەن تۈرى ۋە مىقدارى ئوخشاش بولغان نەرسىنى تۆلىتىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە قەتئىي بىر ئىجما (پىكىر بىرلىكى) بار[9].

[1] – ئىبادەت ۋە ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى.

[2] – ئىبىن رۇشد، بىدايەتۇلمۇجتەھىد،2/111.

[3] – بۇ رىۋايەت مۇغنى دېگەن كىتابتا مۇنداق زىكىر قىلىنىدۇ: ئۆمەر ئۇبەي ئىبىن كەئبكە 10 مىڭ دىرھەم قەرز بەردى. كېيىن ئۇبەي ئۆمەرگە ئېتىزلىقىنىڭ مەھسۇلاتىدىن بىر مىقدار ھەدىيە ئەۋەتتى. ئۆمەر بۇنى رەت قىلدى ۋە قوبۇل قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇبەي ئۆمەرنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەدىنە بىلىدۇكى، مېنىڭ مەھسۇلاتىم ھەممىسىنىڭكىدىن ياخشىدۇر ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز يوق. ئۇنداقتا ھەدىيەمىزنى نېمىشقا ئالمىدىڭ؟ كېيىن ھەدىيەنى قايتا بەردى، ئۆمەر قوبۇل قىلدى.- ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/391، 3263- فەسل.

[4] – شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت، مىسر، 14- جىلد، 35-36.

[5] – ئەھمەد ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى، تۇھفەتۇلمۇھتاج بشەرھىلمىنھاج (شىرۋانى ۋە ئىبن قاسىم ئابادىينىڭ شەرھىلىرى بىلەن بىرلىكتە) 5- جىلد،46-47 بەتلەر.

[6] – ئىبىن ماجە، سۇنەن سەدەقات 19/2432.

[7] – بۇخارى، مەناقىب 19.

[8] – ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4- جىلد، 390-391 بەتلەر، 3263- فەسل.

[9] – ئەلى ئىبن ھەزم ئەندۇلۇسى (384-406 ھ/994-1063 م)، ئەلمۇھەللا بىلئاسار، بېيرۇت، 1408/1988، 7- جىلد، 401-402 بەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر