مۇسۇلمانلار
زاكاتقا بېرىلىدىغان ۋە ئېلىنىدىغان مالنىڭ سۈپىتى ھەققىدە 1

زاكاتقا بېرىلىدىغان ۋە ئېلىنىدىغان مالنىڭ سۈپىتى ھەققىدە

    زاكات بەرگەندە ناچار ماللارنى بېرىشكە بولامدۇ؟

ھايۋانلاردىن زاكات ئالغاندا ماللارنىڭ ئېسىللىرىنى ۋە ياخشىلىرىنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىۋالماسلىق لازىم. لېكىن مال ئىگىلىرى كەڭ قوللۇق قىلىپ بېرىۋەتسە ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، قېرى، ئورۇق، قوتۇر، كور ۋە ئاقساق – چولاق ماللارنى زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇئازنى يەمەنگە ئەۋەتتى. ئۇ، يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

«سەن كىتاب ئەھلى بولغان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىسەن، ئۇلارنى دەۋەت قىلىدىغان بىرىنچى نەرسەڭ، ئاللاھقا ئىبادەت بولسۇن، ئۇلار ئاللاھنى تونۇغاندا ئاللاھنىڭ ئۇلارغا زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى، زاكاتنىڭ ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ پېقىرلىرىگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغىن، ئۇلار بۇنىڭغا ئىتائەت قىلسا ئۇلاردىن زاكاتنى ئالغىن، زاكاتنى ئالغان چېغىڭدا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئوبدانلىرىنى ئېلىشتىن ساقلانغىن، مەزلۇمنىڭ بەددۇئاسىنى ئېلىشتىن قورققىن، چۈنكى ئۇ دۇئا بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا پەردە يوق»[1].

سالىم دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھايۋانلارنىڭ زاكىتىنىڭ مىقدارى توغرىسىدا بىر پەرماننامە يازدۇرۇپ، ئۇنى مەمۇرلىرىغا يوللاپ بولغۇچە ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپاتىغىچە ئۇ پەرماننامىنى ئىجرا قىلدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ۋاپاتىغىچە ئۇ پەرماننامىنى ئىجرا قىلدى. ئۇ پەرماننامەدە مۇنۇلار يېزىلغان:… «قېرى ۋە ئەيىبلىك ھايۋانلار زاكاتقا ئېلىنمايدۇ»[2].

[1] بۇخارى، «زاكات»، 1، 41، «سەدىقە»، 1، 63، «مەزالىم»، 9، «مەغازى»، 60، «تەۋھىد»، 1؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 30، 31؛ تىرمىزى، «زاكات»، 6؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 4؛ نەسەئى، «زاكات»، 46.

[2] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»،  4؛ تىرمىزى،  «زاكات»، 4؛ ئىبنى ماجە،  «زاكات»، 9.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر