مۇسۇلمانلار
ئىجارە ۋە جازانىنىڭ پەرقى نېمە؟ 1

ئىجارە ۋە جازانىنىڭ پەرقى نېمە؟

ئۆي ياكى باشقا بىر كۆچمەس مۈلۈكنى ئىجارىگە بېرىش دۇرۇسمۇ؟ مەسىلەن: بىر ئۆينى بىر يىللىق ئىجارە ئالساق، بىر يىل توشقاندا ئۆينى ۋە بىر يىللىق ئىجارىسىنى قوشۇپ قايتۇرۇپ بېرىمىز. بىر كىشىدىن بىر يىللىق پۇل قەرز ئالساق يىل توشقاندا قانچە ئالساق شۇنچىنى قايتۇرىمىز، لېكىن ئالغىنىمىزدىن ئارتۇق قايتۇرساق ياكى ئارتۇق ئالساق ئۆسۈم بولىدۇ. بۇ ھارام. بۇ ئەھۋالدا ئىجارە بىلەن جازانىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

جازانە بىلەن ئىجارە تۆۋەندىكى تەرەپلەردە بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ:

ئا) جازانە

  • جازانە، پۇل ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ماللارنىڭ مەلۇم مۇددەتكىچە قەرز بېرىلىپ، قايتۇرىۋالغاندا بېرىلگەن مالنىڭ ئوخشىشىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ مەلۇم مىقدارنى ئارتۇق ئېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
  • جازانىدە قەرز بېرىلگەن مال ئىشلىتىلىدۇ ۋە تۈگەيدۇ. قايتۇرۇلغاندا بولسا قەرز ئېلىنغان مالنىڭ ئەينىسى ئەمەس، ئۇ مالنىڭ ئوخشىشى ئارتۇق بېرىلىدۇ.
  • جازانىدە قەرز ئېلىنغان نەرسىنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيىتى قەرزدارغا يۈكلىنىدۇ. مەسىلەن: قەرز ئالغان پۇل يۇقاپ كەتسە ياكى ئوغۇرلانسا قەرزدار، ئالغان مىقدارنى ۋە ئارتۇقىنى (ئۆسۈمىنى) بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ب) ئىجارە

1) ئىجارە پەقەت مەنپەئەتلىنىپ ئەينىسىنى قايتۇرۇپ بەرگىلى بولىدىغان ماللاردا بولىدۇ، ئىشلىتىلىپ تۈگەيدىغان ماللاردا ئەمەس.

 2) ئىجارىدە بىر مالنى قەرز بېرىپ ئارتۇقىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئىشى بولمايدۇ.

3) ئىجارىگە بېرىلگەن مال بىلەن ئىجارە ئۈچۈن ئېلىنغان بەدەل بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بېرىلگەن مالدىن ئارتۇقىنى ئېلىش مۇمكىن بولمايدۇ.

4) ئىشلىتىلىپ تۈگەيدىغان ماللارنى ئىجارىگە بەرگىلى بولمايدۇ. يەنى پۇل، بۇغداي، ئۇن…قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلەتسە تۈگەيدىغان ۋە ئوخشىشى قايتۇرىلىدىغان ماللار ئىجارىگە بېرىلمەيدۇ.

شۇڭلاشقا ئۆي، ئېتىز…قاتارلىق ماللار مەنپەئەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىسى قايتۇرىلىدىغان ماللار تۈرىدىن بولغانلىقى ۋە ئىجارىگە بېرىلگەن مۇددەت بويىچە – ئىجارە ئالغۇچىنىڭ قەستەن قىلىشى ۋە خاتالىقى سىرتىدا- بوزۇلۇش، كۆيۈش، يۈتۈپ كىتىش، يەر تەۋرەش…قاتارلىق ئاپەتلەر نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بارلىق زىيانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىجارە ئالغۇچىغا ئەمەس مال ئىگىسىگە ئائىت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ماللارنىڭ ئىجارىگە بېرىلىشى دۇرۇس بولىدۇ.     

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر