مۇسۇلمانلار
زاكات ھايۋانلاردىن قانداق ئايرىلىدۇ؟ 1

زاكات ھايۋانلاردىن قانداق ئايرىلىدۇ؟

     ھايۋاننىڭ زاكىتى

ھايۋانلارنىڭ زاكىتى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ يازدۇرۇپ مەمۇرلىرىغا ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى، لېكىن ئەۋەتىپ بولغۇچە ۋاپات بولۇپ كېتىپ ئەۋەتەلمەي قالغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان پەرماننامىسىنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

سالىم دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھايۋانلارنىڭ زاكىتىنىڭ مىقدارى توغرىسىدا بىر پەرماننامە يازدۇرۇپ ئۇنى مەمۇرلىرىغا يوللاپ بولغۇچە ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپاتىغىچە ئۇ پەرماننامىنى ئىجرا قىلدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ۋاپاتىغىچە ئۇ پەرماننامىنى ئىجرا قىلدى. ئۇ پەرماننامىدە مۇنۇلار يېزىلغان:

1)       تۆگىنىڭ زاكىتى

5 تۆگىنىڭ زاكىتى 1 قويدۇر.

10 تۆگىنىڭ زاكىتى 2 قويدۇر.

15 تۆگىنىڭ زاكىتى 3 قويدۇر.

20 تۆگىنىڭ زاكىتى 4 قويدۇر.

25 تىن 35 كېچە بولغان تۆگىنىڭ زاكىتى 1 بىنت مەخازدۇر[1].

36 دىن 45 كېچە بولغان تۆگىنىڭ زاكىتى 1 بىنت لەبۇندۇر[2].

46 دىن 60 قىچە بولغان تۆگىنىڭ زاكىتى 1 ھىققەدۇر[3].

61 دىن 75 كېچە بولغان تۆگىنىڭ زاكىتى 1 جەزەئدۇر[4].

76 دىن 90 غىچە بولغان تۆگىنىڭ زاكىتى 2 بىنت لەبۇندۇر.

91 دىن 120 گىچە بولغان تۆگىنىڭ زاكىتى 2 ھىققەدۇر.

تۆگە 120 دىن كۆپ بولسا ھەر 50 تۆگىگە 1 ھىققە ياكى ھەر 40 تۆگىگە بىر بىنت لەبۇن زاكات كېلىدۇ.

2)       قوينىڭ زاكىتى

40 تىن 120 گىچە بولغان قوينىڭ زاكىتى بىر قويدۇر.

121 دىن 200 گىچە بولغان قوينىڭ زاكىتى 2 قويدۇر.

201 دىن 300 گىچە بولغان قوينىڭ زاكىتى 3 قويدۇر.

قوينىڭ سانى 300 دىن كۆپ بولسا ھەر 100 قوينىڭ زاكىتى 1 قويدۇر. 100 نىڭ ئاستىدىكى پارچە قويلارغا زاكات كەلمەيدۇ.

زاكاتتىن قورقۇپ توپ قويلار ئايرىلمايدۇ، تارقاق قويلار بىرلەشتۈرۈلمەيدۇ.

ئىككى شېرىكنىڭ مېلىدىن ئېلىنغان زاكاتتا ئىككىسى ئۆزئارىسىدا ئادىللىق بىلەن كېلىشىشى لازىم.

قېرى ۋە ئەيىبلىك ھايۋانلار زاكاتقا ئېلىنمايدۇ[5].

3)       كالىنىڭ زاكىتى

  ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر 30 كالىنىڭ زاكىتى بىر تەبىئـ ياكى بىر تەبىئەدۇر[6]. ھەر 40 كالىنىڭ زاكىتى بىر مۇسىننەدۇر[7]»[8].

ئەسكەرتىش:

  • ھايۋانلارغا زاكات كېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا يايلاقتا ئەركىن ئوتلىغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. سولاپ بېقىلغان ھايۋانلارغا زاكات كەلمەيدۇ.

ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېزىپ، ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ: «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇسۇلمانلارغا ئەمر قىلغان پەرز زاكاتتۇر» دەپ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق بەھرەينگە ئەۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان پەرماننامىنىڭ ئىچىدە «قوينىڭ زاكىتى يايلاقلاردا ئەركىن ئوتلىغانلىرىدىن ئېلىنىدۇ،… كىشىنىڭ يايلاقلاردا ئەركىن ئوتلىغان قويلىرى 40 تىن 1 كەم بولسا ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ» دېگەن ماددىلار يېزىلغان[9].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىنىڭ زاكىتى ھەققىدە: «يايلاقلاردا ئەركىن ئوتلىغان 40 تۆگىگە 1 بىنت لەبۇن[10] زاكات كېلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[11].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ: «يەر ئاغدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كالىغا زاكات كەلمەيدۇ، ئىشلىتىلگۈچى كالىلارغا زاكات كەلمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[12].

  • ئۆچكە قوي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۆچكىنىڭ زاكىتىنىڭ شەرتى، نىسابى ۋە مىقدارى قوينىڭ زاكىتى بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۆچكىنىڭمۇ يايلاقلاردا ئەركىن ئوتلىغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

4)       باشقا ھايۋانلارنىڭ زاكىتى

يۇقىرىدىكى ماللاردىن باشقا ماللارغا زاكات كەلمەيدۇ. مەسىلەن: ئات، قېچىر ۋە ئېشەككە زاكات كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ ماللار تىجارەت مېلى بولسا، پۇلغا سۇندۇرۇپ %2.5  بويىچە زاكات كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ  ٨﴾

«ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ»[13].

ئۇلاغ ۋە زىننەت ئۈچۈن يارىتىلغان نەرسە ئىشلىتىش ئۈچۈن يارىتىلغان بولىدۇ. ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ.

[1] بىنت مەخاز – 1 ياشنى تۈگىتىپ 2 ياشقا كىرگەن چىشى تۆگىدۇر.

[2] بىنت لەبۇن – 2 ياشنى تۈگىتىپ 3 ياشقا كىرگەن چىشى تۆگىدۇر.

[3] ھىققە – 3 ياشنى تۈگىتىپ 4 ياشقا كىرگەن چىشى تۆگىدۇر.

[4] جەزەئە – 4 ياشنى تۈگىتىپ 5 ياشقا كىرگەن چىشى تۆگىدۇر.

[5] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 4؛ تىرمىزى، «زاكات»، 4؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 9.

[6] تەبىئـ  – بىر ياشنى تۈگىتىپ ئىككى ياشقا كىرگەن ئەركەك كالىدۇر، تەبىئە بىر ياشنى تۈگىتىپ ئىككى ياشقا كىرگەن چىشى كالىدۇر.

[7] مۇسىننە – ئىككى ياشىنى تۈگىتىپ ئۈچ ياشقا كىرگەن چىشى كالىدۇر.

[8] تىرمىزى، «زاكات»، 5. ئوخشاش مەنىدىكى ھەدىس ئۈچۈن قاراڭ: تىرمىزى، «زاكات»، 5؛ ئەبۇ داۋۇد،  «زاكات»، 4؛ نەسەئى، «زاكات»، 8.

[9] بۇخارى، «زاكات»، 33، 34، 35، 37، 38، 39، 40، «شىركەت» 2، «ھىيەل»، 3؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات »، 4؛ نەسەئى،  «زاكات»، 5.

[10] بىنت لەبۇن – 2 ياشنى تۈگىتىپ 3 ياشقا كىرگەن چىشى تۆگىدۇر.

[11] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 4؛ نەسەئى، «زاكات»، 4، 7.

[12] ئەھمەد ئىبنى ھۇسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇسا خۇسرەۋجىردى خۇراسانى ئەبۇ بەكىر بەيھەقى، سۇنەنى كۇبرا، تەھقىقلىگۈچى: ئابدۇقادىر ئاتا، 3 – باسما (بېيرۇت – لۇبنان: دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە، 1424 / م 2003)، 4: 195 – 196؛ ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مەھدىي ئىبنى مەسئۇد ئىبنى نۇئمان ئىبنى دىينار ئىبنى ئابدۇللاھ بەغدادىي دارەقۇتنى، سۈنەنۇ دارەقۇتنى، تەھقىقلىغۇچىلار: شۇئەيب ئەرنائۇت – ھەسەن ئابدۇلمۇنئىم شەلەبىي – ئابدۇللەتىف ھىرزۇللاھ – ئەھمەد بەرھەم (بېيرۇت: مۇئەسسەتۇر رىسالە، ھ 1424 / م 2004)، 2: 493؛ سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەييۇب ئىبنى مۇتىر لەخمى شامىي ئەبۇلقاسىم تەبەرانى، ئەلمۇئجەمۇل كەبىر، تەھقىقلىگۈچى: ھەمدىي ئىبنى ئابدۇلمەجىد سەلەفىي، 2 – باسما (قاھىرە: مەكتەبەتۇ ئىبنى تەيمىييە، ھ 1415/م 1994)، 11: 40.

[13] 16 – سۈرە نەھل، 8 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر