مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا بالىلارغا مەھرەم تەربىيىسى 1

قۇرئاندا بالىلارغا مەھرەم تەربىيىسى

بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئىزىنسىز كىرىشكە بولمايدىغان ئۈچ ۋاقىت بار بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ۋاقىتلارنى تۆۋەندىكى ئايىتىدە ئۇچۇق بايان قىلىدۇ:

﴿یَـٰۤأَیُّهَا ٱلَّذِینَ ءَامَنُوا۟ لِیَسۡتَـٔۡذِنكُمُ ٱلَّذِینَ مَلَكَتۡ أَیۡمَـٰنُكُمۡ وَٱلَّذِینَ لَمۡ یَبۡلُغُوا۟ ٱلۡحُلُمَ مِنكُمۡ ثَلَـٰثَ مَرَّ ٰتࣲۚ مِّن قَبۡلِ صَلَوٰةِ ٱلۡفَجۡرِ وَحِینَ تَضَعُونَ ثِیَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِیرَةِ وَمِنۢ بَعۡدِ صَلَوٰةِ ٱلۡعِشَاۤءِۚ ثَلَـٰثُ عَوۡرَ ٰتࣲ لَّكُمۡۚ لَیۡسَ عَلَیۡكُمۡ وَلَا عَلَیۡهِمۡ جُنَاحُۢ بَعۡدَهُنَّۚ طَوَّ ٰفُونَ عَلَیۡكُم بَعۡضُكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضࣲۚ كَذَ ٰلِكَ یُبَیِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡـَٔایَـٰتِۗ وَٱللَّهُ عَلِیمٌ حَكِیمࣱ ۝٥٨ ﴾

« ئى مۇئمىنلار! قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار مۇنۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. بۇ ئۈچ ۋاقىت، ئەۋرەتلىرىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلاردۇر. بۇلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ-چىقىدىغانلاردۇر. سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(24-سۈرە نۇر، 58- ئايەت).

بۇ ئايەتتىن مۇنداق مەزمونلارنى چىقىرىشقا بولىدۇ:

  1. ئاتا – ئانا بالىسىغا مەھرەم تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
  2. بالىلارنى بالاغەتكە يەتمىسىمۇ مەلۇم ياشتىن كېيىن ياتاق ئايرىشنىڭ ياخشلىقى.
  3. ئاتا – ئانىنىڭ بالىلار ئالدىدا ئەۋرەت يەرلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر