مۇسۇلمانلار
نەزىر 1

نەزىر

نەزىر

نەزىرنىڭ مەنىسى – دىندا ئەمر قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق ئادا قىلىنىشى ئۈستىگە ئېلىنغان نەرسە دېگەن بولىدۇ[1]. مەسىلەن: بىر كىشى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىر ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىرقانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىرقانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئۆتەشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلسا، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىر ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن  بىرى ئىكەنلىكى 76 – سۈرە ئىنساننىڭ 7 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.

ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە «بالا – قازانىڭ دەپئى ئۈچۈن»، «مۇراد – مەقسەتنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن» ئۆتكۈزىلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. چۈنكى دىنىمىز مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن قىلىنىدىغان ئىشلارنى، يامانلىقنىڭ دەپئى ۋە ياخشىلىقنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىشلارنى تەپسىلىي ئۆگەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇنداق نەزىرلەر يوق.

[1] ئەھمەت ئۆزەل، «ئاداق – نەزىر»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى،  1988)، 1: 337.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر