باش بەت > ئەھكام > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئۈچىنچى باب
مەزھەبلەردە مېيىت نامىزى
1- ھەنەفيە مەزھىپى[1]دە مېيىت نامىزى:
پەرزى ئىككىدۇر: 1- تۆت تەكبىر ئېيتىش، 2- قىيامدا تۇرۇش.
ۋاجىبى بىردۇر: سالام بېرىش.
شەرتى بىردۇر: نىيەت قىلىش.
سۈننىتى ئۈچتۇر: 1- ئاللاھ تەئالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، 2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئۇقۇش، 3- دۇئا قىلىش.
مۇستەھەبى بىردۇر: مېيىت نامىزىغا ھازىر بولغانلارنى ئۈچ سەپكە بۆلۈش.
ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش: «سۇبھانەكەللاھۇممە…» نى ئوقۇش بولۇپ، بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ـ دۇرۇتى ئىبراھىمىيە يەنى ئادەتتە نامازدا ئوقۇلىدىغان دۇرۇت- بولۇپ، ئىككىنچى تەكبىردىن كېيىن ئېيتىلىدۇ. دۇئا ـ يەنى ئۆزىگە، مېيىتقا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەپ قىلىنىدىغان دۇئا بولۇپ ئۈچىنچىى تەكبىردىن كېيىن قىلىنىدۇ. (ھەدىستىكى مەشھۇر دۇئانى ئۇقۇش ئەۋزەل). تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن سالام بېرىلىدۇ.
شەكلى:
مېيىت نامىزى ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئىمام بولسۇن، جامائەت بولسۇن جىنازىنىڭ ئىچىدىكى مېيىتقا ناماز ئوقۇش نىيىتى بىلەن ئىككى قۇلىنى كۆتۈرۈپ «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ بىرىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ، ئاندىن «سۇبھانەكەللاھۇممە…» دېگەن ھەمدۇسانانى ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئىككىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا –ئادەتتىكى نامازلاردىكى تەشەھھۇتتىكىدەك- دۇرۇت ئېيتىدۇ. ئاندىن ئۈچىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ ئۆزىگە، مېيىتقا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ مېيىت ۋە جامائەتنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىككى يانغا سالام بېرىدۇ. ئىككى قولىنى پەقەت بىرىنچى تەكبىردىلا كۆتۈرىدۇ. ئىمام تەكبىرلەر ۋە سالامدىن باشقىلارنى ئىچىدە ئۇقۇيدۇ. جامائەت ئوقۇلىدىغان ھەممە نەرسىنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ.
2- مالىكىيە مەزھىپى[2]دە مېيىت نامىزى:
پەرزى بەشتۇر:
1- نىيەت قىلىش: ئالدىدىكى بىر ياكى بىرقانچە مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەكچى بولغىنىنى كۆڭلىگە پۈكۈش. مېيىتنىڭ ئەر-ئاياللىقىنى كۆڭلىگە ئەكىلىش شەرت ئەمەس. چۈنكى مەقسەت، مەيلى ئەر-بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، نامىزى ئوقۇلماقچى بولغان كۆز ئالدىدىكى مېيىتتۇر. يەنە مېيىت نامىزىنىڭ پەرزى كۇپايە ئىكەنلىكىنى ئويلىمايلا نىيەت قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
2- تۆت تەكبىر ئېيتىش: بىرنىمۇ كېمەيتمەي ياكى قوشماي پەقەت تۆت تەكبىر ئېيتىش. ھەر بىر تەكبىر بىر رەكئەتنىڭ ئورنىدا ھېسابلىنىدۇ.
3- تەكبىرلەرنىڭ ئارلىقىدا مېيىت ئۈچۈن بىلگىنىچە دۇئا قىلىش («ئى ئاللاھ! مېيىتنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن» دېگەندەك ئاددى دۇئالارنى قىلسىمۇ بولىدۇ). تۆتىنچى تەكبىردىن كىيىن خالىسا دۇئا قىلىدۇ، خالىسا دۇئا قىلمايلا سالام بىرىدۇ. مېيىت ئىككى بولسا ئىككىلىك شەكىلدە ئىككىدىن ئارتۇق بولسا كۆپلۈك شەكىلدە دۇئا قىلىدۇ.
4- بىر تەرەپكە سالام بېرىش: بۇ سالامنى ئىمام ئۈنلۈك ئاۋازدا بېرىدۇ. ئىمامنىڭ كەينىدىكى كىشىلەرنىڭ پەس ئاۋازدا سالام بېرىشى ئەۋزەلدۇر.
5- ئۆرە تۇرالىسا قىيامدا تۇرۇش.
سۈننىتى تۆتتۇر:
1- بىرىنچى تەكبىرنى ئىككى قۇلىنى دۇلىسىغىچە كۆتۈرۈپ ئېيتىش.
2- دۇئانى، ئاللاھقا ھەمد، پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىش بىلەن باشلاش.
3- دۇئانى ئىچىدە ئۇقۇش.
4- مېيىت ئەر بولسا ئىمام جىنازىنىڭ ئوتتۇرسىدا، ئايال ياكى خۇنسا بولسا جىنازىنىڭ باش تەرىپىگە يېقىنراق تۇرۇش.
شەكلى:
تەكبىر ئېيتىپ: «ئۆلتۈرگەن ۋە تىرىك قالدۇرغان، ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرىدىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر» دەپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت (دۇرۇتى ئىبراھىمىيە) ئوقۇش ۋە مېيىتقا دۇئا قىلىش. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان مۇنۇ دۇئانى ئۇقۇش ئەۋزەلدۇر:
«ئى ئاللاھ! بۇ سېنىڭ بەندەڭدۇر، سېنىڭ ئەر ۋە ئايال بەندىلىرىڭنىڭ بالىسىدۇر. بۇ، پەقەت سېنىڭلا ئىلاھ ئىكەنلىكىڭگە، مۇھەممەدنىڭ سېنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. سەن بۇنى ئۇبدان بىلىسەن. ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇ بەندەڭ ياخشى ئىش قىلغان بولسا، ئەجرىنى كۆپەيتىپ بەرگىن. ئەگەر يامان ئىش قىلغان بولسا، يامانلىقىدىن ئۆتىۋەتكىن. ئى ئاللاھ! بىزنى بۇ مۇسىبەتنىڭ ئەجرىدىن[3] مەھرۇم قىلمىغىن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى پىتنىلەرگە گىرىپتار قىلمىغىن»[4]. .
ئەگەر مېيىت ئايال كىشى بولسا: «ئى ئاللاھ! بۇ سېنىڭ بەندەڭ، سېنىڭ ئەر ۋە ئايال بەندىلىرىڭنىڭ قىزى….» دەپ دۇئا قىلىدۇ، بۇ دۇئالارنى ھەر تەكبىردىن كېيىن ئۇقۇيدۇ.
تۆتىنچى تەكبىردىن كىيىن «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك ۋە تىرىكلىرىمىزگە، ھازىر بولغانلىرىمىزغا ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزغا، چوڭ ۋە كىچىكلىرىمىزگە، ئەر ۋە ئاياللىرىمىزغا مەغفىرەت قىلغىن. سەن بىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرىكەتلىرىمىزنى، ئاخىرەتتىكى جايىمىزنى ياخشى بىلىسەن. ئى ئاللاھ! ئاتا-ئانالىرىمىزغا ۋە بىزدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقانلارغا، بارلىق ئەر–ئايال مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا، ئۆلۈك ۋە تىرىك بارلىق مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىمان بىلەن تىرىك قالدۇرغىن. بىزدىن كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن، بىزنى ئۆزۈڭگە مۇلاقات قىلىش بىلەن بەختلىك قىلغىن، بىزنى ئۆلۈمگە، ئۆلۈمنى بىزگە ياخشى قىلىپ بەرگىن. ئۆلۈمدە بىزگە راھەت ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىپ سالام بېرىدۇ.
شافىئىيە مەزھىپى[5]دە مېيىت نامىزى:
پەرزى يەتتىدۇر:
1- نىيەت قىلىش: ئالدىدىكى بىر ياكى بىرقانچە مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈش.
2- تۆت تەكبىر ئېيتىش. چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجاشى ۋاپات بولغان كۈنى ئۇنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، نامازگاھقا چىقىپ تۆت تەكبىر ئوقۇغان»[6].
3- سۈرە فاتىھە ئۇقۇش. بۇنىڭ دەلىلى: «سۈرە فاتىھە ئۇقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس»[7] دېگەن ھەدىستىكى ناماز سۆزى ھەرقانداق نامازغا قارىتىلغان. يەنە بىر دەلىل:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جىنازا نامىزى ئوقۇدى ۋە نامازدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇدى. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباستىن سوئال سورالغان ئىدى، ئۇ: «فاتىھە ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى (يولغا قويۇلغانلىقىنى) بىلىۋالسۇن دېدىم» دەپ جاۋاپ بەرگەن[8].
سۈرە فاتىھە بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. ئەگەر بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن ئوقۇلماي، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى تەكبىرلەردىن كېيىن ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ.
4- قىيامدا تۇرۇش. ئۆرە تۇرالمايدىغانلار پەرز نامازلاردىكى قۇلايلىقلار بويىچە ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ ئوقۇسا بولىدۇ.
5- ئىككىنچى تەكبىردىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىش. پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا دۇرۇت ئېيتىش زۆرۈر ئەمەس.
6- ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن مېيىتقا ئاتاپ دۇئا قىلىش. چۈنكى مېيىت نامىزدىكى تۈپ مەقسەت مېيىتقا دۇئا قىلىش بولۇپ، دۇئادىن باشقا پائالىيەتلەر بۇنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر بىرەر مېيىتقا جىنازا نامىزى ئوقۇساڭلار، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار» دېگەن[9]. شۇنىڭ ئۈچۈن مېيىتقا ئاتىماستىن بارلىق ئەر-ئايال مۇئمىنلەرغا ئومۇمىي دۇئا قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىشكە بولمايدۇ.
7- تەكبىرلەردىن كېيىن سالام بىرىش. بۇ سالام ئادەتتىكى نامازلاردىكى سالامغا ئوخشاشتۇر. سالامنى چوقۇم تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن بېرىش كىرەك. تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن بىر نەرسە ئوقۇش كېرەك ئەمەس، لېكىن ئۇزۇن دۇئا قىلىش سۈننەتتۇر.
سۈننىتى يەتتىدۇر:
1- تەكبىرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىككى قولىنى مۈرىسىگىچە كۆتۈرۈش.
2- ھەر تەكبىردىن كېيىن -باشقا نامازدىكىگە ئوخشاشلا- ئىككى قۇلىنى كۆكرىكى ئۈستىگە قۇيۇش.
3- ئوقۇلىدىغان دۇئا-زىكرىلەرنى ئىچىدە ئۇقۇش.
4- سەپلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش تۈزلەش.
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش.
6- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن بارلىق ئەر-ئايال مۇئمىن، مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىش.
7- تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن دۇئا قىلىش.
مۇستەھەبى ئۈچتۇر:
1- سۈرە پاتىھەنى ئوقۇشتىن بۇرۇن «ئەئۇزۇ بىللاھ…» ئۇقۇش.
2- سۈرە پاتىھەنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن «ئامىين» دېيىش.
3- جامائەتنى ئۈچ سەپكە بۆلۈش.
شەكلى:
مېيىت نامىزى ئوقۇماقچى بولغان كىشى بىر ياكى بىرقانچە مېيىتقا ناماز ئۇقۇيدىغانلىقىنى نىيەت قىلىپ بىرىنچى تەكبرنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم» دەپ سۈرە پاتىھەنى ئۇقۇپ ئامىين دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئۇقۇپ بارلىق ئەر-ئايال مۇئمىن، مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ مېيىتقا ئاتاپ ئەڭ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ، ھەدىستىكى مەشھۇر دۇئارلارنى ئۇقۇش ئەۋزەلدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىدۇ ۋە «بىزنى ئۇنىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قويمىغىن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى ئازدۇرۇۋەتمىگىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ئاخىرىدا: «ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان پەرىشتىلەر ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ»[10] دېگەن ئايەتنى ئۇقۇپ سالام بېرىدۇ.
ھەنبەلىيە مەزھىپى[11] دە مېيىت نامىزى:
پەرزى يەتتىدۇر:
1- قىيامدا تۇرۇش. ئولتۇرۇپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە ئۇقۇلغان مېيىت نامىزى ئادا بولمايدۇ. ئۆزرىلىك بولغانلار مۇستەسنا.
2- تۆت تەكبىر ئېيتىش. چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجاشى ۋاپات بولغان كۈنى ئۇنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، نامازگاھقا چىقىپ تۆت تەكبىر ئوقۇغان»[12].
3- سۈرە فاتىھەنى ئۇقۇش. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سۈرە فاتىھەنى ئۇقىمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس» دېگەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جىنازا نامىزىدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغان ۋە «بۇ، سۈننەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن.
مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇشنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى، مېيىت نامىزى پەرز قىلىنغان بىر نامازدۇر. ئۇنداقتا مېيىت نامىزىدىمۇ پەرز نامازلاردىكىگە ئوخشاشلا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش پەرز بولىدۇ. مېيىت نامىزى كېچىدە ئوقۇلغان تەقدىردىمۇ سۈرە فاتىھەنى مەخپىي ئۇقۇش لازىم.
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىش. ئادەتتىكى نامازلاردا ئوقۇلىدىغان دۇرۇت ئېيتىلىدۇ.
5-مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەگەر بىرەر مېيىتقا جىنازا نامىزى ئوقۇساڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار» دېگەن. ئۆزى خالاپ ئەڭ قىسقا دۇئا قىلسىمۇ ناماز ئادا تاپىدۇ.
6- سالام بېرىش. چۈنكى «نامازدىن چىقىش، سالام بېرىش بىلەن بولىدۇ» دېگەن ھەدىستىكى «ناماز» مېيىت نامىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7- نامازنىڭ ھەممە ئەركانلىرىنى تەرتىپ بىلەن ئورۇنداش: بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن قىرائەت قىلىش (فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش)، ئىككىنچىسىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىش، ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن مېيىتقا ئاتاپ دۇئا قىلىش (دۇئانى تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ)، ئاخىرىدا سالام بېرىش.
سۈننىتى بەشتۇر:
1- تەكبىرلەردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىگىچە كۆتۈرۈش.
2- ھەر تەكبىردىن كېيىن قولىنى كىندىكىنىڭ ئاستىدا قۇيۇش.
3- فاتىھەنى مەخپىي ئوقۇش.
4- سەپلەرنى تۈز قىلىش.
5- ناماز ئاخىرلىشىپ جىنازا كۆتۈرلۈپ بولغۇچە ئورنىدىن قوزغالماي تۇرۇش.
مۇستەھەبى ئۈچتۇر:
1- سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشتىن بۇرۇن «ئەئۇزۇ بىللاھ…» دېيىش.
2- سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن «ئامىين» دېيىش.
3- سەپلەرنى ئۈچكە بۆلۈش.
شەكلى:
مېيىت نامىزى ئوقۇماقچى بولغان كىشى مېيىت نامىزى ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ (مېيىتنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى كۆڭلىگە ئەكىلىپ نىيەت قىلىش ئەۋزەلراقتۇر) تەكبىر ئېيتىپ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ ۋە «ئەئۇزۇ… بىسمىللاھ…» دىن كېيىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ پەيغەمبەر ئەلەيسسالامغا دۇرۇت ئېيتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ مېيىتقا ئەڭ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيسىسالام «ئەگەر بىرەر مېيىتكە جىنازا نامىزى ئوقۇساڭلار، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار» دېگەن[13]. مېيىت ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئالاردا بىر چەكلىمە يوق، لېكىن ھەدىسلەردىكى مەشھۇر دۇئالارنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. ئۇ دۇئالار تۆۋەندىكىچە:
«ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك ۋە تىرىكلىرىمىزگە، ھازىر بولغان ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزغا، چوڭ ۋە كىچىكلىرىمىزگە، ئەر ۋە ئاياللىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. سەن بىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرىكەتلىرىمىزنى، ئاخىرەتتىكى جايىمىزنى ياخشى بىلىسەن. سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن».
«ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام ۋە سۈننەت بىلەن تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئۇنى ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن»
«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلغىن[14]، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇنىڭ ئاخرەتتىكى جايىنى جەننەت قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، گۇناھلىرىنى سۇ، قار ۋە مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئۇنى خاتالىقلىرىدىن ئاق كىيىم كىردىن پاكلانغاندەك پاكلىغىن، ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىدىن ياخشى بىر ئۆي، ئۆز ئەھلىدىن ياخشى بىر ئەھىل، ئۆز جۈپتىدىن ياخشى بىر جۈپ ئاتا قىلغىن، ئۇنى جەننەتكە داخىل قىلغىن، ئۇنى قەبىر ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، قەبرىسىنى ئازادە قىلغىن ۋە نۇرغا تولدۇرغىن».
«ئى ئاللاھ! بۇ سېنىڭ بەندەڭ، سېنىڭ ئەر ۋە ئايال بەندىلىرىڭنىڭ بالىسى. ئۇ سەن تەرەپكە كەتتى. سەن ئۇنى ئەڭ ياخشى كۈتىۋالغۇچىسەن. بىز ئۇ كىشىنى ياخشى دەپ بىلىمىز».
ئاخىرىدا تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن سالام بېرىدۇ. ئوڭ تەرىپىگە بىرلا سالام بەرسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ.
تۆتىنچى باب
تەھلىل:
قۇرئان-سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا مېيىت نامىزى
مېيىت نامىزىنى قۇرئان – سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بۇنىڭ ناھايىتى ئاسان بىر ناماز ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ھەتتا بىر كىشى تۆت تەكبىر ئوقۇپ، بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئارىىسدا مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلسا يەنى مېيىت ئۈچۈن ئۆزى بىلگەن تىلدا ياخشى تىلەكلەردە بولسا، مېيىت نامىزى ئوقۇغان بولىدۇ. بىز بۇ ھەقتە ئىككىنچى بابتا تەپسىلىي توختالدۇق.
مەزھەپلەردە مېيىت نامىزى
مېيىت نامىزىنىڭ مەزھەپلەردىكى ئوقۇلۇش شەكلىگە قارايدىغان بولساق، ئىشنىڭ ناھايىتى قىيىنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتا مېيىت نامىزىنىڭ مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئوقۇلۇش شەكلىنىڭ قىيىنلىقىدىن كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە مېيىت نامىزىنى مەزھەپتىكى بويىچە ئوقۇشنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىماملار نامازغا باشلاشتىن بۇرۇن جامائەتكە تەلىم بېرىش (ئۆگىتىش) ئېھتىياجىنى ھېس قىلىدۇ ۋە تەلىم بېرىدۇ (ئۆگىتىدۇ).
شۇنداقتىمۇ ھەممە كىشىنىڭ ئىمامنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئوقۇشى ناتايىن. چۈنكى ئىمام ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىمۇ «قىرائەت» بىلەن قىلغاچقا جامائەت «ئىمام بىر نەرسە ئوقۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ دىققەت قىلمايدۇ ياكى «بازارغا ئۈلگۈرتۈپ» ئۆگىنىپ بولالمايدۇ.
مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ باشقا مەسىلىلەردىمۇ بولغاندەك، بۇ مېيىت نامىزى مەسىلىسىدە قۇرئان – سۈننەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈم قويۇشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچبىر چەكلىمە قويمىغان، شۇنداقلا كەڭرى قويغان ساھەنى ئۆزلىرى چاغلاپ چەكلىمە قويۇشۇپ تارلاشتۇرۇۋېتىشى بىر ئەمەلىيەتتۇر. بۇنى، بۇ ئەسەرنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بابلىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققانلار چۈشىنىدۇ.
مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپى
باشتا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك ھەر مەزھەپتىكى مېيىت نامىزى پەرقلىقتۇر. بۇ، ئۇ مەزھەپلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە نوپۇزلۇق ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدىكى ئىختىلاپى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، بىر قىسىمى «مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش پەرز» دېسە يەنە بىر قىسىمى «مەكرۇھ» دېگەن. تۆۋەندە ھەر ئىككى تەرپنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ھەر كۆزقاراشنى تەنقىدلەپ ئۆتىمىز:
ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلار مۇنداق دەيدۇ:
مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇش مەكرۇھتۇر. چۈنكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقىمىغان[15]. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېيىت نامىزى مېيىتقا دۇئا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان دۇئا شەكلىدىكى بىر خىل ئىبادەتتۇر.
بۇ قاراشقا رەددىيە:
ئىبنى ئۆمەرنىڭ بىر ئىشنى قىلمىغانلىقى ئۇ ئىشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ. قۇرئان ۋە ھەدىستە، دۇئا قىلغاندا قۇرئان ئايىتى ئوقۇشنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق دەلىل يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يەنى ھەنەفىي ۋە مالىكىيلارنىڭ: «مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇش مەكرۇھتۇر» دېگەن سۆزى ئاساسسىزدۇر.
شافىئىيلار ۋە ھەنبەلىيلەر مۇنداق دەيدۇ:
مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇش پەرزدۇر. بۇنىڭ دەلىلى:
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس» دېگەن[16]،
2- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇغان ۋە «مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى بىلىۋالسۇن دېدىم» دېگەن[17].
3- مېيىت نامىزى پەرز نامازدۇر. پەرز نامازلاردا سۈرە فاتىھە ئوقۇش پەرز بولغىنىغا ئوخشاش، مېيىت نامىزىدىمۇ فاتىھە ئوقۇش پەرز بولىدۇ.
بۇ قاراشقا رەددىيە:
بىز بىرىنچى بابتا سۆزلەپ ئۆتكەندەك مېيىت نامىزىدىكى «ناماز» سۆزى، بۇ ھەدىستىكى «ناماز» سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. چۈنكى مېيىت نامىزىدىكى «ناماز» «ئەلا» قۇشۇمچىسى بىلەن بىرگە كېلىپ «دۇئا-ئىستىغپار» ماھىيتىدىكى بىر نامازنى ئىپادىلەيدۇ.
يەنى مېيىت نامىزى مۇتلەق ناماز ئەمەستۇر. ئەكسىچە ئۇ شەرتلىك ناماز بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس» دېگەن ھەدىسىدىكى «ناماز» نىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى قەييىم جەۋزىييە (ر.ھ) لەرمۇ بۇ خىل قاراشتىدۇر[18].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئۇقۇپ «فاتىھە ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى بىلىۋالسۇن دېدىم» دېگەنلىكى سۈرە فاتىھە ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.
ئەگەر سۈرە فاتىھە ئوقۇش پەرز بولغان بولسا، ئىبنى ئابباس بۇنى كەينىدىكى جامائەتكە نامازدىن ئىلگىرى بىلدۈرگەن بۇلاتتى. كەينىدىكى جامائەتلەرنىڭمۇ بۇ ئىشتىن ئاللىقاچان خەۋىرى بولغان بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباسنىڭ جامائەتلەرگە: «فاتىھە ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى بىلىۋالسۇن دېدىم» دېيشىنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايتتى.
ئەگەر مېيىت نامىزىدا پاتىھە ئوقۇش پەرز بولۇپ، بۇنى ئىبنى ئابباس نامازدىن بۇرۇن ئەسكەرتمىگەن بولسا، ئۇ يۇقارقى سۆزىنىڭ ئورنىغا: «سىلەر بۇ مېيىت نامىزىدا فاتىھەنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئوقۇمىغان بولساڭلار سىلەرنىڭ نامىزىڭلار ناماز بولماپتۇ. چۈنكى مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇش پەرز بولۇپ ئۇنىڭسىز ئوقۇلغان مېيىت نامىزى ئادا تاپمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نامىزىڭلارنى قايتا ئوقۇڭلار» دېگەن بولاتتى.
ئىبنى ئابباسنىڭ سۆزىدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى؛ مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇش، شافىئىيلار ۋە ھەنبەلىيلەر ئېيتقاندەك پەرز ۋە زۆرۈر ئىش ئەمەس. مېيىت نامىزى سۈرە فاتىھەسىزمۇ ئادا تېپىۋىرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ: «فاتىھە ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى بىلىۋالسۇن دېدىم» دېگەن سۆزىدىكى «سۈننەت» نىڭ مەنىسى يولغا قويۇلغان دېگەن بولىدۇ. دېمەككى، مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇش بۇيرۇق ئەمەس، يولغا قويۇلغان ئىشتۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈرگەن مېيىت نامازلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە مېيىت نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى ھەققىدە ھېچبىر مەلۇمات يوق.
شافىئىيلەر بىلەن ھەنبەلىيلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاساسلىق دەلىلى ئىبنى ئابباس رەزىيەللا ئەنھۇنىڭ يوقارقى سۆزىدۇر. ساھابىنىڭ سۆزىنى دەلىل قىلىش قىلماسلىق ھەققىدە ئۇسۇل ئالىملىرى ئارسىدا ئىختىلاپ بار[19]. ئەگەر ساھابىنىڭ سۆزى دەلىل بولغان تەقدىردىمۇ يوقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىبنى ئابباسنىڭ سۆزىدىن مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى چىقمايدۇ.
ھەنبەلىيلەرنىڭ «مېيىت نامىزى پەرىز ناماز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا پەرز نامازلاردا سۈرە فاتىھە ئوقۇش پەرز بولغىنىغا ئوخشاش، مېيىت نامىزىدىمۇ فاتىھە ئوقۇش پەرز بولىدۇ» دېگەن سۆزىگە تۆۋەندىكىچە رەددىيە بىرىمىز:
مېيىت نامىزىنىڭ پەرز بولۇشى ئۇنىڭ باشقا پەرز نامازلارغا تامامەن ئوخشىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. مەسىلەن: رۇكۇ ۋە سەجدە باشقا نامازلاردا ئاساسلىق ئىككى پەرز بولۇپ ئۇلارسىز ئۇ نامازلار ئادا بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئىككىسى مېيىت نامىزىنىڭ پەرزى، سۈننىتى ياكى مۇستەھەبى دېگەندەك پائالىيەتلىرىدىن ئەمەس.
ئى شافىئىيلار ۋە ھەنبەلىيلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ مەنتىقىڭلار بويىچە مېيىت نامىزىدىمۇ رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىش پەرز دەپ قارىمايسىلەر؟ چۈنكى رۇكۇ ۋە سەجدە تەرك ئىتىلسىمۇ ئوخشاشلا ناماز ئادا تاپمايدۇ ئەمەسمۇ؟!.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، باشقا نامازلاردا پەرز بولغان بارلىق پائالىيەتلەر مېيىت نامىزىدا پەرز ھېسابلانمايدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
بۇ ئەسەرنىڭ باش تەرىپى:
—————————————————————————–

[1]– بۇ مەزھەپنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىت رەھىمەھۇللاھ (80 – 150ھ) بولۇپ، ئۇ فارىسىي ئەسىللىك تەبىئىي تابىئىندۇر (تابىئىن دېگەنلەرمۇ بار). ئىراقلىقلارنىڭ فەقىھشۇناسىدۇر. ئەھلى رەي (ئەقلىيەتچى) دۇر. فىقىھ ئىلمىنى ھەمماد دېگەن ئۇستازىدىن ئۇگەنگەن. ھەممادنىڭ ئۇستازى ئىبراھىم نەخەئىي بولۇپ ئۇ فىقىھنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن ئۆگەنگەنىكەن. مەزھەپ قاراشلىردا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان، ئۆرپ-ئادەت ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىگە تايانغان. ئۇنىڭ ئەقىدە توغرىسىدا «فىقھۇل ئەكبەر» ناملىق كىتاۋى بار. ( سىيەرۇ ئەئلامىن- نۇبەلا 6/390 .. كېيىنكى بەتلىرى. دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى، ئەل فىقھۇل ئىسلامىي 1/29- ۋە كېيىنكى بەتلىرى).

بۇ مەزھەپ تارقالغان رايون ۋە دۆلەتلەر: تۈركىيە، بالقان دۆلەتلىرى، ئالبانىيە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، لەھىستان، ئوكرائىنا، قىرىم، ئەزەربەيجان، داغىستان، كافكاسىيە (چەركەزلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى)، قازان، ئوفا، ئۇرال، سىبىرىيە ۋە تۈركىستان، جۇڭگو، مانجۇرىيە، ياپونىيە، ئافغانىستان، خوراسان، بلۈجىستان، سىيام، ھىندىستان، كەشمىر ۋە پاكىتسان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى ھەنەفىيە مەزھىپىگە باغلىق. يەمەن، ئەدەن، ھىجاز، مىسىر ۋە پەلەستىندە ئاز ساندا ھەنەفىيە مەزھىپى مەنسۇبى بار. سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھەنەفىيىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئالجىرىيە ۋە تۇنىستىمۇ ھەنەفىيە مەزھىپى مەنسۇبلىرى ئۇچرايدۇ. – (خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت).
بۇ مەزھەپنىڭ قاراشلىرى، ئۇ مەزھەپنىڭ تۆۋەندىكى كىتابلىرىدىن ئېلىندى: ھاشىيەتۇ رەددۇل مۇختار، 2/219- ۋە كىيىنكى بەتلىرى؛ مەبسۇت 1/63، 64؛ شەرھى فەتھۇلقەدىر، 2/116- ۋە كېيىنكى بەتلىرى؛ بەدائىئۇس-سەنائىئ فىي تەرتىيبىش- شەرائىئ 1/312- ۋە كېيىنكى بەتلىرى.

[2] – بۇ مەزھەپنىڭ قۇرغۇچىسى مالىك ئىبنى ئەنەس ئەل-ئەسبەھىي رەھىمەھۇللاھ (93 – 179 ھ) بولۇپ، ئۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى ھۇرمۇز، ئىبنى ئۇمەرنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى نافىئ، شىھاب ئىبنى زۆھرىي ۋە رەبىئە ئىبنى ئابدۇرراھمان قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئالغان بولۇپ فىقىھ ۋە ھەدىس ساھەسىدە تابىئىنلاردىن قالسىلا مەدىنىنىڭ ئىمامى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ مەزھەپ قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى، ئىستىھسان، سەددۇز-زەرائىئ ۋە مەسالىھۇل-مۇرسەلە قاتارلىقلارغا تايانغان. – ( سىيەرۇ ئەئلامىن- نۇبەلا 8/48 – ۋە كېيىنكى بەتلىرى. دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى، ئەل فىقھۇل ئىسلامىي 1/31- ۋە كېيىنكى بەتلىرى).
بۇ مەزھەپ تارقالغان رايون ۋە دۆلەتلەر: لىۋىيە، ترابلۇس، تۇنىس، ئالجىرىيە ، فاس، ماراكەش، سۇدان ۋە ئافرىقا ساھىللىرىدا مالكىيىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئىراق، سۈرىيە، ھىجاز ۋە مىسىرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىمۇ مالىكىيە مەزھىپى مەنسۇبى كىشىلەر بار. – (خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت).
        بۇ مەزھەپنىڭ قاراشلىرى، ئۇ مەزھەپنىڭ تۆۋەندىكى كىتابلىرىدىن ئېلىندى: ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل-كۇبرا 1/174 – ۋە كېيىنكى بەتلىرى؛ بىدايەتۇلمۇجتەھىد 1/186- ۋە كېيىنكى بەتلىرى؛ ئەللامە ئەبىلبەرەكات ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەد-دەردىيىرنىڭ ئەششەرھۇس-سەغىر ئەلا ئەقرەبىلمەسەلىكى ئىلا مەزھەبىل- ئىمامى مالىكى 1/553 – ۋە كېيىنكى بەتلىرى.

[3]– مېيتقا ئۇقۇلغان نامازنىڭ ئەجرى ياكى جىنازىسىغا ھازىر بولغانلىق ئەجرى ۋە ياكى مۇسىبەتنىڭ ئەجرى.

[4]– مۇۋەتتا، جەنائىز 17.

[5]بۇ مەزھەپنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەششافىئىي رەھىمەھۇللاھ (150- 204ھ) بولۇپ، نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇۋىسى ئابدۇ مەننافقا تۇتىشىدۇ. ھىجرىيە 150- يىلى فەلەستىننىڭ گازا شەھرىدە تۇغۇلغان. 204- يىلى مىسىردا ۋاپات بولغان. ئۇ مۇسلىم ئىبنى خالىد ئەززەنجى، مەككە مۇفتىسى، داۋۇد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەتتار، تاغىسى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى شافىئى، سۇفيان ئىبنى ئۈيەينە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى بەكىر ئەلمەلىيكى، سەئىد ئىبنى سالىم ۋە فۇزەيىل ئىبنى ئەيياز قاتارلىق كىشىلەردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ مەزھەپ قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، ۋە قىياسقىلا تايانغان. ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىگە (خاتا ئىجتىھاد بولۇش ئېھتىماللىقى بار دېگەن قاراش بىلەن) تايانمىغان. ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلەر تايانغان ئىستىھسانغىمۇ تايانمىغان ۋە «ئىستىھسان قىلىش شەرىئەت پەيدا قىلغانلىق» دېگەن. «مەسالىھۇل مۇرسەلە»نى رەت قىلغان. مەدىينە ئەھلىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ھۆججەت قىلىشنى ئىنكار قىلغان. باغداتلىقلار شافىئىيچىلارغا «سۈننەت ياردەمچىلىرى» دەپ نام بەرگەن. – ( سىيەرۇ ئەئلامىن- نۇبەلا 10/5 – ۋە كېيىنكى بەتلىرى. دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى، ئەلفىقھۇل ئىسلامىي 1/35- ۋە كېيىنكى بەتلىرى).
بۇ مەزھەپ تارقالغان رايون ۋە دۆلەتلەر:   مىسىر، سۈرىيە، ھىجاز ۋە پەلەستىن رايۇنىدا شافىئىيە مەزھىپى مەنسۇپلىرى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. فىلىپىن، جاۋا، سوماترا ۋە سىيام رايونىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى شافىئىيە مەزھىپىگە باغلىق. داغىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە شەرقىي ئافرىقىدىمۇ بۇ مەزھەپ كەڭ تارقالغان. يەمەن، ئەدەن، ھىندىستان ۋە شەرقىي ئاناتولىيىدىمۇ شافىئىيىلەر بار. – (خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت).
        بۇ مەزھەپنىڭ قاراشلىرى، ئۇ مەزھەپنىڭ تۆۋەندىكى كىتابلىرىدىن ئېلىندى: ئەلئۇمم (ئىمام ئەبىي ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەششافىئىينىڭ (ھىجىرىيە 204-يىلى ۋاپات بولغان) ئەسەرى)، 1/452- ۋە كېيىنكى بەتلەر. مۇغنىل مۇھتاج ئىلا مەئرىفەتى مەئانى ئەلفازىل مىنھاج، 1/340- ۋە كېيىنكى بەتلەر. ئەلبەيان فى مەزھەبىل ئىمامىش-شافىئىي، 3/50- ۋە كېيىنكى بەتلەر. نەۋەۋىي، ئەلمەجمۇئ 5/195-196.

[6]– بۇخارى، جەنائىز 4، 54، 60، 64، مەناقىبۇلئەنسار 48؛ مۇسلىم، جەنائىز 62، 63، 64؛ مۇۋەتتا، جانائىز 14؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 62؛ تىرمىزى، جەنائىز 37؛ نەسەئى، جەنائىز 76.

[7]– بۇخارى، ئەزان 95، تەۋھىد 48؛ مۇسلىم، سالات 34، 35، 36؛ تىرمىزىي، بابۇس سالات 183، 232، 233؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 135؛ ئىبنىي ماجە، ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۇننەتۇ فىيھا 11.

[8]– بۇخارى، جەنائىز 65؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 59؛ نەسەئى، جەنائىز 77؛ تىرمىزى، جەنائىز 39.

[9]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 23.

[10]– غافر 40/7.

[11]بۇ مەزھەپنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەل-شەيبانى رەھىمەھۇللاھ (164-241ھ) بولۇپ، باغداتتا توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە باغداتتا ۋاپات بولغان. ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كۇفە، بەسرە، مەككە، مەدىنە، يەمەن، شام ۋە باشقا ئارال مەملىكەتلىرىگە بارغان. باغداتتا شافىئىي مەزھىپى بويىچە فىقىھ ئۆگەنگەن. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مۇجتەھىتلىك مەرتىبىسىگە يەتكەن، ھەدىس توپلاش ۋە يادلاشقا ئەھمىيەت بەرگەچكە ئۆز زامانىدا ھەدىسشۇناسلار پېشىۋاسى دېگەن نامغا نائىل بولغان. شۇڭا تەبەرىيگە ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ئۇنى فىقىھشۇناسلار قاتارىدا ئەمەس ھەدىسشۇناسلار قاتارىدا سانىغان. مەزھەپ قاراشلىرىمۇ ئىمامىي شافىئىينىڭكىگە يېقىن بولۇپ قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، ساھابىلار فەتىۋاسى، قىياس، ئىستىسھاب، مەسالىھۇلمۇرسەلە ۋە سەددۇز زەرائىئ لارغا تايانغان. ھەدىسنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتۇش بىلەن نامى بار. ساھابىلەرنىڭ سۆزىنى ھەرقانداق قاراش ياكى قىياسلارنىڭ ئۈستىگە قويغان. فىقىھ ھەققىدە بىرەر ئەسەر يېزىپ قالدۇرمىغان. ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ قاراشلىرىنى سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە فەتىۋالىرىدىن ئالغان. ھەدىس ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك كىتابى (مۇسنەد) نى يېزىپ قالدۇرغان. – (سىيەر ئەئلامۇن نۇبەلائ 11/177- ۋە كېيىنكى بەتلىرى؛ دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى، ئەلفىقھۇل ئىسلامى 1/38- ۋە كېيىنكى بەتلىرى).
بۇ مەزھەپ تارقالغان رايون ۋە دۆلەتلەر: ئەڭ كۆپ ھىجاز بولۇش بىلەن بىرگە ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە مىسىردا ھەنبەلىي مەزھىپى مەنسۇبى مۇسۇلمانلار ياشىماقتا.- ( خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھۇقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت).
بۇ مەزھەپنىڭ قاراشلىرى، ئۇ مەزھەبنىڭ تۆۋەندىكى كىتابلىرىدىن ئېلىندى: ئىمامى ئەھمەد فىقھىسى ھەققىدە مۇۋەففىقۇددىن ۋە شەمسىددىن ئىبنى قۇدامە دېگەن ئىككى ئالىم تەرىپىدىن يېزىلغان «ئەلمۇغنى ۋەششەرھۇل كەبىير ئەلا مەتنى مۇختەسەرىل خىرقىي» ناملىق ئەسەر 2/366- ۋە كېيىنكى بەتلىرى؛ ئەلمۇئتەمەد فىي فىقھىل ئىمامىي ئەھمەد 1/242- ۋە كېيىنكى بەتلىرى).

[12]– بۇخارى، جەنائىز 4، 54، 60، 64؛ مەناقىبۇل ئەنسار 48؛ مۇسلىم، جەنائىز 62، 63، 64؛ مۇۋەتتا، جەنائىز 14؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 62؛ تىرمىزى، جەنائىز 37؛ نەسەئى، جەنائىز 76.

[13]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز23.

[14]– يەنى ئۇنى يامانلىق ۋە ئېغىرچىلىقلاردىن ساقلىغىن.

[15]– مۇۋەتتا، جەنائىز 19.

[16]– بۇخارى، ئەزان 95، تەۋھىد 48؛ مۇسلىم، سالات 34، 35، 36؛ تىرمىزى، بابۇس سالات 183، 232، 233؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 135؛ ئىبنىي ماجە، ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۇننەتۇ فىيھا 11.

[17]– بۇخارى، جەنائىز 65؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 59؛ نەسەئى، جەنائىز 77؛ تىرمىزى، جەنائىز 39.

[18]– شەيخۇل ئىسلام ئىبنىي تەيمىييە رەھىمەھۇللاھنىڭ فەتىۋالار توپلىمى 21/286- ۋە كېيىنكى بەتلىرى، ئىبنى قەييۇم جەۋزىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ «زادۇلمەئاد» ناملىق كىتابى، 1/141.

[19]– ئەبدۇلكەرىم زەيدان، ئەلۋەجىز فىي ئۇسۇلىل فىقھى 261.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ