مۇسۇلمانلار
چەكلەنگەن ئىشلار قىمار ئويناش ۋە مەست قىلغۇچىلار 1

چەكلەنگەن ئىشلار \ قىمار ئويناش ۋە مەست قىلغۇچىلار

مەست قىلغۇچى نەرسىلەر ۋە قىمار ئويناش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡخَمۡرُ وَٱلۡمَيۡسِرُ وَٱلۡأَنصَابُ وَٱلۡأَزۡلَٰمُ رِجۡسٞ مِّنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَٱجۡتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ ٩٠ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُوقِعَ بَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ فِي ٱلۡخَمۡرِ وَٱلۡمَيۡسِرِ وَيَصُدَّكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَعَنِ ٱلصَّلَوٰةِۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّنتَهُونَ ﴾

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار[1]، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، شەيتان مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار بىلەن ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك سېلىشنى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەمدىغۇ يانىدىغانسىلەر؟‏»[2].

دەرۋەقە مەست قىلغۇچى نەرسىلەردە ئەقىلنى بۇزۇش، ئىرادىگە توسقۇنلۇق قىلىش، تەن سالامەتلىككە دەخلى يەتكۈزۈش، ساغلام نەسىل مەيدانغا كېلىشىگە ۋە نەسىلنىڭ ساغلام يېتىشىشىگە توسالغۇ بولۇش، ۋاقىتنىڭ ۋە پۇل – مالنىڭ بىھۇدە زايە بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە ئېلىپ بارىدىغان جېدەل – ماجىرالارغا سۆرەپ بېرىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا ۋە ناماز ئۆتەشكە توسالغۇ بولۇش،… قاتارلىق گۇناھ ۋە زىيانلار بار.

 قىمارغا كەلسەك، ئۇنىڭدىمۇ ھۇرۇنلۇق ۋە تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت پەيدا قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەشكە توسالغۇ بولۇش، ۋاقىتنىڭ بىھۇدە زايە بولۇشىغا سەۋەب بولۇش، ئۇتقۇزۇپ قويغانلارنى مال – مۈلۈكتىن ئايرىۋېتىش، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، ھاياتنىڭ مۇقىمسىزلىقىغا ئېلىپ بېرىش… قاتارلىق گۇناھ ۋە زىيانلار بار.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتلەرگە دىققەت بىلەن قارىغان ئەقىل ئىگىسى مەست قىلغۇچى نەرسە بىلەن قىمارنىڭ يامان ئىشلار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ، چۈنكى ئەقىل، كۆپ زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاز پايدىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

[1] جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلار بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۇۋاپ قويۇلاتتى. 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 3 – ئايىتى بىلەن ئەنە شۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان (فەخرۇددىن رازى، تەفسىرۇلكەبىر، 11: 285).

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 90 – 91- ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر