مۇسۇلمانلار
چەكلەنگەن ئىشلار ئوغرىلىق قىلىش 1

چەكلەنگەن ئىشلار \ ئوغرىلىق قىلىش

     ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلسَّارِقُ وَٱلسَّارِقَةُ فَٱقۡطَعُوٓاْ أَيۡدِيَهُمَا جَزَآءَۢ بِمَا كَسَبَا نَكَٰلٗا مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ  ٣٨﴾

«ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[1].

ئوغرىلىق قىلىش چوڭ گۇناھلادىن بىرىدۇر. ھەتتا تۆۋەندىكى ئايەتتە ئوغرىلىق قىلماسلىقنى ئىسلامغا قوبۇل قىلىنىشنىڭ بىر شەرتى قىلىدۇ.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا جَآءَكَ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ يُبَايِعۡنَكَ عَلَىٰٓ أَن لَّا يُشۡرِكۡنَ بِٱللَّهِ شَيْئاً وَلَا يَسۡرِقۡنَ …  فَبَايِعۡهُنَّ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُنَّ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ 

«ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق … توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».[2]

ئەسكەرتىش:

بۇ ئايەتتە ئوغرىلىق قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنىشى بۇلاڭچىلىق قىلىشنىڭمۇ مەنئى قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئوغرىلىق قىلىش باشقىسىنىڭ مېلىنى مەخپىي ئېلىۋېلىش دېمەكتۇر. بۇلاڭچىلىق قىلىش بولسا باشقىسىنىڭ مېلىنى ئاشكارا ئېلىۋېلىش دېگەن بولىدۇ. بىر ئىشنىڭ تۆۋەن چېكىنىڭ مەنئى قىلىنىشى ئۇ ئىشنىڭ يۇقىرى چېكىنىڭمۇ مەنئى قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 38 – ئايەت.

[2] 60-سۈرە مۇمتەھىنە، 12- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر