مۇسۇلمانلار
يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟ 1

يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟

     يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ …  ٢٦٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار»[1].

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ١٤١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەربىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[2].

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن بارلىق زىرائەت ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىغا زاكات كېلىدۇ. بۇ نەرسىلەرگە زاكات پەرز بولۇشتىكى ئۆلچەم 5 ۋەسقتۇر[3]. بۇ ئۆلچەمگە يەتكەن ھەر مەھسۇلاتتىن زاكات ئايرىش پەرزدۇر. يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتىنىڭ مىقدارى باشقا ماللارنىڭ زاكىتىنىڭ مىقدارىغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: دەريا ۋە يامغۇر سۇلىرى بىلەن سۇغىرىلغان يەرنىڭ مەھسۇلاتىغا ئوندا بىر زاكات (ئۆشرە) كېلىدۇ. قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ سۇغىرىلغان يەرنىڭ مەھسۇلاتىغا يىگىرمىدە بىر  زاكات (يېرىم ئۆشرە) كېلىدۇ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دەريا ۋە يامغۇرنىڭ سۇلىرى بىلەن سۇغىرىلغان يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئوندا بىر  زاكات (ئۆشرە) ئېلىنىدۇ. قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ سۇغىرىلغان يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن يىگىرمىدە بىر  زاكات (يېرىم ئۆشرە) ئېلىنىدۇ[4]».

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 267 – ئايەت.

[2] 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[3] بىر ۋەسقنىڭ كۈنىمىز ئېغىرلىق ئۆلچىمىدە قانچىلىك كېلىدىغانلىقى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

[4] مۇسلىم، «زاكات»، 7؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 11؛ نەسەئى، «زاكات»، 25.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر