مۇسۇلمانلار
پەيغەمبەرلەر ئايەتلەرنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ 1

پەيغەمبەرلەر ئايەتلەرنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھ ۋەھىي قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆزى خالىغانچە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلالمايدۇ ياكى بىرەر ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. پەيغەمبەرلەر ئايەتلەرنى ئەينى پىتى يەتكۈزىدۇ ۋە بايان قىلىدۇ. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ» دېيىش تۆۋەندىكى ئايەتكە خىلاپتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:    

وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَاتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا ٱئۡتِ بِقُرۡءَانٍ غَيۡرِ هَٰذَآ أَوۡ بَدِّلۡهُۚ قُلۡ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أُبَدِّلَهُۥ مِن تِلۡقَآيِٕ نَفۡسِيٓۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۖ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ 

«ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇنى ئالماشتۇرغىن» دېدى. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇنى مەن ئۆز خاھىشىم بىلەن ئالماشتۇرالمايمەن. مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. چۈنكى مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن»-(10-سۈرە يۇنۇس، 15- ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر