مۇسۇلمانلار
مەدەنلەرگە زاكات ئايرىلامدۇ؟ 1

مەدەنلەرگە زاكات ئايرىلامدۇ؟

     يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زاكىتى

يەر ئاستى بايلىقلار ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى كاپىرلار تەرىپىدىن يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ، ئۇ يەر فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن تېپىلغان خەزىنىلەردۇر. بۇ خەزىنىلەر رىكاز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ بەشتىن بىرى زاكاتقا ئايرىلىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھايۋان گۇناھسىزدۇر، قۇدۇق گۇناھسىزدۇر، كان گۇناھسىزدۇر[1]، رىكازدا بەشتىن بىرىنى زاكاتقا ئايرىش لازىمدۇر»[2].

يەنە بىرى ئاللاھ تائالا يەر ئاستىدا ياراتقان تەبىئىي مەھسۇلاتلار بولۇپ، ئۈچكە ئايرىلىدۇ:

  • ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، ئاليۇمىن ۋەھاكازاغا ئوخشاش ئوتتا ئېرىيدىغان قاتتىق نەرسىلەر.
  • ياقۇت، ئالماس، سۈرمە، قاشتېشى، تۇز، گەج ۋە ھاك قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئوتتا ئېرىمەيدىغان قاتتىق نەرسىلەر.
  • نېفىت، ئاسفالت، گاز ۋەھاكازاغا ئوخشاش سۇيۇق نەرسىلەر.

بۇ مەھسۇلاتلاردىن تېپىلىپ چىقىرىلغىنى زاكات كېلىش ئۆلچىمىگە يەتسە، زاكىتى ئايرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ …  ٢٦٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار»[3].

مەزكۇر مەھسۇلاتلار ئاللاھ تائالا زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن، شۇنداقلا زاكات ئايرىشنى پەرز قىلغان نەرسىلەردۇر.

﴿وَٱلَّذِينَ فِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ مَّعۡلُومٞ  ٢٤﴾

«ئۇلار ماللىرىدا مەلۇم ھەق بولغان كىشىلەردۇر»[4].

﴿خُذۡ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡ صَدَقَةٗ تُطَهِّرُهُمۡ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّ صَلَوٰتَكَ سَكَنٞ لَّهُمۡۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ  ١٠٣﴾

«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[5].

كان مەھسۇلاتلىرىمۇ مالدۇر، ئۇلاردا مەلۇم ھەق يەنى زاكات بار. ئۇنى ئايرىش لازىم. كاندىن چىقىرىلغان نەرسە ئەگەر ئالتۇن ياكى كۈمۈش بولسا ۋە نىسابقا يەتسە زاكىتى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن شەكىلدە %2.5 بويىچە ئايرىلىدۇ. ناۋادا كاندىن چىقىرىلغان نەرسە ئالتۇن – كۈمۈشتىن باشقا نەرسىلەر بولسا ۋە ئۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتى نىسابقا يەتسە (ئاز بولغاندا 85 گىرام ئالتۇننىڭ قىممىتىگە يەتسە) %2.5  بويىچە زاكات ئايرىلىدۇ.

ئۇ نەرسىلەرنى قېزىپ تاپقۇچىلار تاپقان چېغىدا ياكى سېتىپ پۇلغا ئايلاندۇرغان چېغىدا زاكىتىنى ئايرىيدۇ. بولۇپمۇ قاشتېشىغا ئوخشاش قىممىتى، ساتقاندا مەلۇم بولىدىغان مەھسۇلاتنى قېزىپ تاپقۇچىلار، ئۇنى ساتقان چېغىدا پۈتۈن چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قالغىنىغا %2.5 بويىچە زاكات ئايرىشى لازىم، ئاندىن پۇلىغا بىر يىلدا بىر قېتىم %2.5 بويىچە زاكات ئايرىشى كېرەك.

[1] يەنى، بىر ھايۋان بىر كىشىگە زىيان سالغان بولسا، بىر كىشى بىر قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، بىر كاندىن بىر كىشى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تارتقان زىيان ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ھايۋاننىڭ ئىگىسىگە تۆلەم كەلمەيدۇ، قۇدۇقنى ۋە كاننى كولىغان، كولاتقان ۋە ئىشلەتكەن كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

[2] بۇخارى، «زاكات»، 66، «شىربە»، 3، «دىيات»، 28، 39؛ مۇسلىم، «ھۇدۇد»، 45؛ مۇۋەتتا، «زاكات»، 9؛ تىرمىزى، «زاكات»، 16، ئەھكام 37؛ ئەبۇ داۋۇد،  «ئىمارەت»، 40؛ نەسەئى، «زاكات»، 28؛ ئىبنى ماجە، «دىيات»، 27.

[3] 2 – سۈرە بەقەرە، 267 – ئايەت.

[4] 70 – سۈرە مەئارىج، 24 -ئايەت.

[5] 9 – سۈرە تەۋبە، 103 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر