مۇسۇلمانلار
چەكلەنگەن ئىشلارجازانىخورلۇق 1

چەكلەنگەن ئىشلار\جازانىخورلۇق

     جازانىخورلۇق قىلىش

جازانىخورلۇق – باشقىلارغا جازانىگە نەرسە-كېرەك بېرىش ئىشىدۇر.

جازانىخور – باشقىلارغا جازانىگە نەرسە-كېرەك بېرىدىغان ۋە بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن كىشىدۇر.

جازانە – يۇقىرى ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن، باشقىلارغا چەكلىك مۇددەتتە قەرز بېرىلگەن پۇل ۋە ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ ٱلرِّبَوٰاْ لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ ٱلَّذِي يَتَخَبَّطُهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مِنَ ٱلۡمَسِّۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡبَيۡعُ مِثۡلُ ٱلرِّبَوٰاْۗ وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ …  ٢٧٥﴾

 «ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم – سېتىم خۇددى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە ئوخشاشتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان»[1].

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُواْ ٱلرِّبَوٰٓاْ أَضۡعَٰفٗا مُّضَٰعَفَةٗۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ 

«ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[2].

 ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىردىكى ئايەتلەردە رىبادىن يەنى ئۆسۈم ئېلىشتىن، ئۆسۈم بېرىشتىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلەيدۇ. يەنە نىسا سۈرىسىنىڭ 160 ۋە 161- ئايەتلىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادا جازالىنىشىغا سەۋەبچى بولغان گۇناھلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈم ئالغانلقىنىمۇ زىكىر قىلىدۇ. شۇنداقلا، باشقا نۇرغۇن ئايەتلەردە مۇسۇلمانلارنى يەھۇدىيلارغا ئەگىشىشتىن توسىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ۋاسىتىلىك يوللار بىلەنمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆسۈم ئېلىشتىن توسىدۇ.

جازانىخورلۇقنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدىغان بەزى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:  
1 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە بەزىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇ قايسى گۇناھلار؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھىرگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، ئۆسۈم يېمەك، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك ئاياللارغا «زىنا قىلدى» دەپ بوھتان چاپلىماق» – (بۇخارى، ۋەسايا 23؛ مۇسلىم ئىمان145).

2 – «پەيغەمبەر ئەلەيسسالام ئۆسۈم ئالغۇچىنى، ئۆسۈم بەرگۈچىنى، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى يېزىپ بەرگۈچىنى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىنى لەنەتلىدى» – (بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەر رىۋايەت قىلغان).

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جازانىخورلۇق ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

  • «ئۆسۈم يوقسۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ».
  • «ئۆسۈم باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ خەلقىنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. پاراخورلۇق تارقىلىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ خەلقى قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدۇ».
  • «قانداقلا بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا جازانىخورلۇق ۋە زىناخورلۇق باش كۆتۈرسە، ئۇ قەۋم چوقۇم ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ».

ئۆسۈم ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى تەۋسىيە قىلىمىز:

ئۆسۈم ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىلىرى

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت.

[2] 3-سۈرە ئال ئىمران، 130- ئايەت

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر