باش بەت > ئەھكام > ئىبادەت > قۇرئان > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ھالال ۋە ھارامنى كىم بەلگىلەيدۇ؟

بىر زامانلار خرىستىئان بولۇپ، كېيىنچە ئىسلامنى تاللىغان ئادىي ئىبن ھاتىم، بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئۇلار (يەھۇدى ۋە خرىستىئانلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى»- (9-سۈرە تەۋبە، 31-ئايەت) دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇغانلىقىنى ئىشتىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن «ئەي رەسۇلۇللاھ! خرىستىئانلار ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايتتىغۇ!» دەپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئايەتنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلەپتۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:

«(توغرا) ئەسلىدە خرىستىئانلار ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىدى! لېكىن ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى) ئۆزلىرى ئۈچۈن ھالال قىلىنغاندا ئۇنى ھالال سانىدى، (ئاللاھنىڭ ھالال قىلغان نەرسىسىنى) ئۆزلىرىگە ھارام قىلىنغاندا دەرھال ھارام دېيىشتى»[1].

ۋەز ۋە خۇتبىلەردە كۆپ سۆزلىنىدىغان بۇ رىۋايەتتە: ئاللاھنىڭ ھالال قىلغانلىرىنى ھارام، ھارام قىلغانلىرىنى ھالال سانايدىغان ئۆلىمالار، دىن ئادەملىرى ۋە ئۇلارغا سوئال-سوراقسىز ئىتائەت قىلغان كىشىلەردىن ئىبارەت ئوخشىمىغان ئىككى گۇرۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە رىۋايەتلەرگە ئاساسەن، بىلىپ تۇرۇپ ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال ساناشنىڭ ئۆزى ئاللاھقا شېرك قوشقانلىق بولغاندەك، بۇنى قىلغانلارغا سوئال-سوراقسىز ئىتائەت قىلىشنىڭمۇ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇلارنى رەب قىلىۋېلىش ئىكەنلىكىنى، نەتىجىدە بۇنىڭمۇ شېرك دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. مانا بۇ چوڭ خەتەر سەۋەبىدىن ھالال ۋە ھارام مەسىلىسى ناھايتتى ئېنىق بىلىنىشى كېرەك. بۇ مەسىلىدە ئاللاھ تائالا نېمە دېگەن بولسا ۋە قانداق بۇيرىغان بولسا ئۇنىڭغا قارىتا ئەمەل قىلىنىشى لازىم. بۇ ماقالىدە ئالدى بىلەن ھالال ۋە ھارام ئۇقۇمىغا قىسقىچە ئېنىقلىما بېرىلىدۇ، ئاندىن بۇلارنى قانداق بىلگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ، ئاخىرىدا ھالال-ھارامنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ كىمدە ئىكەنلىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ[2].

1. ھالال دېگەن نېمە؟

ئەرەب تىلى لۇغەتلىرىدە، «تۈگۈننى يېشىش، بىر نەرسىنىڭ چەكلەنمىگەن ۋە ھالال بولۇشى» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ئەلھىللۇ (الحل) دېگەن سۆز يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن «ھالال» دېگەن سۆز «دىندا چەكلىمە قويۇلمىغان ئىش-ھەرىكەت» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىر فىقھى (ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى) ئۇقۇم بولغىنىدا ھالال؛ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنىشىغا يول قويۇلغان ۋە ئۈستىگە چەكلىمە قويۇلمىغان مۇباھ، شەرىئەتتە ئۇنىڭ قىلىنىشىغا ئەركىنلىك بېرىلگەن شەيئى دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.

ھالال، ئەسلىدە جائىز ۋە مۇباھ دېگەن سۆزلەر بىلەن مەنىداش بولۇپ، كۆپرەك ھارام دېگەن سۆزنىڭ زىت مەنىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى بىر نەرسىنىڭ چەكلەنمىگەن ۋە ئەيىبلەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئوقۇم مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ.

2. ھالالنى قانداق بىلەلەيمىز؟

فىقىھ ئۇسۇلى كىتاپلىرىدا بىر نەرسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلىش تۆۋەندىكى يوللارنىڭ بىرى بىلەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ:

  1. تۆۋەندىكى ئايەتتىكىدەك بىر ئىشنىڭ ھالال ئىكەنلىكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېنىق بىلدۈرىلىشى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

أُحِلَّ لَكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَحۡرِ وَطَعَامُهُۥ

«سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى»-(5-سۈرە مائىدە ، 96 – ئايەت).

  1. بىر ئىشنى قىلىشنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكىنىڭ مەلۇم بىر شەرتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىلىشى بىلەن بولىدۇ.  مەسىلەن، ھارام قىلىنغان يېمەك-ئىچمەكلەر ساناپ ئۆتۈلگەن ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۚ

«لېكىن كىم چەكتىن ئاشمىغان ۋە ھەددىدىن ئاشمىغان ھالدا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ ئۇلاردىن يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوق»-(2-سۈرە بەقەرە ، 173 – ئايەت).

  1. تۆۋەندىكى ئايەتتىكىدەك، بۇيرۇق پېئىلى بىلەن بىلدۈرۈلگەن ھۆكۈمنىڭ پەرز ئەمەس، مۇباھ ئىكەنلىكىگە كۆرسىتىدىغان ئىشارەتنىڭ تېپىلىشى بىلەن بولىدۇ:

كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ مِن رِّزۡقِ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

«بىز ئۇلارغا: «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار!» دېگەن ئىدۇق»‏-(2-سۈرە بەقەرە ، 60 – ئايەت).

  1. تۆۋەندىكى ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، چەكلەنگەنلىكىنى ۋە ھاراملىقىنى بىكار قىلىدىغان ئىپادىلەر بىلەن بولىدۇ:

قُلۡ مَنۡ حَرَّمَ زِينَةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَ لِعِبَادِهِۦ وَٱلطَّيِّبَٰتِ مِنَ ٱلرِّزۡقِۚ

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن چىقارغان زىننىتىنى ۋە پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» -(7-سۈرە ئەئراف، 32 – ئايەت).

  1. ھاراملىقنى ئۇچۇق ياكى ياپتا ئىپادىلەر بىلەن ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن ئىستىسنا قېلىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا لَكُمۡ أَلَّا تَأۡكُلُواْ مِمَّا ذُكِرَ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَقَدۡ فَصَّلَ لَكُم مَّا حَرَّمَ عَلَيۡكُمۡ إِلَّا مَا ٱضۡطُرِرۡتُمۡ إِلَيۡهِۗ

«ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى، ئۆزى سىلەر ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلغان تۇرسا. لېكىن سىلەر چارىسىزلىقتىن يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا»- (6-سۈرە ئەنئام، 119 – ئايەت).

  1. ھارام قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئايەت ۋە ھەدىس بولمىغان نەرسە «ئىستىسھاب»[3] يولى بىلەن مۇباھتۇر. چۈنكى بارلىق شەيئىلەر ئەسلىدە مۇباھتۇر.

3. ھارام دېگەن نېمە؟

«ھارام» دېگەن سۆز، لۇغەتتە «مەنئىي قىلىنغان، چەكلەنگەن»، «ھالال بولمىغان نەرسە» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، بىر نەرسىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان، «حرم/ھەرەمۇن» سۆز يىلتىزىدىن تۈرلەنگەندۇر ۋە ھالالنىڭ زىتتىدۇر.

«ھارام» فىقھى ئۇقۇم بولۇپ كەلگەندە؛ جانابى ئاللاھ قەتئىي چەكلىگەن ئىش-ھەرىكەت، قىلىنسا گۇناھ،  قېلىنمىسا ساۋاب بولىدىغان ۋە قارشى بىر دەلىل تېپىلمىغۇچە قەتئىي چەكلەنگەن ھەر قانداق ئىش دېمەكتۇر.

ھارام، ئەسلى ھارام (ھارام لىئەينىھى) ۋە ۋاستىلىك ھارام ( ھارام لىغەيرىھى) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ:

ئا- ئەسلى ھارام:

يامانلىق ۋە زىياندىن باشقا خۇسۇسىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تېگىدىن ھاراملىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىشتۇر. مەسىلەن: زىنا قىلىش، ئوغرىلىق، چوشقا گۆشى يېيىشقا ئوخشاش قىلمىشلار بۇ تۈردىكى ھاراملارغا ئۆرنەك بولۇشى مۇمكىن.

ب-ۋاستىلىك ھارام:

ئەسلىدە قانۇنلۇق بولسىمۇ، ۋاقىتلىق بىر ھادىسە سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغان قىلمىشتۇر. جۈمە نامىزى ۋاقتىدا سودا-سېتىق قىلىش چەكلىنىشى، باشقىلارنىڭ مېلىنى رۇخسەتسىز يەۋېلىشنىڭ ھاراملىقى دېگەندەك ئىشلارنى بۇ تۈردىكى ھاراملارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇلار ئەسلىدە تېگىدىن ھالال بولسىمۇ لېكىن ئەھۋالغا قارىتا چەكلەنگە ئىشلاردۇر. چەكلىنىشكە سەۋەب بولغان بۇ ئەھۋال يوقالسا، ئۇ ئىشلارنىڭ ھاراملىقىمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ. مەسىلەن: جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن سودا-سېتىق قىلىش ۋە كىشىنىڭ مېلىنى ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ۋە بىلدۈرۈپ قويۇپ يىيىش قاتارلىقلار ھالالدۇر.

4. ھارامنى قانداق بىلىنىدۇ؟

بىر نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىشى مۇمكىن:

  1. ھارام سۆزىنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭدىن تۈرلەنگەن سۆزلەرنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن:

حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلۡمُنۡخَنِقَةُ وَٱلۡمَوۡقُوذَةُ وَٱلۡمُتَرَدِّيَةُ وَٱلنَّطِيحَةُ وَمَآ أَكَلَ ٱلسَّبُعُ

«ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، قان، توڭگۇزنىڭ گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن ھايۋان، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچلار يەپ قويغان ھايۋان قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام قىلىندى»- (5-سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت).

  1. بىر نەرسىنىڭ ھالال ئەمەسلىكىنى ئوچۇق- ئاشكارا بىلدۈرۈلىشى بىلەن:

وَلَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَأۡخُذُواْ مِمَّآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ شَيۡئا

«ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال-مۈلكۈڭلاردىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىر نەرسە قايتۇرۇۋېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ»-(2-سۈرە بەقەرە، 229 – ئايەت).

  1. ھارام قىلىشتىن باشقا مەنە بىلدۈرمەيدىغان بىر چەكلەش قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەندە:

وَلَا تَأۡكُلُواْ مِمَّا لَمۡ يُذۡكَرِ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَإِنَّهُۥ لَفِسۡقٞۗ

«ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن، ئۇ ھايۋان فىسق بولغان ئەھۋالدا يېمەڭلار»-(6-سۈرە ئەنئام، 121 – ئايەت).

  1. يېقىنلاشماسلىق ۋە يىراق تۇرۇشنى ئىپادىلەيدىغان «ساقلىنىش/ئىجتىناب» سۆزى بىلەن كەلگەندە:

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡخَمۡرُ وَٱلۡمَيۡسِرُ وَٱلۡأَنصَابُ وَٱلۡأَزۡلَٰمُ رِجۡسٞ مِّنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ

فَٱجۡتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-‏(سۈرە مائىدە ، 90 – ئايەت).

5. ھالال ۋە ھارامنى بەلگىلەش ھوقۇقى

نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە ھالال ۋە ھارام قىلىش ھوقۇقىنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا ئائىت بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇنداق ھوقۇقىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، ئالاھىدە ئۇرغۇلانغان نوقتىلارنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

قُلۡ أَرَءَيۡتُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ لَكُم مِّن رِّزۡقٖ فَجَعَلۡتُم مِّنۡهُ حَرَامٗا وَحَلَٰلٗا قُلۡ ءَآللَّهُ أَذِنَ لَكُمۡۖ أَمۡ عَلَى ٱللَّهِ تَفۡتَرُونَ وَمَا ظَنُّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَشۡكُرُونَ

«ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەر نېمىشقا ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقلارنىڭ بىر قىسمىنى ھارام، بىر قىسمىنى ھالال قىلىسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «بۇنداق قىلىشىڭلارغا ئاللاھ رۇخسەت قىلغانمۇ ياكى ئاللاھقا بوھتان چاپلاۋاتامسىلەر؟».‏  ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتقانلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ»-(‏10-سۈرە يۇنۇس، 59~60 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا تَقُولُواْ لِمَا تَصِفُ أَلۡسِنَتُكُمُ ٱلۡكَذِبَ هَٰذَا حَلَٰلٞ وَهَٰذَا حَرَامٞ لِّتَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ مَتَٰعٞ قَلِيلٞ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.‏ بۇ ئازغىنە مەنپەئەتتۇر. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار»-(16-سۈرە نەھىل، 116~117 – ئايەت).‏

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحَرِّمُواْ طَيِّبَٰتِ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار ۋە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»-(5-سۈرە مائىدە،87 – ئايەت).‏

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

قُلۡ مَنۡ حَرَّمَ زِينَةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَ لِعِبَادِهِۦ وَٱلطَّيِّبَٰتِ مِنَ ٱلرِّزۡقِۚ قُلۡ هِيَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا خَالِصَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن چىقارغان زىننىتىنى ۋە پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟». ئېيتقىنكى: «ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا مۇئمىنلار ئۈچۈندۇر. قىيامەت كۈنى بولسا پەقەت مۇئمىنلارغىلا خاستۇر». بىز بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مانا مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز»-(7-سۈرە ئەئراف، 32 – ئايەت).‏

كۆرگىنىمىزدەك يۇقۇرىدىكى ئايەتلەردە، ئىنسانلارنىڭ ھالال-ھارامنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىشىنىڭ، ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغانلىق بولىدىغانلىقى ۋە جازاسىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئازاب بولىدىغانلىقى بىلدۈرىلىدۇ.

قۇرئاندا پەقەت بىر ئايەتتىلا ھالال ۋە ھارام قىلىش پېئىلى، رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن قوللىنىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىدەك:

ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلرَّسُولَ ٱلنَّبِيَّ ٱلۡأُمِّيَّ ٱلَّذِي يَجِدُونَهُۥ مَكۡتُوبًا عِندَهُمۡ فِي ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَٱلۡإِنجِيلِ يَأۡمُرُهُم بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَىٰهُمۡ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡخَبَٰٓئِثَ وَيَضَعُ عَنۡهُمۡ إِصۡرَهُمۡ وَٱلۡأَغۡلَٰلَ ٱلَّتِي كَانَتۡ عَلَيۡهِمۡۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِهِۦ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَٱتَّبَعُواْ ٱلنُّورَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ مَعَهُۥٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر»- (7-سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت).

بۇ ئايەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى، پاكىزە نەرسىلەرنى ھالال، پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىپ تاشلاپ زەنجىر-كىشەنلەرنى ئۈزۈپ تاشلىشى ئەسلىدە قۇرئاندا بار بولغان ھۆكۈملەرنى بىلدۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشقاندۇر. بۇ ئىشلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئىزافەت (تەۋە) قىلىنىشى ئۇنىڭ «ئەلچى» بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاللاھ بىلدۈرگەن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى ھەرقانداق ئېقىتماي-تېمىتماي ئەينى بويىچە يەتكۈزگەن كىشىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ئۇنى ئۆزىگە چۈشۈرۈلگەن قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا ئەمىر قىلغاندۇر. (قاراڭ: 5-سۈرە مائىدە، 48-49-ئايەت).

پەقەت رەسۇلۇللاھلا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ھەممە ئەلچىلىرى، ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنى ئۈممەتلىرىگە ئېقىتماي-تېمىتماي، قانداق بولسا شۇنداق يەتكۈزىدۇ.

مەسىلەن ئاللاھنىڭ كىتابىدا؛ «ناماز ئوقۇڭ»، «زاكات بىرىڭ» دېگەن بۇيرۇقلىرى بولسا، ئەلچىلەر ئىنسانلارغا ئۇنى بۇيرۇيدۇ. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن قۇرئاندا 19-سۈرە مەريەم 55-ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان «وَكَانَ يَأۡمُرُ أَهۡلَهُۥ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ» (ئۇ ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى) دېگەن ئىپادىلەردىن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ۋە زاكاتنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بولماستىن پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھوقۇقى بىلەن بۇيرىدى دېيەلمەيمىز. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بىر ئايەت ئۇچرايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

وَمُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيَّ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعۡضَ ٱلَّذِي حُرِّمَ عَلَيۡكُمۡۚ وَجِئۡتُكُم بِايَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

«مەن ئالدىمدىكى تەۋراتنى تەستىقلاش ۋە سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 50 – ئايەت).

نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ پاك نەرسىلەرنى ھالال، پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلغانلىقى بىلدۈرگىنىگە قارىغاندا[4] ئەينى خۇسۇسنىڭ رەسۇلۇللاھقا تەۋە قىلىنىشى، ئۇنىڭ كىتابتىكىلەرنى تەبلىغ قىلىشى يەنى ئۈممىتىگە ئاللاھنىڭ ھالالىنى ھالال، ھاراملىرىنى ھارام دەپ بىلدۈرىشى، ھەممىسىگە ئۇقتۇرىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

باشقا بىر ئايەتتە ھارام قىلىش ئىشى ئىنسانلارغا بولۇپمۇ ئەھلى كىتاب (يەھۇدى ۋە ناسارالار)غا ئىزافەت (تەۋە) قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلىدۇ:

قَٰتِلُواْ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَلَا بِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ ٱلۡحَقِّ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ حَتَّىٰ يُعۡطُواْ ٱلۡجِزۡيَةَ عَن يَدٖ وَهُمۡ صَٰغِرُونَ

«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى  ھارام قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ بىلمەيدىغان ۋە توغرا دىننى دىن دەپ قوبۇل قىلمايدىغان يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن، تاكى ئۇلار بويۇنلىرىنى پۈكۈپ ئۆز قوللىرى بىلەن جىزيەنى تۆلىگەنگە قەدەر ئۇرۇشۇڭلار»-(9-سۈرە تەۋبە، 29 – ئايەت).‏

يۇقۇرىدىكى ئايەتتە ئاللاھنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ ھارام قىلغانلىرىنى ھارام قىلمىغانلار ھەققىدە توختىلىدۇ. دېمەككى «ئىمان ئېيتقان كىشىلەر» ئاللاھنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ ھالال قىلغانلىرىنى ھالال؛ ھارام قىلغانلىرىنى ھارام دەپ بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھارام ۋە ھالال قىلىشىمۇ خۇددى رەسۇلۇللاھنىڭكىدەك كىتاپتا بولغانلارنىڭ تەبلىغ قىلىنىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئايەتكە يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقىشىمىز كېرەك:

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكَۖ تَبۡتَغِي مَرۡضَاتَ أَزۡوَٰجِكَۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ 

«ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(66-سۈرە تەھرىم ، 1 – ئايەت). ‏

ئايەتتە نەبىمىز، ئاللاھ ھالال قىلغان بىر نەرسىنى ئۆزىگە ھارام قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇلغاندۇر. بۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ «نەبى» سۈپىتى بىلەن قىلغان ئۆزىگە تەۋە بىر تاللىشى ئىدى. يەنى بۇنى «رەسۇل» سۈپىتى بىلەن قىلالمايتتى. ئەگەر نەبىمىزنىڭ ئاللاھ چەكلىمىگەن بەزى نەرسىلەرنى ھارام قىلىش ھوقۇقى بولغان بولسا، بۇنداق بىر ئايەتنىڭ قۇرئاندا بولۇشى مۇمكىنمۇ! جانابى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق قىلىشقا بىر ھوقۇق بېرىپ، ئاندىن ئۇ ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن نەبىسىنى ئاگاھلاندۇرامۇ!! بۇنداق بىر ئىشنى ئويلاشنىڭ ئۈزى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس، مەنتىقىسىزلىقتۇر.

ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ بۇ مەسىلىنى مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىزاھلىغان ئىدى:

«مەن پەقەت ئاللاھ كىتابىدا (يەنى قۇرئاندا) ھالال قىلغان نەرسىنى ھالال ھەمدە ئۇنىڭ كىتابىدا ھارام قىلىنغان نەرسىنى ھارام قىلىمەن»[5].

باشقا بىر ھەدىستە بولسا:

«ھالال، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال قىلغانلىرى، ھاراممۇ كىتابىدا ھارام قىلغانلىرىدۇر. ھەققىدە ھېچقانداق نەرسە سۆزلەنمىگەنلىرى بولسا، كەچۈرۈم قىلغانلىرىدۇر»[6].

ئالدىنقى قاتاردىكى ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبن ئابباسنىڭمۇ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇ:

«جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەر، بەزى نەرسىلەرنى يەيتتى، بەزى نەرسىلەرنى يىرگەنگەنلىكى ئۈچۈن يېمەيتتى. بۇ چاغدا ئاللاھ نەبىسىنى ئەۋەتتى ۋە كىتابى (قۇرئان)نى نازىل قىلدى. ھالالنى ۋە ھارامنى چۈشەندۈردى. ئەمدى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنى ھارامدۇر، ھالال قىلغىنى ھالالدۇر. ھالال- ھاراملىقى ھەققىدە ھېچنىمە دېيىلمىگەن نەرسىلەر، ئەپۇ قىلىنغاندۇر». ئىبىن ئابباس ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145-ئايىتىنى ئوقۇدى[7].

ئابدۇللاھ ئىبن ئابباس يەنە رەسۇلۇللاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ھەدىستە «ئۇلارغا تەييىبات (پاك نەرسىلەر)نى ھالال، خابائىس (نىجىس نەرسىلەر)نى ھارام قىلىدۇ»-(7-سۈرە ئەئراف 157-ئايەت) دېگەن ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان خابائىس كەلىمىسى؛ چوشقا گۆشى، ئۆسۈم ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ھارام قىلىنغان تۇرۇپ ئەرەپلەر ھالال دەپ قارايدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ[8]. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ پەقەت ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنىلا ھارام قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە تابىئىنلاردىن ئاتا ئىبن ئەبى رەباھمۇ مۇشۇ ئايەت توغرىسىدا ئىبىن ئابباستىن مۇنداق رىۋايەت كەلتۈرىدۇ:

«ئاللاھ، بۇيەردىكى خابائىس كەلىمىسى بىلەن؛ تاپ، قان ۋە مائىدە سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنى مەقسەت قىلىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، رەسۇلۇللاھ ھارام قىلغان خابائىسنىڭ قۇرئاندا كۆرسىتىلگەن ھاراملار ئىكەنلىكىگە دىققەتنى تارتىدۇ[9].

خۇلاسە، ھېچقانداق كىشىنىڭ ھەتتا نەبىلەرنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بولماستىن ھالال – ھارام قىلىش ھوقۇقى يوقتۇر[10]. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ، تەرىقەت شەيخلىرىنىڭ، ئۇستازلارنىڭ، جامائەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىجتىھاد قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كىتابىدا يوق يېڭى ھاراملارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلىقىنى ئويلاش مۇمكىنمۇ؟ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس! ئۇلار مۇشۇنداق ھوقۇققا ئىگە دەپ قاراش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە دېگەنلىرىگە سوئال-سوراقسىز ئىشىنىش، ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدەك قوبۇل قىلىپ ئەمەل قىلىش، ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ئادى ئبىن ھاتىمنىڭ رىۋايىتىدە ئېيتىلغاندەك ئۇلارنى رەب قىلىۋېلىش مەناسىغا كەلمەمدۇ؟ مەرھۇم ئەلمالى مۇھەممەد ھەمدى يازىرنىڭ بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېيتقان مۇنۇ گۈزەل سۆزلىرى بىلەن ماقالىمىزنى بۇ يەردە تاماملايمىز:

ئەلمالى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئالىملاردا كىچىككىنە بولسىمۇ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ھەتتا زەررىچىلىك بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئاللاھتىن باشقىسىغا رەبلىك ھەسسىسىنى بېرىش دېمەكتۇر، بۇ ئۇلارنى ئاللاھتىن كېيىن قالسىلا رەب دېمەكتۇر. شەيتانلارغا، تاغۇتلارغا، نەمرۇتلارغا، فىرئەۋنلەرگە، بۇتلارغا چوقۇنۇش قانداق شېرىك ۋە كاپىرلىق بولغان بولسا، ئالىملارغا ھەددىدىن زىيادە قىممەت بېرىشمۇ شۇنداقتۇر. مەسىلەن؛ توغرا-خاتانى، ھەق ۋە باتىلنى، ئايرىماستىن ھەقىقىي ئىلىم بولمىغان پىكىرلىرىنى، سۆزلىرىنى، ھەق تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئاساس ئالمىغان، ئۇنى مەنبە قىلمىغان كۆز-قاراشلىرىنى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە ئاساسەن خالىغانچە بەرگەن پەتىۋالىرىنى ۋە ئىرادىلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈش، گويا ئۇلاردا ئاللاھنىڭ ھارام قىلغانلىرىنى ھالال، ھالال قىلغانلىرىنى ھارام قىلىش ھوقۇقى باردەك، ھەقنى ئۆزگەرتەلىگىدەك ھەققى باردەك، قەستەن قىلغان خاتالىرى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق خاتالىرىغىمۇ ئىتائەتنى جائىز كۆرۈش، ئاخىرىدا ئاللاھ بۇ ھەقتە نېمىگە بۇيرۇيدۇ دەپ ئويلانماستىن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش لازىملىقىنى ھېساپقا ئالماستىن، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشمۇ ئەنە شۇنداق شېرك ۋە كاپىرلىقتۇر. ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارغا چوقۇنۇش دېگەنلىكتۇر»[11].

مەنبە: يەھيا شەنول، «ھالال ۋە ھارامنى كىم بەلگىلەيدۇ؟»، كىتاپ ۋە ھېكمەت ژۇرنىلى، ئىستانبۇل، 2016-يىللىق 4-سان، ئومۇمى 15-سان، 96~101-بەتلىرىگە قارالسۇن.

[1] تىرمىزى، تەفسىر، 10 (9).

[2] بۇ ماقالىمىزدە  «قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ھالال يېمەك-ئىچمەك» (يەھيا شەنول، سۇلايمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2. باسمىسى، ئىستانبۇل، 2015 ) ناملىق ئەسىرىمىزدىن پايدىلاندۇق. پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ ئەسەرگە قارالسۇن.

[3] بۇ فىقھ ئۇسۇلىنىڭ بىر ئاتالغۇسى بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ ئەكسىچە بىر دەلىل تېپىلمىغۇچە  چەكلەنمىگەنلىكىنى  ۋە ھالال ۋە ھارام توغرىسىدا ھېچقانداق ھۆكمىنىڭ يوقلىقىنى ياكى  بۇرۇن مەۋجۇت بولغان ھۆكمىنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىدۇر. ئەلى بارداقئوغلۇ، «ئىستىنباھ»، دىيانەت ئىسلام ئانسىكلوپېدىيسى (قامۇسى)»، ئىستانبۇل، 2001، 23-توم، 376-بەت.

[4] 2-سۈرە بەقەرەنىڭ 168-ئايىتى؛ 5-سۈرە مائىدەنىڭ 88-ئايىتى؛ 16-سۈرە نەھلنىڭ 114-115-ئايەتلىرىگە قارالسۇن.

[5] بەيھەقى، سۇنەن ئەلكۇبرا، 6-توم، 75-بەتكە قارالسۇن.

[6] تىرمىزى، لىباس (كىيىم-كىچەك)، 6؛ ئىبىن ماجە، ئەتئىمە، 60.

[7] ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە، 30.

[8] تابەرى، جامىئۇل بايان، دارۇل كۇتۇبۇل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1992-يىل، 6-توم، 85-بەتكە قارالسۇن.

[9] رازى، تەفسىرۇلكەبىر، دارۇل ئىھيائۇل تۇراسۇل ئەرەبىي، 3-باسمىسى، بەيرۇت، 1999-يىل، 5-توم، 381-بەتكە قاراڭ.

[10] بۇ مەسىلە ھەققىدە فاتىھ ئۇرۇمنىڭ «قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا قۇرئاننى چۈشىنىش ئۇسۇلى» ناملىق كىتابى، سۇلايمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2013، 200~205-بەتلىرىگە؛ زەكىي بايراقتار، «قۇرئان ۋە سۈننەت ئەمما قايسى سۈننەت» ناملىق، سۇلايمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى 2015-يىلى، ئىستانبۇلدا نەشىر قىلغان 2-باسمىنىڭ، 139~143-بەتلىرىگە قاراڭ.

[11] ئەلمالىلى ھەمدى يازىر، «ھەق دىن قۇرئان تىلى»، ئاممىبابلاشتۇرغۇچىلار: ئىسمائىل قاراچام قاتارلىقلار، ئازىم تارقىتىش، 4-توم، 319-بەتكە قارالسۇن.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ