مۇسۇلمانلار
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 1

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 2 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەرەرەكەتەھۇ! قەدىرلىك مۇسۇلمانلار تورى ئوقۇرمەنلىرى،

ئۇستاز پىروففېسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ئېلكىتابىنى يەنە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمىز.

گەرچە ئۆزۈم 2008-يىلدىن ئېتىبارەن ئىستانبۇلدىكى قۇرئان مەركەزلىك، ئىزدىنىش مەكتىپىدىكى ئۇستازلار بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولساممۇ، ئەمما ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىر ۋە ئۇ قۇرۇپ چىققان «سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى» دە چېكىسىگە گۈل ۋە بېشىغا تاج قىلىپ تاقاپ، قەدرى-قىممىتىنى قىلىپ، بىرلىكتە ئىشلەۋاتقان، بىز ئۇيغۇرلاردىن بولغان ئۇستاز ئەنەس ئالىم بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىم 2012-يىللارغا توغرا كەلدى. ئەلھەمدۇلىللاھ!

شۇ زامانلاردا تۈركىيەدە نۇرچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قولى بولغان «فەتھۇللاھ گۈلەنچىلەر» خېلىلا كۈچىيىپ، سىڭىپ كىرمىگەن يېرى قالمىغان ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى پۇلدار-پۇلسىز كىشىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن، ھەتتا قوللىرى ۋەتەنگىچە يېتىپ بارغان ئىكەن. ئاساسلىق كىتابلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ،  «نۇرچىلىق» ئىدېئولوگىيىسى خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگەللىگىلى تۇرغان، ئۇلاردىن «تەسىرلەنگەن» ئارىمىزدىكى خېلى كاتتا «ئالىم-ئۆلىمالار»مۇ پەتىۋالىرىدا گۈلەن جامائىتى توغرىلىق پەتىۋالىرىنى بېرىشكە ئۈلگۈرگەن ئىكەن…

ئەمما، «سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى»، ئۇ «جامائەتلەر» ئوتتۇرىغا چىققان كۈندىن ئېتىبارەن، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان «رىسالەئىي نۇر» ۋە ئۇنىڭ يانداش كىتاپلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇرئانغا زىت كەلگەن يەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ فىترەت تېلىۋىزىيىسىدە تارقىتىلىدىغان، ھەر ھەپتە سەيشەنبە كەچ سائەت 19:00 دا نەقمەيداندىن تارقىتىلىدىغان «قۇرئان دەرسلىرى»، شۇنداقلا ھەر شەنبە كۈنى 11:00 دە باشلىنىدىغان قۇرئان مەركەزلىك دەرسلىرىدە ئىلمىي ئۇسۇللىرى بىلەن رەت قىلىپ كەلگەن ۋە تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى.

نەتىجىدە، بۇ ئۇستازلارنىڭ قۇرئانىي بەسىرەت بىلەن كۆرۈپ يەتكەن خاتالىقلار ۋە مىللەتكە كەلتۈرىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دادىللىقى، جەسۇرلۇقى بەزىلەرنىڭ دىتىغا ياقمىدى. دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە بولغان ھېرىسمەنلىكلىرى ئۇلارنى خاتا يولدىن ۋاز كېچىشلىرىگە توسالغۇ بولىۋاتقان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ھەقنى يۇشۇرماي (كاپىر بولماي)، دەل ۋاقتىدا قارشىلىق كۆرسەتكەن بۇ ئۇستازلارغا ھۇجۇم باشلىنىپ، ئارقىسىدىن قىلغان غەيۋەت-تۆھمەتلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېتىبارسىز ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىدى…

قولىڭىزىدىكى بۇ كىتاب، دەل شۇ كۈرەشلەرنىڭ كىتابلاشقان ئەسىرى بولۇپ، سىز ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇشى ئۈچۈن سۇنۇلدى!

بۇنىڭدىن باشقا، پېقىر ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق، ئۆتكەن يىلى، 2017-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 17-كۈندىن ئېتىبارەن ئىشقا چۈشكەن «سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى» گە تەۋە بولغان «فىترەت تېلىۋىزىيىسى» دە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىسىنى تەييارلاپ، بىرىنجى بولۇپ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ناملىق تۈركىيەدىكى سوپى-ئىشانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىنىڭ كىتابلاشقان ئەسىرىنى 18 سىن دەرس قىلىپ سۇنۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم. ئۇ دەرسلەردە تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق سوپى جامائەتلىرىدن ماخمۇت ئۇستا ئوغلى ۋە جۈببەلى ئەھمەدلەر بىلەن ئېلىپ بارغان كەسكىن مۇنازىرلىرىنى، قۇرئان نۇرى ئاستىدا ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ قەلىمىدىن سىن دەرس قىلىپ سۇندۇم. يېقىندا ئۇنىڭ ئۈن دەرسىنىمۇ تەدبىر تور رادىئوسىدا تارقاتتىم.

مانا بۈگۈن «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاب ئوقۇش» پىروگراممىمىزنىڭ ئىككىنجى كىتابى بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ئېلكىتابىنى سىلەر قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانلار تورىمىزدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئوقۇشىغا ئاسانلىق ياراتتۇق.

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك»  ئېلكىتابىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: vesile

https://issuu.com/alnoor024/docs/vesile

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» سىن دەرسلەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

«قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ئۈن دەرسلەرنى بۇ يەردىن تىڭشاڭ: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/ep-e1sucj

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 3

كىتابتىكى 4 ئاساسلىق مەزمۇن:

ئاللاھ بىلەن ئالدىنىش، شېرىك ۋە كۇپۇر، كاتولىكلاردا ۋەسىلە ئېتىقادى، تاۋىزىمچىلاردا ۋەسىلە ئېتىقادى

نەشرىيات: سۇلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى

كىتاب ساتقۇچى: www.suleymaniyevakfi.com

https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/1092917520847458/

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر