مۇسۇلمانلار
ئۆلچەم ۋە تارازىدا ئالدامچىلىق قىلىش 1

ئۆلچەم ۋە تارازىدا ئالدامچىلىق قىلىش

ئۆلچەم ۋە تارازىدا ئالدامچىلىق قىلىش

ئۆلچەم ۋە تارازىدا ئادىل بولۇش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن ھەر ئەلچىسىگە پەرز قىلغان.

ئاللاھ تائالا ئەلچىسى شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدىن تارازىدا ئادىل بولۇشنى تەۋھىد بىلەن بىر يەرگە قويۇپ تۇرۇپ بۇيرۇيدۇ ۋە تارازىدا ئالدامچىلىق قىلىشنى بولسا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ قَدۡ جَآءَتۡكُم بَيِّنَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡۖ فَأَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ وَٱلۡمِيزَانَ وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بَعۡدَ إِصۡلَٰحِهَاۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ﴾ 

«بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: كەمچەننى ۋە مىزاننى تولۇق تۇتۇڭلار، ئىنسانلارغا نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئەنە شۇلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار»[1].

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاب بېرىدىغانلىقىنى ۋە ناھايىتى يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿… قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ وَلَا تَنقُصُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَۖ إِنِّيٓ أَرَىٰكُم بِخَيۡرٖ وَإِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٖ مُّحِيطٖ﴾

« … شۇئەيب مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. كەمچەننى ۋە مىزاننى كەم بەرمەڭلەر. مەن سىلەرنى مەمۇرچىلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمەن. شۈبھىسىزكى، مەن بېشىڭلارغا قورشىغۇچى كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن»[2].‏

﴿وَيۡلٞ لِّلۡمُطَفِّفِينَ  ١ ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكۡتَالُواْ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسۡتَوۡفُونَ  ٢ وَإِذَا كَالُوهُمۡ أَو وَّزَنُوهُمۡ يُخۡسِرُونَ  ٣﴾

«ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلاردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغلىرىدا تولۇق ئالىدۇ، ئىنسانلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغلىرىدا كەم بېرىدۇ»[3].

مانا بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن مۇشۇنداق يوللارنىڭ بىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەرسە ھارامدۇر.

[1] 7-سۈرە ئەئراف، 85- ئايەت.

[2] 11-سۈرە ھۇد، 84- ئايەت

[3] 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 1 ~ 3 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر